ھايات بېكىتى
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
كۈن پارلىماستا
مەھەللىنى قىزىل رەڭدە بويىغان قۇياش.
كۆك ئاسماننى قىزارتقان
ئاخشام بالدۇر چاقنىغان چولپان….
قەيەرگىدۇ يوقىغان.
تىنماس ھايات قۇتراتقۇسى
مەن نىمكەش ئالدىراش
جان باقماققا شەھەرگە قاتىرغان.
پويىز بىكىتىگە قاراپ چاپقان….
كۆڭلى سۇنۇق كېچە ئۇيقۇسى
غايىپ ئاخشام يۇلتىزى
پويىز ۋاگونىدا مەن بىللە مۇگدىگەن.
كۆزۇمدە ئۇيۇپ قالغىنى پەقەت –
بىر تامچە ھەسىرەت يېشى .
سۇلغۇن قايتتىم
بىر كۈنلۇك ئالماننى تۇگۇتۇپ،
سەھەر ۋە ئاخشىمىنىڭ پەرىقى يوق –
كۈن قىزىرىپلا تۇردىغان مەھەللەمگە.
ئەتە يەنە شۇنداق ماڭىمەن
شۇنداق قايتىمەن….
سەپرىمدىكى بۇ بىكەتكە.
رەڭدار ئاسمىنىدا،
ماڭا تەۋە تۇيغۇم ئىنتىزار.
سەھەردە قىزىرىدۇ قۇياش….
چۇشتە ھىجىران يامغۇرى ياغار.
جۇدالىق شامىلى كەچتە چىقار.
ئاخشىمى نازىن چولپان…
گاھى بۇلۇتسىز ئاسمىنىمدا پارلار.
خۇددى يېزىلپ يېرىمى قالغان
پۇتمىگەن قىسسىەگە ئوخشاش –
بۇ كۇنلەرماڭا تەكرار…
2014- يىلى. 12- نويابىر. لوندون.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
مەنبە: http://bbs.bagdax.cn/thread-27001-1-1.html
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ھايات بېكىتى