سەھەر تىنىقلىرى
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
كۆپ – كۆك ئاسمان،
ئاستىدا مەزمۇت -
شاخلىرى پۈتۈنلەي كېسىلگەن دەرەخ،
ياندۇرۇلغان يېنىدا ئاخشام -
ئۆچۈرۈلۈش ئۇنتۇلغان چىراق …
مەن كەزگەن بۇ كوچا،
ئاخشامنىڭ ھەسرىتىگە پاتقان -
تىنىقىمدا ھالسىرغان ئەلەم،
ئۇيقۇسىنى ئەمدى ئاچقان …
كېلىدۇ ئۇزاق – ئۇزاق قىرلاردىن-
سەھەرنىڭ ھەرسىتىنى ئۆزىگە قاتقان،
ئەمەس ئۇ پىكاپلارنىڭ گۈدۈكلىرى -
بۇ كوچىدا ھۇقۇيۇشقان …
ئۇ دېڭىز شامىلى،
كېلىدۇ تەكلىماكاننىڭ قۇم ھىدى پۇراپ،
جانان نالىسى يۈرگۈم بىلىدۇ -
ئەمەسمۇ ئۇ ئانا تۇپراق !
سۈكۈتتە ئىزتىراپ بىر روھ -
كۈن پاتقان دېڭىزدا سەرسان،
سەھەرمۇ، ئاخشاممۇ ھەممىسى ئوخشاش-
قاچىدۇ بۇ ھايات بىزدىن پىنھان….
ئەمما-
قەلىب ئستەيدۇ بىر يول،
ھەممە پۇتلار سىغىپ بۇ كوچىدا -
ماڭسىكەن دەيمىز پۇتلاشماي راۋان….
بۇ سەھەرنىڭ تىنىقلىرى،
ھەر كۈن يېڭى قايتىا تۇغۇلغان،
تەكرار قىسمەتلەرگە بۇغۇلغان…
بۇرنۇمدا غىدىقلايدۇ.
كۆزۈمدە تۇغۇلغان تامچە ياش،
سىرغىيدۇ…
يېڭى چىراي… يېڭى ھىدلە، يېڭى كۈيلەر…
مەۋھۇم ھەممىسى ھامان-
تونۇشسىز قىسمىتىمگە-
ھەر كۈن سەھەر چىللايدۇ…
لوندون
2013 – يىلى 1- ماي
مەنبە:
http://bbs.bagdax.cn/thread-22829-1-1.html
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: سەھەر تىنىقلىرى