تاش پارچىلىرى بىلەن قورغان ياساشتىن باشقا يەنە مۇنداق ئاجايىپ سەنئەت ئەسەرلىرىنىمۇ بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ
تۇرمىشىمىزدا كېرەكسىز بۇيۇملار بارغانسىرى كېرەكلىك بۇيۇملاردىنمۇ كۆپەيگىلى تۇردى. ئەتىراپىمىزدىكى تاش كېسەكلەرمۇ شۇنداق. ئەلۋەتتە قولىڭىزدىن كەلسە تاش كېسەكلەرمۇ ئاجايىپ قىممەت يارىتالايدۇ. خۇددى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك. بەلكىم ئىچىڭىزدە «بۇ مۈمكىن ئەمەس، چوقۇم يىلىملاپ قويدى» دەپ ئويلىشىڭىز مۈمكىن. ئەلۋەتتە سەۋىر قىلالىسىڭىزلا بۇ تامامەن مۈمكىن.
كانادالىق سەنئەتكار Michael Grab ئۆزىنىڭ بىر جۈپ قولى ئارقىلىق تەبىئەتكە تېخىمۇ ئۆزگىچە تۈس ئاتا قىلدى. ئۇنىڭ Gravity Glue نامدىكى بۇ بىر يۈرۈش سەنئەت ئەسەرلىرى قارىماققا تولىمۇ ئاددىدەك، ئەمما بىلىشىمىز كېرەككى بۇ ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن غايەت زور سەۋىر تاقەت تەلەپ قىلىدۇ. ھەر بىر تاش پارچىسىنىڭ G نۇقتىسى(تەڭپۇڭ نۇقتىسى) نى تېپىش ۋە سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدىن قېچىشنىڭ ئۆزى بىرگەپ. ئەلۋەتتە قانچە تەس بولسىمۇ كىشى قىلغاننى بىزمۇ قىلالايمىز. خالىسىڭىز بوش ۋاقلىرىڭىزدا تاش پارچىلىرىنى تېرىپ ئۆزىڭىزنى سىناپ بېقىڭ. شۇ جەرياندا سەرىپ قىلغان سەۋىر-تاقىتىڭىز سىزنىڭ پىسخىكىڭىزنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ياردىمى بولسا ئەجەپ ئەمەس.
بىر يۈرۈش Gravity Glue ئەسەرلىرى
Gravity Glue نىڭ ياسىلىش جەريانى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئەسەر، ئۆزگىچە، سەنئەت، لايىھە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,580 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 01-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: balancing-rocks.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىپ سۆيگۈنىڭىزگە تۇيۇقسىزلا بىر تال قۇيرۇق ئۈنۈپ قالسا …
- كېيىنكى يازما > ئۇماق رەسىملەرگە قاراپ كىنو نامىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز ؟ كىنوخۇمارلاردىن زېھىن سىناش (1)
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- ھەقىقىي مەنزىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ قالتىس كومىك رەسىملەر
- بولدى مېنى توسىماڭلار، خەير-خوش كۆپچىلىك، مەن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگىلى ماڭدىم!
- [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
- گىرىم قىلىشنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ، ئېغىزىغا كارتون سىزىپ چىققان قىزچاق
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
- ئادەمنى جىلە قىلىپ قويىدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى | ئەسەبىي سەنئەتكارلارنىڭ دۇنياسىنى چۈشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن
- دۇنيا بويىچە ئەڭ رەتلىك سېلىنغان شەھەر
دىۋان
كىرىپلا دىۋان دەپ يازغان …
ئىنكاسنى بەك تېز يوللايدىكەنسىز. سەل تۇرۇپ يوللاڭ.
دەيدۇ
تىزغان تاشلىرىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. سەۋر-تاقىتى تاڭسىڭدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىكەن… كىممۇ تاش تېرىپ قارماققا مۇمكىن بولمىغۇدەك ھالەتتە تىزىپ يۈرۈيدۇ دەيسىلەر. يەنە بىر ئۇستا سەنئەتكار!
تۆت كۈن بوغان دىۋان ماراپ ئولتاغىلى ، ما باللا تورخۇماردىن چىقماي ئولتۇرىدىغان ئوخشايدۇ ، ھە بۇلاپتۇ ، پەسكە گېزىت قۇيۇپ ئولتۈرۈپ ئالدىيىماي ئۇقاي ئېمدى
ھەۋەس دىگەنمۇ ئاجايىپ بولىدىكەن دىسە.
سەنئەت دىگەن كىشىگە ھوزۇر بىغىشلايدۇ جۇمۇ،
بىر خىل ھۇزۇر ھىس قىلدىم بۇلاردىن شۇنداق گۇزەل .
مۇشۇ ئادەملەرنىڭ ئەقلىگە ھەيرانمەن،،، ئىشقىلىپ تەسەۋۋۇر دېگەن يەتكۈچە با بۇ خەقتە….
بۇ تىزىپ قۇيۇلغان تاشلار قاتتىقراق شامال چىقسا ئۆرۈلۈپ چۈشەمىكى،،،
تەڭپۇڭلۇق دېگەن ئاجايىپ مۇھىم نەرسە جۇمۇ.
ۋاقتى كەلگەندە ئاشۇ كىچىككىنە تاش پارچىسى بىلەن ھەر قورام قورام تاشلارنى تىك تۇرغۇزالايدۇ …
مېنىڭ بۇنداق ئىنچىكە ئىشلار بىلەن پەقەتلا خوشۇم يوق! ناۋادا تىزىلماي قالسام ئاۋۇ تاش پارچىلىرىنى ئاچچىقىمدا تاش پارچىلاش زاۋۇتىغا ئاتايىن ئاپىرىپ خېرمىردەك قىلىپ ئاندىن تىزىدىغاندەك قىلىمەن
ئاۋۇ ئۈستىدىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈپ ۋۇ لىڭ ئەر (502) دە يەملىدىمكىن دەپتىمە
پۇلى دەششەت جىق ئاداش ئوخشايدۇ ئاۋۇ، ئىچى پۇشۇپ قىلىدىغانغا ئىش تاپالماي تاش تىزىپ يۈرىدىغان، بىزنىڭ يۇرۇتلارغا كېلىپ تامچىلارغا خىش تىزىپ بەرگەن بولسىمۇ كۈنىگە ئىككى ئۈچ يۈز كوي تاپاتتىكەن
قانداق ھوزۇرلىنىشنى ، ئىچ پۇشۇغىنى چىقىرىشنى بىلىدىغان خەختە بۇ ، بىزچۇ ئىچىمىز پۇشغا ھاراق ئىچىپ دىبا ئوينايمىز لېكىن مەن ئىچىم پۇشۇپ قالسا بېرىپ بېلىق تۇتىمەن .
ئەگەر مەن بولسام تاشلار قويغان ھامان تىك تۇمىسا 5 چاقىرىم نېرىغا چۆرىۋىتىپ قايتىپ كىلىتىم …. مۇشۇنداق ئىنچىكە ئىش قىلغاندا ئەپلەشمىگەنسىرى ئاچچىقىم كېلىپ تامغا ئۈشكىدەك بوپ كىتىمەن .
مەنچە بۇ لىشى تارازا ياساپ ساتسا كۆپ پۇل تاپالىشى مومكىن
مەنچە بۇ كىشى تارازا ياساپ ساتسا كۆپ پۇل تاپالىشى مومكىن
سەپرايىم بىر ئۆرلىدى…