خائىنغا ئۇرۇن يوق
ت. سەرگارى
(مۇھممەت قاراخاننىڭ ”مەن ئۇيغۇر“ ناملىق كىتىبىغا جاۋاپ)
خائىنغا ئۇرۇن يوق
بىر ئۇيغۇر بارئىكەن قارخان ئىسىملىك،
چىرايلىق كىلىشكەن قارغاي بەستىلىك.
ئەقللىق، بىلىملىك كائىن نەپسىلىك،
چار خەتلىك1 بوينىدا تۇمار ئېسىقلىق.
كۆڭلى كى ئاق خەسە خىتاي كەشتىلىك،
ئەجدىھار ئەيلەپتۇ ئۇنىڭغا دوسلۇق.
ئەمدى ئۇ، پەرۋانە ئۇچار قاناتلىق.
كۆلىنىڭ سوغىسى ئۇنىڭغا خۇشلۇق.
ئۇ دەيدۇ ”ئۇيغۇرنىڭ رىسقى چېچىقلىق،
ئۇيغۇرغا يۇرت، ماكان كېرەك ئەمەس ھۆرلىك،
كېرەك ئەمەس ئۇيغۇرغا جىدەللەر قانلىق،
بولسا گەر غوجاملار قوينىدا توقلۇق.
تاغ، چۆلنى كۆكەرتكەن ئۇيغۇر كەتمىنى،
ئۆتمۈش ئۇ. كونىلىق، كەلگۈسى يوقلۇق،
ئۇيغۇرنىڭ بايلىقىن ئالسا كۇلىلىق.
بولغۇسى زىمىندا ھەممىگە توقلۇق“.
مەن ئۇيغۇر! سۆيىمەن چەكسىز ۋەتەننى،
ئەجدادىم مىراسى ئۇ مەن بىلىمەن،
ئانامدىن سۈت بىلەن ئەمگەن تىلىمنى،
چا خەتتە يېزىشقا رازى ئەمەسمەن.
بۇغرادىن مىراسقا ئالغان خېتىمنى،
تۇماردەك ساقلايمەن يېزىپ سۆزۈمنى.
ئوغۇزدىن مىراسقا ئالغان زىمىننى،
ساتمايمەن، ساقلايمەن تۆكۈپ قېنىمنى.
تارىمنىڭ بويىدا ئۆسكەن توغراقنى،
كەسكەندە يۈرىكىم سانجىپ ئاغرىيدۇ.
كۆرگەندە بۇزغاننى قەشقەرخانلىقنى2،
ھۇجۇدۇم قاينايدۇ جەڭگە ئۈندەيدۇ،
ۋەتەننىڭ ھەر تېشى ماڭا ئەڭگۈشتەر،
جەڭلەردە ئۇ مىنى ئوقدىن ساقلايدۇ.
قەلەمنى قىلىپ مەن دۈشمەنگە نەشتەر.
سانجىيمەن ئەجدادىم شۇڭا ئۇندەيدۇ.
ئىىمانىم كامىلدۇر ئۇيغۇر ئۆلمەيدۇ،
كارۋانلار ئىزىدا ۋەتەن ئوغلانى.
قارخاندەك ئۇيغۇرلار دۇشمەن چىللايدۇ.
بىل ئۇيغۇر ئۇنداقنىڭ جىقدۇر بالايى.
گەر ئۇيغۇر ئىكەنسەن ۋەنەننى ساتما،
جۇپ يۈزلىك3 پو ئېتىپ مەيدەڭنى قاقما!
ھىجايغان دۇشمەننى دوسدەك چاغلىما.
دوستۇم“ دەپ ئۇنى سەن دوسلارغا تاڭما.
ۋەتەنسىز مىللەت يوق، مىللەت ۋەتەنسىز،
ئۇيۇلسىز ئۇيغۇر يوق ئۇيغۇر ئۇيۇلسىز.
خائىنغا ئورۇن يوق خەلىق رەھىمسىز،
قاغىشى خەلىقنىڭ بولماس ئۈنۈمسىز.
2014. 2. 28
موسكىۋا
_____________________
1) چار خەن – خىتاي خېتى
2) خانلىق – خانلىق مەدرىسە
3) جۇپ يۈزلىك – ئىككى يۈزلىك.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: خائىنغا ئۇرۇن يوق
تارىم سەرگارى
1957- 1961 يىلار جەريانىدا ۋەتەندە ئېلىپ بېرىلغان ”ئېچىلىپ سايراش، مىللەتچىلەرگە قارشى كۈرەش، ئىگىز سەكلەش ۋە باشقا ئاتالمىش،“سىياسى كۈرەشلەر“ – گە قاتناشمىغان، چەت ئەللەردە ئوقۇپ كەلگەن (خىتاي ھۆكۈمېتى تەرىپىدىن ئوقۇشقا چىقىرىلغان) ياش مۇتېخەسىسلەرنى 1962- يىلى قولغا ئېلىشقا باشلىدى. مەنمۇ شۇ تىزىمدا بار ئىدىم، ئامما مىنىڭ ئەيەلىم موسكۋالىق ۋە ئۈرۈمچىدە سوۋېت كونسۇلى بولغانلىقى ئۈچۈن مىنى قولغا ئالمىدى. سوۋېت كونسۇلى بىزگە: ”9- ئايغىچە بۇ يەردىن كىتىڭلار، بولمىسا كونسۇلخانا يېپىلىشى بىلەن سىلەرنى قولغا ئالىدۇ“ دەپ ماڭا 3 ئايلىق سوۋېتدە تۇرۇش رۇخسېتىنى (ۋىزا) بەردى. ”بىز تۇراقلىق ياشاش رۇخسېتىنى بىرەلمەيمىز، موسكۋادا سىز چەت ئەل مىنىستېرلىكىگە مۇراجىئەت قىلىڭ، تۇراقلىق ياشاشقا رۇخسەت قىلىدۇ“ دەپ، مىنىستېرلىكنىڭ تېلېفونىنى بەردى.
1962- يىلى ئوقۇشدىن كىيىن ۋەتەنگە كىلىپ، ئارانلا 7 ئاي تۇرۇپ، قەشقەردىكى ئانام بىلەنمۇ دىدارلىشالماي، – چۈنكى بىزگە ئۈرۇمچىدىن باشقا جايلارغا بېرىشقا رۇخسەت قىلىنمىدى- شۇ يىلى 6- ئايدا بىر تۈركۈم سوۋېتكە تۇراقلىق ياشاشقا ماڭغانلار بىلەن بىزمۇ (مەن، ئەيەلىم ۋە قۇچاقدىكى قىزىم) قارا ماشىنىلارغا ئولتۇرۇپ سوۋېتكە ماڭدۇق.
موسكۋادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكنىڭ خادېمى تېلېفوندا: ”سىزگە رۇخسەت قىلمايمىز، ئىچكى ئىشلار مىنىستېرلىكى بىلەن ئالاقە قىلىڭ“ دەپ جۇۋاپ بەردى. بۇنى مەن، مىنىڭ سوۋېت تەۋەسىگە ئۆتكەندىن كىيىن مەن بىلەن بىللە ۋەتەندىن چىققان قېرىنداشلىرىمنىڭ كشىلىك ھۆقۇقىنى ياقلاشقا قارىتىلغان، مىنىڭ ھەركەتلىرىمگە قارىتا سوۋېت ھۆكۈمېتىنىڭ ئىنكاسى دەپ چۈشەندىم. يېرىم يىل سوۋېت ھۆكۈمېتىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى بىلەن قىلغان تاكالىشىشلاردىن كىيىن ئىچكى ئىشلار مىنىستېرلىكى سوۋېتنىڭ گراژدانلىقىنى ئېلىشنى تەكلىپ قىلدى. مەن ئۇ، تەكلىپنى رەت قىلدىم. جۇۋابەن سىبىردە، ھەركەت دائىرېسى 25 ك.م. بىلەن چەكلەنگەن جايدا تۇراقلىق ياشاشقا رۇخسەت قىلدى. 1963- يىلى 3- ئايدا يالغۇز سىبىرگە ماڭدىم. بىر نەچچە يىلدىن كىيىن سوۋېت گراژلانلىقىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم. بۇ شىئىر مانا شۇ ۋەقەلەرنىڭ خاتىرېسىگە يېزىلغان.
بۇ شىئىردا ئىزھار قىلىنغان مىنىڭ ياش ۋاقتىمدىكى سەرگۈزەشتىلىرىم- ھازىرقى ياشلارنى: ”سەۋەپسىز ۋەتېنىنى تاشلاشدىن توسۇشقا سەۋەپ بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس“ دىگەن ئويدا، بۇ شىئىرنى ئۇلارنىڭ (ياشلارنىڭ) دىققېتىگە سۇنماقچىمەن.
ئۇنۇتما
مەن ئۈرۈمچىدىن مەسكاپقا كەلسەم،
ھاۋاسى ماڭا زىيانلىق كەلدى.
مۇلاھىم سوۋېت تىيىپلرى ھەم،
”سىبىر ھاۋاسى شپالىق“ دىدى.
مانا مەن بۈگۈن پويېزغا ئولتۇرۇپ،
يىراق سىبىرگە سەپەرگە چىقتىم،
كىسېلوۋ دىگەن شەھەرگە كىلىپ،
پۇشكىن خەت يازغان كانلارنى كۆردىم.
بىر ھايات ئىككى يول مىنىڭ ئالدىمدا،
بىرسى ئۇ، چۇڭقۇر كانلار ئاستىدا.
ئىككىنجىسى ئۇ، ئۆگەي ئانىغا ،
دوپپامنى ئېلىپ تازىم قىلىشلا.
غېرىپنىڭ پۇرسېتى، قۇدرېتى نەدە،
قەيەردىن تاپسۇن ئۇ، چىدام غەيرەتنى.
قولغا ئال قەلەمنى قەشقىرى خەت ياز،
ۋاقىتلىق سۆيسۇن ئۆگەي ئانا سىنى.
يىگىرمە تۆرت ياشتا چېچىڭ ئاقاردى،
لېكىن ھاياتىڭ ئالدىڭدا ئۆكۈنمە.
ئۆگەي ئانا ساڭا تار قويۇن ئاچتى،
قەشقەردە ئاناڭ يادىڭدا ئۇنۇتما!
1963 – يىلى. سىبىر، كىسېلوسك.
_____________________________________
1) پۇشكىن، 1825- يىلى پېتېربۇرگدا پادىشاغا قارشى ئىسيان كۆتەرگەنلىكى ئۈچۈن، سىبىرگە پالانغان رۇسىيە زىيالىلىرىغا خەت يازغان. مۇئەللىپ ئۆزىنى شۇ، سۈرگۈنلەرگە ئوخشىتىدۇ.
تارىم سەرگارى
كۇز كەلدى
كۈز كەلدى مانا، باھار ياز كىتىپ،
ئەتراپ ئالتۇن رەڭ كىيىمنى كەيدى.
ئاسمان تۈرۈلۈپ، بۇلۇتلار كۇلۇپ،
زىمىنغا مۇزدەك ياشلىرىن تۆكتى.
شامالدا يايراپ دەقىقە ئويناپ،
ياپراقلار غازاڭ زىمىنغا چۈشتى.
شامالدا لىڭشىپ ياپراقنى تاشلاپ،
ئالتۇن رەڭ دەرەخ بەدرەڭ غادايدى.
كۆك سېرىق غازاڭ سۇدا چېچىلىپ
رەڭدار شايىدەك دەريا ئاقماقدا.
غازاڭلار ئارا ئۆدەكلەر كۈلۈپ
قاقىلداپ ئۇيناپ ساما سالماقدا.
ئەنە ئېتىزدا ساچقانلار چېپىپ،
قىشنىڭ غېمىدە ئۇرۇق ژىغماقدا.
دىھقان ئېتىزدا ھۆسۇلنى يىغىپ،
قىشنىڭ غېمىدە باش قاتۇرماقدا.
ئىس بىلەن ئەبجەش شەھەردە ھاۋا،
يامغۇر كى سىركە- ئاچچىقسۇ سوغۇق.
ئىگىز غادايغان، تىزىلغان بىنا،
كەتەكچىلەردە قىشنىڭ غېمى يوق.
ۋاۋىرەك كەبى پەسىللەر ئوخشاش،
تەبىئەت گويا قېتىپ قالغاندەك.
مەرىپەت گويا سازلىققا ئوخشاش،
ئادەم ئۇنىڭغا پېتىپ قالغاندەك.
***
ئىنسان باھارى، يازىمۇ كەتتى،
قىشنىڭ ئارپىسى كۈز يىتىپ كەلدى.
مەرىپەت گۈلى ئاتوم ئېچىلدى،
ئەجۇز مەجۈزنىڭ پۇرسېتى كەلدى.
قىش ئۆتسە باھار كىلەمدۇ يوقمۇ؟
بىلمەيدۇ ھېچ كىم سۇئال كۆپەيدى.
مەرىپەت ئاپەت، يا ئۇ، بەخىتمۇ؟
بىلمەيدۇ ھېچ كىم قۇرال كۆپەيدى.
زەررىسى ئاللاھ ئىنساننىڭ ئەقلى،
بۇزۇشنى بىلەر تۈزەشنى بىلمەس.
مەرىپەت ئۇنىڭ ئەقلى ھوسۇلى،
ئاقىۋەتنى ئۇ كۆرەلمەس، بىلمەس.
موسكۋا. 2014. 10. 13.