قەشقېرىم
ت. سەرگارى
مەن كىلىپ ئالەمگە سىەندە تۇنجا تىندىم قەشقېرىم،
كىندىكىمنىڭ تامچە قانى سەندە ئاقتى قەشقېرىم.
باغلىغان رەشتە ئانامغا جان تومۇرۇم كىندىكىم،
كەسكەن ئابدال پارچىسى جان سىەندە قالدى قەشقېرىم.
سىنىڭ باغىڭ لەززىتى كان مىۋە شاھى بەشكىرەم،
مىنىڭ ئويناپ ئۆسكەن جايىم ئەزىزانە قەشقېرىم.
بەشتوغراق باغىدا ئۆستۈم شاپتۇل ئەنجۈر مەن يىدىم،
لەززېتىن ئالەمدە ئىزدەپ ئۆزگە جايدا تاپمىدىم.
تۈركى دۇنيا سەركېسى ئول ساتۇق مىنىڭ چوڭ بوۋام،
ئاتۇشۇڭ باغرىدا ياتقان ئوغلۇڭ سىنىڭ قەشقېرىم.
ئارسىلان پەرزەندى ئاجىز*) بەشتوغراقتا قەشقېرىم،
بۇۋمەرەم خان تاۋاپ قىلىپ ئۆسكەن جايىم قەشقېرىم.
ئۆژمە قاتار ئۆسكەن كوچا ئوينىغان سەبى چېغىم،
باھارىمنىڭ لەززېتى باغ ئەزىزانە قەشقېرىم.
سىنىڭ دەنا ئۇغلۇڭ يۈسىپ دىلچىراغىم قەشقېرىم،
تۈركى تىل ئۇستازى ماھمۇد ئىلىمزارىم قەشقېرىم.
ناۋايىنىڭ غەزەللىرى خوشلۇق كۈيىم قەشقېرىم.
زەلىلىنىڭ دەستانلىرى مۇڭلۇق ئويۇم قەشقېرىم.
سۈت بىلەن ئەمگەن ئانامدىن جەۋھەر تىلىم قەشقېرىم،
يۆگىمەچدەك ئەۋرىشم خەت يازغان سۆزۈم قەشقېرىم.
چاقتى مازار مىچېتلەرنى كاپىر ئەبلەخ يىغلىدىم،
قوشۇلدى قان- ياشلىرىڭغا مىنىڭ ياشىم قەشقېرىم.
پارتلاپ ئاتوم بۇلغاندى ھاۋا، تۇپراقلىرىڭ قەشقېرىم،
نەدىن ئىزدەي ئەمدى سۈزۈك زەمزېمىڭنى قەشقېرىم؟
خەن تىلى چاپلاشتى تىلغا قۇشلاندى تىل قەشقېرىم،
ئەمدى قانداق چۈشىنەي مەن قەشقېرىنى قەشقېرىم.
قىزلىرىڭ تۇغماس قىلىندى قۇرار نەسلىڭ قەشقېرىم،
كىم سىنىڭ دۆشمەنلىرىڭنى قوغلار ئەتە قەشقېرىم.
باللىرىڭ ۋەيرانە قاچاق توزدى ھەر يان قەشقېرىم،
مەنمۇ ھەم سەرگارى شۇنداق سەندىن يىراق قەشقېرىم.
موسكۋا. 2014. 09. 24.
________________________
*) ئارسلاننىڭ پەرپەندى ئاجىز – ئارسلان خاننىڭ قىزى.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: قەشقېرىم