ئۇيغۇر قىزىغا
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئەمەسمەن مەجنۇن، تاقلايدىغان شاخچە قۇش,
بولساڭ گۈزەل سويدۇم دەپلا ئەگىيدىغان.
تەس مېنىڭ سۆيمەكلىگىم ئۇيغۇر قىزى،
ئىشقى-پىراق دەپلا يۈرسەڭ ئېرىيدىغان.
ئەگەر بولساڭ سەنمۇ جەڭچى ئۇيغۇر ئۈچۈن،
كىرىپ كەلسەڭ كۈرەشلەرگە ”نۇزۇگۇم“ بولۇپ.
بولسا ئازاد ”ئۇيغۇرىستان“ خەلقىمىز ھور،
سۆيەر ئىدىم سېنى جاندىن ئەزىز بىلىپ.
ئىلتىماسىم ئۇيغۇر قىزى ئاڭلا سۆزۈم،
قورۇلمىسۇن روھى بۈگۈن ”نۇزۇگۇم“ نىڭ.
يېپىشايلى قول تۇتۇشۇپ كۈرەشكە مەھكەم،
ئىگىسى سەنلا شۇندا سۆيسەڭ يۈرىكىمنىڭ.
2000- يىلى، ماي. مىيۇنخېن
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ئۇيغۇر قىزىغا