ئۇيغۇر مەن
ت. سەرگارى
ئۇيغۇر مەن ھۇجۇدۇم قان تېنىم بىلەن،
ئانامدىن سۇت بىلەن ئەمگەن تىل بىلەن.
تارىخى جەۋھىرى ئەجدادىم بىلەن،
سۆيۈمەن ئۇيغۇرنى جان دىلىم بىلەن.
ئۇيغۇر مەن جۇدالىق ئازابىم بىلەن،
سەرسانلىق ھاياتىم كۆزيېشىم بىلەن.
دۈشمەنگە تۈگۈمەس نەپرېتىم بىلەن،
سۆيۈمەن ئۇيغۇرنى ئۈمۈدىم بىلە.
ئۇيغۇرمەن ئەركىنلىك ئارزۇيىم بىلەن،
نامەلۇم چۆللەردە ياتقانلار بىلەن.
ئەركلىككە سادىقلىق روھىيېتىم بىلەن،
سۆيىمەن ئۇيغۇرنى ھۆر ئەۋلاد بىلەن.
ئۇيغۇر مەن ئۇيغۇرلۇق خىسلېتىم بىلەن،
يىگانە تەڭرىگە ئىشەنجىم بىلەن،
ئوغۇزغا ئۈممەتلىك ئىمانىم بىلەن،
سۆيىمەن ئۇيغۇرنى خاسلىقىم بىلەن.
ئۇيغۇر مەن ئۈستۈنلىك ھىسياتىم بىلەن،
ئۆزگىلەر ئالدىدا ئەگمەس باش بىلەن.
.خوشامەت تازىمىن بىلمەس خۇي بىلەن،
سۆيۈمەن ئۇيغۇرنى غۇرۇرۇم بىلەن.
مىللەتچى ئەمەس مەن بەينەلمەنەلمەن،
دوسلۇقتا ئۆتمەكچى خىتاي بىلەن ھەم.
كەتسە ئۇ يۇرتىغا دۈشمەن دىمەيمەن،
سۆيۈمەن ئۇيغۇرنى ئۆزلىكىم بىلەن.
مىللەتچى ئەمەس مەن مىللەتسۆيەرمەن،
مىللېتىم يۇرتىنى ئىزگى بىلەرمەن.
ئۆزگىلەر كەلسە گەر دۈشمەنلىك بىلەن،
سۆيۈمەن ئۇيغۇرنى قانلىق جەڭ بىلەن.
ئۇيغۇرمۇ، تىبەتمۇ، خىتايمۇ ئىنسان،
يەھۇدى، ئەرەپ ۋە ئورۇسمۇ ئىنسان،
ھەممىنى بىر ئۇلۇغ تەڭرى ياراتقان،
سۆيۈيۈمەن ئۇيغۇرنى تەڭلىكىم بىلەن.
سەرسانلىق ئىلكىدە گەر ئۆلسەممۇ مەن،
يات زىمىن قوينىغا كۆمۈلسەممۇ مەن،
روھىمدا قايتىمەن دىيارىمغا مەن
سۆيۈمەن ئۇيغۇرنى ۋەتېنىم بىلەن.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ئۇيغۇر مەن