ۋەتەنگە ”يات“ مەن
ت.سەرگارى
ئاۋام تۇققانلار ۋەتەندە قالدى،
يىراقتا سەرسان يۈرۈمەن قاچان.
ئانام داداممۇ باقىغا كەتتى،
بىلمەيمەن كىملەر يۇرتۇمدا ئامان.
باغى بوستانلار، مايسا بۇغدايلار.
قاتار ئۈژمىلەر ئۆستەڭ بويىدا.
مۇڭلۇق شىرىلداپ ئاققان ئېرىقلار،
يوقالغان ئىكەن گۇڭشى1) يولىدا.
ئۆيلەرنى بويلاپ ئۆسكەن ئۈژمىلەر،
داچىڭغا سوغا2). تىرەكلەر ئۈسكەن.
شۇ پىتى تۇرغان قىسىيىپ ئۆيلەر،
يۇرتۇمغا دەۋىر ئەسلا كۈلمىگەن.
مىلىنىپ توپىغا كۈلكىسىز يۈرگەن،
نوپۇسسىز بالىلار بەكمۇ جىق ئىكەن.
ئاق ئۈژمە يىگەن كىچىكىمدە مەن ،
بىلمىدىم ئۇلار نىمە يەيدىكىىن؟
بالىلىقنى مەن بەخىتلىك دەيمەن،
ساپ سۇغا چۈمۈپ ئاق ئۈژمە يىگەن.
ھازىرقى بالىلار نىمە دەيدىكىن.
لاي سۇدا ئويناپ، ئۈژمە يىمىگەن؟
پاسىپ موللىلار ئۇيغۇر ھاياتىن،
قازناققا تىققان خەن ”ئاكام“ بىلەن،
قورچاق ئاكىلار: ”كوممۇنا“ دىگەن.
تۈڭلىكنى ياپقان ستالىن بىلەن.
”ئۇلۇق داھىمىز، ماۋجۇ ئاتىمىز“،
”يورۇقنى“ بەرگەن گۆلەڭ نان بىلەن.
”ئۇرۇقنى“ 3) چايقاپ مالەنجۇ4) بىلەن،
گۇڭشىغا يىققان قاچىمىز بىلەن.
داھى ”نۇرىدا“ يورۇق كۆرمىگەن،
ھۆرلىك نورىغا يوشۇرۇن كۇلگەن.
”ئۇنسۇرنى تەتۈر“ ئاۋتومات بىلەن،
لوگەيگە تىققان ”سىلىق گەپ“ بىلەن.
لوگەي تۈرمىلەر ياشلار ”ماكانى“،
بوپ قاپتۇ ھازىر بىزنىڭ ۋەتەندە.
ھۆرلىك نەدە دەپ سۇئال قويغاننى،
سۇئالسىز ئېتىش ئادەتكەن ھەمدە.
***
خىتاي ”بۇ ۋەتەن مىنىڭ“ دەپ كەلدى،
”ئۇيغۇر سەن ئۇكام بوي سۇنغىن“ دىدى.
”ئاكام ئەمەس“ دەپ ئۇيغۇر ئېتىلدى،
لوگەي، تۈرمىدە جىق جاپا چەكتى.
نۇرغۇنلار ۋەتەن دەپ جەڭلەردە ئۆلدى،
نۇرغۇنلار ھىجىيىپ دۈشمەنگە كۈلدى،
نۇرغۇنلار ۋەتەن دەپ ياتلارغا ئىگىلدى،
نۇرغۇنلار ۋەتەنسىز ئالەمدىن ئۆتتى.
نۇرغۇنلار يىگانە ھۆرلىك ئىزدىدى،
ھۆرلىكدە ۋەتەنسىز ھۆرلىك تاپمىدى.
نۇرغۇنلار ياتلارنىڭ قورچىقى بولدى،
قىمارۋاز ئۇيغۇرنى ”دەتكەم“ تاشلىدى.
ئۇيغۇرلار ۋەتەن دەپ ۋەتەن تاشلىغان،
چەت ئەللىك ئاتالدى ۋەتەن قوينىدا.
ھۆرلىككە جان ئاتاپ ئەلنى تولىغان،
”ئەسەببى دۈشمەندۇر“ ۋەتەن قوينىدا.
تەغدىرى ئۇيغۇرنىڭ شۇنداق يىشىلدى،
ۋەتەندە ئاز سانلىق تېررورچى ئاتالدى،
ياقا يۇرتدا مۇھاجىر قاچقۇن سانالدى،
قۇدرەتلىك ئۇلۇقلار ئوينىدى كۈلدى.
مەن ئۇيغۇر سەرگارى ھۆرلىكدە بۈگۈن،
ھۆرلىكنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرمىدىم.
ھېچ كىمنىڭ يوق كارى تەغدىرىم بىلەن،
ئۇيغۇرنىڭ تەغدىرى مىنىڭ تەغدىرىم.
***
نەلەردە قالدىڭ بالىلىق چېغىم؟
ئىزدىدىم، تاپمىدىم يولۇڭغا ئات مەن.
خەلقىمگە ئۇزۇن ھۆرلىك ئىزدىدىم،
تاپمىدىم، بولدۇم ۋەتەنگە ”يات“ مەن.
2013– 2014 – 10. 12.
____________________________________
1) گۇڭشى _ خىتايچە كوممۇنا.
2) داچىڭغا سوغا – ماۋجۇشىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان: ئىگىز سەكلەش، پولات تاۋلاش ۋە باشقا ھەركەتلەردە: ”ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئىلغارلىرىدىن ئۈلگە ئالىمىز“ (بەشكىرەمدە داچىڭدىن ئۈلگە ئالغان) دەپ، تۈز يەرلەرنى بۇزۇپ پەللەمپەي قىلىۋەتكەن، مىۋە دەرەخلىرىنى كىسىپ ”پۇلات تاۋلىغان“. مۇئەللىپ شىئىرىدا شۇ ۋەقەلەرنى ئەسلەيدۇ.
3) ئۇرۇقنى – كاللىنى.
4) مالەنجۇ _ خىتايچە، ماركسىزم، لېنىنىزم.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ۋەتەنگە ”يات“ مەن
تارىم سەرگارى
1957- 1961 يىلار جەريانىدا ۋەتەندە ئېلىپ بېرىلغان ”ئېچىلىپ سايراش، مىللەتچىلەرگە قارشى كۈرەش، ئىگىز سەكلەش ۋە باشقا ئاتالمىش،“سىياسى كۈرەشلەر“ – گە قاتناشمىغان، چەت ئەللەردە ئوقۇپ كەلگەن (خىتاي ھۆكۈمېتى تەرىپىدىن ئوقۇشقا چىقىرىلغان) ياش مۇتېخەسىسلەرنى 1962- يىلى قولغا ئېلىشقا باشلىدى. مەنمۇ شۇ تىزىمدا بار ئىدىم، ئامما مىنىڭ ئەيەلىم موسكۋالىق ۋە ئۈرۈمچىدە سوۋېت كونسۇلى بولغانلىقى ئۈچۈن مىنى قولغا ئالمىدى. سوۋېت كونسۇلى بىزگە: ”9- ئايغىچە بۇ يەردىن كىتىڭلار، بولمىسا كونسۇلخانا يېپىلىشى بىلەن سىلەرنى قولغا ئالىدۇ“ دەپ ماڭا 3 ئايلىق سوۋېتدە تۇرۇش رۇخسېتىنى (ۋىزا) بەردى. ”بىز تۇراقلىق ياشاش رۇخسېتىنى بىرەلمەيمىز، موسكۋادا سىز چەت ئەل مىنىستېرلىكىگە مۇراجىئەت قىلىڭ، تۇراقلىق ياشاشقا رۇخسەت قىلىدۇ“ دەپ، مىنىستېرلىكنىڭ تېلېفونىنى بەردى.
1962- يىلى ئوقۇشدىن كىيىن ۋەتەنگە كىلىپ، ئارانلا 7 ئاي تۇرۇپ، قەشقەردىكى ئانام بىلەنمۇ دىدارلىشالماي، – چۈنكى بىزگە ئۈرۇمچىدىن باشقا جايلارغا بېرىشقا رۇخسەت قىلىنمىدى- شۇ يىلى 6- ئايدا بىر تۈركۈم سوۋېتكە تۇراقلىق ياشاشقا ماڭغانلار بىلەن بىزمۇ (مەن، ئەيەلىم ۋە قۇچاقدىكى قىزىم) قارا ماشىنىلارغا ئولتۇرۇپ سوۋېتكە ماڭدۇق.
موسكۋادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكنىڭ خادېمى تېلېفوندا: ”سىزگە رۇخسەت قىلمايمىز، ئىچكى ئىشلار مىنىستېرلىكى بىلەن ئالاقە قىلىڭ“ دەپ جۇۋاپ بەردى. بۇنى مەن -مىنىڭ سوۋېت تەۋەسىگە ئۆتكەندىن كىيىن مەن بىلەن بىللە ۋەتەندىن چىققان قېرىنداشلىرىمنىڭ كشىلىك ھۆقۇقىنى ياقلاشقا قارىتىلغان – مىنىڭ ھەركەتلىرىمگە قارىتا سوۋېت ھۆكۈمېتىنىڭ ئىنكاسى دەپ چۈشەندىم.
موسكۋادا، يېرىم يىل سوۋېت ھۆكۈمېتىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى بىلەن قىلغان تاكالىشىشلاردىن كىيىن ئىچكى ئىشلار مىنىستېرلىكى سوۋېتنىڭ گراژدانلىقىنى ئېلىشنى تەكلىپ قىلدى. مەن ئۇ، تەكلىپنى رەت قىلدىم. جۇۋابەن سىبىردە، ھەركەت دائىرېسى 25 ك.م. بىلەن چەكلەنگەن جايدا تۇراقلىق ياشاشقا رۇخسەت قىلدى. 1963- يىلى 3- ئايدا يالغۇز سىبىرگە ماڭدىم. بىر نەچچە يىلدىن كىيىن سوۋېت گراژلانلىقىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم. بۇ شىئىر مانا شۇ ۋەقەلەرنىڭ خاتىرېسىگە يېزىلغان.
بۇ شىئىردا ئىزھار قىلىنغان مىنىڭ ياش ۋاقتىمدىكى سەرگۈزەشتىلىرىم ھازىرقى ياشلارنى: ”سەۋەپسىز ۋەتېنىنى تاشلاشدىن توسۇشقا سەۋەپ بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس“ دىگەن ئويدا، بۇ شىئىرنى ئۇلارنىڭ (ياشلارنىڭ) دىققېتىگە سۇنماقچىمەن.
ئۇنۇتما
مەن ئۈرۈمچىدىن مەسكاپقاكەلسەم،
ھاۋاسى ماڭا زىيانلىق كەلدى.
مۇلاھىم سوۋېت تىيىپلرى ھەم،
”سىبىر ھاۋاسى شپالىق“ دىدى.
مانا مەن بۈگۈن پويېزغا ئولتۇرۇپ،
يىراق سىبىرگە سەپەرگە چىقتىم،
كىسېلوۋ دىگەن شەھەرگە كىلىپ،
پۇشكىن خەت يازغان كانلارنى كۆردىم.
ىر ھايات ئىككى يول مىنىڭ ئالدىمدا،
بىرسى ئۇ، چۇڭقۇر كانلار ئاستىدا.
ئىككىنجىسى ئۇ، ئۆگەي ئانىغا ،
دوپپامنى ئېلىپ تازىم قىلىشلا.
غېرىپنىڭ پۇرسېتى، قۇدرېتى نەدە،
قەيەردىن تاپسۇن ئۇ، چىدام غەيرەتنى.
قولغا ئال قەلەمنى قەشقىرى خەت ياز،
ۋاقىتلىق سۆيسۇن ئۆگەي ئانا سىنى.
يىگىرمە تۆرت ياشتا چېچىڭ ئاقاردى،
لېكىن ھاياتىڭ ئالدىڭدا ئۆكۈنمە.
ئۆگەي ئانا ساڭا تار قويۇن ئاچتى،
قەشقەردە ئاناڭ يادىڭدا ئۇنۇتما!
1963- يىلى. سىبىر، كىسېلوسك.
_____________________________________
1) پۇشكىن، 1825- يىلى پېتېربۇرگدا پادىشاغا قارشى ئىسيان كۆتەرگەنلىكى ئۈچۈن، سىبىرگە پالانغان رۇسىيە زىيالىلىرىغا خەت يازغان. مۇئەللىپ ئۆزىنى شۇ، سۈرگۈنلەرگە ئوخشىتىدۇ.
ئىسىڭدىمۇ سىنىڭ
(شەرقى تۈرستان ئارمىيەسىنىڭ 20 يىللىقىغا)
ئىسىڭدىمۇ دوستۇم،
تەڭرىتاغ بىزنىڭ،
مەڭگۇ مۇز چوقا بىناملىرى ئۇنىڭ.
ئىسىڭدىمۇ شەمشەر ئوينۇتۇپ ئاتاڭ،
قوغلىغان خىتاينى ۋەتەندىن بىزنىڭ.
ئىسىڭدىمۇ دوستۇم،
ئورمان، باغ گۈزەل،
ئەژداد مىھنېتى چۆللەر كۆكەرگەن؟
ئىسىڭدىمۇ قوغۇن، تاۋۇز سەن يىگەن،
ساتمىدا ئولتۇرۇپ بالىلىقدا بىغەم.
ئىسىڭدىمۇ تارىم،
بوستاڭ ئارىلاپ،
سۇغۇرۇپ باغلارنى قۇملارغا سىڭغان؟
ژىقىلغان جەڭلەردە ھۆرلىكنى ئىستەپ،
نامسىز ئەژدادلار چۆللەردە قالغان؟
ئىسىڭدىمۇ دوستۇم،
بىر چاغ باھاردا،
نىلقىدا ياڭرىغان كۈرەشچان ناخشا؟
”قوغلايمىز خىتاينى سەددىچىنىغا،
ھېچ ھەققى قالمىدى ئەمدە بىزلەردە“*)
ئىسىڭدىمۇ دوستۇم،
شۇ ناخشا بىلەن،
ئوينۇتۇپ ئاتلارنى چاپقان ئاكىلار؟
ئىسىڭدىمۇ شۇ چاغ بالىلىق ئۆتكەن،
بىز مىنىپ چاپقان تال چىۋىق ئاتلار.
1965. 4. 8. سىبىر، كىسىلېسك.
__________________________________________
*) شەرقى تۈركستان ئارمىيەسىنىڭ ناخشىسىدىن ئۈزۈندە.