ئۇنتۇما
تارىم سەرگارى
ئىلاۋە:
1957 – 1961 يىللار جەريانىدا ۋەتەندە ئېلىپ بېرىلغان ”ئېچىلىپ سايراش، مىللەتچىلەرگە قارشى كۈرەش، ئېگىز سەكرەش ۋە باشقا ئاتالمىش “سىياسى كۈرەشلەر“ گە قاتناشمىغان، چەت ئەللەردە ئوقۇپ كەلگەن (جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوقۇشقا چىقىرىلغان) ياش مۇتەخەسسىسلەرنى 1962 – يىلى قولغا ئېلىشقا باشلىدى. مەنمۇ شۇ تىزىمدا بار ئىدىم ئەمما مىنىڭ ئايالىم موسكۋالىق ۋە ئۈرۈمچىدە سوۋېت كونسۇلى بولغانلىقى ئۈچۈن مىنى قولغا ئالمىدى. سوۋېت كونسۇلى بىزگە ”9 – ئايغىچە بۇ يەردىن كېتىڭلار، بولمىسا كونسۇلخانا يېپىلىشى بىلەن سىلەرنى قولغا ئالىدۇ“ دەپ ماڭا 3 ئايلىق سوۋېتتە تۇرۇش رۇخسىتى (ۋىزا) بەردى. ”بىز تۇراقلىق ياشاش رۇخسىتىنى بېرەلمەيمىز، موسكۋادا سىز تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىگە مۇراجىئەت قىلىڭ، تۇراقلىق ياشاشقا شۇلار رۇخسەت قىلىدۇ“ دەپ مىنىستىرلىكنىڭ تېلېفونىنى ماڭا بەردى.
1962 – يىلى موسكۋادىكى ئوقۇشتىن كىيىن ۋەتەنگە كېلىپ، ئارانلا 7 ئاي تۇرۇپ، قەشقەردىكى ئانام بىلەنمۇ دىدارلىشالمىدىم. چۈنكى بىزگە ئۈرۈمچىدىن باشقا جايلارغا بېرىشقا رۇخسەت قىلىنمىدى. شۇ يىلى 6 – ئايدا بىر تۈركۈم سوۋېتكە تۇراقلىق ياشاشقا ماڭغانلار بىلەن بىزمۇ (مەن، ئايالىم ۋە قۇچاقتىكى قىزىم) قارا ماشىنىغا ئولتۇرۇپ سوۋېتكە ماڭدۇق.
موسكۋادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكنىڭ خادىمى تېلېفوندا: ”سىزگە رۇخسەت قىلمايمىز، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن ئالاقە قىلىڭ“ دەپ جاۋاپ بەردى. بۇنى مەن، مىنىڭ سوۋېت تەۋەسىگە ئۆتكەندىن كىيىن مەن بىلەن بىللە ۋەتەندىن چىققان قېرىنداشلىرىمنىڭ ھوقۇقىنى ياقلاشقا قارىتىلغان، مىنىڭ ھەركەتلىرىمگە قارىتا سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسى دەپ چۈشەندىم. يېرىم يىل سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى بىلەن قىلغان تاكالىشىشلاردىن كىيىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى سوۋېتىنىڭ گراژدانلىقىنى ئېلىش تەكلىپىنى بەردى. مەن ئۇلارنىڭ تەكلىپنى رەت قىلدىم. ماڭا جاۋابەن سىبىرىيىدە ھەركەت دائىرىسى 25 ك.م. بىلەن چەكلەنگەن جايدا تۇراقلىق ياشاشقا رۇخسەت قىلدى. 1963 – يىلى 3 – ئايدا يالغۇز سىبىريىگە ماڭدىم. بىر نەچچە يىلدىن كىيىن سوۋېت گراژلانلىقىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم. بۇ شىئېر مانا شۇ ۋەقەلەرنىڭ خاتىرىسىگە يېزىلغان ئىدى.
بۇ شېئىردا ئىزھار قىلىنغان مىنىڭ ياش ۋاقتىمدىكى سەرگۈزەشتىلىرىم – ھازىرقى ياشلارنى ”سەۋەبسىز ۋەتىنىنى تاشلاپ كېتىشتىن توسۇشقا پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس“ دېگەن نىيەت بىلەن ئۇشبۇ شېئىرنى مىللەتنىڭ كېلىچىكى بولغان ياشلارنىڭ دىققىتىگە سۇنماقچىمەن.
مەن ئۈرۈمچىدىن موسكۋاغا كەلسەم،
ھاۋاسى ماڭا زىيانلىق كەلدى.
مۇلايىم سوۋېت تىۋىپلرى ھەم،
”سىبىرىيە ھاۋاسى شىپالىق“ دېدى.
مانا مەن بۈگۈن پويىزغا ئولتۇرۇپ،
يىراق سىبىرگە سەپەرگە چىقتىم.
كىسېلوۋ دېگەن شەھەرگە كېلىپ،
پوشكىن خەت يازغان كانىلارنى كۆردۈم.
بىر ھايات ئىككى يول مىنىڭ ئالدىمدا،
بىرسى ئۇ، چۇڭقۇر كانلار ئاستىدا.
ئىككىنچىسى ئۇ – ئۆگەي ئانىغا ،
دوپپامنى ئېلىپ تەزىم قىلىشلا.
غېرىبنىڭ پۇرسىتى، قۇدرىتى نەدە،
قەيەردىن تاپسۇن ئۇ، چىدام غەيرەتنى.
قولغا ئال قەلەمنى قەشقىرى خەت ياز،
ۋاقىتلىق سۆيسۇن ئۆگەي ئانا سىنى.
يىگىرمە تۆرت ياشتا چېچىڭ ئاقاردى،
لېكىن ھاياتىڭ ئالدىڭدا ئۆكۈنمە.
ئۆگەي ئانا ساڭا تار قويۇن ئاچتى،
قەشقەردە ئاناڭ يادىڭدا ئۇنتۇما!
1963 – يىلى. سىبىر، كىسېلوسك.
_____________________________________
1) پوشكىن، 1825 – يىلى پېتېربۇرگدا پادىشاھقا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنلىكى ئۈچۈن سىبىريىگە پالانغان رۇسىيە زىيالىلىرىغا خەت يازغان. مۇئەللىپ بۇ يەردە ئۆزىنى شۇ سۈرگۈنلەرگە ئوخشىتىدۇ.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ئۇنتۇما