-
2010-12-15
يىتىم نالىسى
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/89237023.html
يىتىم نالىسى
دەيدىكەنمىز پەرزەنتىگە چىدىماس ئانا،
<ئاتا> مۇ ھەم ئوخشىتىلار مەزمۇت تۆۋرۈككە.
ماختاۋەردۇق داستانلاردا كۈيلەپ ئۇلارنى،
لايىقمىدۇ ئۇلار شۇنداق ئېسىل مەدھىيگە.
قۇلاق سېلىڭ تەمكىن بولۇپ مۇنۇ مەكتۇپكە،
قىسمەن ئاتا ھەم ئانىلار نېمىلەر كويدا.
تۇغۇپ قويۇپ بولماي كارى ئۆز ئىشى بىلەن،
سەبىي قەلب ئۆرتىنەركەن تەلمۈرۈپ يولدا.
<<پەرزەنت ئارزۇسى>>
ئاجراشماڭلار ئۆتۈنەيلى بولمايلى يىتىم،
بىزلەر يۇمران مايسىدۇرمىز قەلبىمىز نازۇك.
ئىناق ئۆتۈپ يول قويۇشۇپ ئويلاڭلار بىزنى،
چۆل سۈيىدەك غۇۋا قەلب بولسۇن سۈپسۈزۈك.
بىزمۇ ئاندىن ھېس قىلارمىز ئىللىق ماكاننى،
چىدامسىلەر جەمئىيەتتە قېقىلىپ يۈرسەك.
بىز سەبىيلەر سىلەرنىڭ ھەم مىللەتنىڭ كۆزى،
بولمىدىمۇ كوچىلاردا يىتىملار ئىبرەت!
مەنبە: قەلىمىم
تاتار ئوغلى يازمىلىرىئەسكەرتىش: تېمىلىرىمنى يۆتكىسىڭىز ئەسلى مەنبە ياكى قەلەم ئىگىسىنى ئەسكەرتىڭ!
收藏到:Del.icio.us
评论