بىر گۈل ئېچىلسا
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار،
كەلمەيدۇ سايرىسا ئوزىچە بىر قۇش.
باقمايدۇ تەبىئەت ئادەم مەيلىگە،
سالسىمۇ ئالدىراپ دېھقان يەرگە قوش.
بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار،
تۇرسا دەل-دەرەخ يېپىقسىز قاقشال.
ئۇنتۇغان ئۆزىنى سالا ئېتىزلار،
يېتىپتۇ ئۈستىگە يېپىۋېپ چاتقال.
بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار،
كەچسىمۇ كۆڭۈلگە شېرىن شەيداسى.
قويالماي قىز-جۇۋان قېشىغا ئوسما،
كۈتكۈزەر قەلبىنى كۆكلەم تەشناسى.
بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار،
كەلمەس كاككۇكمۇ مەدھىيە ئوقۇپ.
ئۆيۈمگە كىرمەس قارلىغاچ ئەسلا،
ياشىماس قايتىدىن ئوۋنى توقۇپ.
بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار،
بولسىمۇ سېنىڭ بېھىشتەك بېغىڭ.
سۈرەلمەس نوتا، تۆكەلمەس چېچەك،
كەلمەس پەسىل، ئەتىياز چېغىڭ.
بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار،
ئاچىدۇ غۇنچىلار، ئىللىسا جاھان.
قوغلىنىپ قىشمۇ، ئالمىشىپ پەسىل،
تۇرىدۇ تەكرار، تەبىئەت ھامان.
بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار،
يۈرمە سەن ئۇنى چېكەڭگە تېڭىپ.
قىسقا بۇ ھايات، خۇددى ئاققان سۇ،
تۈگەيدۇ ئاخىر، تۇپراققا سىڭىپ.
بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار،
يۈرىمەن بېغىمدا، باھارغا قانماي.
توغۇلدۇم قىشتا، باھارغا ئاشىق،
ياز ئەزىز يەنە كۈي، باھارغا ھارماي.
1999-يىلى ئاپرېل. ئاقسۇدا يېزىلدى.
(بۇ شىئېر ئاقسۇ گېزىتىنىڭ 1999- يىلى 4- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان )
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: بىر گۈل ئېچىلسا