ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 07 - ئاينىڭ 04- كۈنى 09:16 مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

    دۆلەت بايرىقى

    ئاساسلىق بايراملىرى: نورۇز (22-مارت، شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ يېڭى يىلى)؛ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق جۇمھۇرىيەت كۈنى(1990-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى «ئىگىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ماقۇللانغان )؛ مۇستەقىللىق كۈنى: 16-دېكابىر (1991-يىلى)؛ قوراللىق كۈچلەر كۈنى: 7-ماي(1992-يىلى)؛ ئاساسىي قانۇن كۈنى: 30-ئاۋغۇست(قازاقىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنى 1995-يىلى 30-ئاۋغۇست ماقۇللانغان)

    زۇڭتۇڭ: نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، 1992-يىلى 12-ئايدا قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، 1999-يىلى 1-ئايدا يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان، 2005-يىلى 12-ئايدا يەنە زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى يەنە ئۆز ئۈستىگە ئالغان. 2006-يىلى 1-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. زۇڭلى كەرىم مەسىموۋ 2007-يىلى 1-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.

    نوپۇسى: تەخمىنەن 15 مىليون 815 مىڭ بولۇپ، قازاق، رۇس، ئۇكرائىن، ئۆزبېك، نېمىس ۋە تاتار قاتارلىق 131 مىللەتتىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار نوپۇسنىڭ %58.6ىنى ئىگىلەيدۇ. قازاق تىلى دۆلەت تىلى، رۇس تىلى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە يەرلىك ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئىشلىتىدىغان ھۆكۈمەت تىلى. ئاھالىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە پراۋۇسلاۋىيە دىنى، خرىستىئان دىنى قاتارلىق دىنلار بار.پايتەختى: ئاستانە، نوپۇسى 550 مىڭ. ئاستانىنىڭ ئەسلى نامى ئاقمۇلا بولۇپ، 1997-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئالمائاتانىڭ ئورنىنى ئېلىپ پايتەخت قىلىنغان، 1998-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى ھازىرقى ئىسمىغا ئۆزگەرتىلگەن.

   

 دۆلەت گىربى

    تەبىئىي جۇغراپىيىلىك شارائىتى: يەر كۆلىمى 2 مىليون 724 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر. ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەر مەيدانى ئەڭ كەڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى. شىمالدا رۇسىيە، جەنۇبتا ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، قىرغىزىستانلار بىلەن چېگرىلىنىدۇ. غەربىدە كاسپىي دېڭىزى بار، شەرقتە جۇڭگو بىلەن چېگرىلىنىدۇ، «ھازىرقى زاماندىكى يىپەك يولى» دەپ ئاتالغان «ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى» قازاقىستاننىڭ پۈتۈن چېگراسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. قازاقىستان زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمى تۈزلەڭلىك ۋە پەس يەرلەر بولۇپ، غەربىدىكى ئەڭ پەس جاي دېڭىز يۈزىدىن 132 مېتىر تۆۋەن؛ شەرقى ۋە شەرقىي جەنۇب قىسمىدا ئالتاي تېغى ۋە تەڭرىتاغ بار؛ تۈزلەڭلىكلەر ئاساسلىقى غەرب، شىمال ۋە غەربىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان؛ ئوتتۇرا قىسمى قازاق ئېدىرلىقلىرى. چۆللۈك ۋە يېرىم چۆللۈك قازاقىستان ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %60ىنى ئىگىلەيدۇ. ھاۋا كىلىماتى ئېغىر قۇرغاق قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ، ياز پەسلى تومۇز ئىسسىق ھەم قۇرغاق بولىدۇ، قىش پەسلىدە قەھرىتان سوغۇق بولىدۇ ۋە قار ئاز ياغىدۇ. 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃19- دىن ℃4- قىچە، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃19تىن ℃26قىچە بولىدۇ. مۇتلەق ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئايرىم ئايرىم ھالدا ℃45 ۋە ℃45-، قۇملۇقتىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃70قا يىتىدۇ. يىللىق ھۆل يىغىن مىقدارى چۆللۈك رايونلىرىدا 100 مىللىمېتىرغا يەتمەيدۇ، شىمالىي قىسمىدا 300 مىللىمېتىردىن 400 مىللىمېتىرغىچە؛ تاغلىق رايونلاردا 1000 2000 مىللىمېتىر بولىدۇ.

                                                                    

                                                                        

    قىسقىچە تارىخى: قازاقىستان ئۇزاق تارىخقا ئىگە دۆلەت بولۇپ، مىلادى 6-ئەسىردىن 8-ئەسىرگىچە تۈرك خانلىقى قۇرۇلغان، 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا قازاق خانلىقى قۇرۇلغان، 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قازاق قەبىلە مىللىتى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ بولغان. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىن كېيىن، قازاقىستان رۇسىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن. 1917-يىلى 11-ئايدا قازاقىستاندا سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان، 1936-يىلى 12-ئايدا قازاق سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇلغان. 1991-يىلى 10-دېكابىر دۆلەت نامى قازاقىستان خەلق جۇمھۇرىيىتى دەپ ئۆزگەرتىلىپ، 16-دېكابىر رەسمىي ھالدا مۇستەقىللىق جاكارلىغان، 21 –دېكابىر مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا بولغان.

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە