بىلىڭلار
تارىم سەرگارى
ئەزىز ۋەتەنداشلار،
قۇربان ھېيتىلار مۇبارەك، ئىمانىڭلار كامىل، تېنىڭلار سالامەت، ئائىلەڭلار ئىناق، تۇرمۇشىڭلار بەخىتلىك بولسۇن!
تەڭرى بىردۇر جىمىگە باش بۇنى بىلىڭلار،
پاراسەتدۇر تەڭرى ئۆزى بۇنى بىلىڭلار.
ماھىيەتلىك ئۈچلىك ئالەم بۇنى بىلىڭلار،
بەرپا قىلغان ئىككىلىكنى ئاللاھ بىلىڭلا.
روھى ئالەم مەڭگۇ باقى بۇنى بىلىڭلار،
پاراسەتلىك جىسمىتى يوق بۇنى بىلىڭلار.
تۇراقسىز بۇ پانى ئالەم ماددا بىلىڭلار.
باغلىغان جىمىنى رەشتە ئاللاھ بىلىڭلار.
پانى دۇنيا سۇلتانى ئول ئادەم بىلىڭلار،
ئۈچلىك بىرگە جۇغمىلاشقان ئاندا بىلىڭلار.
پاراسەتنىڭ زەررسىدىن ئەقىلى بىلىڭلا.
ئادەمدە ئاللاھ قىسمېتى باربۇنى بىلىڭلار.
قىسقا ھايات، مەڭگۈ ئەمەس ئادەم بىلىڭلار ،
ئەۋلادقا ئەۋلاد ئۈلاشسا ئۇ مەڭگۈ بىلىڭلار.
ئىنسان ئالەم ئىچرە زەررە بۇنى بىلىڭلار،
زەررە ئىچرە چەكسىز ئالەم بۇنى بىلىڭلار.
بۇ دۇنياغا غوجا ئادەم ئەمەس بىلىڭلار،
بۇزۇلسا گەر قانۇن ئالام ۋەيران بىلىڭلار.
غوجايىنى ئالەم ئاللاھ بۇنى بىلىڭلار،
ئادەم پەقەت نازارەتچى بۇنى بىلىڭلار.
يالاڭ كىلىپ يالاڭ كىتەر ئادەم بىلىڭلار،
تاپقان ئىنسان ھەممە قالار بۇنى بىلىڭلار.
ئادەم ئەقلى بۇ دۇنيادا دەنا بىلىڭلار،
ئەقلى ئۇنىڭ ئۇ دۇنياغا يەتمەس بىلىڭلار.
ئىلىم پەندۇر ئىنسان دوستى بۇنى بىلىڭلار،
بىلىم ئاچقۇچ ئالام سىرى بۇنى بىلىڭلار.
خۇراپىلىق ئىنسان دوستى ئەمەس بىلىڭلار،
خۇراپىلار ئاللاغا يات بۇنى بىلىڭلار.
قىلمىشنى ئاللاھ تاسقاپ تۇرار بۇنى بىلىڭلار،
دىن تەڭرىنىڭ ئەگلىكىدۇر بۇنى بىلىڭلار.
ئىمانى يوق دوزاق ئەھلى بۇنى بىلىڭلاې،
جەننەت، دوزاق قىلمىشقا يار بۇنى بىلىڭلار.
دىن ژۈك ئەمەس شىللىدىكى بۇنى بىلىڭلار،
تەڭرىنىڭ ئۇ، مىھرىيەتلىك يولى بىلىڭار.
نامازغا ھاجەت ئەمەس ئاللاھ بۇنى بىلىڭلار،
ئاللاغا ئۇ تەشەككۈرى ئىنسان بىلىڭلا.
ئىبادەت ئۇ، يالغۇز ناماز ئەمەس بىلىڭلار،
ئەقلى ھەركەت پايدىسى بار جىمى بىلىڭلار.
ھەج قىلىش ئۇ سۆلەت تېپىش ئەمەس بىلىڭلار
مۇسلىملارنىڭ ئۇيۇشۇش يولى بىلىڭلار.
ياراتقانغا رەخمەت ئېيتىش پەرىز بىلىڭلار.
رەخمەت ئەيتىش يولى ھەر خىل بۇنى بىلىڭلار.
ئىبادەت ئۇ، مال سودىسى ئەمەس بىلىڭلار.
جەننەتنى دەپ ناماز ئوقۇش گۇنا بىلىڭلار.
ئەرەپ تىلى ئاللاھ تىلى ئەمەس بىلىڭلار،
جىمى تىلنى ئاللاھ بىلەر بۇنى بىلىڭلار.
ئاللاھ ھاجەت تىلغا ئەمەس بۇنى بىلىڭلار،
شاتۇتقا ئوخشاش ئايەت ئوقۇش گۇنا بىلىڭار.
بىلىگەن تىلدا قۇرئان ئوقۇش ساۋاپ بىلىڭلار،
بىلمەي تىلنى بۇزۇپ ئوقۇش گۇنا بىلىڭلار.
ناماز ئۇقۇپ جەننەت تىلەش سودا بىلىڭلار،
جەننەتنى ئاللاھ پۇلغا ساتماس بۇنى بىلىڭلار.
ئاللاھنى ئالداش مۈمكىن ئەمەس بۇنى بىلىڭلار،
ئالدىغانلار ئۆزىنى ئالدار بۇنى بىلىلار.
مىھرىيەتلىك ئىنسان كاپىر ئەمەس بىلىڭلار،
ئىخلاسى گەر يىگانە ئاللاھ بۇنىڭ بىلىڭلا.
ياتنى باسقان كاپىر شەكسز بۇنى بىلىڭلار،
باسمىغانلار كاپىر ئەمەس بۇنى بىلىڭلار.
كاپىرغا باش ئەككەن كاپىر بۇنى بىلىڭلار.
ئەلگە قالقان بولغان مۇسلىم بۇنى بىلىڭلار.
گۇناسىز باش كەسكەن كاپىر بۇنى بىلىڭلار.
ئاللا بەرگەن جاننى ئۈزگەن گۇنا بىلىڭلار،
كاپىر دىگەن باشقا دىنلىق ئەمەس بىلىلار،
كاپىرغا جەڭ قىلمىغانلار كاپىر بىلىڭلار.
مىللەتنى ئاللا تۈزىمەيدۇ بۇنى بىلىڭلار،
مىللەت ئۆزى تۈزەلمىسە بۇنى بىلىڭلار.
ھېچ كىم پانا بەرمەس ئەلگە بۇنى بىلىڭلار،
ياتدىن ھۆرلىك تىلەش، گۇنا بۇنى بىلىڭلار.
ئادەم ئەسلى ھۆر يارالغان بۇنى بىلىڭلار،
قوغداش ئۇنى مۇسلىمغا يار بۇنى بىلىڭلار.
ماڭقۇرتلارغا تەڭرى ھۆرلىك بەرمەس بىلىڭلار،
ئەقلى ھۇشىن يوقاتقانلار ماڭقۇرت بىلىڭلار.
تەڭرى ئۇلۇغ بىزدىن خالى بۇنى بىلىڭلار،
كۆكدىن ناننى تاشلاپ بەرمەس بۇنى بىلىڭلار.
جاسارەتلىك ئىبادەتدە ھۆرلىك بىلىڭلارر.
پەقەت قانلىق بولماس جەھەت بۇنى بىلىڭلار.
قۇربان قىلىش مۇسلىمغا ئادەت بۇنى بىلىڭلار،
ئىبراھىمغا قۇشقار بەرگەن ئاللاھ بىلىڭلار.
مۇسا قېنىن تۆكۈشنى ئاللاھ توسقان بىلىڭلار،
بۇ بىشارەت تۆكمەسكە ئادەم قېنىن بىلىڭلار.
ئەقىلسىز كۈچ غالىپ بولماس بۇنى بىلىڭلار.
بىلىم ئېقىل غالىپقا يار بۇنى بىلىڭلار.
ئاللاھ يولى پايدىلىق ئىش بۇنى بىلىڭلار،
پايدىسىز ئىش ئاللاھ يولى ئەمەس بىلىڭلار.
ئاللاھ ئۆزى گۆشنى يىمەس بۇنى بىلىڭلار،
قۇربانلىقنى يىتىملار يەر بۇنى بىلىڭلار.
ئىنسان بەختى ئۈچۈن قىلغان ئىشلار بىلىڭلار،
ھەقىقى ئاللاھ يولى بۇنى دوسلار بىلىڭلار.
2014. 10. 04
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: بىلىڭلار