خائىنلارغا ئارمىزدا ئورۇن يوق
تور سەھىپىمىزدىن ئىلاۋە:
مەزكۇر تور سەھىپىمىز ئۇيغۇر جەميىتىدىكى ھەر ساھەلىرىنىڭ دادىللىق بىلەن ئىلمىي ئوسۇلۇبتا ئەركىن يېزىش، ئەركىن پىكىر قىلىش، نەشىر قىلىش ۋە مەتبۇئاتتلاردا تارقىتىش ھوقوقىنى قوللايدۇ. ھەر قانداق بىر شەخىسنىڭ ئومۇمنىڭ مەنپىئەتىنى نەزەردە تۇتقان ئلمىي ئاساستىكى ئەركن پىكىر قىلىش، يېزىش ۋە نەشىر قىلىش ھوقوقى چەكلىمىگە ئۇچۇرماسلىقى كېرەك دەپ قارايدۇ. بىر جەمىيەت ئىلغارلىرى ئۆزىدىكى بۇرۇقتۇملۇقنى، قاتمال ئەنئەنىيلىكنى ئىجابىي مەقسەتتە ئۆزگەرتىش يولىدا ئەركىن پىكىر قىلالغاندىلا ئاندىن ئۇ جەمىيەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى خەلق توغرا تۇنۇيالايدۇ ۋە تۇزۇتىشنىڭ ئىجابىي يوللىرىنى تېپىش ئۇچۇن ئىزدىنىدۇ. ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمىيىتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۇچۇن بىر كىشلىك ئاۋازىنى ھەم قوشالايدۇ. تور سەھىپىمىز ئۇيغۇر جەميىتىدىكى ھەر ساھەلىرىنىڭ يازمىللىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. بىزگە ئەسەرلىرىڭىزنى ئەۋەتىڭ. ئەلخەت ئالاقىلىشىش ئادرېىسىمىز: web@uyghurensemble.co.uk
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
مەزكۇرماقالە قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاق جەميىتىنىڭ رەسمى نەشىر ئەپكارى «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ 2013- يىلى نويابىر 11- سانىدا ئېلان قىلىنغان ۋە شۇ گېزىتتىن ئەينەن شەكلىدە كۆچۇرۇلدى. شۇنى ئالدىدىن سەمىمىيەت بىلەن ئەسكەرتىمىزكى تور سەھىپىمىزدە ئېلان قىلىنغان يازمىلار بىلەن بىزنىڭ مەسئۇلىيەت مۇناسىۋېتىمىز يوقتۇر.
ئەسكەرتىش: ماقالىنى تۆۋەندىكى چوڭ خەتلىك ئۇلنىشنى چەكسىڭىز PDF (رەسىم) شەكىلدە ئوقۇيالايسىز ياكى ساقلىۋالالايسىز.
../Xainlargh_Arimizda_Orun_Yoq.pdf
../Xainlardin_alaqimizni_uzeyli.pdf
../Xainlargha_zerbe_bereyli.pdf
../Xainlargha_arimizda_orun_yoq_ru.pdf
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: خائىنلارغا ئارمىزدا ئورۇن يوق
ھۆرمەتلىك نۇر مۇھەممەد قاراخان ئەپەندى: سىزدىن يۇقۇردىكى ئىنكاسلارنى كورۇپ مەنمۇ ئەپسۇسلاندىم چۇنكى سىز مۇنداق پىكىر يېزىپ مەسئۇلىيەتنى مەندىن ئىزىدىسىڭىز ناتوغرا بولىدۇ. مەن سىزنى 15 يىلدىن بۇيان تونۇيمەن. مەن سىزنى تونۇيدىغان ۋاقىتلاردا سىز قىرغىزىستاندىكى بىر مەشھۇر ئىنقىلاپچى ئىدىڭىز. سىزنى ھېلىمۇ شۇنداق ھۆرمەتلەيمەن چۇنكى سىز ئۇيغۇر ئۇچۇن قولىڭىزدىن كەلگەن خىزمەتلەرنى ئاقتۇرۋاتقان بىر زىيالى سىز.
ئەمدى خوش، مەسىلىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، سىزنىڭمۇ خەۋرىڭىز بار، سىز ماڭا ”مەن ئۇيغۇر“ ناملىق كىتاۋىڭىزنى ۋە باشقا ”ئىرپان“ ناملىق بىر قانچە ژۇرناللىرىڭىزنى نەرشى قىلىشقا ئەۋەتكەن ئىدىڭىز، مەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە گەرچە باشقا قىلىشقا تەگىشلىك ئىشلىرىم بولسىمۇ ئۇلارنى ۋاقتىنچە توختۇتۇپ تۇرۇپ قىممەتلىك 4 سائەت ۋاقتىمنى سەرىپ قىلىپ خالىس سىزنىڭ بۇ كىتاپ ۋە ژۇرناللىرىڭىزنى خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ تور بەتىگە نەشىر قىلىپ قويغان ئىدىم (http://www.uyghurpen.org/Erpan_journal.html). ئەينى ۋاقىتتا سىزمۇ بۇ ئىشتىن خوشال بولۇپ ماڭا رەخمەت دىگەن ئىدىڭىز….
كېيىن بىز ئىككىمىز لوندوندا كورۇشتۇق ۋە بۇ ئۇچۇرشىشلاردىن ئەلبەتتە مەمنۇن بولدۇق. يەنە ئېسىڭىزدە بار سىز لوندوندىن قايىتقاندىن كېيىن ئانچە ئۇزاق ئوتمەي رادىيئودا سىز توغرسىدا مەخسۇس بىر پارچە خەۋەر بەردى. مەن شۇ ۋاقىتتا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ سىز ئۇچۇن پەرىشان بولدۇم. بۇ تەرپىمۇ تەبىي، ئەلبەتتە!
سىز ياخشى بىلىسىز، خەلقىمىزدە ”ئەل پۇۋ دىسە بوران چىقىدۇ“ دەيدىغان گەپ بار. قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن سىزنىڭ ئوتتۇرىڭىزدىكى مۇناسىۋەتمۇ ياكى ئايرىم بىر شەخىسلەر بىلەن ئوتتۇرىڭىزدىكى مۇناسىۋەت مەسىلىللىرىمۇ ۋەياكى سىزنىڭ باشقا سەۋھەنلىكلىرىڭىزمۇ بۇ تەرپى تامامەن ماڭا نامەلۇم ئەمما مەن شۇ يەردىكى جامائەتنى خېلە ياخشى بىلىمەن. قىسقىسى سىزنىڭ بۇ مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىغالىغىڭىز سەۋەبىدىن ھازىرقىدەك مۇشۇنداق ئايىغى تۇگۇمەيدىغان ئىچكى جەدەللەر تۇغۇلدى دەپ قارايمەن. ئەلبەتتە بۇ بىز ھەممىمىز كورۇشنى خالىمايدىغان بىر ئىش.
شۇڭا يۇقۇردىكى ھادىسىلەردىن كېيىن قىرغىزىستاندىكى ”ئاكىللىرىمىز“ دىن سىزنىڭ شۇ خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ تور بېتىدە نەشىر قىلىنغان ”مەن ئۇيغۇر“ ناملىق كىتابڭىزنى ئېلىۋەتىش ۋە توردا تارقىلىشىنى چەكلەش توغرسىدا ماڭا خېلە كۆپ تەلەپ ۋە ئىنكاسلار كەلدى. مەن ئۇلارغا چۇشەندۇرۇدۇم ۋە ئېلىۋەتىشنى رەت قىلدىم. كېيىن ئۇلار ماڭا «ئۇنداقتا بىز قىرغىزىستان ئىتتىپاق جەميىتى نامىدىن نەشىر قىلىنغان بۇ ماقالىنى نەشىر قىلشىڭلارنى تەلەپ قىلىمىز» دىگەن تەلەپ ئوتتۇرغا قويۇلدى. ئاخىر ھەممە نەرسە .ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ مانا دەپ ئوتتۇرغا چىقتى…مەن سىزگىمۇ ھازىر شۇنداق دەيمەن. مەقسىدىمىز پىكىر ئەركىنلىگىنى قوغداش. بىزدە ئومۇمىي بىر بىر پىرىنسىپ بولۇشى كېرەك دەپ قارايمەن.
سىز بىر زىيالى، ئويلۇنۇپ بېقىڭ، ئۇيغۇر جەمىيىتىدە سىز، مەن ۋە باشقىلار مۇشۇنداق پۇتۇن دۇنيا ئىلگىرى سۇرۇشنى تەشەببۇس قلىۋاتقان ئەركىن پىكىر قىلىش، يېزىش ۋە نەشىر قىلىپ تارقىتىشتەك ئىنسانننىڭ ھوقوقىنىڭ مۇھىم تەركىۋى بولغان بۇ نوقتىنى ئۆز خاھىشىمىز ۋە مەنپئىەتىمىز بويىچە سۇي ئىستىمال قىلساق، باشقىلار قانداق قىلىدۇ؟ بىر جەمىيەتنىڭ نورمار تەرەققىي قىلىشى ئۇچۇن ھەر ساھەلەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىشى، كىشىلەر پىكىرلىرىنى ياكى جەمىيەت پىكىرلىرىنىڭ ئۆكتىچى بولسۇن ياكى ماھىللىق ئېقىمىدىكى قوللۇغۇچىلار بولسۇن، تەڭ ئىشتىراك قىلىشى ناھايىتى مۇھىمدۇر.
مەن كىتاۋىڭىزنى كۆردۇم ۋە يازمىللىرىڭىز توغرسىدا ھازىرچە ئېنىق يەكۇن خارەكتېرلىك خۇلاسە چىقارمەيمەن چۇنكى بالدۇرلۇق قىلىدۇ.
ئاخىردا تۆۋەندىكى بايانلارنى ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى قايتا سەمىڭىزگە سالىمەن:
[مەزكۇر تور سەھىپىمىز ئۇيغۇر جەميىتىدىكى ھەر ساھەلىرىنىڭ دادىللىق بىلەن ئىلمىي ئوسۇلۇبتا ئەركىن يېزىش، ئەركىن پىكىر قىلىش، نەشىر قىلىش ۋە مەتبۇئاتتلاردا تارقىتىش ھوقوقىنى قوللايدۇ. ھەر قانداق بىر شەخىسنىڭ ئومۇمنىڭ مەنپىئەتىنى نەزەردە تۇتقان ئىلمىي ئاساستىكى ئەركن پىكىر قىلىش، يېزىش ۋە نەشىر قىلىش ھوقوقى چەكلىمىگە ئۇچۇرماسلىقى كېرەك دەپ قارايدۇ. بىر جەمىيەت ئىلغارلىرى ئۆزىدىكى بۇرۇقتۇملۇقنى، قاتمال ئەنەنىيلىكنى ئىجابىي مەقسەتتە ئۆزگەرتىش يولىدا ئەركىن پىكىر قىلالغاندىلا ئاندىن ئۇ جەمىيەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى خەلق توغرا تۇنۇيالايدۇ ۋە تۇزۇتىشنىڭ ئىجابىي يوللىرىنى تېپىش ئۇچۇن ئىزدىنىدۇ. ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمىيىتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۇچۇن بىر كىشلىك ئاۋازىنى ھەم قوشالايدۇ . تور سەھىپىمىز ئۇيغۇر جەميىتىدىكى ھەر ساھەلىرىنىڭ يازمىللىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. بىزگە ئەسەرلىرىڭىزنى ئەۋەتىڭ. ئېلىخەت ئالاقىلىشىش ئادرېىسىمىز: web@uyghurensemble.co.uk
مەزكۇرماقالە قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاق جەميىتىنىڭ رەسمى نەشىر ئەپكارى «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ 2013- يىلى نويابىر 11- سانىدا ئېلان قىلىنغان ۋە شۇ گېزىتتىن ئەينەن شەكلىدە كۆچۇرۇلدى. شۇنى ئالدىدىن سەمىمىيەت بىلەن ئەسكەرتىمىزكى تور سەھىپىمىزدە ئېلان قىلىنغان يازمىلار بىلەن بىزنىڭ مەسئۇلىيەت مۇناسىۋېتىمىز يوقتۇر.]
ئوچۇق پىكىردىكى بىر جەمىيەت ئۆز خاتالىقلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا بايقايدۇ، تەنقىت ۋە مەدىھىيەلەرنىمۇ ئۆز ۋاقتىدا قوبۇل قىلالايدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆز جەمىيىتىنى ئوزلۇكسىز ئالغا ئىلگىرلىتىشكە تۇرۇتكە بولدۇ. بىز بۇنداق جەمىيەتنى ساغلام تەرەققىي قىلىدىغان جەمىيەت دەيمىز.
قىسقىسى سىزگە سەمىمىي بىر تەكلىپىم: بۇ ماقالە ئاللىمۇ بۇرۇن قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاق جەميىتىنىڭ رەسمى نەشىر ئەپكارى «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ 2013- يىلى نويابىر 11- سانىدا ئېلان قىلىنىپ بولغان ۋە بۇ گېزىت پۇتكۇل ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلىرىمىزغا تارقىتىلغان. دىمەك بۇ ماقالە تارىخقا ئايلىنىپ كەتتى، بىز تونۈگۇنى بۇگۈنىمىزگە قايتۇرۇپ ئەكىلەلمىگىنىمىزگە ئوخشاش بۇ يېزىلغان تارىخ بېتىنى ئەمدى ئۆچۇرەلمەيمىز. شۇڭا سىز مەسلىنىڭ ئىجابىي تەرپىگىمۇ قاراڭ. يەنى سىز مۇشۇ جەدەللەر ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمىيىتىدە سىز ۋە سىزنىڭ نامىڭىز قايتىدىن سەھنىگە چىقتى. مەن ئىشىنىمەنكى تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلىرىمىز سىزنىڭ شۇ كىتابىڭىزنى ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇيدۇ، كاللىسىدە پىكىر يۇرگۇزىدۇ. دىمەك شۇ چاغدا كىتاپخانلار سىزنىڭ كىتاپتا ئىلگىرى سۇرگەن ئىدىيەلىرىڭىزنىڭ توغرا – ياكى خات ئىكەلىگىگە ئۆزلىرى باھا بېرىدۇ.
مەن بۇ يازمامنىڭ ئاخىرىدا سىزنىڭ بۇ ماقالىنى نەشىر قىلغانلىغىمغا توغرا چۇشەنچىدە بولۇشىڭىزنى، مەسۇلىيەتنى تور سەھىپىمىزدىن ياكى مېنىڭ شەخىيتىم بويىچە ئەمەس، سىز ياشاۋاتقان قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جەمىيىتىدىن ئىزدىشىڭىزنى ۋە بۇ جەدەللەرنىڭ يېقىن ئارىدا ھەل بولۇپ، ئۆز-ئارا كەچۇرۇش، ئەپۇ قىلىشلار بىلەن ”ئىتتىپاق“ نامىغا ماس كېلىدىغان بىر ئىناق قىرغىزىستان ئۇيغۇر جەمىيىتى ۋە جامائىتى بولۇشىنى چىن يۇركۇمدىن تىلەيمەن.
һөрмәтлик нур муһәммәд қарахан әпәнди: сиздин юқурдики инкасларни коруп мәнму әпсусландим чунки сиз мундақ пикир йезип мәсулийәтни мәндин изидисиңиз натоғра болиду. мән сизни 15 йилдин буян тонуймән. мән сизни тонуйдиған вақитларда сиз қирғизистандики бир мәшһур инқилапчи идиңиз. сизни һелиму шундақ һөрмәтләймән чунки сиз уйғур учун қолиңиздин кәлгән хизмәтләрни ақтурватқан бир зияли сиз.
әмди хош, мәсилиниң өзигә кәлсәк, сизниңму хәвриңиз бар, сиз маңа ”мән уйғур“ намлиқ китавиңизни вә башқа ”ирпан“ намлиқ бир қанчә журналлириңизни нәрши қилишқа әвәткән идиңиз, мән шу вақитниң өзидә гәрчә башқа қилишқа тәгишлик ишлирим болсиму уларни вақтинчә тохтутуп туруп қиммәтлик 4 саәт вақтимни сәрип қилип халис сизниң бу китап вә журналлириңизни хәлқара қәләмкәшләр уйғур мәркизиниң тор бәтигә нәшир қилип қойған идим (http://www.uyghurpen.org/Erpan_journal.html). әйни вақитта сизму бу иштин хошал болуп маңа рәхмәт дигән идиңиз….
кейин биз иккимиз лондонда коруштуқ вә бу учуршишлардин әлбәттә мәмнун болдуқ. йәнә есиңиздә бар сиз лондондин қайитқандин кейин анчә узақ отмәй радийода сиз тоғрсида мәхсус бир парчә хәвәр бәрди. мән шу вақитта бу хәвәрни аңлап сиз учун пәришан болдум. бу тәрпиму тәбий, әлбәттә!
сиз яхши билисиз, хәлқимиздә ”әл пув дисә боран чиқиду“ дәйдиған гәп бар. қирғизистандики уйғур җамаити билән сизниң оттуриңиздики мунасивәтму яки айрим бир шәхисләр билән оттуриңиздики мунасивәт мәсилиллириму вәяки сизниң башқа сәвһәнликлириңизму бу тәрпи тамамән маңа намәлум әмма мән шу йәрдики җамаәтни хелә яхши билимән. қисқиси сизниң бу мунасивәтләрни яхши бир тәрәп қилалмиғалиғиңиз сәвәбидин һазирқидәк мушундақ айиғи тугумәйдиған ички җәдәлләр туғулди дәп қараймән. әлбәттә бу биз һәммимиз корушни халимайдиған бир иш.
шуңа юқурдики һадисиләрдин кейин қирғизистандики ”акиллиримиз“ дин сизниң шу хәлқара қәләмкәшләр уйғур мәркизиниң тор бетидә нәшир қилинған ”мән уйғур“ намлиқ китабңизни еливәтиш вә торда тарқилишини чәкләш тоғрсида маңа хелә көп тәләп вә инкаслар кәлди. мән уларға чушәндурудум вә еливәтишни рәт қилдим. кейин улар маңа ”ундақта биз қирғизистан иттипақ җәмйити намидин нәшир қилинған бу мақалини нәшир қилшиңларни тәләп қилимиз“ дигән тәләп оттурға қоюлди. ахир һәммә нәрсә .илгири – кейин болуп мана дәп оттурға чиқти…мән сизгиму һазир шундақ дәймән. мәқсидимиз пикир әркинлигини қоғдаш. биздә омумий бир бир пиринсип болуши керәк дәп қараймән.
сиз бир зияли, ойлунуп беқиң, уйғур җәмийитидә сиз, мән вә башқилар мушундақ путун дуня илгири сурушни тәшәббус қливатқан әркин пикир қилиш, йезиш вә нәшир қилип тарқитиштәк инсаннниң һоқоқиниң муһим тәркиви болған бу ноқтини өз хаһишимиз вә мәнпиәтимиз бойичә суй истимал қилсақ, башқилар қандақ қилиду? бир җәмийәтниң нормар тәрәққий қилиши учун һәр саһәләрниң авази аңлиниши, кишиләр пикирлирини яки җәмийәт пикирлириниң өктичи болсун яки маһиллиқ еқимидики қоллуғучилар болсун, тәң иштирак қилиши наһайити муһимдур.
мән китавиңизни көрдум вә язмиллириңиз тоғрсида һазирчә ениқ йәкун харәктерлик хуласә чиқармәймән чунки балдурлуқ қилиду.
ахирда төвәндики баянларни оқуп чиқишиңизни қайта сәмиңизгә салимән:
[мәзкур тор сәһипимиз уйғур җәмйитидики һәр саһәлириниң дадиллиқ билән илмий осулубта әркин йезиш, әркин пикир қилиш, нәшир қилиш вә мәтбуаттларда тарқитиш һоқоқини қоллайду. һәр қандақ бир шәхисниң омумниң мәнпиәтини нәзәрдә тутқан илмий асастики әркн пикир қилиш, йезиш вә нәшир қилиш һоқоқи чәклимигә учурмаслиқи керәк дәп қарайду. бир җәмийәт илғарлири өзидики буруқтумлуқни, қатмал әнәнийликни иҗабий мәқсәттә өзгәртиш йолида әркин пикир қилалғандила андин у җәмийәттә сақлиниватқан мәсилиләрни хәлқ тоғра тунуялайду вә тузутишниң иҗабий йоллирини тепиш учун издиниду. өзлири яшаватқан җәмийитиниң сағлам тәрәққий қилиши учун бир кишлик авазини һәм қошалайду . тор сәһипимиз уйғур җәмйитидики һәр саһәлириниң язмиллирини қобул қилиду. бизгә әсәрлириңизни әвәтиң. елихәт алақилишиш адреисимиз: web@uyghurensemble.co.uk
мәзкурмақалә қирғизистан уйғур иттипақ җәмйитиниң рәсми нәшир әпкари ”иттипақ“ гезитиниң 2013- йили ноябир 11- санида елан қилинған вә шу гезиттин әйнән шәклидә көчурулди. шуни алдидин сәмимийәт билән әскәртимизки тор сәһипимиздә елан қилинған язмилар билән бизниң мәсулийәт мунасиветимиз йоқтур.]
очуқ пикирдики бир җәмийәт өз хаталиқлирини өз вақтида байқайду, тәнқит вә мәдиһийәләрниму өз вақтида қобул қилалайду вә шу арқилиқ өз җәмийитини озлуксиз алға илгирлитишкә туруткә болду. биз бундақ җәмийәтни сағлам тәрәққий қилидиған җәмийәт дәймиз.
қисқиси сизгә сәмимий бир тәклипим: бу мақалә аллиму бурун қирғизистан уйғур иттипақ җәмйитиниң рәсми нәшир әпкари ”иттипақ“ гезитиниң 2013- йили ноябир 11- санида елан қилинип болған вә бу гезит путкул оттура асиядики уйғурлиримизға тарқитилған. димәк бу мақалә тарихқа айлинип кәтти, биз тонүгуни бугүнимизгә қайтуруп әкиләлмигинимизгә охшаш бу йезилған тарих бетини әмди өчурәлмәймиз. шуңа сиз мәслиниң иҗабий тәрпигиму қараң. йәни сиз мушу җәдәлләр арқилиқ уйғур җәмийитидә сиз вә сизниң намиңиз қайтидин сәһнигә чиқти. мән ишинимәнки техиму көп уйғурлиримиз сизниң шу китабиңизни издәп тепип оқуйду, каллисидә пикир юргузиду. димәк шу чағда китапханлар сизниң китапта илгири сургән идийәлириңизниң тоғра – яки хат икәлигигә өзлири баһа бериду.
мән бу язмамниң ахирида сизниң бу мақалини нәшир қилғанлиғимға тоғра чушәнчидә болушиңизни, мәсулийәтни тор сәһипимиздин яки мениң шәхийтим бойичә әмәс, сиз яшаватқан қирғизистандики уйғур җәмийитидин издишиңизни вә бу җәдәлләрниң йеқин арида һәл болуп, өз-ара кәчуруш, әпу қилишлар билән ”иттипақ“ намиға мас келидиған бир инақ қирғизистан уйғур җәмийити вә җамаити болушини чин юркумдин тиләймән.