شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىپ سۆيگۈنىڭىزگە تۇيۇقسىزلا بىر تال قۇيرۇق ئۈنۈپ قالسا …
ناھايتى چىرايلىق بىر قىز يالغۇز ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرىۋاتاتتى . يىنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان سىز ئۇنىڭ ئايدەك جامالىغا تىكىلىپ قارىماي كىتەلمىدىڭىز. دەل شۇ چاغدا ھېلىقى چىمەن سىزگە قاراپ تاتلىققىنە كۈلسە قانداق قىلىسىز ؟ ئەلۋەتتە يۈرەكلىرىڭىزنى ئويناتقان پىتى ئۇنىڭغا تونۇشلۇق بېرىسىز. ئۇنداقتا ئۇمۇ تۈكلۇك قۇيرۇقلىرىنى پىلاڭلاتقان پىتى سىز تەرەپكە يۈگۈرۈپ كەلسىچۇ ؟ بەدەر قاچامسىز يا ؟
فانتانىزىيىلىك كىنولارنى كۆپ كۆرىۋەتكەن ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ. يىقىندا بىر ياپۇنىيىلىك كەشپىياتچى راستىنلا مۇشۇنداق قۇيرۇق ياساپ چىققان بولۇپ، بەل قىسىمغا بەلباغ ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۋالغىلى بولىدۇ. باشقا ئويۇنچۇقلاردىن پەرىقلىنىدىغىنى بۇ قۇيرۇققا ئەقلى سىتاستىكىلىغۇچ ئورۇنتىلغان بولۇپ. ئىشلەتكۈچىنىڭ يۈرەك سوقۇشىغا ئاساسەن ئاپتۇماتىك پۇلاڭشىيدۇ.
مەزكۇر لايىھە قارىماققا سەل غەلىتىدەك تۇيۇلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئاپتۇماتىك ھالدا پۇلاڭشىشى قارىشى تەرەپنىڭ شۇ چاغدىكى كەيپىياتىنى بىلىشتە خېلى ئوبدان رول ئوينىغۇدەك. خوشال بولغان بولسا قۇيرۇقىنىڭ پۇلاڭشىشىدىنلا بىلىۋالالايسىز. پۇلاڭشىمىدى دىمەك ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئالاھىدە كەيپىيات يوق. كەشپىياتچى Shota Ishiwatar مۇ ئۆزىنىڭ مەزكۇر لايىھەسى ھەققىدە توختۇلۇپ : « قۇيرۇقىڭىزنى تاقىۋىلىپ ئۆچىرەتتە تۇرۇش، بازار ئارىلاش ياكى كىچىك دوسلار بىلەن بىرگە ئويناشمۇ ناھايتى مەنىلىك. ئەلۋەتتە بۇنى تاقاپ ئۇچۇرشۇشقا چىقسىڭىزمۇ تامامەن بولىدۇ. قۇيرۇق ھەركىتى ئارقىلىق سىزنىڭ ھەقىقى بولغان ھېسىياتىڭىزنى ئىپادىلىيەلەيسىز، ئەگەر قارىشى تەرەپمۇ بىرنى تاقىۋالسا ئىككىڭلار ئارىسىدىكى ھېسىيات ئاملاشتۇرۇش يىڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلدى دىگەن گەپ » دەيدۇ
ئەقلى ئىقتىدارلىق ئادەم قۇيرۇقى – The Tailly
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر,نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئاجايىپ، فىلىم، قۇيرۇق، لايىھە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,133 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 01-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: the-tailly.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ساداقەت ھەققىدە قىسقا فىلىم | ئەگەر كەلگۈسى 30 سىكونتلۇق تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتەلىسىڭىز …
- كېيىنكى يازما > پەرھات تۇنىياز & دىلخۇمار دىلشات ئىجىراسىدا لىرىك كۈي–رىئاللىق ( ئۇيغۇرچە+ئىنگىلىزچە)
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- روسىيەلىك تورداشلارنىڭ كىرىشتۈرۈپ چىققان 1-شەخس ئۈنۈمىدىكى قوراللىق ئېتىشىش فىلىم -Hardcore
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- قورقۇنچلۇق ھەمدە ئۆزگىچە خاتىمىگە ئىگە قىسقا فىلىم – ۋەھىمىلىك ساتىراشخانا
- 160 كىنو-فىلىمدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ توپلانمىسى
- «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 11: يۇقىرى دەرىجىلىك جەڭ» نىڭ تۇنجى تەشۋىق فىلىمى ئاشكارىلاندى
- توخۇ پاچىقىدىنمۇ تەملىك كېسەكمىدۇ؟ ھىندىستانلىق ئەر كۈنىگە ئۈچ كىلو خام كېسەك يەيدىكەن
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
- خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى – خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ دۇنياغا نەزەر سېلىپ بېقىڭ
گەپ يوقتۇ
ماڭا پەقەتلا ياقمىدى، ئىت قۇيرۇقىنى پۇلاڭشىتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بەردى ماڭا
ھە ما نەرسىنى تەۋسىيە قىلدىغان ئىشكەن جۇمۇ قىزلارغا، بۇلۇپمۇ مابىتمىزگە ، بىزنىڭ ئالدىمىزدا قۇيرۇقنى بەك پۇلاڭشىتامدۇ ياكىباشقا ئۇغۇللارنىڭ ئالدىدىمۇ ….
ئات ئىشەكتەك قۇيرۇق سىلىش مودا بولغۇدەك
ساراڭكەنغۇ ما خەق، قىلىدىغانغا ئىشى يوقتكەك قوروق لاھىيەلەپ ئولتاغىنىنى، ئادەمسىمان مايمۇن دەپ بىر نىمىنى ئاڭلايدىغان، بۇندىن كىيىن تەتۈرسىگە مايمۇنسىمان ئادەم، ئىت، ئات، ئېشەك، مۆشۈكسىمان ئادەم دەپ ئاڭلايدىغان ئوخشايمىز.
بۇنى ياسسىغان خەقنىڭ جەمەتى نىمىدۇ ئەمدى بۇنى سېتىۋېلىشقا قىزىققانلارنىڭ نىمىدۇ ۋاي ئاللا …
بىز بۇنى نىمىشقا باشقا بىر نۇقتىدىن قاراپ مۇلاھىزە قىلمايمىز
يوۋ پانا ، مۇشۇ داخېلىقلارنىڭ كاللىسى نىمانداق ئىشلەيدىغاندۇ دەيمەن ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئېلىم پەننى ھېسسىيات بىلەن باغلىۋەتتى دىگەن گەپتە بۇ . مىنىڭچە بۇ تېخنىكىنى ياخشى بولغان تەرەپلەرگە ئىشلەتسە ئۈنۈمى قالتىس بۇلامىكىن دەيمىنا ……..
ئەگەشتىم
ۋاي توۋا
مەن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم
ھا ھا ھا بۇ خەق ساراڭ بۇپ قالاي دەپتۇمۇ نىمە