نورۇز
ت. سەرگارى
يېقىندا، نورۇز بايرىمى مۇناسىۋېتى بىلەن ڧەيسبۈكدا ۋە باشقا ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنغان يازمىلاردىن: ”نورۇز- زەردۈش دىنىنىڭ، دىمەك كاپىرلارنىڭ، بايرىمى، ئۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ – شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ – بايرام قىلىشى خاتا“ – دىگەن يازمىلارنى كۆردىم. شۇنداقلا، ئۇنداق پىكىرلارنىڭ ئەرەپ موللا- ئۆلىمالىرىنىڭ ئەسەرلىرىگە، ئەيتقان گەپ- سۆز ۋە كۆز قاراشلىرىغا ئاساسلانغانلىقىنى، ئۇ قېرىنىداشلارنىڭ – ھەتتا گايى بىر ئوقۇمۇشلۇقللارنىڭمۇ – دىننى چۈشۈنىشدە ئوتۇرا ئەسىر ئېڭىدىن ئانچە يىراق كەتمىگەنلىكىنى، پەقەتلا ئەرەپ ئۆلىمالىرىغا ئەگىشىدىغانلىقىنى چۈشەندىم. ئۇلارنىڭ نورۇزنىڭ قەيەردە، قاچان ۋە قانداق پەيدا بولغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ پەيدا بولىشىدىكى ئۇيغۇر ئەژدادلىرىنىڭ رولىدىن مۇتلەق خەۋىرى يوقلىقىنى ئۇقدۇم. ئۇيغۇر ياشلىرى – نىمە ئۈچۈن ئەرەپ ئىسلام ئۆلىمالىرى ئوتۇرا ئەسىردە ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى ھازىر نورۇزنى چەكلەيدىغانلىقىنى چۈشەنمەي، ئۇلارنىڭ ئەيتقان – پۈتكەنلىرىنى، ھەدىسلەرنى – ئۇلارنىڭ دۇرۇس خاتالىقىنى ئېنىقلىمايلا – يادلىۋىلىپ، ”ئاللانىڭ يولىدا مېڭىۋاتىمىز“ دەپ – ھەقىقى ئىسلامدىن ۋە ئاللانىڭ يولىدىمن چەتنەپ كىتىۋاتقانلىقىنى سەزدىم. ئەپسۇسلاندىم.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، نورۇز توغرۇلۇق ئۆزۇمنىڭ ئوقۇپ، ئاڭلاپ بىلگەنلىرىمدىن چىقارغان خۇلاسسىلىرىمنى قېرىنداشلارغا سۇنماقچىمەن،
مىنىڭ نورۇز توغرۇلۇق جىقراق بىلىمگە ئىگە بولۇشقا ئۈنتۈلۈپ ئىزدەنگىنىمگە خېلى بولدى. ئامما نورۇزنىڭ قاچان، قەيەردە ۋە قايسى ئىقلىمنىڭ ئىچىدە پەيدا بولغان؟ دىگەن سۇئالغا ئېقىلغا مۇۋاپىق ۋە تارىخى ھەقىقەتكە مۇناسىپ جۇۋاپ تاپالمىدىم.
نۇرغۇنلار نورۇزنى: ”زەردۈش دىنى بىلەن ئالاقىلىق دىنسىزلارنىڭ بايرىمى“، ھەتتا بەزىلەر: ”ئىسلام دىن بايرىمى“ دىيىشىدۇ.
ئالەمشۇناس ئالىملار- پېرسىيە – ئىراننىڭ تارىخى مەنبەئى يازمىلىرىغا (ئۇبۇلقاسىم ڧېردەۋۇسنىڭ شاھنامېىسى، ۋ.ب. ئەسەرلەرگە)، رىۋايەت – ئەپسانېلىرىغا ۋە ”نورۇز“ ئاتالغۇسىنىڭ پارىس تىللىقلىقىغا ئاساسلىنىپ: ”نورۇز- زەردۈش دىنىدىن ئەۋۋەل پارىس تىللىق قەۋملارنىڭ ئىچىدە پەيدا بولغان، پېرسىيەنىڭ ئەپسانېۋى پادىشاسى ۋە پەيخەمبېرى جەمشىد بىلەن ئالاقىدار“ دەپ ھۆكۈم قىلىشىدۇ. ئۇلار نورۇزنى ئەزەلدىن تارتىپ شەرقى تۈركستاندا ئۇيغۇر ئەژدادلىرىنىڭ بايرام قىلىدىغانلىقىنى– شەرقى تۈركستان ئاھالېسىنىڭ ئەۋۋەل پارىس تىللىقلىقىغا كىنايە بىلەن – تەكىتلەيدۇ. مەرىكېنىڭ قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى (ئۈرۈپ- ئادەتلىرىنى) يازىدۇ. بىز ئالىملارنىڭ ئەمگەكلىرىدىن نورۇزنىڭ زەردۇش ۋە ھازىر مەۋجمۈد: يەھۇدى، بۇددام، خرىستىئان، ئىسلام ۋە باشقا دىنلار بىلەن مۇناسىۋەتسىزلىكىنى بىلىۋالالايمىز. ئامما ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن – نورۇز نىمە (قانداق ۋەقە) بىلەن ئالاقەدار؟ ئۇنىڭ كەڭ تارقىلىشىدىكى سەۋەپ نىمە؟ نىمە ئۈچۈن يەر يۇزىنىڭ نۇرغۇن خەلىقلەرى ئۇنى بايرام قىلىدۇ؟، موللا – ئۆلىمالارنىڭ جىقلىرى چەكلەيدۇ؟ – دىگەن سۇئاللارغا جۇۋاپ تاپالمايمىز.
بۇ بوشلۇقنى- ئۇزۇمنىڭ ئوقۇپ بىلگەنلىرىمگە، ئۇيغۇر تارىخى مەنبەلىرىگە، كىچىكىمدە ئانامدىن، ئۇيغۇر مەدداھ ۋە ھىكايە- چۆچەكىچىلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىمغا ئاساسلىنىپ، ”ھەر قانداق رېۋايەت ۋە ھىكايە-چۈچەكلەرنىڭ ئارقىسىغا تارىخى رېئاللىق يوشۇرۇنغان“ دىگەن ئوققۇمدا، ئۆتكەنكى ۋە ھازىرقى ئابرۇيلىق ئالىم، مۇللا- ئۆلىمالارنىڭ ئەيتقان پۈتكەنلىرىگە ئەگەشمەي، ئۆزۇم تولدۇشقا ئۈنتۈلدىم.
نىمە ئۈچۈن دىنى ئالىم (ئۆلىما) ۋە موللىلارنىڭ نورۇزنى ”كاپىرلارنىڭ بايرىمى“ دەپ چەكلەيدىغانلىقى چۈشۈنىشلىك. ئامما، نىمىشقا پەننى ئالىملارنىڭ (تارىخىچى، جەمىئەتشۇناس ۋە پەيلاسوپلارنىڭ) نورۇز توغرىسىدا تولۇق خەۋەر بەرمىگەنلىكى، ئۈزە قارىماققا چۈشۈنىكسىز. لېكىن ئەقلانە قارىغاندا ئۇلارنىڭمۇ مۇللا ئۆلىمالاردىن ئۇزاپ كەتمىگەنلىكىنى – جىمى سۇئالارنى مەخسەتلىك ئېنىقلىمايدىغانلىقىنى، ئابرۇيلىقلارغا مەجبۇرى ۋە ياكى مەنپەئەتلىك ئەگىشىدىغانلىقىنى- بايقىۋالالايمىز.
بۇنىڭ سەۋىبى – ھەر قانداق دىنى ئەرباپ ئۆزىنىڭ ئەيتقان- پۈتكەنلىرىدە، ئۆز دىنىنىڭ، ئۆتكەنكى دىنى ئەژدادلىرىنىىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى ۋە نەپسىنى كۆزلەيدۇ. ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەت تۈزۈمىگە ئىشلەيدۇ.
ھەر قانداق ئاتاقلىق ئالىم بىرەر دۆلەتنىڭ پۇخراسى بولۇش سۈپېتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىلمى تەتقىقەت ۋە يازغان ئەسەرلىرىدە شۇ دۆلەتنىڭ پايدىسىنى ئويلايدۇ. ئۇنداق قىلمىسا ئۇنى دۆلەت قوللىمايدۇ، ئەسەرلىرى يورۇق كۆرمەيدۇ، ئابرۇي تاپالمايدۇ ۋە ياخىشى تۇرمۇش كۆرەلمەيدۇ. باشقىلار ئۇ ئاتاقلىقلارغا ئەگەشمىسە ئىلمى ئىنۋان ئالالمايدۇ، ئالىم بولالمايدۇ ۋە قورساق باقالمايدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى ھەرقانداق دۆلەت ئۆز ئالىملىرىنىڭ ئەمگەكلىرى بىلەن ئۆز پۇخرالىرىنى ۋەتەن ۋە مىللەتپەرۋەرلىك روھىدا تەربىيىلەپ،قۇدرەت تاپىدۇ ۋە قوغدىنىدۇ.
مەلۇمكى، ئىنسانلار بىرەر ئىدېئولوگىيەگە ئاساسلىنىپ جەمىئەت ۋەمىللەتلەرگە ئۇيۇشقان، ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش ئەركاملىرىنى (ئاپپاراتلىرىنى) – دۆلەتلەرنى تەشكىللىگەن. دۆلەتنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭ مەخسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۈگەنگەن، ئۇلارنى مۇكەممەلەشتۈرۇپ، سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتەرگەن. ئۇلارنىڭ جۇغمىسىنى – ”سىياسەت“ دەپ ئاتىغان. دىمەك – سىياسەت باشقۇرۇش ۋە مەخسەتكە يىتىش سەنئېتىدۇر.
ھەر قانداق دۆلەت تارىخچىلىرى – تارىخنى شۇ دۆلەتنى تەشكىللىگۇچى مىللەتنىڭ پايدىسىغا يازىدۇ. باشقىچە ئەيتقاندا، دۆلەتمەن مىللەتنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ۋە تارىخى رولىنى كۆپتۇرۇپ، ئۇ دۆلەت تەركىبىدىكى دۆلەتسىز مىللەتلەرنىڭ تارىخى رولىنى، ئەكسىنچە، كەمەيتىپ يازىدۇ. ھەر قانداق مىللەت ئۆز دۆلېتىنى يوقۇتۇپ، بېقىندىغا ئايلانغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئىدېئولوگىيەسىمۇ (دىنىمۇ) غالىپلار تەرىپىدىن يوقۇتۇلىدۇ. ئۇ مىللەت ئۆز تارىخىنى ئۆزى يازالمايدۇ.
يۇقۇرىدىكىلاردىن – ئىدېئولوگىيە (دىنمۇ ئىدېئولوگىيەدۇر) ۋە تارىخ سىياسەتنىڭ خىزمەتچىسى – دىگەن خۇلاسسە چىقىدۇ.
مەلۇمكى؛ تەڭرى،خۇدا، رەببى، ئاللاھ، بوگ، گود ۋە باشقىلار – ياراتقۇچىنىڭ ھەر خىل تىللاردىكى نامى. بۇ يازمىدا ياراتقۇچى- قېرىنداشلار ئادەتلەنگەن – ئۇيغۇر، ئەرەپ، يەھۇدى ۋە پارىس تىللىرىدىكى – تەڭرى، ئاللاھ، رەببى (رەببىم) ، خۇدا – ئاتالغۇلار بىلەن ئاتالدى.
ھەر قانداق دىن تەڭرىنىڭ ئىنسانلارغا ئۆزىنىڭ پەيخەبەرلىرى (ۋەكىللىرى) ئارقىلىق بەرگەن تەلىماتىغا (ئۈگۈتىگە) ئاساسلانغان ئىنسانىيەت تەبىقېلىرنىڭ ھاياتلىق قوللانمىسىدۇر – ئۆرۈپ- ئادەت، قائىدە ۋە قانۇنلارنىڭ جۇغمىسىدۇر. شۇنداقلا مەلۇمكى، تەڭرى خاتالاشمايدۇ، ئۇنىڭ تەلىماتى كامىل (absolut – ئابسولۈت)، بىر بەرگەن تەلىماتنى ھېچ قاچان ئۆزگەرتمەيدۇ. ئەكسىنچە ھىساپلاش ئاللاغا ئىشەنمەسلىك ۋە كاپىرلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.
مۇقەددەس قۇرئان كېرىمدە ئەيتىلىشىچە- ئاللا مۇھەممەد ئەلەيھىسالامدىن ئەۋۋەل ئىنسانلارغا مىڭلىغان پەيخەمبەرلەرنى ئىۋەتكەن. ئامما ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىسىغا ئەۋۋەلقى ئۆزى بەرگەن تەلىماتنى مەنئى قىلىپ، يېڭى تەلىمات بەرمىگەن. ئۇلارغا ئۆزىنىڭ تەلىماتىغا دۇرۇس كەلمەيدىغان – ئىنسانلار ئۆز مەيلىچىلىكى بىلەن ئورناتقان، ئۇلار( ئىنسانلار) تەڭرى ئىۋەتكەن پەيخەمبەردىن كىيىن بۇزۇۋەتكەن – تەرتىپ قائىدېلەرنى تۈزۈتىشنى بۇيرىغان. يېڭى كەلگەن پەيخەمبەر، ئۆزىگە كەلگەن تەڭرى ۋەھىلەرىدىن ئىنسانلار جەمىئېتى ئۇنۇتقان ياراتقۇچىنىڭ تەلىماتلىرىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا بىنائەن ئاللانىڭ ياردىمى بىلەن يېڭى ھاياتلىق قوللانمىسىنى تۈزۈپ چىققان ۋە ئۆز قەۋمىنى يېڭى يولغا باشلىغان. ئۇ، قوللانمىنى باشقا قەۋملارمۇ ئۆز تۇرمۇش تەرتىبىگە، ئەتراپىدىكى ھاياتلىق مۇھىتىغا ماسلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلغان. بەزى قەۋملار شۇ پىتى ئالغان. بەزىلەر قوبۇل قىلمىغان، بەزىلەر ئۆز پەيخەمبېرىگە ئەگەشمەي گۇمران بولغان.
يۇقۇرىدىكىلاردىن – ئاللانىڭ تەلىماتى بىر، دىن – ھەر خىل، ئاللا ھەربىر قەۋمگە پەيخەمبەر
ئىۋەتكەن، ئۆز پەيخەمبېرىگە ئەگەشكەنلەر گۈللەنگەن (تەرەققى تاپقان)، ئەگەشمىگەنلە گۇمران بولغان ياكى پەيخەمبەرلىكلەرگە (ئىچىدىن پەيخەبەر چىققان قەۋمگە) ئەگېشىپ، ئۆتكەنكى ئەژدادلىرىنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزۈتۈپ، يېڭى ئۆزىنىڭ يولىدا مۇستەققىل گۈللەنگەن ۋە ياكى قارۇغىلارچە ئەگىشىپ، روھى قۇللىقدا گۇمران بولغان – دىگەن خۇلاسسە چىقىدۇ.
ئالەمنىڭ، ئادەمنىڭ، جانلىق – جانسىزلارنىڭ قاچان يارالغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ بەرپالىق قانۇنلىرىنى ياراتقۇچى ئىنسانلارغا ئايان قىلمىدى. پەقەتلا ئۇ دۇنيانىڭ (روھى دۇنيانىڭ) باقىلىقىنى (مەگۈلىكىنى ۋە ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى)، بۇ دۇنيانىڭ (ماددىۋى دۇنيانىڭ) پانىلىقىنى (ئۆزگۈرۈپ تۇرۇدىغانلىقىنى، مەڭگۈلىك ئەمەسلىكىنى) ئايان قىلدى. ئامما ئۇ (تەڭرى) ئادەمگە ئۆزىنىڭ ئېقىل- پاراسېتىنىڭ زەررىسىنى بىرىپ، جىمىدىن ئۈستۈن قىلىپ، بۇ ئالەمنىڭ سۇلتانى (قۇرئاندا خەلپېسى) قىلدى. يەنى ئۆز نامىدىن بۇ، ماددىۋى ئالەمنى باشقۇرۇشنى تاپشۇردى. ئەتراپنى ئۈگۈنىش ئۈچۈن ئېقىل بەردى.
بۇنىڭدىن، ئادەمنىڭ ئۇ دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ قانۇن- قائىدىلىرىنى بىلىشى مۈمكىن ئەمەسلىكىنى، مۇللا ، ئۆلىمالارنىڭ ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەت توغرۇلۇق ئەيتقان – پۈتكەنلىرىنىڭ جىمىسى پەرەز ئىكەنلىكىنى بىلىىۋالالايمىز. شۇنلاقلا، تەڭرى بىزگە بەرگەن ئېقىل- پاراسەت بىلەن بۇ ماددىۋى دۇنيانىڭ بەرپالىق قانۇنلىرىنى ئۈگۈنىشنىڭ چوقۇملىقىنى چۈشۈنىۋالالايمىز. چۈنكى ھەر قانداق نەرسىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بەرپالىق خىسلەت، قانۇنلىرىنى – پەيدا بۇلۇش (تۇغۇلۇش)، تەرەققى تېپىش، ھاياتلىق ۋە يۇقۇلۇش (ئۆلۈش)، جەريانىنى مۋكەممەل بىلىش لازىم.
ئادەمنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقىنى ھېچ كىم بىلمەيدۇ. ئامما ئادەمىزاتنىڭ مىللىئون يىللار جەيانىدا زىمىندا ياشاۋاتقانلىقىنى ئالىملار ئىسپاتلاپ چىقتى. ھازىر ئالىملارنىڭ ئارىسىدا: “ ئىنسانىيەت بىرنەچچە قېتىم يۇقۇرى تەراققىياتقا ئىرىشىپ، بىرنەچچە قىتىم گۇمران بولغان، ھازىرقى تەراققىيات ئاز دىگەندە ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىككىنجى قىتىملىقى – ئىككىنجى سىۋىللىكى“ دىگەن كۆزقاراش كۈچەيمەكدە.
قانداقلىكى بولمىسۇن ئىنساننىڭ ھازىرقى مەۋجۇد ۋە بىزگە مەلۇم دىنلارنىڭ پەيدا بولىشىدىن نۇرغۇن مىڭ (مىلليون) يىللار ئەۋۋەل پەيدا بولغانلىقى مەلۇم. دىمەك، تەڭرىنىڭ شۇ چاغدا (ئادەمنى ياراتقاندا) ئادەمگە بەرگەن تەلىماتى ئاساسىدا ئورنۇتىلغان دىنمۇ (ھاياتلىق تەلەماتى) بولغان دىگەن گەپ. مىڭ يللار ئۆتكەندىن كىيىن ئىنسانلار تەڭرى ئاتا قىلغان ئېقىل پاراسەت بىلەن يوقۇرى پەللىلىك تەرەققىياتقا (سىۋىللىكە) ئىرىشىپ، ياراتقۇچىنى ۋە ئۇنىڭ تەلىماتىنى ئۇنتۇپ توغرا يولدىن ئېزىپ، ئۆزىنى دۇنيانىڭ غوجىسى ھىساپلاپ، ماددىۋى دۇنيانىڭ بەرپالىق قانۇن- قائىدېلىرىنى بۇزغان. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن تەڭرى ئىنسانىيەت دۇنياسىنى تەبىئى ئاپەتلەر ئارقىلىق گۇمران قىلغان. ئۇنداق ھادىسېلەر نۇرغۇن قىتىم تەكرارلانغان بولىشى مۈمكىن. ئامما،دىنى كىناپلاردىن (ئىجىل، قۇرئاندىن) ۋە ئالىملارنىڭ ئىلمى ئەسەرلىرىدىن ئۇلارنىڭ بىر نەچچىسىلا- (سۇ، ئوت ئاپەتلىرى) بىزگە مەلۇم، نۇرغۇنلىرى مەلۇم ئەمەس، ھازىرقى دەۋىردە، بولۇپمۇ XIX- ئەسىرنىڭ ئىككىنجى يېرىمىدىن باشلاپ، دارۋىننىڭ: ”ئادەم مايمۇننىڭ تەدرىجى تەراققىياتىنىڭ مەخسۇلاتى(يەنى ئادەم ئىۋولۇسسىئونلىق تەرققىيات جەريانىدا مايمۇندىن كىلىپ چىققان)“ دىگەن نەزرىيەسىگە ئاساسلانغان – ”ئىنسانىيەت ياۋايىلىقدىن سىۋىللىققا يۈزلەنگەن“ – دىگەن كۆز قاراش ئۇمۇمىيۈزلىك مۇقۇملاشتى. ھازىر مەۋجۇد ھېچ قانداق دىننىڭ موللا – ئۆلىمالىرى: ”ئادەمنىڭ مايمۇندىن كىلىپ چىققانلىقىغا“ – مەيلى ئىلمى ئىسپاتسىز كاجلىق بىلەن – قارشى تۇررغان بوسىمۇ، ”ئىنسانىيەت ياۋايىلىقدىن سىۋىللىققا يۈزلەنگەن“ دىگەن كۆز قاراشقا ئېنىق قارشىلىق بىلدۈرمىدى ۋە بىلدۈرماۋاتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ تەڭرىنىڭ تەلىماتىنى ۋە ئۆزلىرى ئىتىقاد قىلىدىغان دىننىڭ ماھىيېتىنى تولۇق چۈشەنمىگەنلىكىنىڭ ۋە ئىلىم پەننى تەرك ئىتىپ، بەرپالىقنىڭ قانۇنلىرىنى بىلمەسلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
ئۇ، كۆز قاراشنى ”توغرا“ دەپ قوبۇل قىلىش ”ياراتقۇچى يوق“ دىگەنلىكدۇر. چۈنكى تەڭرى ئىنساننى ئېقىل پاراسەت بىلەن ياراتتى. دىمەك ئىنسان ھېچ ۋاقدا ياۋايى بولمىغان. ئۆزىنىڭ مەنمەنلىكى بىلەن تەڭرىدىن يىراقلىشىشى نەتىجېسىدە ئۇنىڭ غەزىبىگە ئۈچراپ ياۋايىلىققا يۈزلەنگەن. دەۋىرلەرنىڭ ئۆتۇشى بىلەن ئاللا كۆچۈرگەندىن كىيىن تەكرار ياۋالىقدىن سىۋىللىككە يۈزلەنگەن. دىمەك، ئىنسانىيەت ياۋايىلىقدىن سىۋىللىققا ئەمەس، سىۋىلىكدىن ياۋايىلىققا يۈزلەنگەن، ئېنىقراقى: ”سىۋىللىقدىن ياۋالىققا، ياۋايىلىقدىن سىۋىلىققا، سىنۇسوئىدىسىمان تەرەققىياتدا ياشىغان.
ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات دەۋرىدە ماددىۋى دۇنيانىڭ بەرپالىق موھىتىنى بۇزۇپ، ھەر خىل ئاپەتلەرگە دۇچ كىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭمۇ ئەۋۋەلقى ئەژدادلىرىدەك ئاللانىڭ غەزېپىگە ئۇچراپ ۋەيران بولۇپ، ياۋايىلىق باسقۇچىغا يۈزلىنىدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەكدە.
ھازىر بىز، مىلادىدىن بىر نەچچە مىڭ يىللار ئەۋۋەل قانداق دىننىڭ بولغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق تەلىماتقا ئاساسلانغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيمىز. ئامما ئۇلارنىڭ پەيخەمبەرلىرىدىن كىيىن بۇزۇلغان ئۇ دىلارنىڭ قالدۇقلىرى بىلەن ئۈزە تونۇشۇپ، ئۇ، دىنلارنى: ”دىنسىزلىق (ئاللاھنىڭ دىنى ئەمەس)“، ئۇلارنىڭ مۇخلىسلىرىنى: ”ياۋايىلار“ دەيمىز. شۇنداقلا، ئۆزىمىز ئىتىقاد قىلىدىغان دىندىن بۆلەك دىنلارنى: ”تەڭرىنىڭ دىنى ئەمەس“، ئۇلارنىڭ مۇخلىسلىرىنى ”كاپىرلار“ دەيمىز، ئامما ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك مۇسۇلمانلىقىنى (يەنى تەڭرىگە سادىقلىقىمىزنى) باھالىيالمايمىز. بۇ ئىنسان ۋە ئىقلىملارنىڭ (مىللەتلەرنىڭ) ئەلمىساقدىن داۋامىلىشىپ كىلىۋاتقان: ”ئۆزەم دۇرۇسلۇق ۋە تەرسالىق“ چۈشەنجىسىدۇر. ئاللانىڭ تەلىماتىنىڭ ماھىيېتىنى ۋە دىننىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكدۇر ۋە ياكى مەنپەئەتپەرەسلىكدۇر.
ئەۋۋەلقى ئىنسانلارنىڭ ھەرخىل شەيئىلەرنى ئۇلۇغلاپ، ئۇلارنى تەڭرى دەرىجېسىگە كۆتۈرۈپ، تاۋاپ قىلغانلىقىنى: ”دىنسىزلىقنىڭ ئالامېتى“ دەيمىز، ئامما ئۆزىمىزنىڭ ئۇلارنڭكىدىن پەرقلەنمەيدىغان ئادەت ۋە قىلمىشلىرىنى توغرا، ئاللانىڭ رازىلىقىغا لايىق ھىساپلايمىز.
مەسىلەن: خرىستىئانلار- ئەيسا پەيخەبەرنى ”ئاللانىڭ (بوگنىڭ، گودنىڭ) ئوغلى“ دەپ ئۇنىڭغا چوقۇنىدۇ؛ ئۆزىنىڭ تارىخى ئاتاقلىق ئەژدادلىرىنىڭ رەسىملىرىنى سىزىپ، ئۇلارغا (ئىكونغا) چوقۇنۇنۇپ، ئۇلاردىن مەدەت تىلەيدۇ. مۇسۇلمانلار- ئاللانىڭ قۇرئان كېرىمدە: ”مۇھەممەد مىنىڭ باشقىلاردىن پەرقلەنمەيدىغان ئادەم“ دىگەنلىكىگە قارىماي، ئۇنى ھەددىدىن زىيادە ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇپ ماختايدۇ، ئۆتكەنكى مۇسۇلمان ئۆلىمالىرىنى ئۇلۇغلاپ، قەبرېلىرىنى (مازارلارنى) تاۋاپ قىلىپ، ئۇلاردىن مەدەت تىلەيدۇ؛ بۇددا دىنلىقلار- ئۆزلىرى ياسىۋالغان ھەيكەللەرگە چوقۇنۇپ، ئۇنىڭدىن مەدەت تىلەيدۇ.
بۇنىڭدىن ئۆتكەنكى ئىنسانلارنىڭ پەيخەمبەرلەردىن كىيىن نۇرغۇن ئوبېكتلارنى تاۋاپ قىلىشنى ئادەت قىلىۋالغانلىقىنى – ھەركەت، ئادەت- قائىدېلەرنى دىنلىرىغا قۇشۇۋالغانلىقىنى – ۋە ھازىرقىللارنىڭمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى كۆرۇمىز. ئامما ئۇ، ئادەتلەر ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىغا شەك ۋە شىرىك كەلتۈرگەنلكىنى بىلدۈرمەيدۇ.
يۇقۇرىدىكىلارغا ئاساسلېنىپ، تەڭرى ئىنسانلارنى ھېچ ۋاق دىنىسىز قالدۇرمىغان، ئىنسانلارمۇ (تولىسى) ئاللانىڭ بىرلىكىنى ئۇنۇتمىغان. ئامما ئىنسانلار، ئۆزلىرى كۆرەلمەيدىغان تەڭرىنى ھەرخىل شەيئىلارغا ئوخشۇتۇپ، كۆرنىشدە ئۇلارغا تاۋاپ قىلغان، ئامما قەلبىدە تەڭرىگە چوقۇنغان. يوقۇرى پەللىلىك تەرەققىياتقا ئىرىشكەندە دىنىدىن ئېزىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ماددىۋى ئالەمنىڭ ئىگىسى ئەمەسلىكىىنى ئۇنتۇپ – نەپسىنىڭ يامانلىقى بىلەن تەبىئەتنىڭ قانۇنلىرىنى بۇزۇپ ئۇنى ۋەيران قىلغان ۋە ئۆزلىرىمۇ ۋەيران بولغان. تەبىئى ئاپەتللەردە ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆلگەن، ئازغىنا ھايات قالغانلىرى سىۋىللىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئايرىلىپ، شەپقەتسىز تەبىئەت ئالدىدا قۇرۇق قول، يۈزمۇ- يۈز قېلىپ ياۋايىلىشىپ كەتكەن.
ھازىرقى ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىق ۋە ياكى مەنتىقىلىق دەپ قارايدىغىنى – ئىنسانلارنىڭ ئاخىرقى ۋەيرانچىلىقدىن كىيىنكى يەر يۈزىدىكى مەشغۇلات جەريانىدۇر (ھازىرقى سىۋىللىكنىڭ بېشىدىن ھازىرغا قەدەر)، ئۇنىمۇ تېخى تولۇق بىلىپ كىتەلمىدى. دىندىن گەپ ئاچىدىغان بولساق، ئۇنىڭ تارىخىمۇ ئۇزۇنغا بارمايدۇ. 5 – 6 مىڭ يىل بىلەن چەكلىنىدۇ.
ئاخىرقى يۈز يىل جەريانىدا ئىنسانلار تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى (قەدىمىلىكى) – ئايرىم ئىختىدارلىق ئالەمشۇناسلارنىڭ غەيرىتى بىلەن – كىڭەيگەن بولسىمۇ، ئامما باشلامچى ئالىملارنىڭ ئىلمى ئابرۇيپەرەسلىكى – ئۆز ئىلمىنىڭ ئابرۇيىنى ساقلاش، ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇستازلىرىنىڭ خاتالىقلىرىنى تونۇماسلىقى – تۈپەيلى، ئۇلار ئىتىرارپ ۋە ئۇلانىڭ كۆز قاراشلارى قوبۇل قىلىنماۋاتىدۇ.
يۇقۇرىقىلاردىن – ئادەمنى تەڭرى ھازىرقى پېتى ياراتقان؛ ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلى ياۋايىلاشقان؛ ئىنسانىيەت سىۋىللىك بىلەن ياۋايىلىقنىڭ ئارىلىقىدا ياشىغان؛ ھازىرقى بىزنىڭ بىلىدىغان تارىخىمىز ئىنسانىيەتنىڭ ئاخىرقى ياۋايىلىقدىن سىۋىللكە مىڭىش تارىخى- دىگەن خۇلاسسە چىقىدۇ.
بۇ ماقالە تارىخ توغرۇلۇق ئەمەس، ئامما نورۇز ئۇتمۈش بىلەن ئالاقىدار بولغانلىقدىن تارىخدىن گەپ ئاچماسلىق مۇمكىن ئەمەس.
ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، ئوغۇزنانە يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭلا ئۆتمۈشىنى ئەمەس، شۇنداقلا ئىنسانىيەت ۋە دىن تارىخىنى ئايانلاشتۇرىشدا چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەردۇر، ئامما تۇرك دۇنياسىنىڭ X ئەسىردىن باشلاپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلېنىپ روھى مۇستەققىلىقىنى يوقۇتىشى – ئۇنىڭ پۈتۇنلىكىنى ساقلاپ قېلىشقا ۋە تۈركلەرنىڭ چوڭ بىر مىللەتكە ئايلىنىشىغا يار بەرمىدى، نەتىجىدە XX ئەسىرگە كەلگەندە ئەۋۋەل دۇنيانى تەۋرەتكەن تۈرك دۇنياسىنىڭ، توغرىراقى تارىخى ئۇيغۇرلارنىڭ،– ئېروپالىقلار: كىچىك ئاسىيا“ دەپ ئاتىۋالغان – تۈركستاننىڭ غەربى بۇلۇڭىغا جايلاشقان ئاجىز تۈركىيەدىن بۆلەك دۆلېتى قالمىدى. تۈركلەرنىڭ ئېۋروئاسىيەدىكى ئاساسى قىسمىدىن رۇسىيە ۋە خىتاي جاھانگىرلىرىنىڭ (ئىمپېرىيەلىرىنىڭ) قاماللىقىدا – ئۇلارنىڭ ”بۆلۈپ ھۆكۈمدارلىق قىلىش“ سىياسېتى تۈپەيلى، ئاتالمىش تۈركى تىللىق ئۇششاق ۋە چېچىلانغۇ – مىللەتلەر شەكىللەندى. ئۇلار مىڭ يىللار جەريانى ئەژدادلىرى قان بىلەن يازغان تارىخىنى سىيا بىلەن يازالمىدى. شۇ سەۋەپدىن ئۆغۇز نامىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تۈركلەر ساقلاپ قالالمىدى، ئۇ ئەسەرنىڭ XIII ئەسىردە يېزىلغان كۆچەرمە نۇسخۇسىنى ئېرورپا ئالىملىرى تۇرپاندىن تاپتى. غەيرى تىللىق تارىخچىلار ئۇنى چۇڭقۇر مۇلاھىزە قىلالمىدى ۋەماھىيېتىنى ئاشكارىلىمىدى، چۈنكى چۇڭقۇر ئۈگۈنىش ۋە ئاشكارىلاش ئۇلارنىڭ دۆلەت ۋە مىللەت مەنپەئەتلىرىگە ۋە ئابرۇيىغا پايدىلىق ئەمەس ئىدى.
ئۇغۇزنامە بىزگە ئوغۇزخاننىڭ، توغرىراقى ئوغۇز قارا قاغاننىڭ، ئالاھىدە قابىلىيەتلىك تۇغۇلغانلىقىنى، يىگانە تەڭرىگە ئىبادەت قىلغانلىقىنى، كۆكدىن چۈشكەن نۇردىن چىققان قىزغا ئۆيلەنگەنلىكىنى، ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرنى ”ئۇيغۇر“ دەپ ئاتىغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن ئەللارنى ئىشغال قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ، ئوغۇز قاراقاغان يىگانە تەڭرىگە ئىبادەت قىلىش ئادېتىنى (دىننى) تەرغىپ قىلغان، ئۇ دىننى قوبۇل قىلغانلارنى ”ئۇيغۇر“ دەپ ئاتىغان، نۇرغۇن ئەللەرنى قىلىچ بىلەنلا ئەمەس، دىن بىلەن بوي سۇندۇرغان دىسەك خاتالاشمايمىز.
بۇنىڭدىن، ئوغۇزخان – ھازىرقى بىزگە مەلۇم ئىنسانىيەت تارىخىدا – تۇنجا قېتىم ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكىنى تەرغىپ قىلغان شەخس ئىكەنلىكىنى، ياراتقۇچىنى: ”تەڭرى“ دەپ ئاتىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىتىقادىنى شۇ ۋاقتا مەلۇم جىمى ئەللەرنىڭ قوبۇل قىلغانلىقىنى ۋە ئوغۇز خاننى روھى يولباشچى سۈپېتىدە تونۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. بۇنىڭدىن – ئوغۇزخان ئۆزىگە ئەگەشكەن ۋە بوي سۇنغان ئەللەرنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىتىقادىغا ئاساسلېنىپ، ھاياتلىق تەرتىپ – قائىدېلىرىنى ئورناتقان دىسەك خاتالاشمايمىز، يوقۇرىدا ئەيتىلغاندەك، ئۇنداق ھاياتلىق تەرتىپ قائىدە – ”دىن“ – دەپ ئاتىلىدۇ، مانا شۇ دىن ياراتقۇچىنىڭ نامى بىلەن – ”تەڭرى دىنى“ – دەپ ئاتالغان. چۈنكى ئىتىقاد قانداق ئاتالغا بولغان بولسا، ئۇنىڭغا ئاساسلانغان دىننىڭمۇ شۇنداق ئاتىلىدىانلىقى ھەممىگە مەلۇم. دىمەك، ئوغۇزخان تەڭرى دىنىنىڭ باشلامچىسى. ئىنسانلارنىڭ ئەۋۋەلقى سىۋىللىكى گۇمران بولۇپ، ياراتقۇچى ئۇلارنى كەچۈرگەندىن كىيىن يېڭى سىۋىللىكنىڭ بېشىدا تەڭرىنىڭ ئىنسانلارغا ئىۋەتكەن تۇنجا پەيخەمبېرى.
يوقۇرىدا ئەيتىلغانلاردىن بۆلەك، ئاللانىڭ: ”ھەر بىر قەۋمگە پەيخەمبەرلەرنى ئىۋەتدىم“ دىگىنى قۇرئان كېرىمنىڭ بىر نەچچە ئايەتلىرىدە تەكرارغانلىقى بىزنىڭ يۇقۇرىدىكى پىكرىمىزنى تەستىقلايدۇ. مەسىلەن، 1987- يىلى بېيجىندە مىللەتلەر نەشىرياتىدا بېسىلغان مۇھەممەت سالىھ تەرجىمىسىدىكى قۇرئاندا: سۇرە ئىبراىم (256 – بەت) – قانداقلا بىر پەيخەمبەرنى ئىۋەتەيلى ئۇنى بىز ئۆز قەۋمىگە (ئاللانىڭ
شەرىئىتىنى) بايان قىلىش ئۈچۈن، پەقەت ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن (سۆزلەيدىغان) قىلىپ ئىۋەتتۇق(ئايەت 4).
سۇرە ھىجر(263- بەت) – شۇبھىسىزكى سىنىڭدىن ئىلگىرى بۇرۇنقى ھەر قايسى تائىپلەرگە نۇرغۇن پەيخەمبەرلەرنى ئىۋەتتۇق. ( (ئايەت 10).
– بۇ بۇرۇندىن ئادەت بولۇپ قالغا (يەنى بۇرۇندىن تارتىپ پەيخەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋملەرنى ئاللانىڭ ھالاك قىلىشى ئادەت بولۇپ كىلىۋاتقان) ئىش (ئايەت 13).
بۇئايەتلەر يەنە، بەزى بىر موللىلارنىڭ قۇرئاننىڭ (ئەرەپنىڭ) تىلى: ئاللانىڭ تىلى دەيدىغانلىقىنىڭ يالغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ (ئاللانىڭ) جىمى تىللارنى ئوخشاش چۈشىنىدىغانلىقىنى، ئاللانىڭ نازىل قىلىشى ئاسماندىن تاشلاپ بىرىشى ۋە ياكى بىرەر تىلدا پەيخەمبەرنىڭ قولىقىغا پىچىرللاپ ئۇختۇرىشى ئەمەس، دىلىغا سېلىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. پەيخەمبەر قايسى تىلدا سۆزلىگەن بولسا تەڭرىنىڭ نازىل قىلغانلىرى شۇ تىلدا خاتىرلىنىپ، تارقىتىلىدۇ.
تەڭرى دىنىنىڭ ئاساسى ئىدېيەسى (ياراتقۇچى تەلىماتى، ئۈگۈتى – ياراتقۇچىدىن كەلگەن ۋەھى) بىزنىڭ دەۋرىمىزگە يىتىپ كەلمىدى. ئامما ئۇنىڭ (تەڭرىنىڭ) تەلىماتى – يۇقۇرىدا ئەيتقاندەك ئۆزگەرمەيدۇ – ھازىر مەۋجۈد دىنلارنىڭ كىتابلىرىدا ساقلىنىپ كەلدى. ئۇلارنى ئېقىل بىلەن ئوقۇغاندا بىلىۋالغىنى بولىدۇ.
تەۋرات، ئىنجىل، قۇرئان كېرىمگە، ئېۋروپا ئالىملىرىنىڭ (بارتولد، مالوۋ، ل.گۇمىلوۋ، يېلېنا بالوۋاتسكايا، جېيمس چېرچىۋارد ۋە باشقىلارنىڭ)، ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ (ئابدۇشكۈر مۇھەممەت ئىمىن، تۇرغۇن ئالماس ۋ.ب.) ئىنبسانىيەت تارىخىنى ئۈگۈنۈش نەتىجىلىرىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ يازما ۋە باشقا تارىخى يالدامىلىرىغا، رېۋايەت ۋە چۆچەكلىرىگە، تەڭرى دىنىنىڭ قالدۇقى شامان دىنىغا ۋە باشقا ماتېرىئاللارغا ئاساسلىنىپ، تەڭرى دىنىنىڭ ئاساسى ئۈگۈتىنى تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەش مۈمكىن:
– يىگانە تەڭرى يوقلۇق ئىچرە بىر نوختىدا ئۆزى يالغۇز ئىدى؛ كۈنلەرنىڭ بىرى تەڭرىنىڭ ئەمرى بىلەن ئۇ نوختىدىنى تۆرت تەرەپكە تۆرت ئۈچۈم نۇر چاقنىدى؛ تەڭرى ھەربىر ئۇچۇم نۇردىن بىردىن قاغان (قۇرغۇچى) يارىتىپ، ئۇلارغا ئالەمنى رەتلىك قۇرۇپ چىقىشنى ئەمىر قىلدى؛ ئۇلار ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ قۇدرىتى بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلېنىپ، ئاسمداندىكى يۇلدۇزلارنى، زىمىننى ۋە بارلىق شەيئىلەرنى تەڭرىنىڭ قانۇنى بويىچە رەتلىك قۇرۇپ چىقتى.
– تەڭرى ئۇلارغا (قاغانلارغا) زىمىننىڭ تۇپرىقىنى ئېلىپ كىلىشنى بۇيرىدى؛ تەڭرى – قاغانلار ئېلىپ كەلگەن تۇپراقدىن يەتتە جۇپ قورچاق ياساپ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ روھى بىلەن جانلاندۇردى، ئۆزىنىڭ پاراسېتىنىڭ رەررىسىنى بىرىپ، ئەر، ئەيەللىك خىسلەتلىرىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنى – ”ئەدەم“ دەپ ئاتىدى؛ (بۇ يەردە تۇپراق توپراق ئەمەس – توپا ئەمەس، زىمىندىكى بارلىق جىسىملارنىڭ جۇغمىسى).
– تەڭرى يەنە نۇرغۇن ئۆزىگە كىرەكلىك ياردەمچىلەرنى ئوتدىن (تەڭرى نۇرىدىن) ياراتتى؛
– كۆك تەڭرى (ئاسمان) ئەھلىنىڭ جىمىسىنى يىغىپ: ”ئۇلارغا – بۇ مىنىڭ سىلەردە يوق ئېقىل – پاراسەتكە ئىگە – ماددىۋى ئالەمنى باشقۇرغۇچى ۋەكىلىم“ دەپ، ئۇلارنى ئەدەمگە تازىم قىلدۇردى.
– ئەدەمگە – مەن سىلەرگە پاراسېتىمنىڭ زەررىسىنى بىرىپ، ماددىۋى دۇنيانى باشقۇرۇشقا ياراتتىم. ئۇ، دۇنيادا سىلەرنى قورشاپ تۇرغان جىمى جانلىق ۋە جانسىزلاردىن ئېقىل- پاراسېتىڭلاردىن بۆلەك ئايرىمچىلىقىڭلار يوق. سىلەرمۇ ئۇلارغا ئوخشاشلا تۇپراقدىن (ماددىدىن) يارالدىڭلار- توغۇلىسىلە، ئۆسىسىلەر، بالاغەتكە يىتىسلەر، ئۆلىسىلەر – تۇپراققا قايتىسىلەر. سىلەردىكى – مەن ئۆزۈمدىن ئاجرىتىپ بەرگەن – روھىڭلار ئۆلمەي، روھى دۇنياغا قايتىدۇ. شۇ چاغدا مەن سىلەردىن ھىساپ ئالىمان. ئۇ پانى (ۋاقىتلىق، تۇراقسىز، ئۆزگىرىشچان) دۇنيادىكى قىلمىشىڭلارغا قاراپ، مىنىڭ جازا يا مۇكاپىتىمغا ئىرىشىسلەر. مىنىڭ جازايىم – شەپقەتسىز، قاتتىق، دەھشەتلىك، قورقۇنۇشلۇق ۋە ئازاپلىقدۇر. مۇكاپىتىم – سېخى، مۇلايىم. رەھىمدىل، ھۆزۈرلىك، كۆڭۈللىك ۋە راھەتلىكدۇر. مىنىڭ جازا ۋە مۇكاپىتىمدىن – مادىۋى دۇنيادا جەستىڭلار ۋاقىتلىق ئازاپلىنىدۇ ۋە ھۆزۈرلىنىدۇ. باقى دۇنيادا – روھىڭلار مەڭگۈلىك ئازاپلىنىدۇ ۋە ھۆزۈرلىنىدۇ. پانى دۇنيادا ئەركىن ياشاش، جىمى بارلىقدىن ئۆز ئىھتىياجىڭلارغا، لايىقىدا پايدىلىنىش ھوقۇقىنى سىلەرگە بەردىم، ئامما نەپسىڭلەرگە ئەگىشىپ، ئۇزۈڭلارنى ئۇلارنىڭ غوجايىنى ھىساپلاپ، خالىغانچە بۇزغۇنچىلىق قىلساڭلار منىڭ جازايمغا دۇچ كىلىسىلەر. مەن سىلەرنى ھەمدەمدە (دوسلۇقتا) ياشىسۇن دەپ- ”ئەدەم“ – ئاتىدىم، ئۆز ئارا جىدەللەشمەي ھەمدەمدە ياشاڭلار. سىلەر كۆپىيىپ، نۇرغۇن قەۋم ۋە ئىقلىملارغا بۆلۈنىسىلەر. ھەربىر ئىقلىمغا ياشاش جايىنى بىرىمەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يولباشچى چىقىرىمەن (ئىۋەتىمەن)، ئۇلارغا ئەگىشىڭلار. ئەگەشكەنلەر توغرا يولدا مېڭىپ تىز راۋاج تاپىدۇ. ئەگەشمىگەنلەرنى گۇمران قىلىمەن (باشقىلارغا ئەگىشىپ بېقىندىلىقدا گۇمران بولىدۇ)، مەن سىلەرنىڭ زىمىندىكى ئىشىڭلارغا ئارىلاشمايمەن، ئامما ماڭا ئاسىلىق قىلساڭلار (ئۆزۈڭلارغا مەندىن بۈلەك مەبۇد يارىتىۋالساڭلا، مىنىڭ يول يورۇقىمدىن تايساڭلار، مىننەتدارسىزلىق قىلساڭلا) مىنىڭ جازايىمغا ئۇچرايسىلەر.
مانا بۇ، تەڭرى دىنىنىڭ (تەخمىنلىك) ئاساسى تەلىماتى. بۇلارنى ھازىر مەۋجۇد دىنلارنىڭ كىتابلىرىدىن تاپقىنى بولىدۇ. تەڭرى دىنىدىكى تۆرت قاغان – ئىنجىلدىكى 4 ئارخانگىلغا، قۇرئاندىكى 4 مالايىكىگە ئوخشاپ كىتىدۇ. ماھىيەت جەھەتدىن ئالغاندا، قاغانلار، مالايىكە ۋە ئارخانگېللار تەڭرى نۇرىدىن يارلغان ئۇنىڭ (تەڭرىنىڭ) خىزمەتچىلىرىدۇر. ئۇلار ئۆز ئارا نامى بىلەنلا پەرقلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت قۇرغۇچىلىرىنى تەڭرىنىڭ ئەمرى بىلەن ئالەمنى قۇرۇپ چىققان، تەڭرى نۇرىدىن يارالغان، قاغانلارغا تەقلىت قىلىپ، زىمىندا ئىنسانلار جەمىئېتىنى قۇرغۇچى دىگەن مەنىدە: ”قاراقاغان“ – دەپ ئاتىغان. ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك ”قارا“ كونا ئۇيغۇر تىلىدا – يەر، ھازىرقى تىلىمىزدا:– ”قارىسى (سايىسى)“ – دىگەننى بىلدۈرىدۇ، بۇنىڭدىن قاراقاغان: ”يەر قاغانى“ ياكى قاغاننىڭ (ئالەم قۇرغۇچى روھى قاغاننىڭ) سايىسى دىگەنلىكدۇر، قانداقلىكى بولمىسۇن قاراقاغان دىگەننىڭ مەنىسى مىنىڭچە شۇنداق يىشىلىدۇ.
ئۇلۇغ تەڭرى يورۇققا – قاراڭغۇنى، راھەتكە – ئازاپنى ئۆز ئارا رىقابەتلىك يارارتقاندك، ھاياتنى ئۆلۈمگە، يازنى قىشقا، تۈننى كۈندۈزگە، رىقابەتچى قىلىپ ياراتتى. مانا شۇ ياز بىلەن قىشنىڭ ئالمىشىش كۈنىنى تەڭلىك كۈنى قىلدى. يەنى تۈن بىلەن كۇننىڭ ئۇزۇنلىقىنى تەڭ قىلدى. ئۇ، كۈندە قارلار ئىرىپ قىشلىق ئۇيقىسىدا ياتقان زىمىن ۋە جىمى تەبىئەت ئويغۇنۇپ، دەرەخلەر ئاق تونلىرىنى تاشلاپ كۆكېرىدۇ. ئوت-چۆپلەر بىخ ئۇرۇپ زىمىن يىشىل گىلەمگە پۈركۈنىدۇ – ھايات يىڭىلىباشدىن تىرىلىدۇ. دىخانلار قوشلىرىنى قوشۇپ، يەر ھەيدەپ ئۇرۇق چاچىدۇ. تەبىئى (يەنى تەڭرى ئورناتقان) يېڭى يىل باشلىنىدۇ، مانا شۇ كۈننى ئۇيغۇر قەۋملىرىنىڭ ئۇلۇغ پەيخەمبېرى ئوغۇز قاراقاغان – تەخمىنەن بۇندىن 7 – 8 مىڭ يىللار ئىلگىرى (ماتېرىئارخات – ئانىلىق دەۋرى بىلەن پاترىئارخات – ئاتىلىق دەېرىنىڭ ئارىلىقىدا) يېڭى يىلنى مەرىكىلەش كۈنى قىلىپ بەلگۈلىگەن. ئۇ چاغدا پارىسلار بىلەن ئوخشاش تىلدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇر قوۋملىرى، ئۇ كۈننى – ”نوۋرۇز“ (يىڭى كۈن، يېڭى يىل) دەپ ئاتاپ بايرام قىلغان.
ئوغۇز قاراقاغان تەڭرى دىنىنى قىلىچ ۋە ئېقىل بىلەن ئۆز قوۋمى ئىچىدە ئۇمۇملاشتۇرۇپ، ئۇ دىننى قوبۇل قىلغانلارنى: ”ئۇيغۇر“ دەپ ئاتىغان. دىمەك، ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغانلار ئۆزلىرىنى: ”مۇسلىم“ ، ”مۇسۇلمان – ئاللاغا بويسۇنغۇچىلار“ دەپ ئاتالغاندەك، تەڭرى دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغانلار ئۆزلىرىنى: ”ئۇيغۇر“- ”ئۇيۇشقانلار- يىگانە تەڭرى ئەتراپىدا ئۇيۇشقانلار“ دەپ ئاتىغان.
ئوغۇزنامىدا بايان قىلىنىشىچە – ئوغۇز قاراقاغان، شۇچاغدا مەۋجۇد ئەللەرنىڭ جىمىسىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان.
دىمەك، تەڭرى دىنىنى نۇرغۇن ئەللەر – ئوغۇز پەيخەمبەرنىڭ ھايات چېغىدا ئىختىيارى ۋە ياكى مەجبۇرى ھالدا قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن ئۇ دىن ئوغۇز پەيخەمبەرنىڭ قەدىمى يەتمىگەن جايلاردىكى ئەللەر ئىچىدىمۇ تارقالغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى نورۇزنى؛ ”تەڭرىنىڭ تەڭلىك كۈنى“ دەپ ئۇلۇغلاپ بايرام قىلغان. ئامما نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ، تەڭرى دىنى بۇزۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى دىنللارنىڭ پەيدا بولىشى بىلەن بەزى ئەللەردە نورۇزنى ئۇنۇتقان، بەزى ئەللەردە ئۇنىڭ ماھىيېتىنى چۈشەنمەي، نامىنى ئۆزگەرتىپ بايرام قلغان.
بەزى دىنلارنىڭ ئۆلىمالىرى ئۇنى (نورۇزنى) چەكلىگەن. شۇ سەۋەپدىن نورۇزنى بايرام قىلىدىغانلار ئازىيىپ، ئۇ، پەقەت ئۆز ۋەتىنىدە (پەيدا بولغان جايىدا) ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇنى تۇنجان قوبۇل قىلغان قەۋملەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە ۋە باشقا دىلارنى قوبۇل قىلماي، تەڭرى دىنىغا (ئۇنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى چۈشەنمەي – شامان دىنىغا) ئىتىقاد قىلىدىغان خەلىقلەر ئىچىدە ساقلىنىپ كەلمەكدە. ھازىرمۇ نۇرغۇن خەلىقلەر نوۋرۇزنى بايرام قىلىدۇ، رۇسلارمۇ، ئۆزلىرى بىلمەي، نوۋرۇزنى باشقىچە: ”маслиница – ماسلىنىتسا“ دەپ ئاتاپ، ئەتىيازدا بايرام قىلىدۇ.
بەزى بىر تارىخچىلار- جۈملىدىن ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇيغۇر تارىخچىسى تۇرغۇن ئالماسمۇ- مىلادىدىن ئەۋۋەل (م.ئە.) II – III ئەسىرلەردە ياشىغان باتۇر تەڭرىقۇتنى ئۇغۇز خان دەيدۇ. مىنىڭچە ئۇلار: ”قاغان“ ۋە قاراقاغان“ دىگەن ناملارنىڭ مەنىسىنى ئېنىقلىيالمىغاندەك، ”ئوغۇزخان“ ”ئوغۇزقاغان“ ئىبارېسىنىڭ خەنچە (خىتايچە) تەلەپپۇزى ئىكەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلمىگەن، شۇنداقلا، گۈنلار سەردارى باتۇر تەڭرىقۇتنى ”ئوغۇزخان“- دەپ تەخمىن قىلىشقان. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئۇيغۇر تارىخچىلىرى كونا ئۇيغۇر تىلىدىكى ”گۈن“ ئاتالغۇسىنىڭ – ھازىرقى تۈرك تىلىدىمۇ شۇنداق – كۈننىڭ نامى (يەنى ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدا – ”كۈن“) ئىكەنلىكىگە قارىماي، خىتايچە تەلەپپۇزدىكى ھۇن (خىتايچە- خۇن) ئاتالغۇسىنى پارىسچە: ”قان“ – دىگەننى بىلدۈرىدۇ، كۈنمۇ شۇ رەڭدە، ھۇنلار قوياشقا چوقۇنغان – دەپ قوبۇل قىلدى.
جىمىنى ياراتقۇچىنىڭ غەزىبى تۈپەيلى، ئالدىنقى سىۋىللىك (تەرەققىيات) تەبىئى ئاپەتلەردە ۋەيران بولۇپ، ئىنسانلار نەچچە مىڭ يىللىق ياۋايىلىقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن تەڭرىتالا (تەڭرى) ئىنسانلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئوغۇزنى پەيخەمبەرلىككە تاللاپ، قاغانلارنىڭ بىرسىنى زىمىنغا چۈشۈرۈپ، ئۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا (ئوغۇزغا) – ئىنسانلار ئۇنۇتقان – يوقۇرىدا بايان قىلىنغان تەلىماتنى ئايان قىلغان.
ئوغۇز ئۇ تەلىماتقا بىنائەن، تەڭرى دىنىنىڭ ئىزنالىرىنى (سىمۋوللىرىنى)، ئىبادەت قىلىش ۋە جەمىئەت باشقۇرۇش تەرتىپ – قائىدە، قانۇنلىرىنى ئورنۇتۇپ تەرتىپلىك جەمىئەت قۇرغان. ئەل ئۇنى ئۇلۇغلاپ ۋە تەڭرىنىڭ روھى قاغانلىرىغا تەقلىت قىلىپ، زىمىن قاغانى ۋە ياكى قاغاننىڭ سايىسى دىگەن مەنىدە: ”قاراقاغان“ – دەپ ئاتىغان. بۇ نام، قەدىمى ئۇيغۇر تىلىدا ھازىرقى ئەرەپ تىلىدىكى ”پەيخەبەر“ دىگەن ئىبارىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلگەن. كيىنرەك بۇ نام بىلەن ئۇيغۇر قەۋملىرىنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى (پادىشالىرى) ئۆزلىرىنى ئاتىغان. كىيىنكى ئەۋلادلار قاغان بىلەن قاراقاغاننى، مەنىسىنى چۈشەنمەي، ئوخشاشلا ئىشلەتكەن.
ئوغۇز قاراقاغان دەۋرىدە قانداق دىنى ۋە سىياسى ئىزنالارنى ئىشلەتكەنلىكى نامەلۇم، ئامما ئالەمشوناس ئالىملارنىڭ ئېنىقلىشىچە، قەدىمى – ئالدىنىقى سىۋىللىك دەۋرىدە – ۋە ھازىرقى تارىخى دەۋرنىڭ بېشىدا ياشىغان ئىنسانلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەژدادلىرىنىڭ – قوش چەمبەرنى، توغرا بۇلۇڭلۇق ئاچىنى، ئۈچبۇلۇڭلىقنى، ۋە ئىلمەك ئاچىنى، كىيىنرەك (گۈنلار دەۋرىدە) ئۈچ بۇلۇڭلۇقنىڭ ئورنىغا ئارا شەكىللىك ئۈچلىك ئاچىنى دىنى ۋە سىياسى ئىزنالار سۈپېتىدە ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم.
بۇ ئىزنالار (بەلگۈلەر) – دەۋىرلەرنىڭ ئۆتىشىگە قارىماي، ھەرخىل قەۋملەر ئىچىدە ئۇلۇغلاپ ئىشلىتىلگەن. بەزىدە شەكلى بىزەكلىك (سەنئەتلىك) ئۆزگەرتىلگەن بولسىمۇ، ئاساسى ئۆزگەرمىگەن. ئۇلارنىڭ ماھىيېتىنى تۇۋەندىكىچە ئىپادىلەش مۈمكىن:
– تاشقى چەمبەر – جىمىنى ياراتقان چەكسىز قۇدرەتلىك ئۇلۇغ تەڭرىنى (ئاللانى) بىلدۈرىدۇ؛
– ئىچكى چەمبەر – تەڭرى ئىلكىدىكى چەكسىز ماددىۋى ئالەمنى بىلدۈرىدۇ؛
– توغرا بۇلۇڭلۇق ئاچا – يوقلۇق نوختىسىدىن تۆرت تەرەپكە چاقنىغان تەڭرى نۇرىنى بىلدۈرىدۇ؛
– ئۈچ بۇلۇڭلۇق (ئارا شەكىللىك ئۈچلىك ئاچا)، يەنى ئۈچلىك – ئالەم ۋە ئادەمنىڭ تەركىبى قىسمىنى (نىمىدىن يارالغانلىقى) – پاراسەت، روھ ۋە ماددىنى بىلدۈرىدۇ؛
– ئىلمەك ئاچا – نوختىدىن تۆرت تەرەپكە چاقنىغان نۇرنى ۋە قاغانلارنىڭ نوختا (تەڭرى نۇرىنىڭ ئۇچىدا) ئەتراپىدا ئايلانغان ئىزىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىنسانلار بۇ ئىزنالارغا ھەرخىل دەۋىرلەردە ۋە دىنلاردا، تولىراقى ئۇلارنىڭ ماھىيېتىنى بىلمەي، ھەر خىل مەنىلەرنى بىرىپ، ئۇلۇغلاپ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئشلەتدى.
ئەگەر تەڭرى دىنىدا ئۈچلىك – پاراسەت، روھ ۋە ماددىنى بىلدۈرگەن بولسا، شامان دىنىدا – كۆكنى، زىمىننى، زىمىننىڭ ئاستىنى بىلدۈردى. شامان دىنى كۆكنى يەتتە قەۋەتكە بۆلۈپ، ئۇنىڭ يەتتىنجى قەۋىتى باش تەڭرىنىڭ، ئاستىنقى قەۋەتلىرى ياردەمچى تەڭرىلەر ۋە ياخشى روھلارنىڭ، زىمىن ئىنسانلار ۋە باشقا جانسىز، جانلىقارنىڭ، يەر ئاستى يامان روھلارنىڭ – جىن، شەيتان ۋە ئېزىتقىلارنىڭ – جايى ئىكەنلىكىنى تەرغىپ قىلىدۇ. ئۈچنى (3)، يەتتىنى (7 ) ۋە توققۇزنى (9) ئۇلۇغ سىرلىق سانلار ھىساپلايدۇ. خرىستىئان ۋە ئىسلام دىنلىرىمۇ ئاسماننى يەتتە قەۋەت ھىساپلايدۇ. يۇقۇرىدىكى سانلارنى ئۇلۇغلايدۇ. ئامما خرىسىئانلار ۋە مۇسۇلمانلار تەڭرى ۋە شامان دىن مۇخلىسلىرىنى: ”جىق خۇداغا ۋە ھەر خىل شەيئىلەرگە چوقۇنىدىغان ياۋايى دىنسىزلار“ ھىساپلايدەيدۇ، خۇددى شۇنداقلا، خرېستيانلار بۇددىسلارنى، يەھۇدىلارنى ۋە مۇسۇلمانلارنى، ئاخىرقىلار خرېستىئانلارنى دىنسىز ۋە ياكى ئاللاغا ئاسى ھىساپلايدۇ،
ئەمەلىيەتدە جىمىسى: ”ياراتقۇچى بىر“ – دەپ ئىتىراپ قىلىدۇ، لېكىن ياراتقۇچىنى ئۆز تىللىرىدا ئاتىۋىلىپ، ھەرخىل ئىزنالار بىلەن ئۆزىچە ئىپادىلەپ ۋە ئۆز ئۇسۇللىرى بىلەن ئۇلۇغلاپ، ئۇنى باشقىىچە ئاتىغان ۋە باشقىچە ئۇلۇغلىغانلارنى ”كاپىر“ دەپ ئەيپلەيدۇ. بۇ، يۇقۇرىدا ئەيتقاندەك، ئىنسانلارنىڭ – مەنپەئەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك – ئۆزگەرمەس تارىخى ئادېتىدۇر. ئەۋۋەلقى ئىنسانلار (تەڭرى دىنلىقلار)، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار، ياراتقۇچىغا ئىسىم قويماي، ئۇنىڭ قۇدرېتىنى ئۇلۇغلاپ – چەكسىز كائىناتقا ئوخشۇتۇپ – كائىنات ۋە ياراتقۇچىنى بىر نام بىلەن: ”تەڭرى“ دەپ ئاتىغانلىقى مەلۇم.
زامانلارنىڭ ئۆتېشى بىلەن ئىنسانلار ئۆزىنىڭ پەيخەمبېرىنى (ئوغۇزنى) ئۇنتۇپ، ئۇنىڭ رەسىمىنى خىيالى سىزىپ، ئۇنىڭغا، باشقا ئۇلۇغلارنىڭ رەسىملىرىگە ۋە باشقا ئىزنالارغا چوقۇنغان. مىلادىدىن ئەۋۋەل (برىنجى سىۋىللىك دەۋرىدە) قەدىمى ئۇيغۇرلار، كىيىن (IV- V ئەسىرلەردە) گۇنلار بۇ، ئادەتنى ئېۋروپاغا تارقاتقان.
ئاچا (كرېست)، ئۈچلىك – بوگ (گود)، بوگنىڭ ئوغلى، دۇخ (روھ)؛ ئىكونلارنى – ئەيسا پەيخەمبەرنىڭ، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ۋە باشقا ئۇلۇغلارنىڭ خىيالى رەسىملىرىنى – سىزىپ ئۇلۇغلاش ۋە ئۇلارغا چوقۇنۇش ئادەتلىرىنى خرېستىئانلار تەڭرى دىن ئادەتلىرىدىن ئالغانلىقى ھازىر ئىسپاتلانماقدا.
يۇقۇرىدا ئىزھار قىلىنغانلاردىن – تەڭرى دىنىمۇ ھەر قانداق دىنغا ئوخشاش ئۆز پەيخەمبېرى ئوغۇزدىن كىيىن – زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن – بۇزۇلۇشقا باشلىغان. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى – كۆرۈنمەيدىغا تەڭېرىگە بىۋاسنە ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا – ئۇ دىننىڭ ئىزنالىرىنى: توغرا بۇلۇڭلىق ۋە ئۈچلىك ئاچىنى، پادىشالارنىڭ، ئۆتكەنكى قەھرىمانلارنىڭ، ئاتاقلىق دىن تەرغىپچىلىرىنىڭ رەسىملرىنى (ئىكونلارنى) ئۇلۇغلاپ، ئۇلار ئارقىلىق تەڭرىگە مۇراجىئەت قىلىشقا (چوقۇنىشقا) باشلىغان. پادىشالار، قاملار (ھازىرقى تىلدا – ئۆلىما، موللىلار) ۋە جەمىئەتنىڭ يۇقۇرى تەبىقە ئەزالىرى، ئۆز مەنپەئەتلىرىنى كۆزلەپ، ئۇ ئادەتلەرنى قوللىغان.
خرېستىئان دىنىدا بۇ ئادەت (ئاللارغا) ۋاستىلىق ئىبادەت قىلىش بەك ئەۋج ئالغان. ئىسلام دىنىمۇ – قۇرئاندا چەكلەنگەنلىكدىن پەيخەمبەر، پادىشا، ساھابى ۋە ئەۋلىيالارنىڭ رەسىملىرىنى سىزمىغان بىلەن ئۇلارنى ئۇلۇغلاشدا خرېستىئانلاردىن قېلىشمايدۇ. بۇ ئىنىسانلارنىڭ غايپقا ئىشىنىشنىڭ قىيىنلىقىدىن كىلىپ چىقىقان مۇقۇملاشقان، ھەر قانداق دىندا ئۇچرايدىغان ئادەتلىرىدۇر. ئامما بۇ، تەڭرىنى ئىتىراپ قىلمىغانلىق ئەمەس.
ئىنسانلار تارىخىدا ھېچ قاچان كونا دىن تەرغىپچىلرى يېڭى دىننىڭ پەيخەمبېرىنى ۋە قانۇن- قائىدېلەرىنى ئىتىراپ قىلمىغان، يېڭى دىن تەرغىپچىلىرىمۇ – پەيخەمبەرلەرنىڭ كونا دىننىڭ پەيخەمبېرىنى ۋە تەلىماتىنى ھۆرمەتلەشكە چاقىرىشىغا قارىماي – ئۇنىڭ (كوبا دىننىڭ) قانۇن- قائىدېلىرىنى پۈتۈنلەي يوقۇتىشقا، پەيخەمبەر، ئەۋلىيا ۋە تەنتەنېلىك كۈنلىرىنى ( بايراملىرىنى) ئۇنتۇلدۇرىشقا ھەركەت قىلغان. بولۇپمۇ ئۆز ئىچىدىن پەيخەمبەر چىققان ۋە جەمىئەتنىڭ باشلامچىلىق رولىغا ئىگە بولغان قەۋم ئۆزىگە، ئىختىيارى ۋە ياكى مەجبۇرى، روھى ئەگەشكەن قەۋملەرنىڭ تارىخى خاتىرېلىەرىنى، دىنى قانۇن—قائىدېلىرىنى شەپقەتسىز يوقاتقان.
تەڭرى دىنىنىڭ ئۇلۇغ كۈنى- نورۇزمۇ، نەچچە مىڭ يىللار جەريانىدا نۇرغۇن دىنلارنىڭ تەرغىپچىلىرىنىڭ ۋە جەمىئەت تۈزۈملىرىنىڭ يوقۇتىشىغا ۋە ئۇنتۇلدۇرىشىغا دۇچ كەلگەن، ئامما مۇشۇ كۈنگىچە يوقالماي ساقلىنىپ كىلىۋاتقان ئۇلۇغ دىنى بايراملارنىڭ بىرسىىدۇر. مىنىڭچە، نورۇزنىڭ نىمىشقا ئۇنتۇلمىغانلىقى ۋە بايرامنىڭ يوقالمىغانلىقى توغرىسىدا جىق گەپ قىلىشنىڭ ھاجېتى يوق. قىسقىلا جۇۋاپ كۇپايە، چۇنكى ئۇ، تەڭرىنىڭ (ئاللانىڭ) ئورناتقان تەڭلىك كۈنى، ئۇنى ھېچ كىم ئۆزگەرتەلمىگەن ۋە ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
ساتۇق بۇخراخان (توغرىراقى بۇغراقاغان) X ئەسىردە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن قاراخانلار دۆلېتىنىڭ سىياسى ۋە دىنى رەھبەرلىرى – ئۆزىنىڭ شامان، زەردۈش، بۇددا، نىسترىئان دىنلىرىغا ئىتىقاد قىلىدىغان قېرىنداشلىرىنى ۋە ئەژدادلىرىنى ”كاپىر“ دەپ ئەيىپلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋۋەلقى تارىخى ۋە دىنى ئەستېلىكلىرىنى ۋەيران قىلىۋىتىشتى. ئەرەپ تىلىنى ئاللانىڭ تىلى ھىساپلاپ، ئەرەپ تىلىدا ئىبادەت قىلىدىغان بولدى. ئەرەپ يېزىقىنى ”قۇرئاننىڭ خېتى“ دەپ ئۇلۇغلاپ قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ دۇنيادا ئېڭ ساۋادلىق خەلىقنى ساۋادسىزلاندۇرىۋەتتى. ئەۋۋەل دىن ۋە دۆلەت بايرىمى بولغان نورۇز، زامانلارنىڭ ئۆتېشى بىلەن ئىسلام دىن يۆتەكچىلىرىنىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇ، سۈپەتلىرىنى يوقۇتۇپ، ئاددى خەلىق بايرىمىغا ئايلىنىپ بىزنىڭ دەېرىمىزگە يىتىپ كەلدى. تەڭرى دىنىنىڭ بەزىبىر ئادەتلىرىمۇ خەلىق ئىچىدە ساقلىنىپ كەلمەكدە.
ئۇيغۇر قەۋمى، ئىسلام دۇنياسى تەركىبىدە نۇرغۇن مەدېنى ۋە سىياسى ئۇتۇقلارنى قازانغان بولسىمۇ، ئامما دۇنيانىڭ روھى باشلامچى قەۋملىرى قاتارىدىن چىقىرىۋىتىلگەن قەۋم- ئۆزىنىڭ تەڭرى دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك – ”ئۇيغۇر“ دىگەن نامىنىمۇ ئۇنۇتتى.
بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ – ئىنسانىيەتنىڭ ئاخرقى سىۋىللىك دەۋرىدىن كىيىنكى – ئۆزىنىڭ تەڭرى ئىۋەتكەن ئولۇغ پەيخەمبېرى –ھازىرقى سىۋىللىك دەۋرىنىڭ تۇنجى پەيخەبېرى – ئوغۇزنى ئۇنتۇپ، روھى قۇللۇق گەردىشىگە چۈمۈپ، ئاخىرقى پەيخەمبېرى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ يولىدا دۇرۇس ماڭالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
تەڭرى تاقەتلىك، ئامما ئۇنىڭمۇ تاقېتى چەكسىز ئەمەسر. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىنكى مىڭ يىلدىن ئارتۇق جەرياندا ئىسلام دىنى بىلەن تەڭرى دىنىنىڭ ماھىيېتىنىڭ بىرلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ تەڭرى يولىدىن ئازغانلىقىنى چۈشۈنىپ، ئىسلام دىنى بىلەن ئۆز يولىنى رۇسلىيالمىدى. ئەرەپلەردىن دىن بىلەن بىرلىكدە ئۇ قەۋمنىڭ ئۈرۈپ ئادەت ۋە كىيىم كىچەكلىرىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزگەرمەس قائىدېلىرى سۈپېتىدە قوبۇل قىلدى. قۇرئاننى ئەرەپ تىلىدا شاتۇتدەك يادقا ئوقۇپ، مەنېسىنى چۈشەنمەي، ساۋادسىز موللىلارنىڭ يالغان پەتىۋالىرىغا ئىشىنىپ، دۇنيانىڭ ئېڭ قالاق مىللىتىگە ئايلاندى. بىر- بىرىنى ئاللاغا ئاسىلىقدا (كاپىرلىقدا) ئەيىپلەپ، ئۆز ئارا جىدەللىشىپ، ئۇيۇشقاق ئۇيغۇرلاردىن ئۇرۇشقاق ئۇرغۇيلارغا ئايلىنىپ، كاپىرلارنىڭ قۇللىرىغا ئايلاندى، بۇ، تەڭرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بۇ دۇنيادا بەرگەن جازاسىدۇر.
تەڭرى كۆچۈرۈمچان، تۆۋبە قىلغانلارنى (ئاللادىن كۆچۈرۈم سورىغانلارنى) كۆچىرىدۇ.
تۆۋبە قىلىش دىگەن – ئىنساننىڭ ماھىيېتىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەي، بەش ۋاق نامازدا باشنى يەرگە ئۇرۇپ، ئاللادىن جەننەت تىلەش ئەمەس، بەش ۋاق ناماز بىلەن بىر قاتاردا، تەڭرى ئەدەمگە ۋاكالىتەن باشقۇرىشنى تاپشۇرغان تەبىئەتنىڭ ۋە ئىنسانلار جەمىئېتىنىڭ قانۇن قائىدېلىرىنى مۇكەممەل ئۈگۈنۈپ، ئۇلارنى باشقۇرۇش قابىلىيېتىگە ئىگە بولۇش ۋە ھەربىر ئىنساننىڭ پايدىسىغا ئىشلېتىش دىگەنلىكدۇر. يەنى ئاللانىڭ توغرا يولىدا مېڭىش دىگەنلىكدۇر.
ئاللا قۇرئان كېرىمدە – ”(ئى مۇھەممەد ئۈممەتلىرى) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقدىن توسىدىغان ئاللاغا ئىمان ئەيتىدىغان ئېڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر….“ – دىگەن. (سۇرە ئەل ئىمران، ئايەت 110)“
موللا ۋە ئۆلىمالارنىڭ پەتىۋالىرى ھەممە ۋاقدا دۇرۇس ۋە مۇقىم بولمىغان، جەمىئەتكە ئەگېشىپ ئۆزگەرگەن. ھازىر ئەسەبى دىنسىزلار (يەنى كوممۇنىستلار) ئىدېيەسىنىڭ يىلدىزى.
موللا ۋە ئۆلىمالارنىڭ پەتىۋالىرى ھەممە ۋاقدا دۇرۇس ۋە مۇقىم بولمىغان، جەمىئەتكە ئەگېشىپ ئۆزگەرگەن. ھازىر ئەسەبى دىنسىزلار (يەنى كوممۇنىستلار) ئىدېيەسىنىڭ يىلدىزىغا پالتا ئۇرۇلدى، جىمى دىنلار ھۆرمەتكە ئىگە بولۇشقا ۋە ئىنسانلار ئىلىم پەننىڭ ئۇتۇقلىرىدىن كەڭ كۆلەملىك پايدىلىنىشقا باشلىدى. موللىلا دىنىى ئىلىمنىلا ئەمەس، شۇ قاتاردا پەننى ئىلىمنىمۇ ئۈگۈنىشكە باشلىدى. مىنىڭچە، موللا- ئۆلىمالارنىڭ نورۇزغا قارىتا پەتىۋالىرى چوقۇم ئۆزگىرىدۇ ۋە نورۇز تەڭرى دىن مۇخلىسلىرىنىڭ بايرىمىدىن جىمى مۇسۇلمانلارنىڭ (يەنى ئاللاغا بوي سۇنغۇچىلارنىڭ) بايرىمىغا ئايلېنىدۇ. تەڭرىگە (رەببىگە، ئاللاغا، خۇداغا، بوگقا، گودقا) بوي سۇنمايدىغانلار يوق. جىمى ئىنسانلار ئىختىيارى ياكى مەجبۇرى ھالدا ياراتقۇچىغا بوي سۇنۇدۇ. چۈنكى ياراتقانغا بوي سۇنۇس ياكى بوي سۇنماسلق يارالغاننىڭ ئەمەس، ياراتقاننىڭ ئىختىيارىدا.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: نورۇز
سەھىپېنىڭ باشقۇرغۇچىسىغا
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
1. ماقالىنىڭ ئىچىگە قانداق رەسىم ئورنۇتۇش كىرەك؟ (سەھىپىدە چۈشەۈندۈرىش يوق).
سەھىپىدە ئېلان قىلنغان يازمىغا قانداق تۈزۈتىش كىرگىزۈش مۈمكىن؟ (گراماتىكا خاتلىقىنى تۈزۈتىش).
سەرگارى.
ۋەئەلەيكۇم سالام ئاكا! رەسىمنى ماقالە بىلەن بىللە ھازىرچە يوللىغىلى بولمايدۇ. ئەگەر ماقالىغا رەسىم قىستۇرماقچى بولسىڭىز، بىزنىڭ مۇنبەر سەھىپىمىزگە ئەسەر بىلەن بىللە ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ. مەن شۇ يەردە كۆچۇرۇپ ئېلىپ سەھىپىمىزدە نەشىرگە ئىشلەپ قويىمەن. ئادرېسى:
http://london-uyghur-ansambil-munbiri.18026.n3.nabble.com
يۇقۇردىكى مۇنبەر دە يازغا ئەسەرلىرىڭىزنى سىز يوللاپ بولغاندىن كېيىن تېمىڭىزنى ئوزىڭىز تەھرىرلىيەلەيسىز. ىشىنىمەن، سىز بۇ ئىشلارنى قىلالايسىز.
ت. سەرگارى
ئۇيغۇر مەن
ئۇيغۇر مەن ھۇجۇدۇم قان تېنىم بىلەن،
ئانامدىن سۇت بىلەن ئەمگەن تىل بىلەن.
تارىخى جەۋھىرى ئەجدادىم بىلەن،
سۆيۈمەن ئۇيغۇرنى جان دىلىم بىلەن.
ئۇيغۇر مەن جۇدالىق ئازابىم بىلەن،
سەرسانلىق ھاياتىم كۆزيېشىم بىلەن.
دۈشمەنگە تۈگۈمەس نەپرېتىم بىلەن،
سۆيۈمەن ئۇيغۇرنى ئۈمۈدىم بىلە.
ئۇيغۇرمەن ئەركىنلىك ئارزۇيىم بىلەن،
نامەلۇم چۆللەردە ياتقانلار بىلەن.
ئەركلىككە سادىقلىق روھىيېتىم بىلەن،
سۆيىمەن ئۇيغۇرنى ھۆر ئەۋلاد بىلەن.
ئۇيغۇر مەن ئۇيغۇرلۇق خىسلېتىم بىلەن،
يىگانە تەڭرىگە ئىشەنجىم بىلەن،
ئوغۇزغا ئۈممەتلىك ئىمانىم بىلەن،
سۆيىمەن ئۇيغۇرنى خاسلىقىم بىلەن.
ئۇيغۇر مەن ئۈستۈنلىك ھىسياتىم بىلەن،
ئۆزگىلەر ئالدىدا ئەگمەس باش بىلەن.
.خوشامەت تازىمىن بىلمەس خۇي بىلەن،
سۆيۈمەن ئۇيغۇرنى غۇرۇرۇم بىلەن.
مىللەتچى ئەمەس مەن بەينەلمەنەلمەن،
دوسلۇقتا ئۆتمەكچى خىتاي بىلەن ھەم.
كەتسە ئۇ يۇرتىغا دۈشمەن دىمەيمەن،
سۆيۈمەن ئۇيغۇرنى ئۆزلىكىم بىلەن.
مىللەتچى ئەمەس مەن مىللەتسۆيەرمەن،
مىللېتىم يۇرتىنى ئىزگى بىلەرمەن.
ئۆزگىلەر كەلسە گەر دۈشمەنلىك بىلەن،
سۆيۈمەن ئۇيغۇرنى قانلىق جەڭ بىلەن.
ئۇيغۇرمۇ، تىبەتمۇ، خىتايمۇ ئىنسان،
يەھۇدى، ئەرەپ ۋە ئورۇسمۇ ئىنسان،
ھەممىنى بىر ئۇلۇغ تەڭرى ياراتقان،
سۆيۈيۈمەن ئۇيغۇرنى تەڭلىكىم بىلەن.
سەرسانلىق ئىلكىدە گەر ئۆلسەممۇ مەن،
يات زىمىن قوينىغا كۆمۈلسەممۇ مەن،
روھىمدا قايتىمەن دىيارىمغا مەن
سۆيۈمەن ئۇيغۇرنى ۋەتېنىم بىلەن.