ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قىسقارتىلىپ ئامېرىكا دەپ ئاتىلىدۇ، ئامېرىكا ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ نامىنى دۆلەت نامى قىلىپ قوللانغان، ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ نامى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قىسقارتىلما نامى ئىنگلىزچىدە ئوخشاشلا «America» دېيىلىدۇ.
مۇھىم بايراملىرى: دۆلەت بايرىمى، 4-ئىيۇل (ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق كۈنى، 1776-يىلى)؛ مەملىكەتلىك ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ئەسلەش كۈنى، 11-سېنتەبىر؛ ئاسىيالىقلار ۋە تىنچ ئوكيانلىقلار ئەۋلادى بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەنئەنە ئېيى، ھەر يىلى 5-ئايدا.
دۆلەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى: ئامېرىكىنىڭ 44-زۇڭتۇڭى(56-نۆۋەتلىك) باراك ئوباما، 2008-يىلى 11-ئايدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان، 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان؛ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ جو بايدىن، 2008-يىلى 11-ئايدا سايلانغان؛ دۆلەت كاتىپى ھىلارى رودھام كلىنتون، 2009-يىلى 1-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان؛ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گەيتىس، 2006-يىلى 12-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان، 2009-يىلى 1-ئايدا داۋاملىق ۋەزىپىگە ئولتۇرغان؛ مالىيە مىنىستىرى تىموسىي گەيزنىر 2009-يىلى 1-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.
تەبىئىي جۇغراپىيەسى: شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، دۆلەت زېمىنى يەنە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئالياسكا ۋە تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىمالدا كانادا بىلەن چېگرىلىنىدۇ، جەنۇبتا مېكسىكا ۋە مېكسىكا قولتۇقىغا، غەربتە تىنچ ئوكيانغا، شەرقتە ئاتلانتىك ئوكيانغا تۇتىشىدۇ. يەر كۆلىمى 9 مىليون 629مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر(بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇقلۇق يەر كۆلىمى 9 مىليون 158 مىڭ 960 كىۋادرات كىلومېتىر(،زېمىنىنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 4500 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 2700 كىلومېتىر، دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 22 مىڭ 680 كىلومېتىر. كۆپ قىسىم رايونىنىڭ ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق ھاۋا كىلىماتىغا تەۋە، جەنۇبىي قىسمى سۇبتروپىك بەلۋاغ كىلىماتىغا تەۋە. ئوتتۇرا شىمالىي قىسمىدىكى تۈزلەڭلىكتە يىللىق تېمپېراتۇرا پەرقى تولىمۇ چوڭ، چىكاگونىڭ 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 3 سېلسىيە گىرادۇس، 7-ئايدىكى تېمپېراتۇرىسى 24 سېلسىيە گىرادۇس، مېكسىكا قولتۇقى قىرغاقلىرىدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 1-ئايدا 11 سېلسىيە گىرادۇس ، 7-ئايدا 28 سېلسىيە گىرادۇس.
پايتەختى: ۋاشىنگتون، كولومبىيە ئالاھىدە رايونىغا جايلاشقان، نوپۇسى تەخمىنەن 550 مىڭ
نوپۇسى: 307 مىليون(2009-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە). ئاق تەنلىكلەر %75نى، لاتىن ئامېرىكىسىلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى %12.5نى، قارا تەنلىكلەر %12.3نى، ئاسىيالىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى %3.6نى ئىگىلەيدۇ، جۇڭگولۇقلار تەخمىنەن 2 مىليون 430 مىڭ بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %0.9ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ بولغانلار. (2000-يىللىق ئىستاتىستىكا). نوپۇس سانى جەھەتتە كالىفورنىيە ئىشتاتىدا نوپۇس ئەڭ كۆپ بولۇپ، نوپۇسى 37 مىليونغا يېتىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا، نيۇيورك ئىشتاتى ۋە فلورىدا ئىشتاتى بولۇپ، نوپۇسى ئايرىم-ئايرىم 19 مىليون 500 مىڭ ۋە 18 مىليون 500 مىڭغا يېتىدۇ.
مەمۇرىي رايونلارغا بۆلۈنۈشى: ئون چوڭ رايونغا بۆلۈنىدۇ، بۇلار: يېڭى ئېنگلاند رايونى، مەركىزىي رايون، ئوتتۇرا ئاتلانتىك ئوكيان رايونى، غەربىي جەنۇب رايونى، ئاپپالاچىيە تاغلىق رايونى، ئېگىز تاغلىق رايونى، شەرقىي جەنۇب رايونى، تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرى رايونى، كۆل رايونى ۋە ئالياسكا بىلەن ھاۋايدىن ئىبارەت. جەمئىي 50 ئىشتات ۋە پايتەخت تۇرۇشلۇق جاي ۋاشىنگتون-كولومبىيە رايونى، شۇنداقلا 3042 ناھىيە بار.
ئامېرىكا ئەسلىي ئىندىئانلارنىڭ ماكانى بولۇپ، 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىسپانىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيەلەر شىمالىي ئامېرىكىغا ئاھالە كۆچۈرۈشنى باشلىغان. ئەنگلىيەلىكلەر كېيىن كەلگەن بولسىمۇ «تۆرگە چىقىپ»، 1773-يىلىغىچە 13 مۇستەملىكە قۇرۇپ بولغان. 1775-يىلى شىمالىي ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى پارتلىغان. 1776-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى فىلادېلفىيە شەھىرىدە چاقىرىلغان 2- قېتىملىق چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىدا چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى تەشكىللىنىپ، جورج ۋاشىنگتون بۇ ئارمىيەنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن ۋە «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ماقۇللىنىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلانغان. مۇستەقىللىق ئۇرۇشى 1783-يىلى ئاخىرلاشقان، 1787-يىلى قوشما ئىشتات ئاساسىي قانۇنى تۈزۈلگەن، 1788-يىلى جورج ۋاشىنگتون تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. 1812-يىلدىن كېيىن ئەنگلىيەنىڭ ئىدارە قىلىشىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلغان. 1860-يىلى نىگېرلارنى قۇل قىلىش تۈزۈمىگە قارشى تۇرىدىغان ئابراھام لىنكولىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 1862-يىلى 9-ئايدا «نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلىش خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، جەنۇبىي قىسىمدىكى قۇلدارلار توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى پارتلىغان. ئۇرۇش 1865-يىلى شىمال تەرەپنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان، شۇنىڭ بىلەن، كاپىتالىزمنىڭ ئامېرىكىدا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش يولىدىكى توسالغۇلار سۈپۈرۈپ تاشلانغان. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىكنى باشلىغان. 1776-يىلدىن كېيىنكى 100 يىلدا، ئامېرىكىنىڭ زېمىنى 10 ھەسسىدەك كېڭەيگەن، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كۈچى زور دەرىجىدە كۈچەيگەن.
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى