كۈز كەلدى
تارىم سەرگارى
كۈز كەلدى مانا، باھار ياز كىتىپ،
ئەتراپ ئالتۇن رەڭ كىيىمنى كەيدى.
ئاسمان تۈرۈلۈپ، بۇلۇتلار كۇلۇپ،
زىمىنغا مۇزدەك ياشلىرىن يايدى.
يايراپ شامالدا دەقىقە ئويناپ،
ياپراقلار زىمىن قوينىغا چۈشتى.
لىڭشىپ شامال ياپراقنى تاشلاپ،
ئالتۇن رەڭ كۈز قىزغۇچ كۆيدى…
كۆك سېرىق غازاڭ سۇدا لەيلەپ،
رەڭدار شايە كەبى دەريادا ئاقماقتا.
غازاڭلار ئارا ئۆدەكلەر ئاقار رەت – رەت
كەچ كۈز ھوسنىگە ھوسۇن قاتماقتا.
ئەنە ئېتىزدا ساچقانلار چېپىپ،
قىش ئولجىسىنى ئېلىپ قاچماقتا.
دىېھقان ئېتىزدا ھۆسۇلنىڭ غېمى،
قىشنىڭ غېمىدە باشلار قاتماقتا.
ئىس بىلەن ئەبجەش شەھەر ھاۋاسى،
يامغۇرى يامغۇر ئەمەس ئاچچىقسۇ .
ھەشەمەتتە غادايغان مۇزتەلەت بىنا،
تاشتەكتە قېتىپ قالغان قىش گۈلىمۇ.
توت پەسىللەر تەبئىتى ئوخشاش،
ئىسقتا پىژغىن، سوغۇقتا سوغۇق.
مەرىپەت گويا سازلىققا ئوخشاش،
سۇسىز يەرلەدە ھاياتلىق بوغۇق
***
ئىنسان باھارى كەلدى، قىش ئۇنتۇلدى،
كۈز ئارپىسىمۇ سارغىيىپ تۆكۇلدى.
مەرىپەت گۈللىرىدىن ئاتوم ئېچىلدى،
يەجۇجى – مەجۈجى پۇرستى كەلدى.
قىش ئۆتسە باھار كىلەمدۇ يوقمۇ؟
بىلمەيدۇ ھېچ كىم سۇئال كۆپەيدى.
مەرىپەت ئاپەت، ياكى ئۇ بەخىتمۇ؟
بىلمەيدۇ ھېچ كىم قۇرال كۆپەيدى.
زەررىسى ئاللاھ ئىنساننىڭ ئەقلى،
بۇزۇشنى بىلەر تۈزەشنى بىلمەس.
مەرىپەت ئۇنىڭ ئەقلى ھوسۇلى،
ئاقىۋەت ھاياتلىق مەگۈلۇك ئەمەس.
موسكۋا. 2014. 10. 13.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: كۈز كەلدى
سالام ئانا
ۋەتەندىكى ئانام، ئۇرۇق تۇققان، قومى قېرىنداش، ئەل ئاغىنېلىرىم بىلەن 1958- ئاخىرقى قېتىم دىدار كۆرۈشتىم. 1962 – يىلى ئۈرۈمچىدە بىر قىسما تۇققان ۋە ئەل ئاغىنېلەر بىلەن كۆرۈشەلىدىم. ئۈرۈمچىدىن باشقا جايغا بېرىشقا رۇخسەن قىلمىغانلىقدىن قەشقەردىكى ئانام بىلەن كۆرۈشەلمەي ۋەتەندىن ئايرىلدىم. شۇ يىلى (1962) ئاق ئىشىت بىلەن قارا ئىشىت قاتتىق تالىشىشقا باشلىدى، جىمى ئالاقەم ئۈزۈلدى. 1974- يىلى ئانام بىلەن ئاخىرقى قېتىم چۈشۈمدە كۆرۈشتىم. ئەتتىگەندە، ئانامنىڭ بار يوقلىقىنى بىلمەي، بۇ شىئىرنى يازغان ئىدىم. ئانام 1974- يىلى 104 يىشىدا، ساقچىدىكى: ”بالاڭ نەدە“ دىگەن ئۈچ كۈنلىك قىستاقدىن كىيىن ئۆيگە چىقىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.
ئەمدى بۇ شىئىرنى، ھازىرمۇ ئۇيغۇر ۋەتېنىدىكى كىلەلمەس بالىلىرىنى كۆرۈشكە ئىتىزار، زار يىغلاۋاتقان ئانىلارغا بېغىشلايمەن.
سالام ئانا، سىنىڭ ئوغلىڭدىن،
سەندىن يىراقدا سەرگاردان بولغان
ياشلىق چېغىدا قەدرىڭگە يەتمەي،
ئەمدى سەندىن مەڭگۈ ئايرىلغان.
هاياتمۇ سەن؟
سالامەتمۇ سەن؟
مەنمۇ سالامەت خاتىرجەم بولغىن.
سالام ئانا،
سالام مەندىن،
سىنى سېغىنغان غېرىپ ئوغلىدىن.
سەندىن خەؤەر يوق، تەشؤىش ژۈرەكدە،
پەقەت سىنى چۈشۈمدە كۆرىمەن.
ئامال يوق بېرىپ ئوڭومدا كۆرىشكە،
بەلكىم سىنى جەننەتدە سۆيۇمەن.
كۆچۆر ئانا ۋوپاسىز ئوغلىڭنى،
قىيىن كۈنلەردە سىنى يالغۇز قويغا.
قېرىغان چېغىڭدا سىنىڭ ئۇيقۇڭنى،
ئاسراش ئورنىغا چۈشىڭنى بۇزغان.
رازى بول ئانا بەرگەن سۇتىڭگە،
دوزاق ئازابى تولغاقلىرىڭغا.
مەڭگۈلىك قەرز مىنىڭ بوينىمدا،
جىنىم ئانا سىنىڭ ئالدىڭدا.
ئالدىمدا مىنىڭ بەك ئىگىز داؤان،
ئالدىڭغا بېرىپ باش ئىگەي دىسەم.
مۇلاهىم يۈزىڭنى قورۇقلار باسقان،
مەيدەمگە بېسىپ مەن سۆيەي دىسەم.
تىزلىنىپ ئالدىڭدا قوللىرىڭنى سۆيۈش،
مىنىڭ ئارزۇيۇم قەدىردان ئانا.
نۇرسىز كۆزلىرىڭنى ىىر مەرتە كۆرۈش،
هاياتدىن ئەۋزەل مەن ئۈچۈن يانا.
سۆزلەر ئەمەس بۇ، مىسرا تىزىلغان،
مۇھەببەت ئوتىنىڭ ئۇچقۇنلىرى بۇ،
ئون بەش يېشىدا سەندىن ئايرىلغان،
كەنجە ئوغلىڭنىڭ كۆز ياشلىرى بۇ.
خېتىمنى ئوقۇپ ئاھ ئۇرما ئانا،
مىنىڭ تەغدىرىمگە ئېچىنىپ ژىغلاپ،
ئۆزەڭنى ئاسرا، ئۇيقۇڭنى بۇزما،
پايدىسىز مىنىڭ يولۇمغا قاراپ.
هېلىمۇ ھەم مىنىڭ يادىمدا،
دادامغا هازا تۇتۇپ ئاھ ئۇرغانلىرىڭ.
مىنى قۇچاقلاپ جىنازائالدىدا،
هۇشۇڭنى يوقۇتۇپ تۆككەن ياشلىرىڭ.
ئالتە ياش ماڭا شۇ چاغ تولمىغان،
چۈشەنمەس ئىدىم كەلگەن بالانى،
لېكىن يۈرىكىم مىنىڭ يارىلانغان،
ئىزدەپ تاپمىدىم تېخى داۋانى.
ئوتتۇز ژىل مىنىڭ ئالدىمدىن ئۆتتى،
ياشلىقىم كةتتى باشقا ئاق چۈشتى.
بىگۇنا تۆكۈلگەن دادامنىڭ قىنى
قىساسى داغى ژۈرەكدە قاتتى.
ئىككى مەخسەد ھازىر مىنىڭ ئالدىمدا،
بىرسى ئۇ بىگۇنا قانغا ئەنت ئېلىش،
ئىككىنجىسى سىنىڭ ئالدىڭغا،
ئۆمىلەپ بولسىمۇ تازىمغا بېرىش.
ئەگەر ئەمەلگە ئاشمىسا بۇ مەخسەد،
بۇ دۇنيادا سەن مىنى كۈتمىگىن ئانا.
ئۇ دۇنيا دوزاقدا سورىسام شەپقەت،
ئىچىڭنى ئاغرىتىپ سۇ بەرمە ماڭا.
سالام ئانا ساڭا كەنجى ئوغلىڭدىن،
مۇساپىرلىق بۇلۇقىنىڭ سۈيىگە قانغان.
كىچېلىرى ئۇيقىسىز كۆز ياش قىلمىغىن،
ئاسرىغىن ماڭا ئېزىز يۈرىكىڭنى ھارغان.
خېتىمنى ئوقۇپ ئاھ ئۇرما ئانا،
مىنىڭ تەغدىرىمگە ئېچىنىپ ژىغلاپ،
بىر قاتقان يۈرەكنى يۇمشاتما يانا
ئۇيقۇمدا مىنىڭ بېشىمنى سىلاپ.
موسكۋا. 1974 يىل.