كېچەلمەيمەن
گۇلشەن ئايقۇمۇلي
تانالمايمەن
يانالمايمەن-
مەيلى سەن قانچە زورلىساڭمۇ.
مېھرىڭدە كۆيدۇرۇپ-
يۇرگۇمنى كۇل قىلساڭمۇ….
ياكى سەن سۆيگۇنۇم ھەققىدە-
يالغانلارنى ئويدۇرۇپ-
پۇتۇن ئالەمگە چېچىۋەتسەڭمۇ.
ئۇنۇتمايمەن،
سەن مېنى ھەم ئۇنۇتما،
كېچەلمەيمەن-
ھەم مېنىڭدىن كېچىۋالما.
كېچەلمەيمەن….
تاكى روھىمسىز جىسمىم-
مەن تۆرەلگەن تۇپراققا ئايلانمىغىچە-
ئاي يۇزۇمگە بەلگە سالغان-
ۋەتىنىمنىڭ توتىيا توپىسى-
تۇزۇپ تۇگىمىگىچە.
رىۋايەتلىك كەچمىشى…
يۇلتۇز سانىغان كېچىللىرى-
ئەسلىمەمدىن-
تامان ئۇنتۇلمىغىچە!
سوزلەيدۇ بىر نىدا-
يۇركۈمدىن-
مەن ھەرگىز كېچەلمەيمەن-
ھەرگىز-
مېنىڭ دىلداش
تىلداش
ئىمانداش
سويگەن شۇ ئەزىزلىرىمدىن-
مېنى تۇغقان ۋەتىنىمدىن!!!
2014- يىلى 5- ئاينىڭ 6- كۈنى
نيويورك
شىئېرنىڭ رەسىم شەكلى :
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: كېچەلمەيمەن