لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئىتالىيىدە ئويۇن قويدى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خەۋرى
ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ 2011-06-06

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر سەنئىتىنى جۈملىدىن ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇللىرىنىمۇ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتماقتا.
بولۇپمۇ ئەنگلىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئويۇن قويۇپ، ياۋروپالىقلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-مۇزىكا، ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرماقتا. 6-ئاينىڭ 2-كۈنى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئىتالىيىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان تورىنو شەھەرلىك شەرق مۇزىكا مۇزېيىنىڭ زالىدا ئويۇن قويدى.
7 كىشىدىن تەركىب تاپقان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىتالىيىنىڭ تورىنو شەھىرىدىكى 40 باشلانغۇچ مەكتەپتىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن 500 ئەتراپىدا كىشىگە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرى ھەققىدە لېكسىيە بەرگەندىن كېيىن، شۇ كۈنى كەچلىك كونسېرتتا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىدىن ئۆرنەكلەر سۇنغان.
لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن راچېل خارس خانىم دۇتار، نىزامەتتىن سامادوف تەمبۈر، ستېپخېن جونېس غېجەك، رۇستەم سالىيېف داپ، كامىل ئابباس غىجەك چالغان كونسېرتتا، رەھىمە مەخمۇت خانىم 12 مۇقامدىن پارچىلار، غۇلجا ۋە قەشقەر خەلق ناخشىلىرىدىن ئۆرنەكلەر سۇنغان.

رەھىمە مەخمۇت ۋە كامىل ئابباسنىڭ ئېيتىشىچە ئىتالىيە خەلقى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىغا بەكلا قىزىقىدىكەن، بۇ كونسېرت ئىتالىيىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ ئانسامبىل مەسئۇلى ئەزىز ئەيسا، سەنئەتچى كامىل ئابباس ۋە ناخشىچى رەھىمە مەخمۇت خانىم قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
خەۋەر مەنبەسى:
http://www.rfa.org/uyghur/programmilar/medeniyetsenet/london-uyghur-06062011153941.html
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئىتالىيىدە ئويۇن قويدى