ئانامغا مەرسىيە
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
”ئانا“ دىن ئۇلۇغ سۆز يوق.
”ئانا ئايىغىدا جەننەت بار“ - ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى.
مەن بۇ مەرسىيەمنى پۈتۈن ھاياتىدا ئۆز پەرزەنتلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلىش يولىدا بۇ ئالەمنىڭ راھىتىدىن كۆرە قاتتىقلىقنى، بارلىق جەۋىرى جاپالىرىنى يەتكۈچە تارتقان، ھاياتنىڭ ھېچ ئىللىقلىقىنى كۆرمەي ئالەمدىن ئوتكەن بارلىق جاپاكەش مېھرىبان ئۇيغۇر ئانىلىرىغا، جۈملىدىن مېنىڭ 12- فېۋرال ئەتىگە سائەت 2:40 مىنۇت ئۆتكەندە 4 پەرزەنتىنى، مەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 نەۋرىسىنى (مەن ئەڭ چوڭ نەۋرىسى) ۋە 16 چەۋرىسىنى مۇسىبەت قايغۇلىرىغا قالدۇرۇپ بىز بىلەن 82- يېشىدا ۋىدالاشقان جەننەتخان چوڭ ئانىمىزنىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلايمەن. ئەي سۆيۈملۈك ئانا، نامىزىڭغا بارالمىدىم…… مېنى كەچۈرگەيسەن! ئېھ ھەممىگە قادىر ئاللاھ، جەننەتخان چوڭ ئانىمىزنىڭ ئاخىرەتلىكىگە جەننەت ئاتا قىلغايسەن. ئامىن!
مۇسىبەت خەۋىرى يېتىپ كەلدى بۈگۈن ماڭا
كېتىپ قاپسەن بۇ دۇنيادىن جېنىم ئانا
ئوغلۇڭ ئىدىم بارالمىدىم نامىزىڭغا
ئەمدى قانداق چىداي مەن بۇ ئازابقا!
بۇ يۈرەك مىسلىسىز ماتەمگە، ئەلەمگە تولدى!
كۈزلىرىم قاراڭغۇلاشتى، تىنىقىم بوغۇلدى.
گەر بولسىمۇ بۇ ھايات ئەسلى ئۆتنە بەندىگە
ئانام ياشىسا بەش كۈن ئۇزۇن بولماسمىدى؟!
ئەڭ سۆيۈملۈك سەن بىر مېھرىبان ئانا ئىدىڭ،
توقۇشقا مەدھىيە بۇ تىلىم يەتمەيدىغان.
پەرزەنت ئوتىدا سەن كۆيگەن بىر پەرۋانە ئىدىڭ،
تەرىپلەپ يازساممۇ داستان تۈگىمەيدىغان…
ئاھ ئانا كەچۈر مېنى يېنىڭدا بولالمىدىم،
ئاخىرقى كۆز نۇرۇڭنى كۆزۈم بىلەن كۆرەلمىدىم.
”ۋاي ئوغلۇم قېنى سەن“ دەپ چاقىرغىنىڭدا
”جان ئانام!“ دەپ قولۇڭنى چىڭ تۇتالمىدىم!
رازىلىق بەر جان ئانا نامىزىڭغا بارالمىدىم،
جىنازاڭنى مۈرەمدە كۆتۈرۈپ ماڭالمىدىم.
بىر تال كېسەك قەبرەڭ ئۈچۈن يا قويالمىدىم،
ئەل جامائەت خىزمىتىنى ئوغلۇڭ بولۇپ قىلالمىدىم.
كەچۈر جان ئانا بۇ بەختى قارا ئوغلۇڭنى كەچۈر!
تاشلاپ كەتكەن سېنى بايقۇش ئوغلۇڭنى كەچۈر!
ئەلىمىدىن جاھاننىڭ تەقدىرى ھېچ كۈلۈپ باقمىغان
يات ئەلدە مۇساپىر، قەلبى مەيۈس ئوغلۇڭنى كەچۈر!
سۆيگۈ ئالىمىدە سەن كەبى بىر ئوكيان ئىدىڭ،
مەن بېلىجان ئەركىلەپ باغرىڭدا ئۈزگەن!
دەيدۇ شۇڭا ئىنسان بالىسى ”ئانا بەك ئۇلۇغ-
بۇ ئالەم ھېچ بىر زامان ئانىسىز كۈلمىگەن!“
ئەي ئاللاھ شۇ ئانامغا مەغپىرەت قىلغىن!
بەندەڭنىڭ بىلمەسلىكىنى نۇسرەت قىلغىن!
ئانامغا ئىلتىجا دۇئا، قۇرئان تامام تىلاۋەت!
ئاخىرىتىنى پەرىشتە، جەننەتتە ماكان قىلغىن!
شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ، قەبرەڭگە گۈل قويىدىغان!
بوينۇمدىكى پەرزەنت قەرزىنى، تامام ئادا قىلىدىغان.
يەنە شۇنداق كۈنلەر ھەم كېلىدۇ، غېرىبسىنغان-
تالاي نامسىز قەبرىلەرنى چېچەكلەرگە پۈركەيدىغان!
13-فېۋرال، 2014- يىلى، لوندون
بۇ سۈرەت 1988- يىلى شايار ناھىيەسىنىڭ تويبولدى يېزىسى، تاللىقبۇلۇڭ كەنتىدىكى مەرھۇم جەننەتخان چوڭ ئانىمىزنىڭ ئۆيىدە تارتىلغان
بۇ سۈرەت 1997- يىلى تارتىلغان
بۇ سۈرەت 1997- يىلى تارتىلغان
بۇ سۈرەت 2006- يىلى تارتىلغان
بۇ سۈرەت 2006- يىلى تارتىلغان
بۇ سۈرەت 2006- يىلى تارتىلغان
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ئانامغا مەرسىيە