Rahime | راھىمە
مۇقەددەس مىجىت ئىشلىگەن مىكرو فىلىم: «راھىمە»
‘‘Rahime’’- راھىمە – A short film by Mukaddas Mijit
In this particular time of human history, where cultural heritages, morality and brotherhood have been humiliated; a grandmother from a remote place sends a message of peace, respect and generosity.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: Rahime | راھىمە
مۇقەددەس قىز پارىژغا كەلگەندىن بۇيان خەلقىنى،ۋەتىنىنى ئۇنۇتمىدى. ئۆگۈنۈش-تۇرمۇش بېسىمىنى يېڭىپ،دولان ئەلنەغمىچىلىرىنى پارژدا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي سەنئىتىنى كۆرسىتىشكە ئەكەلدى.پەرھات خالىقنى ئۇيغۇر زامانىۋىي سەنئەتكارلىرىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە گېمانىيىدە ئويۇن قويۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى.خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا تەتقىقات ماقالىلىرىنى سۇندى.ئۇنىڭ ماقالىلىرى خەلقئارادىكى توپلاملار،ژورناللاردىن ئورۇن ئالدى.ئۇ ئىشلىگەن قىسقا فىلىملار خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا تاللاندى.
يەنى:ئۇ رېژېسسورلۇق قىلغان دوكىمىنتارىيە فىلىم‹‹قېتىق،ئۈرۈمچىدىكى روك››–2014-يىلى 11-ئايدا پارژدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ژان رۇش خەلقئارالىق ئىنسانشۇناسلىق دوكىمىنتېرىيە فىلىم فېستۋالىغا ئىلتىماس قىلغان 600 فىلىم ئىچىدىن تاللانغان 29 فىلىمنىڭ بىرى سۈپىتىدە فېستۋالدا قويۇلدى.
بۇ فىلىم يەنە قاتاردا ئۆتكۈزۈلگەن فىلىم فېستۋالىغىمۇ قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.يېقىندا قىسقا فىلىم‹‹رەھىمە›،نى ئىشلىدى.
مۇزىكا ئىنسانشۇناسلىغى كەسپىنىڭ دوكتور ئوقۇغۇچىسى مۇقەددەسنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،كۈنلىرىگە بىخەتەرلىك،بۇندىن كېيىنكى ئىلىم-تەتقىقات-ئىجادىيەت يولىغا ئۇتۇقلار تىلەيمىز!