-
2011-01-17
تاتار جىرې-تۇغان جىرېم - [سۈرەتلىك ناخشا]
تاتار جىرې-تۇغان جىرېم
tatar jere--vinira--tugan jirem
-
2011-01-17
تاتار قىزى - [سۈرەتلىك ناخشا]
تاتار قىزى
-
2011-01-05
تاتارستان پرېزىدېنتې رۆستەم مىڭنېخانوۋ تاتارىستان خالقېن ياڭا ئېل بىلە ن قوتلادې - [تاتار خەۋەرلىرى]
تاتارستان پرېزىدېنتې رۆستەم مىڭنېخانوۋ تاتارىستان خالقېن ياڭا ئېل بىلە ن قوتلادې
-
2010-12-31
ياڭا يىلىڭىز قۇتلې بولسېن! - [تاتار خەۋەرلىرى]
ياڭا يىلىڭىز قۇتلې بولسېن!
-
2010-12-30
بېز ئانى ئونىتمىيبىز - [ماقالىلار]
بېز ئانى ئونىتمىيبىز
رائىدە يوسىف
جۇڭگولۇق تاتار قىزنىڭ قازان مەتبۇئاتىدا ئېلان قىلىنغان ئەسىرى
مىرقاسىيم ئوسمانوۋ- ئۇل دا بېزنېڭ جوڭگودا تۇىلىپ ئۈسكەن تاتارلاربىزنىڭ بېرسې بۇلىپ سانالا. ئۇل غۇلجا شەھەرېندە تۇىلا، ھەم غۇلجادا تاتار مەكتەبېندە ئۇقىغان، 21 ياشتە ئۇل قازاقىستانغا كېتە! ئاننارى قازان ئانى ئۈزېنە تارتا.بىرېدە ئۇل بېر چېمودان كىتاب بىلەن گېنە كىلگەن، ئانى بېر كېمدە قارشىلامىي،شۇڭا كۈرە مىرقاسىيم ئابىي ۋوگزالدادا يۇكلاغانى تورى كىلە
بېز جوڭگودا ياشەۈچې تاتارلارىنىڭ قازاڭا كىلېپ ئۇقىبىزغا كۈپ كېشېلەر ياردەم ئىتتې ، شۇلەر ئاراسىندا مىرقاسىيم ئابىي دا بار. ئۇل تاتارىستان بىلەن جوڭگو تاتارلار ئاراسىنداغى مۆنەسەبەتنېياقشىرتۇچى ئىدې. مىرقاسىيم ئابىي بېزنېڭ ئۆچېن بىك كۈپ بۇرچىلدى، ھەم بېز كىلگەچتە ئۇل كۈپ تاپقىر بېزنېڭ بىلەن ئۇچىراشىپ، خەللەربېزنې سۇراشا ئىدې . ئىشېتۈېم بۇىنچا، 2005 بېرېنچې تۈركېم كىلگەندە ، مىرقاسىيم ئابىينىڭ خەلەل جىفېت بىلەن بالالارنىڭ بۈلمەلەرېن قارارغا كىلگەننەر ،ناچارلىرىن كۆرگەچ بىك بۇرچىلىپ كىتكەننەر ھەم ئانى ئوڭاي ياققا خەل ئىتكەننەر . مىرقاسىم ئابىيغا جىېلېشلاردا ھەر ۋاقىت «ئەيبەت ئۇقىغىز بالالار، تىرىشىغىز» دىپ سۆيلى ئىدې.
مىرقاسىي ئابىينى كۈپتەن ئىشېتە ئىدېم، بېرېنچې تاپقىر ئابىينى كۈرۈېم ،2009 بېزنېڭ تۈركېم قازاڭا كىلېپ بېر ئىكې كۆننەن سوڭ غىنا، كافېدېراسىنا ئاپام بىلەن ئىكەۈلەشېپ، مالىك چانىشېۋنېڭ رەخمەتېن جىكەرۈ ئۆچېن بارغان ئىدېك . موندا ئاڭلاتاسى كىلە مىرقاسىيم ئابىي مالىك چانىشېۋن ئۇيغۇر تېلېندە يازغان «جوڭگو تاتار مەغارىفې تارىخى» ئىسېملې كىتاپنى تاتارچاغا تەرجىمە ئىتتې ھەم باستىردى.
تاتار تېلېن تىز ھەم ئەيبەت ئۆيرەنۈ ئۆچېن ، مىرقاسىيم ئابىي بېزگە غ.كامال تېاتېرېنا يۆرېرگە كۇشتى. بېرېنچې كۆرگەن سپېكتاكلېبېز «زەڭگەر شەل» ئىدې. مىرقاسىيم ئابىي تۇقسانىنچى ئېللاردا دا بېرېنچې تاپقىر جوڭگوغا قايتقان بۇلغان ئىكەن. ئۇل ئاندا بېر كۆن گېنە تورغان. سىينىفتاشى بىلەن بېرگە ئۇقىغان مەكتەپلەرېنە قايتقاننار.
16 نويابېردە بېز مىرقاسىيم ئابىينى «جىئېن» فونددېدا قوربان بەيرەمېن ئۇزدىردىك. ھەم شۇندا كۇرەن ئۇقىدىلار. ئاندا مىرقاسىيم ئابىينىڭ تۇغان تۇماچالارى، دوستلارىدان كىلدې ھەم بېزنېڭ جوڭگودىن كىلگەن ئۇقىتۇچىلار بۈتېنېسې دىيارلېك كىلدې.
مىرقاسىيم ئابىينىڭ خەلەل جىفېتېدە بار ئىدې. ئۇل «ئەگەر مىرقاسىيم ئابىئىغىز ئۈزېنېڭ سەلەمەتلېگېنە كۈبېوەك ئىگتىبار ئىتكەن بولسا ، ئۇل بولاي ئىرتە كەتمەس ئىدې»-دىپ سۆيلەدې.
21 نايابېر كۆننې ، مىرقاسىيم ئابىينىڭ دۆنيادان كىتۈېنە 40 كۆن بۇلغاندا. جوڭگونىڭ شىنجاڭ ئاۋتونومىيالې رايونىنداغى غۇلجا شەھەرېندە،تاتار جەمغىياتېنېڭ ياردەمېندە مىرقاسىيم ئابىينىڭ 40غىن ئۇزدىردىلار. ئاندا 80لەپ تاتار قاتناشتى.
مىرقاسىيم ئابىينىڭ دۆنيادان كىتكەن بولسا دا، ئۇل بېزنېڭ خەتېردز ياشى ، بېز ئانى ئونىتمىيبىز. مىرقاسىيم ئابىينىڭ ياغىملى ئۆيزې ساغىندىرا.Без аны онытмыйбыз
Раидә Йосыф
Миркасыйм Госманов- ул да безнең Кытайда туылып үскән татарларбызның берсе булып санала. Ул Гульджа шәһәрендә туыла, һәм Гульджада татар мәктәбендә укыган, 21 яштә ул Казастанга китә! Аннары Казан аны үзенә тарта.биредә ул бер чемодан китап белән генә килгән, аны бер кемдә каршыламый,шуңа күрә Миркасыйм абый вокзалдада юклаганы торы килә
Без Кытайда яшәүче татарларының казанга килеп укыбызга күп кешеләр ярдәм итте , шуләр арасында Миркасыйм абый да бар. Ул татарстан белән Кытай татарлар арасындагы мөнәсәбәтнеякшыртучы иде. Миркасый абый безнең өчен бик күп бурчылды, һәм без килгәчтә ул күп тапкыр безнең белән учырашып, хәлләрбезне сураша иде . Ишетүем буынча, 2005 беренче түркем килгәндә , Миркасыйм абыйның хәләл җифет белән балаларның бүлмәләрен карарга килгәннәр ,начарлырын күргәч бик бурчылып киткәннәр һәм аны уңай якка хәл иткәннәр . Миркасым абыйга җиелешларда һәр вакыт «әйбәт укыгыз балалар, тырышыгыз» дип сөйли иде.
Миркасый абыйны күптән ишетә идем, беренче тапкыр абыйны күрүем ,2009 безнең түркем казанга килеп бер ике көннән соң гына, кафедерасына апам белән икәүләшеп, Малик Чанышевнең рәхмәтен җикәрү өчен барган идек . Монда аңлатасы килә Миркасыйм абый Малик чанышевн уйгур телендә язган «Кытайда татар мәгарифе тарихы» исемле китапны татарчага тәрҗимә итте һәм бастырды.
Татар телен тиз һәм әйбәт өйрәнү өчен , Миркасыйм абый безгә Г.Камал театерена йөрергә кушты. Беренче күргән спектаклебез «зәңгәр шәл» иде. Миркасыйм абый туксанынчы елларда да беренче тапкыр Кытайга кайткан булган икән. Ул анда бер көн генә торган. Сыйныфташы белән бергә укыган мәктәпләренә кайтканнар.
16 ноябердә без Миркасыйм абыйны «Җыен» фонддеда Корбан бәйрәмен уздырдык. Һәм шунда курән укыдылар. Анда Миркасыйм абыйның туган тумачалары, дусларыдан килде һәм безнең кытайдан килгән укытучылар бүтенесе диярлек килде.
Миркасыйм абыйның хәләл җифетедә бар иде. Ул «Әгәр Миркасыйм абыыгыз үзенең сәләмәтлегенә күбеоәк игьтибар иткән булса , ул болай иртә китмәс иде»-дип сөйләде.
21 наябер көнне , Мирасыйм абыйның Дөньядан китүенә 40 көн булганда. Кытайның Синьцян автономияле районындагы Гульджа шәһәрендә, Торсынтай абыебызның һәм татар җәмгыятенең ярдәмендә Миркасыйм абыйның 40гын уздырдылар. Анда 80ләп татар катнашты.
Миркасыйм абыйның Дөньядан киткән булса да, ул безнең хәтердз яши , без аны онытмыйбыз. Миркасыйм абыйның ягымлы өйзе сагындыра.
-
2010-12-15
يىتىم نالىسى - [شېئىرلار]
يىتىم نالىسى
دەيدىكەنمىز پەرزەنتىگە چىدىماس ئانا،
<ئاتا> مۇ ھەم ئوخشىتىلار مەزمۇت تۆۋرۈككە.
ماختاۋەردۇق داستانلاردا كۈيلەپ ئۇلارنى،
لايىقمىدۇ ئۇلار شۇنداق ئېسىل مەدھىيگە.
قۇلاق سېلىڭ تەمكىن بولۇپ مۇنۇ مەكتۇپكە،
قىسمەن ئاتا ھەم ئانىلار نېمىلەر كويدا.
تۇغۇپ قويۇپ بولماي كارى ئۆز ئىشى بىلەن،
سەبىي قەلب ئۆرتىنەركەن تەلمۈرۈپ يولدا.
<<پەرزەنت ئارزۇسى>>
ئاجراشماڭلار ئۆتۈنەيلى بولمايلى يىتىم،
بىزلەر يۇمران مايسىدۇرمىز قەلبىمىز نازۇك.
ئىناق ئۆتۈپ يول قويۇشۇپ ئويلاڭلار بىزنى،
چۆل سۈيىدەك غۇۋا قەلب بولسۇن سۈپسۈزۈك.
بىزمۇ ئاندىن ھېس قىلارمىز ئىللىق ماكاننى،
چىدامسىلەر جەمئىيەتتە قېقىلىپ يۈرسەك.
بىز سەبىيلەر سىلەرنىڭ ھەم مىللەتنىڭ كۆزى،
بولمىدىمۇ كوچىلاردا يىتىملار ئىبرەت!
مەنبە: قەلىمىم
تاتار ئوغلى يازمىلىرىئەسكەرتىش: تېمىلىرىمنى يۆتكىسىڭىز ئەسلى مەنبە ياكى قەلەم ئىگىسىنى ئەسكەرتىڭ!
-
2010-12-15
ھايات چوقانلىرى - [شېئىرلار]
********************ھايات چوقانلىرى
پولاتتىن بولسىمۇ قەسىرلەر تېمى،
ھامان يېقىلار تۇرماس مەڭگۈگە.
ئىنساننىڭ ئۆمرىمۇ ئوخشاشلا چەكلىك،
ئەجىرسىز كەتمەيلى يەرنىڭ تەكتىگە.
ئىنسان دېگەن ئاجايىپ ئىكەن،
گاھىدا ياخشى گاھىدا يامان.
شەيتانغا ئەگەشمەي ئۆتەرمىز قاچان؟
كەپتەرمۇ ساماندىن ئايرىپ يەيدۇ دان.
گاھىدا ماختايمىز باشلىقنى كۆرسەك،
نەپ ئۈچۈن يالايمىز ئىت بولۇپ تەخسە.
بولسىمۇ گەر ئازراق تاپايلى ساۋاب،
ئۆلگەندە ئېرىشكەن بولمىسۇن خەسسە.
بۇ دۇنيا مۇشۇنداق تەڭسىز دۇنياكەن،
ئاجىزلار خار بولسا قاراپ تۇراركەن.
ياق! بىزلەر ھەرگىزمۇ ئاجىزدىن ئەمەس!
غەيرەتلىك ئازاپنى يېڭىپ كېتەركەن.
تاتار ئوغلى يازمىلىرى
مەنبە: ئۆز قەلىمىمئەسكەرتىش: تېمىلىرىمنى يۆتكىسىڭىز ئەسلى مەنبە ياكى قەلەم ئىگىسىنى ئەسكەرتىڭ!
-
2010-12-11
شۇ چاغدا بولىدۇ مىللىتىڭ ئامان - [شېئىرلار]
********************شۇ چاغدا بولىدۇ مىللىتىڭ ئامان
مىللىتىم دېگەندە ۋىجدانىڭ بىلەن،
ئاجىزنى يۆلىسەڭ قۇربىتىڭ بىلەن.
مايسىنى يۇلمىساڭ يىلتىزى بىلەن،
شۇ چاغدا بولىدۇ مىللىتىڭ ئامان.
ئەۋلادىڭ قالمىسا كەتمىنى بىلەن،
ئىلىم يوق قۇرساقتا سەللىسى بىلەن.
زامانغا ماسلاشسا قەلىمى بىلەن،
شۇ چاغدا بولىدۇ مىللىتىڭ ئامان.
كۆكلىسە بىرەيلەن تارتمىساڭ پەسكە،
قوللىساڭ ئەكسىچە قېتىلىپ سەپكە.يۇرت ئارا ئىناق بوپ تاشلىساڭ شەپكە،
شۇ چاغدا بولىدۇ مىللىتىڭ ئامان.
بىرىمىز يېقىلساق يۆلەپ تۇرغۇزساڭ،
ھارامدىن يىراقلاپ ھالال ياشىساڭ.
تۆت تەڭگە پۇل تېپىپ شىلتىڭ ئاتمىساڭ،
شۇ چاغدا بولىدۇ مىللىتىڭ ئامان.
ئەۋلادقا زەھەرنى تۇتىم قىلمىساڭ،
قىزلارنى ئاناڭدەك مەڭگۈ ئاسرىساڭ،
ئۆزەڭمۇ باش بولۇپ شۇئار توۋلىساڭ،
شۇ چاغدا بولىدۇ مىللىتىڭ ئامان.مەنبە: ئۆز قەلىمىمتاتار ئوغلى يازمىلىرىئەسكەرتىش: تېمىلىرىمنى يۆتكىسىڭىز ئەسلى مەنبە ياكى قەلەم ئىگىسىنى ئەسكەرتىڭ!
-
2010-12-10
ئانا قەدرى - [شېئىرلار]
**********ئانا قەدرى
گۈدەكلىكتە ئانا قەدرى بىلىنمەيدىكەن،
ئانا بولسا پەرزەنتىگە چىدىماس ھەردەم.
شۇ مېھرىبان ئانىلارنىڭ ئۆتۈلسە قەدرى،
قېرىنداشلىق مېھرى ئاندىن بولاركەن ھەمدەم.
ئاق سۈت بېرىپ ئەقىل بەرگەن ئەي ئۇلۇغ ئانا،
سىمالىرىڭ ئايان ئەتتى يەنە چۈشۈمدە.
ئويغانساملا غايىپ بولدۇڭ كۆزلەرىمدە ياش،
كىرىۋەرگىن كۆرۈپ تۇراي كۈندە چۈشۈمگە.
چۈشلەرىمدە كۆرۈنىسەن پەرىشتە سىياق،
بالام دەپلا تارتقان ئىدىڭ بارچە دەردىمنى.
يېقىلغاندا ئاھ يۈرۈگۈم دەيتتىڭ چىدىماي،
ئەمدى مانا يالغۇز قېلىپ بىلدىم قەدرىڭنى.
يوقلاپ تۇرغىن تاشلىۋەتمەي ئەزىز ئاناڭنى،
ياشانغاندا غېرىپ بولۇپ قالمىسۇن تەنھا.
بىلىپ قويغىن بىزمۇ بىر كۈن بولىمىز شۇنداق،
قىيامەتنىڭ سورىقى بار ساڭا ھەم ماڭا!تاتار ئوغلى يازمىلىرىئەسكەرتىش: تېمىلىرىمنى يۆتكىسىڭىز ئەسلى مەنبە ياكى قەلەم ئىگىسىنى ئەسكەرتىڭ!
-
2010-12-10
بۇ يۈرەكلەر لەختە-لەختە قېنى ئاتا-ئانىمىز ؟! - [شېئىرلار]
مەن بۇ شېئىرىمنى جەمئىيىتىمىزدىكى بىردەملىك ھېسسىياتىنى باسالماي، سەبىي قەلبلەرنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى شۇنداقلا بەختىگە ئولتۇرغان ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارغا بېغىشلايمەن!بۇ يۈرەكلەر لەختە-لەختە قېنى ئاتا-ئانىمىز ؟!
ئاتا-ئانا پۇشتىدىن تۆرەلدۇق بىز ھەممىمىز،
خوشال ئىدۇق ئىناق ئىدى ئاتا-ئانا ئۆيىمىز،
بىردەملىك ئاچچىق بىلەن سۇندى بىزنىڭ قەلبىمىز،
بۇ يۈرەكلەر لەختە-لەختە قېنى ئاتا-ئانىمىز؟!
ئۈشبۇ ئالەم كەڭ قوينىدا پەشۋا ئاتتۇق مۇشلاشتۇق،
جان ساقلاشقا ئامالسىز ھەم يانچۇقنىمۇ كولاشتۇق،
جەمئىيەتتە ئاقچى كۆكچى چوڭ ئۈنۋانغا ئېرىشتۇق،
بۇ يۈرەكلەر لەختە-لەختە قېنى ئاتا-ئانىمىز؟!
ئاھ! بۇ تەنلەر بەك قىينالدى قۇرۇپ كەتتى كۆز ياشلار،
گاھ كوچىدا سەرسان بولۇپ كۆكەردى بۇ قاپاقلار،
ھەي نادان ئاتا-ئانىلار بىزلەرنىمۇ ئويلاڭلار،
بۇ يۈرەكلەر لەختە-لەختە قېنى ئاتا-ئانىمىز؟!
ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان مەكتەپتىنمۇ مەھرۇم بىز،
ئىسسىق تاماق تەييار تۇرغان ئائىلىدىن مەھرۇم بىز،
توڭلىغاندا دالدا ئۈچۈن چاپاندىنمۇ مەھرۇم بىز،
بۇ يۈرەكلەر لەختە-لەختە قېنى ئاتا-ئانىمىز؟!تاتار ئوغلى يازمىلىرىئەسكەرتىش: تېمىلىرىمنى يۆتكىسىڭىز ئەسلى مەنبە ياكى قەلەم ئىگىسىنى ئەسكەرتىڭ!
-
2010-12-09
بۇ قىزلار نېمە كويدا؟ - [ماقالىلار]
بۇ قىزلار نىمە كويدا؟
ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك قانۇنىيەت ھەر بىر ئىنسان قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان بىر ھەقىقەت. پەرزەنت تۇغۇلۇپ، ئايىقى تىلى چىقىپ، مەكتەپكە بېرىپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ تۇرمۇشقا چىققۇچە ئاتا-ئانا بولغۇچى بۇ بۈيۈك ۋەزىپىنى مۇقەددەس بۇرچ دەپ ئۆز زىممىسىگە ئالغان. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز ئائىلىسى، ئۆز پەرزەنتى ئۈچۈن شۇنچىلىك جاپا-مۇشەققەتتە بۇ مۇرەككەپ داۋانلاردىن ئاشقىنىنى چۈشىنىدىغان پەرزەنتلەر قانچىلىك دەيسىز؟. ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتىنى شۇنچىلىك جاپادا كېچە-كۈندۈز تۈزۈكرەك ئاراممۇ ئالماي، ئۆز پەرزەنتىنىڭ بەختى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان خوشاللىقىنى قۇربان قىلغان ئەمەسمىدى. ئەمدى ئەتراپىمىزغا قاراپ باقىدىغان بولساق، ئاشۇ جاپاكەش ئاتا- ئانىلىرىمىزنىڭ ئارزۇلۇق كەلگۈسى ئۈمىدلىرى نىم ئىشلار بىلەن ئالدىراش يۈرىيدىغاندۇ؟! بەلكىم سىزمۇ كۆرگەنسىز، ياكى خىجىللىق ئىلكىدە كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتكەنسىز، ۋە ياكى كۆزىڭىزنى ئالاچەكمەن قىلىدىغان تۇرقىغا قاراپ شەھۋەتپەرەس كۆزلىرىڭىز بىلەن قاراپ تۇرۇپ كەتكەنسىز. ئەيتاۋۇر ماڭا ئۇ كۆرۈنۈشلەر ئازراقمۇ چىرايلىق تۇيۇلمىدى. ئەنە...... كۆز ئالدىمدىلا يەنە بىر كورىيەنىڭ كىنو-فىلىملىرىدىكى ئاتالمىش مودا ئارتىسلىرىدەك ئەيتاۋۇر، تۇرقىدىن ئادەم ياكى جىن شاياتۇندىن پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان بىر قىز ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ تېنىدىن چىققان ئاچچىق كۈچلۈك ئەتتىرى بۇرنۇمنى ئېچىشتۈرىۋەتتى. چاچلىرى بىرەر ئاي تارالمىغاندەك. قۇلاقلىرىغا بىر ھالقا ئاز كېلىپ قالغاندەك ئۆتمۈتۆشۈك قىلىپ ئېسىۋالغان، ئۆزىچە نومۇس بىلىنمەي فىگور چىقىرىپ مېڭىشلىرىغا قاراپ توۋا دەپ قالدىم. ھەي...... نىمە دېسەم بولار بۇلارغا، بۇ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يۈرەك پارىلىرىغا، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا......!. مەن ھازىرقى بۇ جەمىيەتتىكى مەنزىرىلەرنى كۆرىۋېرىپ، ئۆزەمنىڭ كېلەچىكىمدىن ئازراق ئەنسىرەپ قالدىم. نېمىشقا بۇنداق دەيسىز دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن، ھېكايەمنى ئاڭلاپ بېقىڭ، ئاندىن چۈشىنىسىز.
مېنىڭ بىر تونۇشۇم بولىدىغان، ئۇ بىر كۈنى ماڭا تېلېفۇن قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر قىز بىلەن يېقىندا تونۇشۇپ قالغىنى دېدى. ھەمدە مېنىمۇ يەنە بىر قانچە دوسلىرىنىمۇ رېستۇراندا مېھمان قىلغاچ، بىردەم-يېرىمدەم ئولتۇرۇپ بېرىشىمنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بارىدىغان بولدۇم. بىز بىر قانچەيلەن پاراشلاشقاچ رېستۇراندا ئۇ قىزنى كۆرۈپ بېقىش ئىستىكىدە ئولتۇردۇق. بىردەمگىچە كۆز ئالدىمىزدا ئاجايىپ بىر قانچە قىز پەيدا بولدى(دوستلىرى ھەمرا بولۇپ بىللە كېلىپتىكەن). قىز دېيىشكىمۇ تىلىم كۈيىدۈ. چاچلىرى قۇشقاچ چاڭگىسىدەك، لەۋلىرى قان ئىچىۋالغاندەك،كىيىملىرىنى دېمەيلا قوياي، ئىشقىلىپ مېنىڭ كۆزۈمگە پەقەتلا سىغمىدى. بارغىنىمغا مىڭ پۇشايمان قىلىپ، بىر باھانە كۆرسۈتۈپ قويۇپلا ئۇ سورۇندىن ئايرىلدىم. گەرچە بۇ بىر ئۆزەم كۆرگەن كىچىككىنە مىسال بولسىمۇ، ھازىر جەمئىيىتىمىزدە ئاغزىدىن ئوغۇز سۈتى كەتمىگەن بىر قىسىم سىڭىللىرىمىزنىڭ قايسى ھالەتتە ياشاۋاتقىنىنى كۆرمەك تەس ئەمەس. مۇشۇنداق بىر ئەبجەشلىشىپ كەتكەن جەمئىيەتتە ئۆزەمنىڭ كەلگۈسۈمدىن ئازراق ئەنسىرەپ قالدىم. مېنىمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، قايسى بىر قىز، "سىز نېمانداق زاماننىڭ كەينىدە قالغان؟ نېمانداق خۇراپىي، ھازىر دېگەن قايسى دەۋر" دەپ پاك ساقلاپ كېلىۋاتقان ئەرلىك غورۇرۇمغا ئازار بېرىشىدىن ئەنسىرىدىم......
ھېكايەم تۈگىمىدى، لېكىن داۋامىنى يېزىشقا رايىم پەقەت بارمىدى. داۋامىنى يەنىلا پاك كۆڭۈللۈك، باتۇر، نۇزۇگۇمدەك، ئىپارخاندەك قىزلىرىمىزغا قالدۇراي!......
( ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا بىر ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىۋاتقان كۆيۈمچان، ئىشچان قىزلىرىمىزغا ئاپىرىن! مېنىڭ يوقىرىدا دېگەنلىرىم پەقەت ۋە پەقەتلا جەمئىيىتىمىزدىكى ئاشۇنداق بىر قىسىم قىزلارغىلا قارىتىلغان. مەزكۇر ماقالە قىزلارنى ئاساس قىلغانلىقىم ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويغان بىر قىسىم يىگىتلىرىمىز تىلغا ئېلىنمىدى. كەڭ ئوقۇرمەن قىزلارنىڭ توغرا پوزىتسىيىدە بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن).ئاۋازلىق ئەسىرىممەنبە: قەلەم
تاتار ئوغلى يازمىلىرىئەسكەرتىش: تېمىلىرىمنى يۆتكىسىڭىز ئەسلى مەنبە ياكى قەلەم ئىگىسىنى ئەسكەرتىڭ!
-
2010-12-09
توۋا دەيمەن - [ماقالىلار]
توۋا دەيمەن
بىر قانچە قىز يىگىتلىرىمىزنىڭ رەڭلىك سورۇندا ئولتۇرۇپ، ئېسىل شاراپ ۋە ھەرخىل ھالالمۇ ھاراممۇ بىلگىلى بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى يەپ-ئىچىپ، "ئاللا" بەرگەن نازۇ-نىمەتلىرىڭگە كۆپ رەھمەت دەپ دۇئا قىلىۋاتقىنىغا توۋا دەيمەن.
چاچلىرىنى، تىرناقلىرىنى ئۇزۇن ئۆستۈرىۋېلىپ، قۇلاقلىرىغا ھالقا ئېسىۋالغان يىگىتلىرىمىزگە توۋا دەيمەن.باشقىلارنىڭ بەختلىك ئائىلىسىنى بۇزىۋاتقان، بالىلارنى يىتىم قىلىۋاتقان، ئىچىدىن زەھەر تامىدىغان ھەسەتخور كىشىلەرگە توۋا دەيمەن.
ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن شۇنچىلىك ياخشى تەربىيە ئالغان، غورۇرلۇق دەپ ئويلىغان شۇ قىزنىڭ، بىر ھاراقكەش، تىلى شېكەر، دىلى زەھەر، قىزلارنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرىدىغان يىگىتنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئۆزىنىڭ ئاللىبۇرۇن غورۇرىنى يوقۇتۇپ بولغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەي يۈرىۋاتقانلىقىغا توۋا دەيمەن.
ئەكسىچە، ھاراق ئىچمەيدىغان، تاماكا چەكمەيدىغان، ئاقكۆڭۈل، ئېغىر بېسىق يىگىتلەرگە بىرەر قىزنىڭمۇ كۆڭلى چۈشمەيۋاتقانلىقىغا توۋا دەيمەن.
مودا دەپ ھەرخىل ياسىنىپ، ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتكە ئۆزىنىڭ "سودا" بولىۋاتقانلىقىنى بىلمەيۋاتقان قىزلىرىمىزغا توۋا دەيمەن.مېنى مۇشۇ "توۋا دەيمەن" ناملىق ماقالىنى يېزىشقا مەجبۇر قىلغان، شۇنداقلا مەن ئىلگىرى بۇنداق مەزمۇندىكى ماقالىنى يېزىپ قالارمەن دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان بىر ماقالىنى يېزىشقا سەۋەپ قىلغان، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزگە توۋا دەيمەن.
مەنبە: تاتار ئوغلى
تاتار ئوغلى يازمىلىرى
ئەسكەرتىش: تېمىلىرىمنى يۆتكىسىڭىز ئەسلى مەنبە ياكى قەلەم ئىگىسىنى ئەسكەرتىڭ!
ئاۋازلىق ئەسىرىم -
2010-11-22
تاتارىستان خەبەرلەرې - [تاتار خەۋەرلىرى]
تاتارىستان خەبەرلەرې
-
2010-11-22
تۇغان تېل- ilham xakirov - [سۈرەتلىك ناخشا]
تۇغان تېل- ilham xakirov
-
2010-11-21
تاتار خەلق جىرى- ئاق قىيىن - [سۈرەتلىك ناخشا]
تاتار خەلق جىرى- ئاق قىيىن