چارچىدىم
گۇلشەن ئايقۇمۇلي
مەن چارچىدىم
بۇ دۇنيادىن چارچىدىم…
يالغانلاردىن چارچىدىم
ئوزىنى مۇسۇلمان دەپ-
پىتنە قىلىشتىن قورقمايدىغان-
روھى زاۋال نىمجانلاردىن چارچىدىم.
بىلىمسىز، نادان ”مىللەت سويەرلەر” دىن-
ئاللاھ دەپ ئاللاھتىن قورقمايدىغان-
نائەقىل ئادەملەردىن چارچىدىم.
ياخشىلاردىن ھەسەت قىلىۋاتقان-
زارلاش بىلەن كۈن ئۆتكۇزۋاتقان-
سۇخەنچىلىكتە-
لالما ئىت كەبى قاتىراۋاتقان-
ئارمىزدىكى ئادەمسىمان-
بىز بىلەن تىلداش بولغان-
ئەشۇ ساپاسىزلاردىن چارچىدىم.
مەن تامان چارچىدىم
قەلبى قارا مەخلۇقلاردىن چارچىدىم
دوستۇڭمەن دەپ ئارقاڭدىن پىچاق ئۇرىدىغان-
تۇزكور مەلئۇنلاردىن چارچىدىم.
مەن چارچىدىم
بۇ دۇنيادىن چارچىدىم…
مەدەت بەرگىن مەن ئاجىزە بەندەڭگە-
ھەم شەپقەت ئەقىلسىزلەرگە-
شۇندا مەن ئەسلى چارچىماسمىدىم!
2014- يىلى 7- ماي
نيويورك
شىئېرنىڭ رەسىم شەكلى :
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: چارچىدىم