ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

بۆشۈك بالىسى خان بالىسى

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 07 - ئاينىڭ 04- كۈنى 08:49 مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

         

                                         

بازار-رەستىلەرنى ئارىلايدىغان بولساق، ياغاچ ئائىلە جابدۇقلىرى بازىرىدىكى نەپىس بىزەلگەن بۆشۈكلەر دىققىتىمىزنى بەكرەك تارتىدۇ. ياغاچ ئويما سەنئىتىنىڭ بۈيۈك سەمەرىسى بولغان بۆشۈك بالىلارنى پاكىز بېقىشتا ئەڭ ياخشى تاللاش، چۈنكى بۆشۈككە بۆلەنگەن بالىنىڭ چوڭ-كىچىك تەرىتى جاك (كۈلتۈك) كە چۈشىدۇ، داۋاملىق زاكا ئالماشتۇرۇپ بالىنى قىيناشنىڭ ھاجىتى يوق، شۇڭا خەلقىمىزدە « بۆشۈك بالىسى — خان بالىسى» دەيدىغان گەپ بار.

                                                     

  ئانا بالىنى بۆشۈككە بۆلەشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى ئاۋايلاپ سىيلايدۇ، ئاندىن بالىنى ئېھتىيات بىلەن بۆلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بوۋاقنىڭ قان-تومۇرلىرى جانلىنىپ ئۇيقۇسى ياخشى بولىدۇ. 2-قەدەمدە بوۋاق بۆشۈككە ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلۇپ، ئىككى بىلىكى مۈرىسىگە تۈز سىزىق بويىچە جۈپلەشتۈرۈلىدۇ ھەمدە ئىككى قولى ئىككى يانغا كىچىك تەكىي بىلەن باستۇرۇپ ئالقاندەك كەڭلىكتىكى پوتا بىلەن بوش باغلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بوۋاقنىڭ يۈز-كۆزلىرىنى مورلىۋېلىشىدىن، قولىنى كۆكرىكىگە قويۇپ ئۇخلايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 3-قەدەمدە بوۋاقنىڭ ئىككى پۇتى تاپان ئارىسىغا لاتا قىستۇرۇلۇپ، بىر تۈز سىزىققا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن بەلباغ بىلەن باغلىنىدۇ، بۇ ئۇسۇل بالىلارنىڭ تاش مايماق ياكى ئىچ مايماق بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ 4-قەدەمدە ئانا بالىنىڭ بېشىنى ياغلىق بىلەن يۆگەپ، ئىككى قولىنى ياغلىق ئىچىگە ئېلىپ تېڭىپ قويىدۇ، بۇ بالىنىڭ قۇلاق سۇپىرىسىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ سالپاڭ قۇلاق بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    بۇنىڭدىن بوۋاقلارنى بۆشۈككە بۆلەپ تەربىيەلەشتە مەلۇم ئىلمىيلىكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلىمىز، بۇ سۆزىمىزنى ئامېرىكا بالىلار پەن-تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دوكلاتىدىكى «ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ ئۇخلىتىش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق» دېگەن ھۆكۈمنى دەلىللەيدۇ. ئانىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۆشۈككە بۆلەپ بېقىلغان بالىلار ئانىسىغا كۆيۈمچان، ۋاپادار بولىدىكەن، چۈنكى، بۆشۈكتىكى بوۋاق كېچە-كۈندۈز ئانىسىنىڭ يېنىدىن ئايرىلمىغاچقا، ئانىنىڭ ھىدىغا تويۇنۇپ چوڭ بولىدىكەن، نەتىجىدە ئانىغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدىكەن.

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە