خوتەنگە كەلگەنلەر خوتەننىڭ كاۋىپىنى يېمىسە خوتەنگە كەلگەندەك بولمايدۇ، كاۋاپ-خوتەنلىكلەرنىڭ نام كارتوچكىسى دىيىش ھەرگىزمۇ مۇبالىغە ئەمەس.
«كاۋاپ كەلدى!» دېگەن ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن تەڭ ئەمدىلا تونۇردىن ئېلىنغان پۈتۈن قوي كاۋىپى مېھمانلار ئالدىغا ئېلىپ چىقىلىدۇ- دە، كاۋاپنىڭ مەززىلىك ھىدى دىماقلارغا گۈپپىدە ئۇرۇلىدۇ. سارغىيىپ، يۇمشاق پىشقان قوي گۆشى كاۋىپى نەپسىڭىزنى تاقىلدىتىپ، سىزنى تېتىپ بېقىشقا ئالدىرىتىدۇ. كاۋاپنىڭ تېشى چۈرۈك، ئىچى يۇمشاق بولۇپ، تەمى ئۇزاققىچە ئېغىزىڭىزدا قالىدۇ.
خوتەنگە كېلىپ بىپايان قۇم بارخانلىرىغا نەزەر سېلىپ، ئالتۇن رەڭ توغراقلاردىن ھوزۇر ئالغاچ، كاۋاپقا ئېغىز تەگسىڭىز، ئۆزىڭىزدە ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان بىر خىل تۇيغۇنى سېزىسىز، خوتەن كاۋىپى كىشىگە ھەقىقىي تەبىئىيلىككە قايتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.ھەممە جاينىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، خوتەندىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە تۇپراقتا ئۆزگىچە ئىتنوگرافىك مەنزىرە ۋە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى شەكىللەنگەن، بۇ، تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.
▲ كاۋاپ ئۆتكۈزۈلگەن يۇلغۇن زىخىنى چوغقا قاقلىغاندا چىققان پۇراقتىن قەدىمكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش پۇرىقىنى پۇرىغاندەك بولىسىز. قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە «دەريا بويى» دەيدىغان بىر خىلۋەت يېزا بار، بۇ يېزىدا ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلەر ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇ يېزىدىكى كىشىلەرنىڭ ئاق كۆڭۈللىكى سىزگە سەمىمىيلىكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدۇ، مەيلى بۇ يېزىغا تۇيۇقسىز كېلىڭ ياكى ئالدىراش كېتىدىغان بولۇپ قېلىڭ، يېزىدىكى كىشىلەر سىزنى ھېيت بولغاندەك قىزغىن كەيپىياتتا كۈتۈۋالىدۇ، سىزنى قوي سويۇپ مېھمان قىلىدۇ، ئادەتتە ئۆزلىرى يېيىشكە كۆزى قىيمىغان نەرسىلەرنى سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئېلىپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىخلاسمەن قەلبى سىزنى ھاياجانغا سالماي قالمايدۇ. ئۇلار يەنە سىزگە قېرىن كاۋىپى دەيدىغان مەززىلىك غىزانى تەييارلايدۇ. قېرىن كاۋىپى قوينىڭ قېرىنى پاكىزە يۇيۇلغاندىن كېيىن، پارچىلانغان گۆشكە پىياز، تۇز ۋە دورا - دەرمەكلەر ئارىلاشتۇرۇلۇپ، قېرىننىڭ ئىچىگە سېلىنىپ، ئېغىزى ھىم تىكىلىپ، يۇلغۇن، توغراق ئوتۇنلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىدىن ھاسىل بولغان چوغقا كۆمۈپ پىشۇرىلىدىغان كاۋاپ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئىچكىرىدىكى بەزى خوجايىنلار بۇ يەرگە كېلىپ، بۇ يەرنىڭ كۆپكۆك ئاسمىنى، ئاپئاق بۇلۇتلىرىدىن ھوزۇر ئېلىپ، بارلىق دىلخەستىكىللىرىنى ئۇنتۇغان، بۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئاقكۆڭۈللىكى، سەمىمىيىتى ئۇلاردا ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان.
▲ خوتەن كاۋىپى بېيجىڭنىڭ ئۆردەك كاۋىپىدىن قېلىشمايدۇ. خوتەننىڭ ھەممە چوڭ - كىچىك كوچىلىرىدا كاۋاپ ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ، ئادەتتىكى پۇقرالارمۇ بۇ خىل مەززىلىك نېمەتكە ئېغىز تېگەلەيدۇ. خوتەنلىكلەر مېھمان كۈتۈۋالغاندا خوتەن كاۋىپىنى داستىخانغا ئىززەت- ئېكرام بىلەن ئېلىپ چىقىدۇ. شىنجاڭدا قوينىڭ بېشىنى ئۇكلەپ پاكىزلىغاندىن كېيىن قوينىڭ بەدىنىگە چېتىپ پۈتۈن پىشۇرىدىغان ئادەت بار، پىشقان پۈتۈن قوي كاۋىپىنىڭ بوينىغا قىزىل لېنتا باغلاپ، ئېغىزغا ياپيېشىل كەرەپشىنى چىشلىتىپ قويسا، بۇ بىر خىل رەڭلىك ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلىنىدۇ. بۇ چاغدا ساھىپخان ئەزىز مېھماننى لېنتىنى كېسىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. مېھمان كىچىك پىچاق بىلەن قوينىڭ يۈز قىسمىدىن بىر پارچە گۆشنى كېسىپ تېتىپ باقىدۇ، ئارقىدىنلا ساھىپخاننىڭ بۇيرۇشى بىلەن كاۋاپ پارچىلىنىپ، داستىخانغا ئېلىپ چىقىلىدۇ.
▲ ئادەتتە پۈتۈن قوي كاۋىپى قىلىنىدىغان قوينى تاللاشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، نىسبەتەن قۇرغاق رايوندا ئۆسكەن، ئىككى چىشلىق ئېرىك قوي ياكى يۇڭى قىرقىلمىغان تاغ قويى كاۋاپ قىلىنىدىغان قوي قىلىپ تاللىنىدۇ. شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە پۈتۈن قوي كاۋىپى بار، ئەمما ھەر قايسى جايدىكىسىنىڭ تەمى ئوخشىمايدۇ. كىشىلەر ئاتايىن خوتەن كاۋىپىنى ئىزدەپ تېپىپ يەيدۇ، چۈنكى خوتەن كاۋىپى يۇمشاق، يېسە تەمى ئېغىزدا قالىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى: خوتەننىڭ تۇپرىقى قۇرغاق، ئوت-چۆپلىرىنىڭ سۇ تەركىبى ئاز، ئىشقارلىقى يۇقىرى، تۇزلۇقراق بولغاچقا، خوتەن قويىنىڭ گۆشى يۇمشاق، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى كېلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرىدىكى داڭلىق «ۋاسالغۇ» كاۋىپىغا ئىشلىتىدىغان قوي ئايرىم بېقىلىدىغان بولۇپ، قويغا بېرىلىدىغان يەم-خەشەككە تۇز قوشۇۋېتىلىدىكەن، شۇڭا بۇ كاۋاپ ناھايىتى مەززىلىك ئىكەن.
▲ پۈتۈن قوي كاۋىپىنىڭ پىشۇرۇلۇش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغاچقا، تەمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. كاۋاپ قىلىنىدىغان قوي بوغۇزلىنىپ، سۇيۇلۇپ، ئىچ - قارنى ئېلىنغاندىن كېيىن، پۈتۈن پېتى ياغاچ بالداققا ئۆتكۈزىلىدۇ. تۇخۇم سېرىقى، تۇز سۈيى، زىرە، قارىمۇچ تالقىنى، ئۇن قاتارلىقلاردىن قىلىنغان شىرە قوي گۆشىگە تەكشى سۈركىلىدۇ، ئاندىن تىندۇرۇلغان تونۇر ئىچىگە بىر داس سۇ قويۇپ قويىلىدۇ، قوينىڭ بېشى ئاستىغا قىلىنىپ تونۇرغا سېلىنىپ، تونۇرنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىپ قويۇلىدۇ. ئاندىن تونۇرنىڭ ئېغىزى ھىم ئېتىلىپ، ھۆللەنگەن داستىخان بىلەن يېپىپ قويۇلىدۇ ھەمدە كاۋاپ ئېسىلغان ياغاچ بالداق توختىماستىن ئايلاندۇرىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا كاۋاپ تەكشى ھالدا تېشى چۈرۈك، ئىچى يۇمشاق پىشىدۇ. بۇنىڭغا قاراپلا كاۋاپ پىشۇرۇش ئاسانكەن، دەپ قالماڭ. رەڭگى پۇرىقى، تەمى ئالاھىدە ياخشى كاۋاپ پىشۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. دورا - دەرمەكلەرنى تەڭشەشتىن باشقا، كاۋاپ پىشۇرۇلىدىغان ئوت، ۋاقىت، سەۋرىچانلىق ھەمدە تەجرىبە بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقا.
▲ قۇرغاق ھاۋا شارائىتىدا ياشايدىغان ئىسسىق تەبىئەتلىك خوتەن خەلقى ئىسسىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامراق، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ۋەكىلى كاۋاپ. كاۋاپنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى تونۇر كاۋىپى، زىخ كاۋىپى، قازان كاۋىپى، تاۋا كاۋىپى، دۈمبە-جىگەر كاۋىپى قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خەلق ئارىسىغا ھەر خىل ئۆزگىچە ئالاھىدىلككە ئىگە كاۋاپ پىشۇرۇش ئۇسۇللىرى تارقالغان. كاۋاپلارنىڭ ئىچىدە خوتەنلىكلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغىنى زىخ كاۋىپى. خوتەننىڭ زىخ كاۋىپى ئۇن، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، تۇز، دورا- دەرمەكلەر قوشۇپ قىلىنغان قىيمىغا مىلەپ پىشۇرۇلىدۇ، بۇ خىل كاۋاپمۇ پۈتۈن قوي كاۋىپىغا ئوخشاش يۇمشاق، مەززىلىك پۇراقلىق كېلىدۇ.
خوتەن كاۋىپى خۇددى بىر پارچە جەزبىدار سۈرەتكە ئوخشاش كوئېنلۇن ئېتىكىدىكى ئاقكۆڭۈل خوتەن خەلقىنى، ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيانقى يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ بىر كارتىنىسىنى، خوتەنلىكلەرنىڭ مىجەز-خۇلقىنى، تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرىدۇ. خوتەنگە كېلىپ، خوتەن كوچىلىرىنى ئايلانغاچ كاۋاپقا ئېغىز تېگىپ بېقىڭ، ئاقكۆڭۈل خوتەن خەلقى بىلەن سىردىشىپ بېقىڭ، شۇندىلا خوتەن كاۋىپىنىڭ تەمىنى ھەقىقىي تېتىيالايسىز.
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
سەبىي كۈلكىلەر