مەۋھۇم جانان
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(ياشلىق خاتىرەمدىن)
مەۋھۇم دۇنيا مەۋھۇم بۇ كۆڭلۈم،
مەۋھۇم بىر ئىنتىزار قەلبىمدە غەلىيان!
سەھەردىكى چۈشۈمدە بىر مەۋھۇم جانان ….
كەلدى كىرىپ قەلبىم تۆرىگە پىنھان!
مەۋھۇملۇققا تامان تولغان بۇ جاھان،
گاھى تۇيىمەن ئۆزۈمنى مەن مەۋھۇم ئىنسان.
ئاڭلىدىم ئاۋازىڭنى، ئوقۇدۇم مەكتۇپلىرىڭنى،
ئەمما كۆرمىدىم، مەن سېنى ھېچ زامان!
مۇڭداشتىم سەن بىلەن، يالغۇزلۇقۇمغا ھەمراھ-
بولدۇڭ سەن غېرىبلىق جاندىن ئۆتكەندە.
يىراق شۇنداق ئارىمىز، دېڭىز- ئوكيان ئايرىپ تۇرسىمۇ-
كۈتكۈزەر تەشنالىق، چەككە ھىجران يەتكەندە!
مەۋھۇم جانان چۈشۈمدە سەن، ئوڭۇمدىن غايىب،
بىلمەيمەن يۈرىكىمگە بولدۇڭ قاچان ھۆكۈمران.
خىيالىمدا كۈندۈزى سەن، قەلبىم لەززەت ئاجايىپ.
مەۋھۇملۇقتىن خالى بىر كۈن، بارمىدۇ بىزگە ئىمكان؟!
ئەي مەۋھۇملۇققا مەھكۇم بولغان ئىنسانلار-
ۋاقىتسىز مۇھەببەتتىن كۆڭلى سۇنغان شۇ دىللار-
ئېيتىڭلارچۇ مەۋھۇملۇقنىڭ چېكى قانچە ئۇزاق؟
ۋىسال شارابى ، جانانى قولىدا ئىچىپ باققانلار؟!
مەيلى بولاي پەرھات، شېرىننى دەپ دەريا قازغان.
مەيلى بولساممۇ غېرب، سەن ئۈچۈن جاھان كەزگەن.
ئىرادەم يۇتمەس، ۋىسالسىز ھاياتىم ھەم پۈتمەس.
بەختىمدۇر ئاشىقلىقم – مەۋھۇم يار ساڭا كۆيگەن!
مەۋھۇم جانان، مەۋھۇم قەلبىم سېنى سۆيگەن-
چۈش ئەمەس، ئەسلى ئوڭۇمدا ساڭا كۆيگەن.
تىلەيمەن بىزگە تەۋە بەختى قارا تەقدىردىن-
سۆيگۈ ئىلاھى ئارمانغا بىزنى يەتكۈزگەي!
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: مەۋھۇم جانان