قارا قاغا ۋە ئاق قاغا
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(بىر شائىرەنىڭ شىېئرىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن)
قارا قاغا-
ئاق قاغا ۋە نامەلۇم قاغا…
ياشىغان ماكانىمغا كەل!
يېنىشىڭدا ئېلىپ كەت –
يۇلغۇنلۇققا كۆمۈۋەت
سەن تۆنۈگۈن ئوغرىلىغان –
تۇخۇم ئەمەس –
ئىسمى ئۇنىڭ ھەسىرەت!
نازۇك بىر دىل-
چولپان بىلەن تەڭ ئۆلىدۇ
كۈن پېتىشتا كۈلىدۇ.
كېچىسى تىنجىماس
كونا خاماندا شامالجان
داپ ئۇسۇلىغا
سۆيگىنىنى كۈتىدۇ!
قارا قاغا –
يىراققا ئۇچۇپ كەت ئەبەت.
‘بارسا كەلمەس’ يولنى تاللاپ
ئۇنتۇما ئېلىۋېلىشنى –
قانىتىڭغا
تۈنۈگۈننىڭ ھەسرىتىنى باغلاپ.
ئەجەپ ئەمەس
مۇڭدا قېتىپ قالغان جاڭگالدىن
بىر مەھەل يوقالسا مۇسىبەت!
مەيلىم مېنىڭ ھەم ئەمەس
كېلەمدۇ شۇنداق بىر كۇن
قاغىلار ئاۋازى ئاڭلانمايدىغان
قۇزغۇنلار ئاسمىنىڭدا پەرۋاز قىلمايدىغان
تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ –
قوۋزاقتىن يىپ ئېتىپ
نەۋرەم بىلەن
گاھىدا مومىيىم بىلەن
مەن “مۆكۇ – مۆكۈلەڭ ” ئوينايدىغان!
كېلىدۇ ئۇزاق ئەمەس –
تال چىۋىق ئۈستۈرگەن قېرى سۈگەت –
شاخلىرى مازارغا بولىدۇ شادا.
قەبرە بېشىنى –
قاغا – قۇزغۇنلار ماكان قىلىدۇ.
چۆل كۈيىگە نەغمە چالىدۇ
ئۈچ باخشىنىڭ كۆلەڭگۇسى….
ياڭرايدۇ قايتىدىن ناۋا
روھتىن كېلىدۇ سادا!
كونا مازاردا قىسمەت –
ئۇنتۇلمىغان ھەقىقەت.
كۆيۈۋاتىدۇ مىڭ يىللىق توغراق كۆتىگى
بىز سۆيگەن – سۆيۇلگەن
زېمىننى باغاچلاپ ئەبەت.
شۇڭا خورلانغان روھ شاتلىنىدۇ …
چول گۈلى يانتاق بولۇپ
ھەر يىلى باھار كەلسىە
چېچەكلەرگە پۈركىنىدۇ!
ئاق قاغا ۋە نامەلۇم قاغا
دىل سىرىم ساڭا بولدى بايان –
چولپان يورۇغاندا
بىر چۈش كۆرۈپتىمەن …
ئىزتىراپقا پېتىپتىمەن
كۆك تەڭرىم قۇياش بىلەن دىدارلاشقىدەك –
ئارمىنىم كۆتەردى شۇئان غەلىيان …
ئېھ يار
تېخى بىز ئۇنتۇلۇشماپتۇق –
سېنى كۆرمەككە يول ئاپتىمەن!
ئاق قاغا ۋە نامەلۇم قاغا
بۈگۈن كۈن پېتىشتىن –
توخۇلار قونداققا چىقىشتىن
بۇرۇن كەل.
قاقىلداشلىرىڭنى …
ئاڭلايدۇ –
دىلىڭنى – تىلىڭنى چۈشىنىدىغان
سەن بىلەن بىر جاڭگالدا
ھۇقۇش بىلەن خۇشى قالمىغان
قۇملۇقتىكى بۇ ئەل!
2015- يىلى، 25- يانۋار، لوندون.
بۇ شېئر تۆۋەندىكى تور سەھىپىللىرىدە ئېلان قىلىندى:
http://bbs.bagdax.cn/thread-28120-1-1.html
http://bbs.izdinix.com/thread-62085-1-1.html
شىېئرنىڭ سۈرەتلىك نۇسخۇسى:
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: قارا قاغا ۋە ئاق قاغا