ئىگىلمە
قاغانلار1، قاملارغا2 ھايانلىق بەرگەن،
بىرلىكدىن ئىككىلىك ئالەم يارالغان.
رۇسۇللا3 ئاللادىن گۇۋالىق بەرگەن،
روھ بىلەن تۇپراقتىن ئادەم يارالغان.
پاراسەت زەررىسى ئىنساندا بەرپا،
مەنبەئى مەۋجۇدلۇق ماھىتى4 ئاللا.
شوڭلاشقا قانائەت، ئۇ روھى دۇنيا،
تاپمىدى ئادەم ۋە ئانىمىز ھاۋا5.
ماددا ۋە پاراسەت، روھىيەت ئۈچلىك،
ماھىتى ئىنساننىڭ قۇدرىتى كۈچلىك.
روھىيەت مەڭگۈلۇك، ماددا ۋاقىتلىق،
يوقۇلار ئىنسانلىق يوقالسا بىرلىك.
ئىنسان ئەمەس روھ، ساپال قاچىسى،
بىزگەن بۇ دۇنيا تاكچىسىن ئاللا،
ۋە ياكى ئۇ ئەمەس ماددا غالچىسى،
ئۆمىلەپ ياشاشقا بۇ پانى دۇنيا.
نەسىلدىن، نەسىلگە روھ بىلەن غورۇر،
ياشاشقا تۆرەلگەن ئىنسان بۇ دۇنيا
پاراسەت – غۇرۇر، ھۆرلىك ۋە تەپەككۈر،
خىسلىتى ئىنساننىڭ سۇلتانى دۇنيا.
ھاياتلىق رىقابەت ماددىۋى دۇنيا،
تاللىنىپ، گۈللىنپ، يوقۇلۇشى ئاندا.
ئىگىلىپ ياشاش بىر چوڭ گۇناھ –
قۇللۇقتىن ئۆلۈمنىڭ ھۆرلىكى ئەلا.
ئىگىلمە ئۆزگىگە، ئەگمە ئۆزگىنى،
ئەركەكەننىڭ بىر زامان ئىگىلمىكى بار،
ئەگمەككە ئىنتىلسە ئۆزگىلەر سىنى،
سەنمۇ بول ھازىر ئەگمەككە تەييار.
__________________________________
1) قاغانلار- تەڭرى دىنىدىكى ياراتقۇچىنىڭ پەرمانى بىلەن ماددىۋى دۇنيانى رەتلىك قۇرۇپ چىققان نۇردىن يارارلغان قۇرغۇچىلار – ئۇلار تۆرت. ماھىيەتدە، ئىسلام دىنىدىكى تۆرت مالايىكېلەرگە ئوخشاش.
2) قاملار – تەڭرى دىنىنىڭ پەيخەمبەرلىرى (قارا قاغانلار).
3) رۇسۇللار – پەيخەمبەرلەر.
4) ماھىتى – ماھىيېتى.
5) ئادەم – ئادېمى ئاتام. ئانىمىز ھەۋۋا – ھاۋا ئانا.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ئىگىلمە
بەندەڭنى ھۆر ئەت
بىر چاغ ئىدىم مەن سۇلتانى زامان،
ياراتقان تەڭرى بىر دەپ ئۇيۇشقان.
ئەقلانە جەڭدە ئەللەرنى باسقان،
ئۇلۇقلار ئارا سەردار ئاتالغان.
ئۆتتى زامانلار ئۇنتۇپ تەڭرىنى،
ئالەم تۈرىكى سەزدىم ئۆزۈمنى،
ئېقىلسىز قىلىچ باشلىدى مىنى،
ئالنۇن راۋاقلار كاج قىلدى مىنى.
ئۇيۇشقاق ئىدىم ئۇرۇشقاق بولدۇم،
دوسلارنى تەپتىم دۈشمەنگە كۈلدىم.
ئۇنتۇپ ئىگەمنى دىنىمدىن ئازدىم،
شەپقەتسىز جازا تەڭرىمدىن ئالدىم.
ئاللاغا ئىبادەت تازىم ئەيلىدىم.
تەڭرى، ئاللا ئوخشاش بىلمىدىم،
مۇسلىم ئاتالدىم خاس يول تاپمىدىم.
ئىسلامى چەللە تۇرۈك ئاتالدىم بولدۇم.
ھەريان چېچىلدىم بىرلىك تاپمىدىم،
ياتلارنى باستىم مەغرۇر غادايدىم.
ئۆز يۇرت قەدرىنى بىلمەي گادايدىم*)،
قورشاۋدا قالدىم ياتلارغا ئىگىلدىم.
ئىبادەتدە مەن ئاللاغا ئىگىلدىم،
شەپقەت سورۇدۇم كۆچۈرمىدى ئۇ.
ئاللا يولىدا جەھەتكە چىقدىم،
قانلارنى تۆكتىم كۆچۈرمىدى ئۇ.
راھەت ئىستىدىم دوزاقنى تاپتىم،
جەننەت ئىستىدىم كەچدىم پانىدىن،
بىلمىدىم جەننەت ۋەتەن قوينىدا،
جەننەت قۇشلىرى سولاقدا بۈگۈن.
كۆچۈر تەڭرىم ئەمدى چۈشەندىم،
باقىدا ئەمەس ۋەتەندە جەننەت.
تىزلانمىدىم مەن كۈرەشكە چىقدىم،
كۆچۈر تەڭرىم بەندەڭنى ھۆر ئەت.
موسكۋا. 2015. 06. 27.
_______________________
*)، گادايدىم – گاداي بولدۇم، قۇدرەتسىزلەندىم.