-
2014-04-21
جاڭ چۈنشيەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرىزېنتى بىلەن كۆرۈشتى - [تاتار خەۋەرلىرى]
جاڭ چۈنشيەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرىزېنتى بىلەن كۆرۈشتى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 15-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرىزېنتى رۇستەم مىنخانوف قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 15-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرىزېنتى رۇستەم مىنخانوف قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى.
مەملىكەتلىك دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، رۇستەم مىنخانوف تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە كارخانىچىلار ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۆمەكنى باشلاپ 15-ئاپرېلدىن 17-ئاپرېلغىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ. 15-ئاپرېل، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ۋە زىيارەتتە بولدى.
جاڭ چۈنشيەن رۇستەم مىنخانوف قاتارلىقلارنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئەھۋاللىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە 60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا مىسلىي كۆرۈلمىگەن تەرەققىياتلار بارلىققا كېلىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بولۇپمۇ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يېڭى ئارزۇلىرى ۋە دۇنيا تەرەققىياتىدىكى يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن، 2010-يىلى مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى چاقىرىپ، شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە بولغان قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردى. تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شىنجاڭدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، مىللىي ئىشلەپچىقىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرىچە %10 تىن ئاشتى، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى زور ھەجىمدە ئاشتى، ئىقتىساد جانلىنىپ، ھاياتى كۈچكە تولۇپ، تەرەققىيات يۇشۇرۇن كۈچى زورايدى.
جاڭ چۈنشيەن پرىزېنت رۇستەم مىنخانوف ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئىقتىساد، سودا، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، ئادىمىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىشىش تەكلىپىنى ماقۇللۇق بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى ئىقتىسادىي قۇرۇلما قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە ئوخشاش ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە، زىيارەت ئارقىلىق ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى، ھەرقايسى ساھەلەرگە تۈرتكە بولۇپ، ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
كۆرۈشۈشتىن كېيىن، جاڭ چۈنشيەن بىلەن رۇستەم مىنخانوف قاتارلىقلار ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد، سودا، مائارىپ قاتارلىق تەرەپلەردىكى ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالىشىغا شاھىت بولدى.
رۇستەم مىنخانوف شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە يەنە ئۈرۈمچى ئىقتىساد، تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، بەي جىجيې، شى داگاڭ قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
-
prizent Rustam Mingnehanov kurban heyt namizida
kazan
Татарстан Республикасы Президенты Рөстәм Миңнеханов Корбан гаете уңаеннан Казанның «Ярдәм» мәчетендә бәйрәм вәгазе һәм намазында катнашты.
-
2012-05-01
شىنجىن بىلەن قازان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى - [تاتار خەۋەرلىرى]
شىنجىن بىلەن قازان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى
لىكېچاڭ تاتارىستان تىك ئۇچار تېخنىكىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى
-
2012-04-28
بېيجىڭدا تاتار نەۋرۇز بايرام يىغىلىشى - [تاتار خەۋەرلىرى]
بېيجىڭدا تاتار نەۋرۇز بايرام يىغىلىشى
-
2012-04-27
پۇتىن تاتارىستاندا تاتارچە سۆزلىدى - [تاتار خەۋەرلىرى]
پۇتىن تاتارىستاندا تاتارچە سۆزلىدىروسىيە باش مىنىستىرى پۇتىن تاتارىستاننىڭ قازان شەھىرىدە، قازان شەھىرىنىڭ 1000 يىللىق قۇتلۇق كۈنىدە تاتارچە تەبرىك سۆزى قىلدى. تۆۋەندىكى سۈرەتلىك فىلىمدىن تەپسىلاتىنى كۆرگەيسىز. -
2011-01-05
تاتارستان پرېزىدېنتې رۆستەم مىڭنېخانوۋ تاتارىستان خالقېن ياڭا ئېل بىلە ن قوتلادې - [تاتار خەۋەرلىرى]
تاتارستان پرېزىدېنتې رۆستەم مىڭنېخانوۋ تاتارىستان خالقېن ياڭا ئېل بىلە ن قوتلادې
-
2010-12-31
ياڭا يىلىڭىز قۇتلې بولسېن! - [تاتار خەۋەرلىرى]
ياڭا يىلىڭىز قۇتلې بولسېن!
-
2010-11-22
تاتارىستان خەبەرلەرې - [تاتار خەۋەرلىرى]
تاتارىستان خەبەرلەرې
-
2010-11-16
رۆستەم مىڭنېخانوۋ تاتارىستان مۆسېلماننارېن قوربان بەيرەمې بىلەن قوتلادې - [تاتار خەۋەرلىرى]
رۆستەم مىڭنېخانوۋ تاتارىستان مۆسېلماننارېن قوربان بەيرەمې بىلەن قوتلادې
“قوربان بەيرەمې ئۆلكەننەرگە كادېر-خۆرمەت كۈرسەتېرگە، موختاجلارگا ياردەم ئىتەرگە، ياكېن كېشېلەر تۇرېندا كايگېرتېرگا، بالالاردا ئىمان ھەم ئىگېلېك تەربىيالەرگە ئۆيرەتە”، - دىېلە كوتلاۇدا. -
2010-11-14
بېيجىڭدىكى تاتارلار يىغىلىشى(2010.11.13) - [تاتار خەۋەرلىرى]
بېيجىڭدىكى تاتارلار يىغىلىشى(2010.11.13)
-
مىنتىمېر شەيمىيېۋ جۇڭگودىن كەلگەن مىللەتداشلىرىمىز بىلەن ئۇچراشتى
(مىنتىمېر شەيمىيېۋ جۇڭگو تاتارلىرى بىلەن بىللە)
سولدىن ئوڭغا: (دۇنيا تاتار قۇرۇلتىيى رەئىسى رىنات زاكىروۋ، خەمىت خەكىموۋ،فاتىمە ئەختەموۋا، مىنتىمېر شەيمىيېۋ، رەقىپ ئابباس، تۇرسۇنتاي غالىيېۋ).
-
2010-10-12
مىرقاسىم ئوسمانوۋ ۋاپات بولدى(ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى) - [تاتار خەۋەرلىرى]
مىرقاسىم ئوسمانوۋ ۋاپات بولدى(ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
-
2010-10-11
مىرقاسېيم ئوسمانوۋ ۋافات بۇلدې - [تاتار خەۋەرلىرى]
مىرقاسېيم ئوسمانوۋ ۋافات بۇلدې
-
2010-07-23
غۇلجادا جىيىن 2010 - [تاتار خەۋەرلىرى]
غۇلجادا جىيىن 2010
بۈگىن 2010-يىل 7-ئاينىڭ 23-كۈنى غۇلجا شەخەرىندە ئلە ئوبلاستلىق تاتار مەدەنييەت تەتقيقەت جەمغىيەتىنىڭ<تاتار مەدەنييەت،مەغارىف مۇھاكىيمە>جىينى ئۇزدىرىلدې.جىيىنغا ھەرساخەدەن كەلگەن خەرمىللەت قوناقلار قاتناشتى ،ياخشى تىلىكلەرنى تېلەدې.ئۇرۇمچىدىن كەلگەن ئۇرۇمچى تاتارلارىنىڭ باشچىسى رەفىق ئابباس كېشېنىڭ جىيىننى قۇتتۇقلاۋ سوۋغاسى :غۇلجا تاتارمەكتەبى قۇرۇلۇۋىنىڭ 75 يىللىغىنې تەبرىك ئىيتېۋ لەۋخەسى خەم ياڭادان تارقاتىلغان <جوڭگو تاتار مەغارىف تارىخى >كىيتابى تەغدىم ئىيتېلدى.