بىزدىكى تۈركىيە ساراڭلىقى ۋە مەدەنىيەت ئەقىدىسىزلىكى
ئاپتورى: ئورخۇن
قولۇمدا قەلەم، ئالدىمدا يىراقتىكى تۈركىيە زىمىنىدا يۇرت تەلپۈنۈشلىرى ئوتىدا پۇچۇلنىۋاتقان يېقىن دوستلۇرۇمنىڭ، ئوتلۇق سالاملىرى بىلەن قوشۇپ ئەۋەتىلگەن تۈركىيە دىيارىدىكى كۆپ سانلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئورتاق ساداسىنى، ھەرخىل مەدەنىيەت قايناملىرىدىكى ئۆزگىچەتىڭىرقاشلىرىنى، شۇنداقلا ئۆز يۇرتىنى سېغىنغاندا بىر سىقىم توپىسىنى تۇتىيا بىلىپ كۆزىگە سۈرتكىدەك بولغان ئازابلىق ئۇھلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن، سالام خەت ۋە تۈركىيىدىكى تۇرمۇشلىرىنىڭ بايانى، شۇنداقلا ئۆز يۇرتتىكى ۋاقىتلىرىدا سۈرگەن تۈركىيە چۈشى بىلەن تۈركىيە زىمىنىغا قەدەم قويۇپ ئۈگۈنۈش، تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا ھېس قىلغان تەسىراتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ يازغان قوليازمىلىرى، ئۇنىڭدىن باشقا مېنى كۆرۈپ باقسۇن دەپ، قوشۇپ سالغان نۇرغۇن سۈرەت فېليۇنكىلىرى ئالدىمدا يېيىلىپ تۇرۇپتۇ. ئۇلارنى قىزىقىش ۋە ئىشتىياق بىلەن بىرقانچە رەت ئوقۇپ كۆرۈپ چىققانمۇ بولدۇم. كۆڭلۈمدە تۈرلۈك خىياللار، ئاچچىق ھېسلار، گادىرماش سېلىشتۇرمىلار ئورۇن تالىشىپ تۇرۇپتۇ. قايسى بىر يېقىن دوستۇمنىڭ ماڭا ئۇزاقتىن-ئۇزاق ئۇيغۇر مەدەنيىتىنىڭ بويۇن قىسىپ قىلىشلىرى توغىرسىدىكى ئاچچىق قاخشاشلىرى، دارتمىلاشلىرى ۋە بىز بىلەن تەڭتۇش بىر قىسىم بالىلارنىڭ ئۆزىچەئاتالمىش زامانىۋى سالاپەتتە سالام-سائەت قىلىپ ئۆزنى قالتىس چاغلاپ كېتىشلىرىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي ماڭا ئۇلارنى ئەيىپلەپ بېرىشلىرى،ئارقىدىنلا يەنە ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭمۇ بۇ تۇغۇرلۇق نۇرغۇن ياخشى يازمىلارنى يازغانلىقلىرى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي بايان قىلغانلىقلىرى كۆڭۈل ئېكرانىمدىن تېزلىك بىلەن ئۆتتى . ئويلاۋاتىمەن، بۇ ئۇنىڭلا ئەمەس شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن مىللىي كىملىكىمىز ۋە ئۆزلىكىمىزنىڭ خىرسقا دۇچ كەلگەنلىكىدىن ئەنسىرەۋاتقان، تەشۋىشلىك ھېس قىلىۋاتقان بىزلەرنىڭ يۈرەك تېۋىشلىرىمىز ئىدى، ئەلۋەتتە. بۇلارنى قانداق ئىپادىلەش كېرەك؟ قانداق قىلسام دوستلىرىمنىڭ ماڭا بولغان ئۈمىدلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى سادالىرىنى كەڭ دوستلار بىلەن ئورتاقلىشالايمەن دېگەن تۈگمەس تىڭىرقاشلار، ئېنىقسىز سۇئاللار مېنى پەقەت ئارامىمدا قويمىدى . بۇ سادالار تۇغرسىدا نۇرغۇن قەلىمى كۈچلۈك ئۇستازلىرىمىز يازدى ھەم يەنە داۋاملىق يېزىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، مېنىڭدەك بىر نەچچە پارچە كىتاپنى ئوقۇپ قويۇپلا قانائەت ھاسىل قىلۋالغان مەنىۋىيەت يالاڭتۆشلىرىنىڭ ئېغىز غېرىشلىشى ئارتۇقچىمۇ قانداق، دېگەن ئويلارمۇ ماڭا ھەمرا بۇلۇپ يۈردى. بەزىدە ئۆزۈمنى ئىغىردەرىجىدە ئىشەنچىسىزلىك كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان ئوخشايمەن دەپ، گۇمانمۇ قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. مۇشۇنداق تەكرار ئىككىلىنىشلەردىن كېيىن يەنىلا بىرەر قېتىم بولسىمۇ يېزىپ سىناپ كۆرسەم، ھۆرمەتلىك ئۇستازلىرىمىزنىڭ توغرا يول كۆرسىتىشلىرىگە ۋە غەمخۇرلۇق بىلەن قىلغان ئىلھام نەسىھەتلىرىگە ئېرىشىپمۇ قالارمەن، دېگەن تەمەدە قەلەمنى قولۇمغا ئېلىپ يېزىشقا باشلىدىم.
نەچچە يىللار بولغانلىقىغا مەنمۇ ئېنىق بىر نەرسە دىيەلمەيمەن، ئېھتىمال خاتالاشمىغان بولسام مۇشۇ بەش يىل مابەينىدىكى تۈركىيەكىنو-تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ تۈركۈملەپ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى ياكى ئۆز تىلى بويىچە سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ كۆپ سانلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۈركىيىنى چۈشىنىشى چوڭقۇرلاشتى. تۈركىيە جەميىتىدىكى ئەھۋاللار بىلەن بىزدىكى ئەمەلىيەتىنى سېلىشتۇردىغان، بەزىدە يەنە ئۇلارغا ئېنتىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىدى.بەزى ياشلار ھەم ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر ئارسىدا شىددەتلىك تۈركىيە قىزغىنلىقى ۋەتۈركىيە ماللىرى ئەسەبىيلىكى قوزغالدى. نۇرغۇن تۈركىيە شېرىن چۈشلىرىنى سۈرگىچىلەرمۇ چايقالغان سۇدىكى كۈپۈك بۇژغۇنلىرىغا ئوخشاش جەمىيەتتە لەيلەپ چىقىشقا باشلىدى. ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئارتۇقچە دەپ ئېيتىش تەرەققىيات لوگىكىسىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارنىڭ ئوتلۇق ھاياجانلىرى تۈرۈك مەدەنيىتى بىلەن ئويغۇر مەدەنيىتىنىڭ ئۇچىرشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىپ بەردى دېيىشكەبولىدۇ، بۇنى ئىلمىي نوقتىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك دەيمەن.ئەمما ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى ئارسىدا ئەسەبىيلەشكەن تۈركىيە خۇراپاتلىقى ۋە ئۆزنىڭ ئەسلى ھالىتىدىن يىراقلىشىۋاتقان ئاتالمىش ئوتلۇق ھەۋەسلىرىنى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى مەنتىقىسى ئورنىغا قويىۋالىدىغان، تۈركىيە خۇراپاتلىق ئوي-خىيالى بىلەن ئۆز ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغاشنى ئۆزىگە ھوزۇر، ئالىي شەرەپ ھېس قىلىدىغان، بىر تۈركۈم تۈركىيە مەستانىلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇشقا مۇشەررەپ بولالىدۇق . بۇنىڭغا نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ يەردە مەن ئۇلارنى بايان قىلمىساممۇ كەڭ جامائەتنىڭ كۆز ئالدىدا بۇ ئانچە ناتونۇش بولمىسا كېرەك.گەرچەئۆزۈم بىۋاستە تۈركىيە تۇرمۇش قايناملىرى ئىچىدە چايقىلىپ ئۇنىڭدىكى ئوخشىمىغان لەززەت تېتىملىرىنى ھېس قىلىش ئېمكانىيىتىدىن مەھرۇم بولساممۇ ئەمما بۇ توغۇرلۇق كۆرگەن ھەر خىل ماتىرىياللار ۋە ئۇ يەرگە بارغانلارنىڭ زوق-شوق بىلەن قىلغان ھەرخىل بايانلىرى، ئالدىمدىكى تۇرمۇش پۇرىقىغا تويۇنغان خەت-چەكلەردىن ئازىراق بولسىمۇ بۇنى ھېس قىلالىدىم ۋە ئازىراق بولسىمۇ تۈركىيە تەسىراتىمنى شەكىللەندۈرەلىدىم دەپ ئويلايمەن. خېلى ۋاقىتتىن بۇيان بۇ مەسىلە ئۈستىدە قىلغان تەپەككۇرلىرىمنى قەغەز يۈزىگە ئىختىرا قىلىش خىيالىدا بولغان بولساممۇ،ھازىرغىچە يېزىپ باقمىغان ئېدىم. بۇ يازمام ئارقىلىق كۆز ئالدىمدا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ئەھۋاللارنى كەڭ دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىشنىڭ مەلۇم ئەھمىيىتىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىپ تۇرۋاتىمەن.
2010-يىلى 8-ئايلارنىڭ كېينكى كۈنلىرىنىڭ بىرىدە مېنىڭ بىر يېقىن تونۇشۇم ئۆزىنىڭ يۇرتىدىن ئازىراق ئىشلار بىلەن قايتىپ كېلىشتە ھايال بولۇپ قالغانلىقىنى،يەنە ئىككى كۈندە ئۈرۈمچىگە كىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئەتە كەلمەكچى بولغان بىرتۈركىيەلىك مېھماننى مېنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋېلىشىمنى ئېيىتتى.پەقەت تۈركىيەلىك مېھمان بىلەن كۆرۈشۈپ ئەكىلىپ قويىدىغانلا ئېش بولغاندىن كېيىن، بوپتۇلا دەپ ئۇنىڭغا ماقۇل بولدۇم. ئەتىسى چۈشتىن كېيىن مەن ئۈرۈمچى ئايروپورتىغا بېرىپ مېھمان كۈتۈش زالىدا ئۇنى ساقلاپ تۇردۇم، ئالاھەزەل يېرى سائەتلەر ئۆتكەندە قاتارلىشىپ چىقىپ كېلىۋاتقان بىر توپ يولۇچىلارنىڭ قاتارىدا تونۇشۇمنىڭ مېھمىنىنىڭ سىماسى زاھىر بولدى. شۇ چاغقىچە مېنى تىل جەھەتتىكى قاتماللىقنى قانداق ھەل قىلىشتىن ئىبارەت شەكىلسىز توساق ئەنسىرتىپ قويىۋاتاتتى. گەرچە تونۇشۇم ماڭا ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە بىلىدىغانلىقىنى دېگەن بولسىمۇ ئەممە يەنىلا ئەنسىرەشتىن خالىي بولالمىدىم تاكى ئۇچىقىپ مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەنگە قەدەر .توۋا دەيمەن بەزىدە ئىككى ئۇيغۇر بىر يەرگە كەلسە بىر بىرىنىڭ گەپلىرىنى چۈشىنەلمەي قېينىلىپ كېتىدىغان ئىشلارنمۇيوق دېگىلى بولمايدۇ، بىراق ئۇنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېينكى ئەھۋال مېنى بۇ ئوڭايسىزلىقلاردىن پۈتۈنلەي خالاس قىلدى. ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئەھۋاللىشش ماڭا ئاجايىپ ھەيرانلىق ھېسلىرىنى بەخش ئەتكەن ئىدى، شۇ ۋاقىتتا بەك ھەيران قالدىممۇ يا قوللىرىم كالۋالىشىپ قالدىمۇ ئەيتاۋۇر دەقىقە ئىچىدىكى تىڭىرقاشلىقنىمۇ بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ بولدۇم، يۇ يەنە ئېسىمنى يىغىۋالدىم. بىز پاراڭلاشقاچ ماشىنىغا(دوستۇمنىڭ ماشىنىسى بىلەن بارغان ئىدىم) چىقىتۇق. ئۇنىڭدىكى يېقىملىق، كەمتەرلىك بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىغا بولغان پۇختىلىقى، ئۆزىچە ئۇيغۇر مەدەنىيەت،ئۆرىپ-ئادەتلىرىگە بولغان قىزىقىشلىرى ئۇلاردىن ھەيرانلىق ھېس قىلىشلىرى ماڭا تولىمۇ سۆيۈملۈك بىلىندى. گەپ ئارلىقلىرىدا ئۇ مەندىن ماڭا ۋە مېنىڭ يۇرتمغا ئائىت نۇرغۇن قىزىقارلىق ئەمما ئەھمىيەتلىك سۇئاللارنى سورىدى، مەنمۇ ئۇنىڭغا تەپسىلى چۈشەندۈرۈشلەرنىمۇ بەردىم. قايسى بىر كىشىلەرنىڭ‹مەنىلىك ۋاقىتلار تولىمۇ تېزئۆتىدۇ› دېگىنىدەك بىردەمدىلا ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدۇق. ئۇنى ئۆيگىچە ئەكىرىپ تونۇشۇمنىڭ ئۆيدىكىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ ئۆزرىھالىق سوراپ قايتىپ چىقتىم. يولدا كېتىۋاتىمەن، كاللامدا باياتىندىن بېرى بولۇنغان جاھان يىڭىلىقلىرى ۋە بىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنيەتلىرىمىز توغىرسىدىكى كۆپ قىرلىق پاراڭلار، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرخەلق ناخشىلىرىدىن بىر قانچىنى ئېيتالايمەن دەپ پەخرلىنىشلىرى، ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ بىر قانچە كوبلىتلىق شېئىرىنى يادقا ئوقۇپ بېرىشلىرى، توۋا ئۇنىڭ يەنەقانداق مېنى ھەيران قالدۇردىغان ئىشلىرى باردۇر. كۆڭلۈمدە دوستۇم كەلگەندە ئۇلار بىلەن بىللە ئايلىنىپ ئۇ تۈركىيەلىك دوستىمىزنى تېخىمۇ يېقىندىن چۈشۈنۈپ بېقىشنى ئويلاپ قويۇپ ياتىقىمغا قايىتتم.ئىككى كۈن ئۆتۈپ ئۇلار ماڭا تېلفۇن قىپتۇ، ئەسلىدە ئۇنىڭ قومۇلغا بارغۇسى باركەن،شۇڭا مېنىڭمۇ بىللە بېرىپ بېرىشىمنى دەپ تېلفۇن قىلغان ئىكەن، باشقا ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇشۇم بولمىغاچقا ئۇلارغا ماقۇل بولدۇم. شۇ كۈنى بىز بىللە قومۇلغا يۈرۈپ كەتتۇق، ماشىنىدا كېتىۋاتقاچ مەن دوستۇمدىن تۈركىيىلىك دوستىمىزنىڭ ئۇنىڭ دائىملىق مال ئېلىپ بېرىدىغان خېرىدارى ئىكەنلىكىنى ھەمدەھەر قېتىم شىنجاڭغا كەلگەندە مۇشۇنداق ئامال بولسا بىرەر يۇرتقا بىرىپ ساياھەت قىلىپ كېتىىدىغانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇم.ئۇنىڭ ئۆزى بىلەنمۇ ناھايىتى قىزغىن پاراڭلاشتىم . ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ھەر بىر ئېغىز گېپى خۇددى ئۇيغۇرلار بىلەن باشقاجاھاننىڭ يىراق بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىكى قەۋملەرنى سېلىشتۇرۇپ، بۇ توغرسىدىكى ئانالىزىنى يەكۈنلەپ بېرىۋاتقاندەك، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى پىسخىكىسى ۋە ئادەت كۈچى قائىدىلىرى ئۈستىدىكى ئۆزگىچە تەپەككۇر مۇلاھىزىلىرىنى ئۆز ئەمەليىتىدىكى بىۋاستە تۇيغۇلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ماڭا بۇ توغرسىدىكى تەكشۈرۈش دوكىلاتىنى ئوقۇپ بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. تاڭ سەھەرگە يېقىن شىنجاڭدىكى قۇغۇن ماكانى، چىلان ماكانى دەپ تەرىپلىنپ كېلىۋاتقان، بەرىكەتلىك زىمىن قومۇلغا كەلدۇق،ماشىنىدىن چۈشىشىمىزگە دىمىقىمىغا ئۆزگىچە بىرخىل ھاۋا ئۇرۇلدى. ياراتقۇچىنىڭ كارامەتلىرىدىن ھەيران قالىمەن،يۇرتىمىز شىنجاڭدا دۇنيادا مەۋجۈت بولغان ھەرقانداق ھاۋا كېلىماتىنى تاپقىلى بولامدىكىن دەيمەن، تۆت پەسىل خۇددى چىگرا لىنىيىسى ئارقىلىق ئايرىپ قويغاندەك ناھايىتى ئېنىق ئايرىلغان ئىدى. تەبىئەتنىڭ مۆجىزە كارامەتلىرىدىن مۇشۇ خاسىيەتلىك زىمىدا تۇرۇپلا ھەيرانلىق ھېسلىرىغا تولىمىز.قۇمۇلمۇ شۇ مۆجىزە كارامەتلەردىن خالى ئەمەس، ئەلۋەتتە. ھەيۋەتلىك تاغلار ، قىپقىزىل پىشىپ كەتكەن چىلانلىق باغلار،ئېتىزلاردا پىشىپ مەي بوپ كەتكەن قوغۇنلىرى تولۇپ تۇرغان بۇ سېخى ماكان ئەسىرلەردىن بۇيان تۆمۈر خەلىپىگە ئوخشاش باتۇر ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن، ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئەپەندىگە قەلىمى ئۆتكۈر ئالىملىرىمىزنى، ئەسئەت سۇلايمانغا ئوخشاش خەلىقىمىز بىلىم تەشنالىقى ۋە ئۆزلۈك تەمتىرەشلىرىنى تۈگتىش ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىۋاتقان ياراملىق كىشىلىرىمىزنى تەربىيىلەپ يېتشتۈرۋاتقان بىلىمخۇمارلار جەم بولغان ماكان ئىدى. بىز ئەسلىدە تۈرك دوستىمىزىنى قۇمۇلنىڭ داڭلىق سەيلىگاھلىرىغا، ياپيىشىل تاغىلىرىغا يانداشقان گۈزەل باغلىرىغا، مەززىلىك تائاملار جەمگاھلىرىغا ئاپىرىپ ئوينىتىشنى ئويلىغان ئىدۇق،ئەمما ئۇنىڭ تەلىپى بىزنىڭ بۇ ئۇلۇغۋار پىلانلىرىمىزنى ئەمەلدىن قالدۇرشىمىزغامەجبۇر قىلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يەردىكى مەدەنىيەت پۇرىقى ھېدلىنىپ تۇرغان كونا مەھەلىلەرنى، ئۇيغۇر قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىي ئەكىس ئەتكەنجايلارنى ساياھەت قىلش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيىتتى. بىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ ھەيرانلىقىمىزىنى ئىپادىلىمەي تۇرالمىدۇق، لېكىن بىز سايىپخان، ئۇ مېھمان بولغاندىن كېيىن مېھماننىڭ رايىغا باقماي ئامال يوقتە، ئۇنى تەلىۋى بويىچە ئۆزىنىڭ بارغۇسى بار يەرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئاپاردۇق. ئارلىقتا ئۇ تېخى ئالايىتەن قوغۇن قېقى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن بىر مويسىپىت دېھقاننىڭ كىچىككىنە يايمىسىغا باردى ۋە خېلى كۆپ قوغۇن قېقى سېتىۋالدى. بۇنىڭدىن مەن بەكمۇ تەئەججۈپلىك ھېس قىلدىم، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بولغان ھەيرانلىق،گۇمانلىرىم بارغانچە كۈچىيىپ كەتتى. ئۈرۈمچىگە كەلگىچىمۇ ئۇنىڭدىن نىمە ئۈچۈن بۇنداق ئەنئەنىۋىيلىككە قىزىقىدىغانلىقىنى، قۇمۇلنىڭ قوغۇن قېقىنىڭ نامىنى قانداق بىلگەنلىكى دېگەندەك نۇرغۇن چىگش سۇئاللىرىمنى سورىدىم، ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇر مەدەنيىتى ۋە ئۇيغۇر ماددىي فولىكلورىغا قىزىقىشقا باشلىغان بولۇپ،بۇ توغرسىدا ئاز بولمىغان ھاسىلاتلارغىمۇ ئىگە ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قېتىم بۇياققا كېلىشتىن ئاۋۋال بىز توغرسىدىكى ماتىرياللارنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىدىكەن،قۇمۇلنىڭ قوغۇن قېقى توغىرسىدىكى چۈشەنچىنىمۇ ئۇ خېلى بۇرۇنلا ئاڭلىغان بولۇپ،پەقەت بېرىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشكە شارائىتى يار بەرمەپتىكەن، بۇ قېتىمقى ئىككى كۈنلۈك ساياھەت سەپىرى ئارقىلىق بۇئارزۇسىنىڭمۇ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى شۇنچىلىك خوشال ۋە پەخىرلىنەرلىك ھېسىياتى بىلەن سۆزلىگەچ بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ قەشقەرگە ، ئارتۇچ، خوتەن قاتارلىق يۇرتلارغا بېرىپ نۇرغۇن قەدىمى مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كەلگەلىكىنى،بىراق نۇرغۇن ئەپسۇسلۇق ئەھۋاللارنىمۇ بايقىغانلىقىنى ئەسلەپ بەردى. گەپ ئارلىقىدا ئۇ بىزگە تېخى بىزدە ئۇلارنى ئاسىراشتەك ئوي-خىياللارنىڭ بەك سۇس ئىكەنلىكلىرىدەك ئەھۋاللارنىمۇ دەپ ئۆتتى.تۈركىيە زىمىنىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوي پىكرىدە مەلۇم پەرىقلەرنىڭ بارلىقىنىمۇ تېلغا ئېلىپ ماڭا پۇرسەت بولسا ئىزمىرغا بېرىپ ئۇيەردىكى بىزگە ئائىت نەرسىلەرنى كۆرۈپ بېقىشىمنى تەۋسىيە قىلغاچ، ئەگەر بېرىشنى خالىسام ماڭا تۇققان يوقلاش ئىسپاتىنى ئەۋەتىپ بىرىدىغانلىقىنى دېدى……
مانا ئۇنىڭغا ئاق يوللۇق تىلەپ ئۇزۇتۇپ قويغىنىمىزغىمۇ نەچچە كۈنلەر بولدى. تېخىچىلا قەلبىمنى ئۆزۈممۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان ئەندىشە، خىجىللىق، مەسئولىيەت ئارقىسىدىكى شەكىلسىز بېسىم،ئەتراپىمدىكى تۈركىيە ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش چەت ئەللەرنىڭ تۈگمەس تاتلىق چۈشلىرىنىڭ لەززىتىنى سۈرۈپ ئۆزىچە ئۇنى تەرەققىي قىلغانلىقنىڭ بەلگىسى، ئاڭنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى قىلىۋالغانلار بىلەن بۇ تۈرك سودىگىرىنىڭ روشەن سېلىشتۇرمىسى كۆڭۈل بوشلۇقۇمدا تۈگمەيدىغان مۇنازىرە، جەڭگە جىدەللەرنى قىلماقتا.ئۈرۈمچىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك كوچىلىرىدا سېتىلىۋاتقان تۈركىيە كىيىملىرى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ مىللى كىيم-كېچەك دۇككانلىرىمىزدىكى پەقلەر، بەزى ياشلارنىڭ ئۇيغۇر مىللى ماركىلىرىمىزنى ياراتماسلىق تەلەپپۇزى بىلەن قىلغان كۆزگە ئىلماسلىقلىرى، تېخىكىچىك بالىلارغا شاكىلات سوۋغا قىلساق ئەڭ ئاۋۋال سورايدىغان «تۈركىيە ئالبىينى»مۇدەپ قويۇشلىرى، توۋا دەيمەن نەچچە ياشقا كىرگەن كىچىككىنە بالىلاردىكى ئېمپورت قىلىنغانلىرنى تاللاپ يەيدىغان، ئۆزىمىزنىڭكىنىڭ ئىسمىنىمۇ ئۇقمايدىغان، بۇئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىۋاتقانلار زادى كىملەردۇر؟ ئاتا-ئانىلار دەپ قاراي دېسەم بۇنچە چوڭ مەسئۇليەتنى يالغۇز ئۇلارغىلا يۈكلەپ قويساق تازا ئادىل بولمايدىغانلىقىنى ۋىجدان تارازام ئەسكەرتىپ تۇرىۋاتاتتى، ئەمما بۇ جەھەتلەردىكى زىل مەسىلىلەرنى مۇشۇ يەردىكى ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئەقلى تەپەككۇرىمىز ئارقىلىقسەگەك ھالدا، ۋىجدانى مەسئۇلىيەت نوقتىسىدا تۇرۇپ، چىن يۈرىكىمىزدىن سوراپ باقساق،بەلكىم سەۋەپ تەڭپۇڭلىقى ئەسلىگە كېلىپ، مەجبۇرىيەت ھېسلىرى ھەممىزنى سوراققاتارتالىشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن.قارايدىغان بولساق بىزدىمۇ ئۇلاردىن قېلىشمايدىغان تەرەپلەرنىڭ نۇرغۇن ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز،ئۆزىنى-ئۆزى قوغدىمغان قەۋىم يەنەقانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى نۇرغۇن يازمىلار ئارقىلىق ئىلغارلىرىمىزبىزلەرگە سېگىنال بېرىپ تۇرىۋاتىدۇ، ئەمما بىزلەر يەنىلا…. قايسى كۈنى مەن بىرتەرجىمە ماتىريالنى ئوقۇپ قالدىم، ئۇنىڭدا كورىيىنىڭ كۆكتات باھاسى ئەھۋالى توغرسىدا سۆزلەنگەن بولۇپ، كورىيىدە ئېمپورت قىلىنغان كۆكتاتنىڭ باھاسى ئۆزتۇپرىقىدا تېرىلغانغا قارىغاندا ئەرزان بولىدىغانلىقىنى بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ كورىيەلىكلەرنىڭ ئۆزىنىڭكىنى ناھايىتى ئەزىز بىلىدىغانلىقى ئېمپورت ماللارنى ئۆزنىڭكىدىن قەدىرلىك ۋە سۈپەتلىك دەپ ئويلىمايدىغانلىقى سەۋەپ بولغانلىقىنى يېزىپتۇ. ئۇلاردىكى مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك رويىغا قايىل بولماي تۇرالمىدىم، بىزدىچۇ چەت ئەلنىڭ دېسە خۇددى ھەرقانداق نەرسىلىرىگەئالتۇن-جاۋارىياتلاردىن ھەل بېرىلگەندەك تەلپۈنۈپ كېتىمىز،ئەجىبا بىزدىكى ئۆز مەھسۇلاتلىرىمىزنى قوغداش ئېڭى ئاشۇ كورىئانلاردىن ئاجىزمىدۇ، يا ئۆز ماللىرىمىز شۇ قەدەر سۈپەتسىزمىدۇ قايسى ئامىل ئۆزىمىزنىڭكىنى نەزىرىمىزدە شۇقەدەر قەدىرسىز قىلىپ قويىۋاتىدۇ، مەن بەك قايناپ سۆزلەش ئارقىلىق سىلەرگە كايىشنى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆز كۆز-قارىشىمنى سىزلەرگە تېڭىشنى مەقسەت قىلمايمەن، بۇ ھەم ماقالەمنىڭ ئاساسلىق ئىپادە شەكلىمۇ ئەمەس.
ئەگەر بىزدىكى مەدەنىيەت بوھتانلىقىنى چەت ئەللىكىنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق ئىپادىلەپ بەرگىنىم يىتەرلىك بولمىغان بولسا يەنىلا ئەتراپىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق بۇ نوقتىنى يەنىمۇ ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىشنى مېنىڭ بۇ يازمىدىكى باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتىم دەپ تونۇيمەن.
2012-يىلىنىڭ باش باھارىنىڭ بىر كۈنى، بۇرۇن مەن بىلەن مەلۇم بىر تىل ئۈگۈنۈش كۇرسىدا بىللە ئوقۇغان كۇرۇسدىشىم مېنى ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىگە قاتنىشىپ بىرىشىمنى ئېيىتتى، گەرچە مەن ئۇنىڭدىن ئۆزرھالىق سورىغان بولساممۇ لېكىن يەنىلا چىڭ تۇرىۋېلىشى بىلەن ئامالسىز ماقۇل بولدۇم. ئەمەلىيەتتە تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى دېگەندەك سورۇنلار بىلەن ئانچە بەك خوشۇم بولمىسىمۇ بېرىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئۇتۇغۇلغان كۈن زىياپىتىنى بىر تۈرك تائاملىرى رېستۇرانىدا قىلغان بولۇپ، ئۇ يەرنىڭ بېزىلىشى ئادەتتىكىدەك ئىدى. مەن كەلگەن چاغدا ئۇلارمۇ ئاساسەن كېلىپ بولغان بولۇپ، ئۇ مېنى دوسلىرىغا تونۇشتۇرۇپ،ئۇلارنى مېنىڭ بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ئىزدىشىپ تۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.بىلمەيمەن، ئۇ سۇرۇندىكى قىقاس-چۇقانلار، خوشاللىقلار، بىرلىرىنىڭ ئۇزۇندىن-ئۇزۇنتىلىگەن تىلەكنامىلىرى، يەنە قايسىبىرلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈن بولغۇچىنىڭ كىيىۋالغان كىيىملىرىنى داڭلاپ قىلغان ماختىما سۆزلىرى مېنى چۈشىنىكسىز غېرىپسىنىش كەيپىياتىغا ئەسىر قىلدى، خۇددى بۇ يەردىكىلەر بىلەن مەن ئىككى دۇنياداياشاۋاتقاندەك، ئوخشىمىغان مىللىي پىسخىكا، قىممەت قاراشلىرىغا ئايرىلغاندەكلا.ئىلگىرى مەنمۇ نۇرغۇن يىغىلىشلارغا بارغان، ئەمما بۈگۈنكى يىغىلىشنىڭ زادى قايسى ئېقىمغا، قايسى مىللەتكە، ۋە ياكى قايسى مودا دەۋرىنىڭ يۆنىلىشىگە ۋەكىلىك قىلىدىغانلىقىنى ئايرىيالمىدىم، تاماقلار تارتىلدى، ئادانا كاۋاپلىرى، ئىسكەندەر،نەزىمنىڭ بارمىقى دەمدۇ؟ ئەيتاۋۇر ئىشقىلىپ مەن بىلمەيدىغانلا تاماقلار،ئىچىملىكلىرىنى دېمەيلا قوياي ، ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرى ئالدىدا راستىنلا چېنىپ قالغانلىقىمنى ھېىس قىلدىم. بولمىسا مەنمۇ خېلى مودا يۈرىمەن دەپ دوسلىرىمنىڭ ئالدىدا چاقچاق پولىرىنىمۇ قىلىپ قوياتتىم، ئەپسۇس بۇ يەردە مېنىڭدەك كىيىنىش مەستانىسىمۇ مەدەنىيەت سۆرەلمىلىكىنىڭ، جەمئىيەتكە يېتىشىپ ماڭالمىغانلارنىڭ مىسالىغا گۇۋاھ بوپ قالدىم. داۋاملىق ئۇلار بىلەن ئولتۇرۇشنىڭ قىلچە ئورۇنلۇق ئەھمىيىتىنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ يەتتىم –دە، ئۇنىڭغا ئىشىم چىقىپ قالغانلىقىنى دەپ ئۆتۈنۈشلەر ھېسابىغا ناھايىتى تەستە ئۇ ئولتۇرۇشتىن قايتىپ چىقتىم. يولدا كېتىۋاتىمەن كاللامدا باياتىندىن بېرى كۆزلىرىم بىلەن كۆرگەن غەرىپ دېسە غەرىپ ئەمەس، مىللىيلىق پۇرۇقى بارمىكىن دېسە قىلچە ئۇ خىل ھېدلارنى ھېدلىغىلى بولمايدىغان، ئىشقىلىپ شەرىق-غەرىپ مەدەنيىتى ئۆزئارا ئەبجەش بولۇپ كەتكەن ھېسىيات قايناملىرى ئارسىدىن ئېرىشىۋاتقان چۈشىنىكسز خوشاللىقلار ئەكس ئەتمەكتە. يولدا ماڭغاچ ئۆزەمچە ئەڭ ئاددىي بولغان ھېساباتنى قىلىپ باقتىم، بۈگۈنكى ئولتۇرۇش ئاز بولغاندا بىرەر مىڭ يۈەندىن ئاشقانىدى، لېكىن داستىغانغا داخىل بولغانلار بولسا ئاران يەتتە ئادەم ئىدى، بىر ئادەمگە ئىككى يۈزيۈەندىن توغرا كەپتۇ، ئەگەر ئۇلار ئادەتتىكى ئۇيغۇر تائاملىرى ئاشخانىسىدائولتۇرغان بولسا بەلكىم نۇرغۇن پۇل تىجىلىپ قالغان بولاتتى-ھە! ئۇنى تېخىمۇمەنىلىك ئىشلارغا ئىشلەتكەن بولسا …… قورسىقۇمنىڭ ئاچلىقى مېنى خىياللاردىن ئويغاتتى، باياتىندىن بېرى غەيرى-غەيرى تائاملارغا قاراپ ئولتۇرغىنىم بىلەن يەنىلا ئاچ قالغانلىقىمنىمۇ ئويلاپ ئۈلگۈردۈم ۋە قورساق توقلاش ئۈچۈن ئۆزۈم دائىم بارىدىغان ئۆي تائاملىرى ئاشخانىسىغا بېرىپ ئوخشىغان بىر تەخسە لەڭمەن يەپ كېلىش ئۈچۈن قەدەملىرىمنى ئېلدامقىلىپ يۈرۈپ كەتتىم…..
ئۇيغۇر دىيارىغا قارايدىغان بولساق بىزدىكى جۇغراپىيۋىلىك شارائىتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەتكە بولغان مەسئۇليەتچانلىقى ئەڭكۈچلۈك بولغان مىللەت قاتارىدىن قىلغان دەپ قارايمەن، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ شەرىق تەرىپىدە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، شىمال تەرەپتە روس مەدەنىيىتى، غەرىپتە ئەرەب مەدەنىيىتى، جەنۇپتا بۇددا مەدەنىيىتى، غەربىي جەنۇپتا ھېندى-پارىس مەدەنىيتى،ئەگەر غەرىپتىكى تۈركلەرنى ئوخشاش تۈركى مىللەت قاتارىدا ئەمما مەدەنىيەت جەھەتتە پەرىق چوڭ دەپ تەھلىل قىلساق، ئۇنداقتا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى شۇ قەدەر ئۇزۇن بولغان ھاياتى كۈچكە ئىگە، غايەت زور ئاسىمىلاتسىيە قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان مەدەنىيەتلەر قورشاۋىدا تۇرماقتا دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ،شۇنداق مۇھىتتىمۇ ئۇيغۇرمەدەنىيىتى ئۆزنىڭ خاسلىقىنى يوقۇتۇپ قويغىنى يوق. ئەجىبا بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىمىزنى يوقۇتۇپ قويۇش خەتىرىگە دۇچ كېلىشىمىزىنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟
دوكتۇر، تەتقىقاتچى ئەسئەت سۇلايماننىڭ « ئۆزلۈك ۋە كىملىك»دېگەن كىتابىي نەشىر قىلىنىش بىلەن كەڭ ياشلار ئارسىدا بىر مەھەل ئۆزلۈك ئېڭى ۋە كىملىك مۇنازىرىسى ئەۋىج ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇ بىزگە غۇۋا تۇمان ئىچىدىكى ئۆزلىكىمىز ۋە كىملىكىمىزنىڭ سىماسىنى تېز سىزما قىلىپ بەردى دېسەك ئارتۇق كەتمەس.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن ۋە ئۇنىڭغا كۆپلەپ تەشەككۈرلەر ئېيتىمەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە يىل مابەينىدە ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، ئالىملىرىمىز ئارسىدا ناھايىتى ياخشى، سۈپەتلىك ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك مەسىلىسى ۋە ئۆزلۈك ئېڭى تەرەپلەردە ناھايىتى سالماق، مەزمۇنلۇق پىكىرلەرمۇ بېرىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ قايسى يولدا كېتىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ يۈرگەن نۇرغۇن دوسلىرىمىز ئۆزلىرىگە زادى نېمنىڭ كەم بولىۋاتقانلىقىنى بىلىۋالدى دېيەلەيمەن ۋە شۇلارغا ئاشۇ ھەقىقەتلەرنى بىلدۈرەلىگەن جاپاكەش ھارماس قەلەم ساھىبلىرىگە چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.ئەنە شۇنداق يىمرىلمەس تەتقىقات قوشۇنىدىن ئۇيغۇر مەدەنيىتىمىزنىڭ كۈندىن-كۈنگەجۇلالىنىپ ياشناۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولىمەن، ئۇلار يازىدۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بەختى ئۈچۈن يازىدۇ، ئۇلار يېزىۋاتىدۇ مىللىتىمىزىنىڭ نىداسى ئۈچۈن يېزىۋاتىدۇ ھەم داۋاملىق يازىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.
بىزدە تارىخىمىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ قۇدىرەتلىك ئۆتكەن زامانلىرى، مىللى مەدەنيىتىمىزنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى،شارائىتلىرى، ئۇلۇغ كىشىلىرىمىزنىڭ تارىختا قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك ۋە مول مەدەنىي مىراسلىرى ھەققىدە ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيدىغانلار بەك جىق، بەلكىم بۇ بىزدىكى «مىللىي غورۇرچىلىق» تىن بولسا كېرەك. ئەمما بىز يەنە بىر نەرسىنى يەنىمۇ شۇ «مىللىي غورۇرچىلىق»نى قانداق ئورۇنلاردا قانداق ئەھمىيىتى بىلەن جارى قىلدۇرۇشنىمۇ سوغۇققانلىق بىلەن ئويلاشماي بولمايدۇ دەپ قارايمەن.بىزدە ئەڭ موھىم بولىۋاتقىنى ئەقىدىنىڭ كەمچىللىكى ۋەئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيەت بايلىقىمىزغا بولغان ئەقىدىمىزنىڭ سۇسلاپ كېتىشىدىنمىكىن دەيمەن.
پىراففىسۇر، تەتقىقاتچى ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىنىڭ « ئۇيغۇرلاردا ئەبگالىق» دېگەن ئەسىرىدىكى مۇنۇ قۇرلارنى بايان قىلىش ئارقىلىق، بۇ نوقتىنى ئازىراق بولسىمۇ شەرھىلەش مەقسىتىمنى ئىشقا ئاشۇرالىسام ئەجەپ ئەمەس.«…..بىراق ئەبگالىق ئىللىتى ۋۇجۇدىمىزنى چىرماپ كەتكەن ئۇيغۇرلاردائەقىدە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ «ئەلىھەمدۇلىلا مەن مۇسۇلمان» دېگەنلىرى يالغان.بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ «ناماز ئوقۇش كونىلىق بولىدۇ، دېگەن زامانلاردا، مەھەلىسىدىكى مەسچىدلەرنى تاقاپ، ئۇنى ئەسكى-تۈسكىلەرنى قويىدىغان ئامبار قىلىۋالغانلىقى پاكىت.ئۇلارنىڭ مەن «ماركىسىزىمچى كوممۇنىستمەن» دېگەنلىرى كاززاپلىق، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ياش ۋاقتىدا كادىر بولۇپ، ناماز ئۇقىغانلارنىڭ ساقىلىنى يۇلۇپ، نامازغا ئەرزان ئېيىتقان مۇسۇلمانننىڭ قولىقىغا مۇشلاپ، ھاياتى كۈچى بار ئۆمرىنى خەلقنى قاقتى-سوقتى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن تۇرۇقلۇق، ئەمدىلىكتە تەقۋادار مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ، مەسچىد جامائىتىنىڭ قاتارىغا قوشۇلىۋالغانلىقى، ساقاللىرىنى ئۇزۇن قويىۋېلىپ، قوللىرىدىن تەسۋىنى چۈشۈرمەي«سۇبىھانەئاللا»دەپ يۈرۈشلىرى پاكىت ۋەھاكازالار…»گەرچە بۇ پارچە بىر كىنايە بولسىمۇ ئەمما ئۇ بىزگە ئەقىدىنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى كۆرسۈتۈپ بېرەلەيدۇ. ئەقىدە ئۇ كىشىلەردىن ئۆزى ئەقىدە قىلغان نەرسىلىرىنى ئاسىراشنى، ئۇلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ھەتتا زور بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماسلىقنىمۇتەلەپ قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بىزدە كەم نەرسە دەل شۇ ئەقىدە. ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيەت بايلىقىمىزغا، شانلىق تارىخىمىزغا، گۈزەل يۇرتىمىزغا بولغان ئەقىدەئىخلاسىمىزنىڭ كەم بولىۋاتقانلىقى،ئەقىدىسىزلىكنىڭ بىزنى بارا-بارا تۇمان ئىچىگەسۆرەپ ئېلىپ كىرىۋاتقانلىقىدۇر.
شىنجاڭ مەدەنيىتى ژورنىلىنى سېتىۋلغىلى نەچچەكۈنلەر بولغان بولسىمۇ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى بۈگۈن تېخى ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالىدىم. كەچ بولغىنىغا قارىماي بىر خىل قىزىقىش ئىلكىدە ئەسقەر ئەنىۋەرئەل سۆيەرنىڭ دوكتۇر، تەتقىقاتچى، جەمىيەتشۇناس زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئاكىمىزبىلەن ئاكىمىز بىللە ئېلىپ بارغان «ياشاش ئۆزىمىزگە جەڭ ئېلان قىلشتۇر »سەرھەۋىلىك زىيارەت خاتىرسىنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. ئۇنىڭدىكى پىكىرلەر ماڭا تولىمۇتەسىر قىلدى. بولۇپمۇ زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ « ئۇيغۇرلاردا تۈركىيە خۇراپتلىقى ۋە ئېمپورت ماللار خۇراپاتلىقى» بەك ئېغىرلىشىپ كەتتى، دېگەن قارىشىنى قوللايدىغانلىقىمنى يوشۇرالمايمەن. سۇئاللار كۆپ ئەمما جاۋاپ بېرىشكە يېتەرسىز مەن،بىزگە نىمە بولدى؟ بىز زادى نەگە بارىمىز ؟ ياش ئەدەبىي تەنقىدچىمىز نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ:« مەن نەدىن كەلدىم؟ نەگە بارىمەن؟ قانداق بارىمەن؟…. »دېگەندەك ئۆتكۈر سۇئاللىرىغا ئوخشاش ئىزتىراپلىق تىڭىرقاشلار پۈتكۈل ئاڭ سىزىمىم ۋە تەپەككۇر ئالىمىمنڭ ئەڭ يۈكسەك چوققىلىرىدا جۇلالىنىشقا باشلىدى. ئەلۋەتتە بۇيەنە ئۆز نۆۋىتىدە ھەر بىرلىرىمىزنىڭ ئۆز-ئۆزىمزىدىن سوراپ بېقىشقا تىگشلىك مەسىلىمىكىن دەيمەن.
تەرەققىيات ئەلۋەتتە ھەرقانداق بىر مىللەت ياكى ھەقانداق بىر رايۇندا ياشاۋاتقان قەۋىم ئۈچۈن ئېيتقاندا مۇقەررەرلىكە ئېگە ھەرىكەت جەريانى.ھەرىكەت بولىدىكەن ئۆزگىرىش بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭدا يەنە نۇرغۇنلىقان قۇربان بېرىشلەر ۋە ئېگە بولۇشلار بىلەن بولىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا ئىدى، يەرشارىنىڭ 300يىللىق تەرەققىياتى جەريانىدا يوقاتقانلىرى بۇنچە ئېغىر بوپ كەتمىگەن بولاتتى. شۇنداقلا ھازىرقى بىزلەرنىڭ ياشاشتىكى قورقۇنۇشلۇق ئەندىكشلىرىمىزئۆزىمىز ياشاۋاتقان ماكاننىڭ كەلگۈسىدىكى ھالىتىگە بولغان توختاۋىسىز خەۋىپسىرەش خاراكتىرىنى ئالغان قىياسلىرىمىزمۇ بولمىغان بولاتتى. تەرەققىيات ئۆز نۆۋىتىدە يەنە قايتىلىما بولغان ئەكىس تەسىرىنى ئانالىز قىلمىسا بولمايدىغان جەريان،بولمىسا كېلىپ چىققان ئاۋارىچىلىقلارمۇ ئاز بولمايدۇ، بۇ خۇددى يول ياسىغاندا ئەۋرەز يوللىرىنى ئويلاشماي يول پۈتكەندە يەنە قايتىدىن بۇزۇپ ساق يولغا ياماق سالغاندەكلا بىر ئىش، ئەمما بۇ خىل ئەھۋالنى پۈتكۈل تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ياكى تەرەققياتنىڭ پۈتكۈل ساھەلىرىدە ئورتاق مەۋجۈت ھادىسە دەپ ئيتىشقىمۇ بولمايدۇ، پەقەت ئاز ساندىكى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ قىسمەنلىكىدىن ئىبارەت خالاس. دۇنيا تەرەققى قىلىشى كېرەك، بۇ مۇقەررەر بىر ئەھۋال، ئەمما قانداق تەرەققىي قىلىش مەسىلىسىگە نىسبەتەن ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ياكى بولمىساھەرقانداق رايۇننىڭ ئۆز ئەمەليىتىىڭ يەكۈنىگە ئاساسلانغىنى بويىچە بولغىنى ئەڭ ياخشى. دۇنيا بويىچى ئەڭ كۈچلۈك ئامىرىكىمۇ تەرەققىيات ، ئالغا ئىلگىرلەش جەريانىدا ئۆزنىڭ ئامېرىكىچە يولىنى تۇتۇپ ماڭدى، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ئامېرىكىچەمەدەنىيىتنى تەرەققىياتىقا يۈك قىلىۋالمىدى، ئەكسىچە ئىككىسى بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئامېرىكىچە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ياراتتى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ بىرئاددىي مىسال بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار ناھايىتى كۆپ بۇ يەردە بىرمۇ- بىر تەكىتلەش مۇمكىن ئەمەس.
دېمەك، بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات بولغان قاراشلىرىمۇ شۇنىڭغا تەڭداش بولىشى كېرەك دەپ قارايمەن. مەن ئۇيغۇرلاردىكى ئىلىم-پەن ، مەنىۋىيەت، كامالەت، ئادىمىيلىك تۇيغۇلىرىنى پۇل-بايلىق،بىلەن چىقىشالمايدۇ دېسە پەقەت ئىشەنمەيمەن، ‹جاھاندا ماددى كاپالەت بىر قەدەممۇ مەنىۋىيەتتىن ئايرىلىپ باققان ئەمەس›(نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن).شۇنداق ھازىرقى ياشلارنىڭ ئارسىدىكى بىزنىڭ مەدەنيىتىمىزنى ئارقىدا قالدى، زامانغاماسلاشمىدى، ئۇنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك دەيدىغان ئاز ساندىكى مودىكەشلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات سەپسەتىلىرىنىڭ قىلچە ئاساسى يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۋاتىمەن.ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتى كۈچى ئېنتايىن يۇقۇرى سېستىمىلىق ئېلىپ بېرىلغان، گەرچە ئەتراپىدا كۈچلۈك ئاسسىمىلاتسىيە ھەرىكەتلىرى بولسىمۇ ئۇيغۇرمەدەنىيىتىنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىۋېتىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. ھەممىگە مەلۇم بىر شەيئىنىڭ ئۆز مەۋجۈتلۇقىنى ساقلىشى ئۈچۈن ئۇ چوقۇم مۇھىتقا ماسلىشالىشى كېرەك،بۇنىڭ بىردىن-بىر ئامالى ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ ھەم شۇنداق بولۇشى كېرەك شۇڭا بىز پۈتۈن زېھنى كۈچىمىزىنى ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى قانداق قىلىپ تەرەققى قىلدۇرۇش، زامانىۋى جەمىيەت بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ ئورتاق ئىلگىرلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى ئۆزگىرىشلەر بىزگ ەبۇنىڭ تامامەن مۇمكىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. مەسلەن، بىر قىسىم كېيىم-كېچەك كارخانىلىرىمىز ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرىمىزنى زامانىۋى مودا ئېقىمى بىلەن قايتانامايەن قىلىپ ئويلىمىغان ئۈنۈملەرگە ئېرىشتى.شۇڭا بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭكىنى باشقىلاردىن تۆۋەن دېگەن قاراشلاردا بولۇشىمىز بەكلا بىر تەرەپلىمىلىكتۇر. («ئوقۇدى ئاشتى باشقىلار بىزدىن ئەي قېرىندشلار ، كۆرگەچ ئۇلارنىڭ ئىجتىھاتىنى قاينار ۋىجدانلار . ھاۋادا لاچىندەك جەۋلەن قىلار باشقا مىللەتلەر، قالدۇق بىزئۇلاردىن بەكمۇ ئارقىدا ئويلا ئۈممەتلەر.») مېنىڭچە مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ بۇ چاقىرىقىنىڭ ۋاقتى ئۆتمىگەن بولسا كېرەك، ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ تۈركىيە زىمىنىدا نەچچەيىللاپ تۇرۇپ ئېلىم تەھسىل قىلغان ئىكەن. شۇنداق جاھالەتلىك يىللاردا ئۇ بىزگە تۈركىينى داڭلاش ئەمەس، ئۆزىمىزنى تۈركچە ئۆزگەرتىۋىلىش ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈپ ئۇلاردىن ئۆتۈپ كېتىشىمىزنى، ئۇيغۇر مىللىتى دېگەن شەجەرىلىك بايراقنى دۇنيا ئاسمىنىدا لەپىلدىتىشكە چاقىرغان ئىكەن. ئۇ ۋاقىتلاردىكى شىنجاڭ بىلەن ھازىرقى شىنجاڭنى سېلىشتۇرۇش ئەسلا مومكىن بولمىسىمۇ، ئەمما بىر تەرەپنى يەنى بىزدە تەرەققىيات، مەدەنىيەت،ئېلىم خۇمارلىق كۆز-قارىشىنىڭ دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر مىللەتتىن كام ئەمەسلىكىنى ھەتتا ئەكسىچە ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. بۈيۈك نامايەندە«قۇتادغۇ بىلىك» تە (ئۆتكەنلەر «قۇت بەلگىسى بىلىگ» دەپتۇ، بىلگ بىلسەڭ بەخىتلىك بولۇر ئوقۇ دەپتۇ. بىلگسىز نادانلارنىڭ ھالىغا ۋاي، بىلگ ئال، ئەلگە قۇش قۇت،تۆھپە دەپتۇ.) راست، بىلىم بايلىق، بىلىم تەرەققيات، بىلىم بەخىت ئەيتاۋۇر يەنەقانداق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەشنىمۇ بىلمىسەممۇ ئەمما ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ تۇغرسىدىكى يۇقارقىدەك يەكۈنلىرى مۇنداقلا يېزىپ قويۇلغان نەرسە بولماستىن ناھايىتى كۈچلۈك ئاساسلار بىلەن يۇغۇرۇلغان دېيىشكە (مەيدىمىزنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ)ھەقلىقمىز دېيەلەيمىز.
مەۋجۇتلۈق قوغداشقا مۇھتاج. ھەرقانچە شانلىق مەدەنىيەتمۇ يېتەرلىك قوغداشقا ئېرىشەلمىىسە قانداق تەغدىر قىسمەتلەرنىڭ ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قويسۇن. بەزىلەر بىزلەرنى دۇنيادىكى ئىككىنچى سىگانلار بولۇپ قالارمۇ؟ سەنئەت بىزلەرنى نەلەرگە ئاپىرىپ تاشلار؟ بىزدە سەنئەتچىلەر قۇمدەك كۆپىيىپ كەتتى ھەم بىزنىڭ (گېنىمىزغا) ئورۇنلىشىپ كېتىۋاتىدۇ… دېگەندەك تۈرلۈك ئەندىشىلەردە بولماقتا. مېنىڭ ئۇلارغا دەيدىغان شەخسى قارىشىم(ئۆزۈمگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ) ئۇنداق بولمايدۇ، مەدەنىيەت ئۇ كۆپ قىرلىق بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ھەممە قىرلىرى ئىسلاھ قىلىشقا ( ئەنئەنە ئاساسىنى ساقلاش شەرتى بىلەن) ، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا موھتاج،بۇ توغرسىدىكى تەتقىقاتلارنى كۈچەيتىشكە خىزمەت قىلىش كېرەك،بولمايدىكەن ياشلىرىمىزنىڭ ئارسىدىكى مەنىۋىي نامىراتلىقى ۋە ئۆزىدىكى شۇ نامراتلىق بوشلۇقىنى ئۆزگەمەدەنىيەتلەردىن ئىزدەيدىغان مەدەنىيەت قەلەندەرچىلىكى كۈچىيىپ كېتىدۇ. بۇنداق ئېچنىشلىق مەنزىرلەرنى كۆرۈشنى ھېچقايسىمىز خالىمايمىز چۈنكى بۇ مىللەتكە بىر بۆھتان، بىر ئازاپ بولۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئادەمدە ئۆزىنى قوغداش ئېڭى، ئۆزلۈكىنى قوغداش ئېڭى بولمايدىكەن، ئۇنىڭ مىللىي كىملىكىنى، مىللى ھېسىياتىنى قوغداش ئېڭى ئەلۋەتتە بولمايدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتى پەقەتلا بىزنى روھىيەتتىكى بوھتانلىققا ئېلىپ بېرىشتىن باشقىسى ئەمەس. دۇنيا ھەر خىل شەكىلدىكى مەدەنىيەت ئېنقىلابىي ئارقىلىق بۇرۇن يۇقۇتۇپ قويغان تۇيقۇلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ھەرىكەت قىلىشماقتا، بىراق ئۇلارنىڭ قانچىلىك ھوسۇلغا ئىگە بولىشىنى بىر نەرسە دېمەك قىيىن. ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا بىزتېخى كۆپ بەخىتلىك ھېسابلىنىمىز .قانداقلا بولمىسۇن بىزدە مىللى مەدەنىيەت بايلىقلىرى ئۆزىنىڭ جۇلاسىنى يوقاتماي داۋاملىشىپ كەلمەكتە، ئەگەر ئۇلارنى قوغداشنى ئۆزىمىزنىڭ ئالىي شەرىپى قىلىپ تۇنۇشنى ئەمدىلەردىن ھېس قىلساقمۇ كېچىككەن بولمايمىز. مەدەنىيەت ئۇ بايلىق،مەدەنىيەت ئۇ رول، بىزلەر رولچىلىرىمىىز، رول سەرخىل بولغان بىلەن رولچى ساز بولمىسائوخشاشلا ئەندىشىدىن، قورقۇنۇشتىن يېراق ئەمەسمىز.ئەجدادلارنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن مەدەنىيەت مىراسلىرى بىزلەرگە پارلاق نۇرلىرى بىلەن يېتىپ كەلگەن ئىكەن،ئەۋلاتلارغا يەنە شۇ پارلاق نۇرلىرى بىلەن يەتكۈزۈش سىز بىزگە ئوخشاش بىر ئەۋلاد رولچىلارغا ئامانەتتۇر. ئۇلۇغ كىتاپلادا شۇنداق قەيىت قىلىنغان «ئامانەتكە خىيانەت قىلغانلارنى ھىچكىم كەچۈرمەيدۇ، ياراتقۇچىمۇ كەچۈرمەيدۇ». شۇنداق ئىكەن بۇ مۇقەددەس ئامانەتنى ساق سالامەت كېيىنكى ئەۋلادلارغا تاپشۇرايلى، ئۇلار بىزدىن،سىزدىن ۋە ھەممىزدىن رازى بولسۇن، بىزلەرنىڭ قىلغان شۇنچىكى خىزمىتىمىز ئۈچۈن ئۇلار كەلگۈسىدە مەدەنىيەتسىزلىكنىڭ ئازابىدىن يىراق تۇرسۇن.
مەنبە: باغداش تورى – http://bbs.bagdax.cn/thread-22625-1-1.html
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: بىزدىكى تۈركىيە ساراڭلىقى ۋە مەدەنىيەت ئەقىدىسىزلىكى
ئورخوننىڭ: «بىزدىكى تۈركىيە ساراڭلىقى ۋە مەدەنىيەت ئەقىدىسىزلىكى» ماۈۋزۇلىق ماقالىسى ، ھازىرقى ئۇيغۇر ياشلىرىغا خاس بەزەن بىر تىل كەمچىلىكلىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا مەزمۇنلۇق يېزىلىپتۇ. ئۇنداق ماقالىلارنى جىقراق تارقىتىشقا كۈچ چىقىرىش كىرەك دەپ ئويلايمەن. مۇئەللىپكە رەخمەت!
ت. سەرگارى.