كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ قىزىقارلىق ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
مۇشۇ شىۋىتسىيە دېگەن ئاجايىپ سىرلىق بىر دۆلەت جۇمۇ، ھەممە ئادەم ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئاجايىپ كۆڭۈل بۆلۈپ قويىدۇ، ھەتتا ئوغرىلار مۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، يېقىندا بىر نەپەر شىۋىتسىيەلىك پراففېسور دەل مۇشۇنداق ھەيران قالارلىق بىر ئىشقا ئۇچرىغان…
تېخى ئالدىنقى كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق سېھرىگەر David Copperfield نىڭ بوشلۇقتا ئەركىن پەرۋاز قىلىش ماھارىتىدىن ھوزۇرلىنىپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرىدىغان بۇ يېڭى سېھرىگەرىمىزنىڭ ئەلۋەتتە David تىن قېلىشقۇچىلىقى يوق، چىراي ئىپادىسى ۋە قول ھەرىكەتلىرىمۇ سېھرىگەر گە خاس سالاپەتكە تولغان…
بىليارت – ئوغۇللار، ھەتتا ئاز بىر قىسىم ساندىكى قىزلارمۇ ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ ئوينايدىغان بىر خىل تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرى. يېقىندا بولۇپ ئۆتكەن بىر مەيدان بىليارت ماھارەت مۇسابىقىسى تولىمۇ ئۆزگىچە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ماھارەت كۆرسەتكۈچى مەلۇم يىگىت ياكى قىزچاق بولماستىن، بىر دانە ئىت …..
چەتئەلنىڭ بىر كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىسىدا بىرەيلەن، بىز كىچىك چېغىمىزدا ئەڭ سۆيۈپ ئوينايدىغان كلاسسىك FC ئويۇن ى « تانكا ئۇرۇشى »نى ئىنتايىن ئۆزگىچە ۋە قىزىقارلىق ئۇسۇل بىلەن ئويناپ بەرگەن. بۇ سىن دا ئوينىغۇچىنىڭ تېخنىكىسغا ئەمەس، ئاساسلىق ئېكراندىكى بولۇۋاتقان مەنزىرىلەرگە قاراپ ھوزۇرلانساق بولدى.
رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، قەدىمكى زاماندا بىر مەشھۇر شەخس ئۆتكەن ئىكەن، بۇ شەخس شۇ زاماندىكى ئاتاقلىق كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەلەم ۋە قەلەمدە كامالەتكە يەتكەن كىشى ئىكەن. بۇ كىشىنىڭ ھازىرقى ئەۋلادلىرىدىن ئاڭلىشىمىزچە، بۇياق شۇ زاماندىلا QQ نومۇرىغا ئاساسەن كىشىنىڭ يېشىنى ھېسابلاشتەك ئىنتايىن سىرلىق بىر ئۇسۇلنى تېپىپ چىققان ئىكەن…
ئالدىنقى قېتىم تەڭداشسىز قىزىل ئارمىيىمىز مايكېل جېكسوننىڭ Beat It ناخشىسىنى ئېيتقاندىن كېيىن توردا بىراقلا داڭ چىقىرىپ، ھەممىنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئۆزىگە تارتتى. بۇدا قىزىل ئارمىيىمىز بىز كىچىك چېغىمىزدا ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ياپونىيەنىڭ 101 قىسىملىق كارتون فىلىمى « ۋاسكېتبول ماھىرى »نىڭ ناخشىلىرىنى ئورۇنداپ، ئۆزىنىڭ كۆپ خىل تىلدا ناخشا ئېيتالايدىغان ئۇنۋېرسال خاراكتېردىكى كەسپى قوشۇن ئىكەنلىكىنى يەنە …..
بۇنداق قىزىقارلىق ۋە مەنىلىك فىلىم كۆرۈپ باقمىغىلىمۇ خېلى ئۇزۇن بوپتۇ، قايتا-قايتا نەچچە قېتىم كۆرۈش جەريانىدا ئاز بولمىغان نەرسىلەرنى ھېس قىلدىم، ئۈچ مىنۇتقا يەتمەيدىغان بىر قىسقا فىلىمدە، ئىنسان تەبىئىتىدىكى قارا ئۆڭكۈر ۋە ئىنسانلارنىڭ تۇيۇقسىز ئېرىشكەن كۈچ-قۇدرەت ئالدىدا خۇدىنى يوقىتىپ قويۇشتەك چوڭقۇر بىر مەنا ئىپادىلەنگەن…
ئالدىنقى قېتىم Super Mario بىلەن پۇرچاق يېگۈچىنىڭ جېڭىنى يوللىغاندىن كېيىن كۆرۈلۈشى خېلى يامان ئەمەس ئېشىپ قاپتۇ، تور ئارىلاۋېتىپ بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئىشلىگەن ئوخشاش تۈردىكى نۇرغۇن سىن لىرىنى بايقاپ قالدىم، بۇنىڭ ئارىسدا سىپارتا بىلەن نورېس، نارۇتو بىلەن ئەزرائىل، ئەركىنلىك ئىلاھە ھەيكىلى بىلەن گېسىلا قاتارلىقلارنىڭ جېڭىمۇ بار، تۆۋەندەك ۋەكىل خاراكتېرلىك بىر قانچىنى …..
بۇ فىرانسىيەنىڭ مەلۇم مېنىرال سۇ ئىشلەپچىقىرىش كارخانى سىن ىڭ ئېلان ى بولۇپ، YouTube غا چىقىرىلغان كۈنى بىردىنلا چېكىلىشى شىددەت بىلەن ئېشىپ نام چىقارغان، سىندا بىر قانچە نەپەر زاكا ئورىۋالغان بوۋاقلار بىر تەرەپتىن مۇز تېيىلىش ئايىغى بىلەن يۈگۈرۈپ يۈرسە، بىر تەرەپتىن كوچا ئۇسۇلى ئويناپ، ئورۇنداش قىيىن بولغان ھەر خىل ماھارەتلەرنى …..
بۇ بولسا روسىيەدىكى داڭلىق كۆڭۈل ئېچىش تور بېكىتى Tviglo دىن تارقالغان ئەسەر بولۇپ، پۈتكۈل ئەسەر ئاجايىپ مول تەسەۋۋۇر ۋە كۈلكە تۈ سىن ى ئالغان، مەزكۇر سىندا پۇرچاق يېگۈچى(Pac-Man) بىلەن مارىيو(Super Mario ) ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان قىزىقارلىق جەڭ تەسۋىرلەنگەن، قايتىدىن ھاياتلىق بېرىلگەن بۇ پېرسوناژلار ئوتتۇرىسىدىكى جەڭدە زادى كىم يېڭىپ چىقار؟ قېنى …..
تاڭسىڭ ۋە شاگىرتلىرى توققۇز يەردە توققۇز 81 خىل مۈشكۈلاتنى تاماملاپ ئاران تەستە تاتھاگاتا بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزىگە ھەقىقىي نومنى بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ…شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان قىزىقارلىق ئىشلار باشلىنىپتۇ…
Beat It بولسا Michael Jackson نىڭ ئەڭ كلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى، نۇرغۇن يىللاردىن بېرى جېكسون مەستانىلىرى بۇ ناخشىنى قايتىلاپ ئېيتىپ كەلدى، گەرچە بۇ ناخشىلار ئېيتىلغىلى تالاي زامانلار بولغان بولسىمۇ، ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭراپ تۇرماقتا، ناۋادا بۇ ناخشىنى بىزنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان قىزىل ئارمىيە قوشۇنىمىز ئېيتىپ باقسا قانداقراق چىقار؟ …..
ئىنكاسقىمۇ رەسىم قىستۇرغىلى بولىدىكەن ھە