ئۆتنە ئالەم
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
بۇ ھايات تولىمۇ قىسقا ئۆتۈۋېرىدۇ،
ئالدىراش قوغلاپ يىللار كېتىۋېرىدۇ.
سەن توغرا، ناتوغر، ھامىنى بىر كۇن،
ئەل رايى ھەممىگە جاۋاپ بېرىدۇ.
ھەيرانمەن ئارىمىزدىكى ئادەملەردىن-
سۇخەنگە كۆڭلى مەپتۇن نادانلاردىن.
پەرق ئېتەلمەس ئۆزىنى ـ ئۆزگىلەردىن،
نابۇت قەلب، روھى قۇل زەئىپلەردىن.
ئىتلار قاۋىغان، قاۋىدى، قاۋاۋېرىدۇ….
پەرۋايىم پېلەك، يولۇمدا مېڭىۋېرىمەن.
يولۇچىمەن ئۇلۇغ كارۋانغا قوشۇلغان-
بارسا كەلمەس بۇ سەپتە كېتىۋېرىمەن…
بۇ ھايات بىرمۇ بىر، ھەممىنى تاسقايدۇ،
كىم ئەخلەت، كىم دان، قويماي ئىلغايدۇ.
ۋىجداننىڭ پاكلىقى راھەت بىر دۇنيا –
«ئەبگارلار» ھىچ بىر زامان بۇنى بىلمەيدۇ.
قاۋىغىن توختىماي، ئەي ساراڭ ئىتلار،
«بىر ئىت قاۋىسا، مىڭى بىلمەي قاۋايدۇ».
كەتتىم كارۋان بىلەن ناخشامنى توۋلاپ…
بۇ «ئۆتنە ئالەم»، ھەققىم يەردە قالمايدۇ!
2014- يىلى، 9- نويابىر، لوندون.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
مەنبە: باغدش تورى
http://bbs.bagdax.cn/thread-26947-1-1.html
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ئۆتنە ئالەم