بېلىق ۋە مەن
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئاق بۇلۇت سەيلىگاھ جىلغا بېشىدا،
شوخ دەريا باغرىدا، ياقسىدا مەن.
مەيىن شامال يورغىسى ئورمانلار ئارا،
مەن مەسخۇش بۇگۇن بېلىق تۇتمەن…
قۇياشمۇ قىيسايغان ئاتەش تەپتى بىلەن،
قىيا تاش سويۇلمەكتە دەريا شاۋقۇنى بىلەن.
خىيال چىگىشى ئۇزاقتا ھايات ھىممىتى بىلەن،
ئېلىندى قاماققا بېلىق، ئېتىزار نالىسى بىلەن.
كاۋاپ ئوتى كويمەكتە يالقۇنى قەھرى بىلەن،
بېلىقجان مامات قايغۇسىدا جان ۋەھىمى بىلەن.
ئېيتتىم دوستۇمغا بۇ ئاجايىپ قىسمەتتىن-
”نىمە دەر بولسا شۇ بېلىق- ئوز تىلى بىلەن؟!“
بىر گۇزەل كېپىنەك ئوچۇپ كەتتى قېشىمدىن-
بىر سېرىق ھەرە غۇڭشۇپ قۇلاق تۇۋۇمدىن.
سىرلىقكەن بۇ ھايات ئەسلى، مەنزىلى شۇنداق-
يوق ئەرك مەيلىگە ھەركىم، ھەر قەدىمىدىن.
قويۇۋەتتىم ئەركىگە، قاماقتىكى بېلىقنى.
غايىپ بولدى تىز، دەريادا ئۇ كۆزۇمدىن.
كەزدىم نىشانسىز، دەريا بويىنى بويلاپ،
تاپماققا جاۋاپ قېچىپ كەتكەن ئوزۇمدىن…
ئەركىنلىككە سەۋدا بۇ كوڭلۇم-
ئايىغىدىن چۆمۇلۇگە يول بەرەر.
سىگان قۇشى پەرۋاز قىلىپ بېشىمدا-
بېلىقلاردىن يەم تالىشىپ تەڭ ئۇزەر.
كوپ كۆك ئاسمان، غۇر-غۇر شامال-
جىلغا بويىدا ئۆسكەن تۇمەن توغراق.
كەم قالغان ئاخشامنىڭ ئۇيقۇ ھەسرىتى…
تەپتى قۇياش بېشىمدا تەكرار قايناق!
مىلادىيە 2014 – يىلى 14- سېنتەبىر.
تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز بويلىرىدىكى تاش كۆۋرۇك ۋە يېزىلار (Taşköprü ve Köyleri)
بۆلگىسىدىكى بىر ئىگىز تاغلار بىلەن قاپلانغان دەريا بويلىرىدا يېزىلدى.

يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: بېلىق ۋە مەن