• tugan tel

     

    ئانا تىل


    ئۇيغۇرچىسى


    ئەي ئانا تىل، ئەي گۈزەل تىل، ئاتا-ئانامنىڭ تىلى!
    ۋاستە بولغاچ ئۆزۈڭ، بىلدىم مانا كۆپ نەرسىنى.

    باشتا ئۇخلاتسا مېنى شۇ تىلدا ئەللەيلەپ ئانام،
    سەل ئۆتۈپ تۈندە شۇ تىلدا چۆچەڭ ئىتقانىدى مومام.

    ئەي، ئانا تىل! ھەرقاچاندا ياردىمىڭدە بىر سېنىڭ،
    ئۇ قوشۇلغان ياشلىقىمدىن شاتلىقىم، قايغۇم مېنىڭ.

    ئەي، ئانا تىل! سەن بىلەن قىلغانىدىم دەستلەپ دۇئا:
    قىل ئاتا رەھمەت ماڭا، ئاتا-ئانامغا ئەي خۇدا!

  •  

    ئارمان

     

    بەختىم ئۈچۈن يازىمەن شېئىر،
    تۈن نىسپىدە خىياللار سۈرۈپ.
    خۇشپۇراقتىن قانسا يۇرەگىم،
    پايخان بولاي ئىشقىدا كۆيۈپ.

     

    سەۋدا بولۇپ قالدىم يىگانە،
    يوللىرىغا ھەرچاغ تەلمۈرۈپ.
    كەتمىسەملا بولاتتى بىر كۈن،
    بەخت قۇشنى تاپالماي ئۆلۈپ.

     

    ئىشتىھاسىز ئۆتتى بۇ كۈنلەر،
    غەم خالتامنى مۈرەمگە يۈدۈپ.
    چاقنار بىر كۈن بەخت يۇلتۇزۇم،
    مەنمۇ ئىنسان كېتەرمەن كۈلۈپ.

     

    مەنبە:قەلەم

     

    تاتار ئوغلى يازمىلىرى

  • مۇھەببەت لىرىكىلىرىم

    سۈرەتىڭگە قاراپتىمەن تەلمۈرۈپ ئۇزاق،
    باسالمىدىم سېغىنىشلىق ئازاپلىرىمنى.
    ئۇنتۇشقىمۇ ئىجازەت يوق بولدى بۇ يۈرەك،
    بەك سېغىندىم شۇنچە تاتلىق قاراشلىرىڭنى.

    قانات بولسا ئۇچۇپ بارسام دەيمەن يېنىڭغا،
    بۇلاق كەبى رۇخسارىڭنى كۆرسەم بىر نۆۋەت.
    سىردىشىشقا بولماي پۇرسەت ئۆتتى بۇ كۈنلەر،
    كۆز ئالدىمدىن كەتمىدىغۇ شۇ شېرىن سۆرەت.

    تۈندىكى شۇ خىياللىرىم،
    ئەگىپ ئۆتەر پەقەت سېنىلا.
    نىچۈن تەقدىر بولغاندۇ بۇنچە،
    ئۇچرىشالماي قالدىم يەنىلا.

    نىشانلىرىم كۆپتى ئەسلىدە،
    ئەقلىم بىلەن ماڭاتتىم يولدا.
    قول تۇتۇشۇپ ماڭغان تۇيغۇلار،
    كېتىۋەردى تاغلاردا، باغدا.

    ئاھ، يۈرۈگۈم ئۆرتەندى شۇنچە،
    شېئىر يېزىپ ئۇيقۇسىز تاڭدا.

    بۇ دۇنيا خوشاللىق، ئازاپقا تولغان،
    تەنھالىق يۈرەكنى قىلدىغۇ زەرداپ.
    شۇ سەۋەب ئۇيقۇلار بۇزۇلدى تۈندە،
    ساندۇغاچ بولمىغاچ كۆڭۈللەر ئازاپ
    .

    ئەسكەرتمە: «ساندۇغاچ» تاتارچە سۆز، مەنىسى بۇلبۇل.

    سۈرەتىڭگە قارايمەن كۈندە،
    سېغىنغاندا كۈلۈشلىرىڭنى.
    مەجنۇن بولۇپ سۈرىمەن خىيال،
    يوشۇرالماي ئازاپلىرىمنى.

    پىچىرلايمەن ئۆزەمگە شۇنچە،
    پۇرىسام دەپ خۇشخۇي ھىدىڭنى.
    تەلمۈرىمەن ئازاپلىق كۈلۈپ،
    ئۇزاتقاندا ئارمانلىرىمنى.

    يۇقارقى سۈرەتلەردىن ئىلھاملىنىپ، يۈرەكتىن ئېتىلىپ چىققان لېرىكىلىرىم.

    مەنبە: قەلىمىم     

    تاتار ئوغلى يازمىلىرى

     

    ئەسكەرتىش: تېمىلىرىمنى يۆتكىسىڭىز ئەسلى مەنبە ياكى قەلەم ئىگىسىنى ئەسكەرتىڭ!

     

  •  
    يىتىم نالىسى
     
    دەيدىكەنمىز پەرزەنتىگە چىدىماس ئانا، 
    <ئاتا> مۇ ھەم ئوخشىتىلار مەزمۇت تۆۋرۈككە.  
    ماختاۋەردۇق داستانلاردا كۈيلەپ ئۇلارنى،  
    لايىقمىدۇ ئۇلار شۇنداق ئېسىل مەدھىيگە.  
      
    قۇلاق سېلىڭ تەمكىن بولۇپ مۇنۇ مەكتۇپكە،  
    قىسمەن ئاتا ھەم ئانىلار نېمىلەر كويدا. 
    تۇغۇپ قويۇپ بولماي كارى ئۆز ئىشى بىلەن،  
    سەبىي قەلب ئۆرتىنەركەن تەلمۈرۈپ يولدا.  
      
    <<پەرزەنت ئارزۇسى>>
      
    ئاجراشماڭلار ئۆتۈنەيلى بولمايلى يىتىم،  
    بىزلەر يۇمران مايسىدۇرمىز قەلبىمىز نازۇك.  
    ئىناق ئۆتۈپ يول قويۇشۇپ ئويلاڭلار بىزنى،  
    چۆل سۈيىدەك غۇۋا قەلب بولسۇن سۈپسۈزۈك.  
      
    بىزمۇ ئاندىن ھېس قىلارمىز ئىللىق ماكاننى،  
    چىدامسىلەر جەمئىيەتتە قېقىلىپ يۈرسەك.  
    بىز سەبىيلەر سىلەرنىڭ ھەم مىللەتنىڭ كۆزى،  
    بولمىدىمۇ كوچىلاردا يىتىملار ئىبرەت!
      
      
    مەنبە: قەلىمىم   
      
    تاتار ئوغلى يازمىلىرى
     

    ئەسكەرتىش: تېمىلىرىمنى يۆتكىسىڭىز ئەسلى مەنبە ياكى قەلەم ئىگىسىنى ئەسكەرتىڭ!

  •   

    ********************
    ھايات چوقانلىرى

       
      
    پولاتتىن بولسىمۇ قەسىرلەر تېمى،  
    ھامان يېقىلار تۇرماس مەڭگۈگە.  
    ئىنساننىڭ ئۆمرىمۇ ئوخشاشلا چەكلىك،  
    ئەجىرسىز كەتمەيلى يەرنىڭ تەكتىگە.
      
      


    ئىنسان دېگەن ئاجايىپ ئىكەن،  
    گاھىدا ياخشى گاھىدا يامان.  
    شەيتانغا ئەگەشمەي ئۆتەرمىز قاچان؟  
    كەپتەرمۇ ساماندىن ئايرىپ يەيدۇ دان.  
      
     


    گاھىدا ماختايمىز باشلىقنى كۆرسەك،  
    نەپ ئۈچۈن يالايمىز ئىت بولۇپ تەخسە.  
    بولسىمۇ گەر ئازراق تاپايلى ساۋاب،  
    ئۆلگەندە ئېرىشكەن بولمىسۇن خەسسە.  
      
      
      
    بۇ دۇنيا مۇشۇنداق تەڭسىز دۇنياكەن،  
    ئاجىزلار خار بولسا قاراپ تۇراركەن.  
    ياق! بىزلەر ھەرگىزمۇ ئاجىزدىن ئەمەس!  
    غەيرەتلىك ئازاپنى يېڭىپ كېتەركەن.

        

      
    تاتار ئوغلى يازمىلىرى   
    مەنبە: ئۆز قەلىمىم

    ئەسكەرتىش: تېمىلىرىمنى يۆتكىسىڭىز ئەسلى مەنبە ياكى قەلەم ئىگىسىنى ئەسكەرتىڭ!

  •  
     
    ********************
    شۇ چاغدا بولىدۇ مىللىتىڭ ئامان
     
     
      
    مىللىتىم دېگەندە ۋىجدانىڭ بىلەن،  
    ئاجىزنى يۆلىسەڭ قۇربىتىڭ بىلەن.  
    مايسىنى يۇلمىساڭ يىلتىزى بىلەن،  
    شۇ چاغدا بولىدۇ مىللىتىڭ ئامان.
        
      
    ئەۋلادىڭ قالمىسا كەتمىنى بىلەن،   
    ئىلىم يوق قۇرساقتا سەللىسى بىلەن.  
    زامانغا ماسلاشسا قەلىمى بىلەن،  
    شۇ چاغدا بولىدۇ مىللىتىڭ ئامان.
      
      
    كۆكلىسە بىرەيلەن تارتمىساڭ پەسكە،  
    قوللىساڭ ئەكسىچە قېتىلىپ سەپكە.
    يۇرت ئارا ئىناق بوپ تاشلىساڭ شەپكە،  
    شۇ چاغدا بولىدۇ مىللىتىڭ ئامان.
        
      
    بىرىمىز يېقىلساق يۆلەپ تۇرغۇزساڭ،  
    ھارامدىن يىراقلاپ ھالال ياشىساڭ.  
    تۆت تەڭگە پۇل تېپىپ شىلتىڭ ئاتمىساڭ،  
    شۇ چاغدا بولىدۇ مىللىتىڭ ئامان.
        
      
    ئەۋلادقا زەھەرنى تۇتىم قىلمىساڭ،  
    قىزلارنى ئاناڭدەك مەڭگۈ ئاسرىساڭ،  
    ئۆزەڭمۇ باش بولۇپ شۇئار توۋلىساڭ،  
    شۇ چاغدا بولىدۇ مىللىتىڭ ئامان.
     
     
    مەنبە: ئۆز قەلىمىم
     تاتار ئوغلى يازمىلىرى
     

    ئەسكەرتىش: تېمىلىرىمنى يۆتكىسىڭىز ئەسلى مەنبە ياكى قەلەم ئىگىسىنى ئەسكەرتىڭ!

  •    

     
    **********
    ئانا قەدرى
      
      
    گۈدەكلىكتە ئانا قەدرى بىلىنمەيدىكەن،  
    ئانا بولسا پەرزەنتىگە چىدىماس ھەردەم.  
    شۇ مېھرىبان ئانىلارنىڭ ئۆتۈلسە قەدرى،  
    قېرىنداشلىق مېھرى ئاندىن بولاركەن ھەمدەم.

      


    ئاق سۈت بېرىپ ئەقىل بەرگەن ئەي ئۇلۇغ ئانا،
    سىمالىرىڭ ئايان ئەتتى يەنە چۈشۈمدە.  
    ئويغانساملا غايىپ بولدۇڭ كۆزلەرىمدە ياش،  
    كىرىۋەرگىن كۆرۈپ تۇراي كۈندە چۈشۈمگە.

     
      
    چۈشلەرىمدە كۆرۈنىسەن پەرىشتە سىياق،  
    بالام دەپلا تارتقان ئىدىڭ بارچە دەردىمنى.  
    يېقىلغاندا ئاھ يۈرۈگۈم دەيتتىڭ چىدىماي،  
    ئەمدى مانا يالغۇز قېلىپ بىلدىم قەدرىڭنى.
      
      
      
    يوقلاپ تۇرغىن تاشلىۋەتمەي ئەزىز ئاناڭنى،  
    ياشانغاندا غېرىپ بولۇپ قالمىسۇن تەنھا.  
    بىلىپ قويغىن بىزمۇ بىر كۈن بولىمىز شۇنداق،  
    قىيامەتنىڭ سورىقى بار ساڭا ھەم ماڭا!
     

     

    تاتار ئوغلى يازمىلىرى
     

    ئەسكەرتىش: تېمىلىرىمنى يۆتكىسىڭىز ئەسلى مەنبە ياكى قەلەم ئىگىسىنى ئەسكەرتىڭ!

  • مەن بۇ شېئىرىمنى جەمئىيىتىمىزدىكى بىردەملىك ھېسسىياتىنى باسالماي، سەبىي قەلبلەرنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى شۇنداقلا بەختىگە ئولتۇرغان ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارغا بېغىشلايمەن!
      

     
    بۇ يۈرەكلەر لەختە-لەختە قېنى ئاتا-ئانىمىز ؟!
      
      
    ئاتا-ئانا پۇشتىدىن تۆرەلدۇق بىز ھەممىمىز، 
    خوشال ئىدۇق ئىناق ئىدى ئاتا-ئانا ئۆيىمىز،  
    بىردەملىك ئاچچىق بىلەن سۇندى بىزنىڭ قەلبىمىز،  
    بۇ يۈرەكلەر لەختە-لەختە قېنى ئاتا-ئانىمىز؟!
     
     
      
      
    ئۈشبۇ ئالەم كەڭ قوينىدا پەشۋا ئاتتۇق مۇشلاشتۇق،   
    جان ساقلاشقا ئامالسىز ھەم يانچۇقنىمۇ كولاشتۇق،   
    جەمئىيەتتە ئاقچى كۆكچى چوڭ ئۈنۋانغا ئېرىشتۇق،   
    بۇ يۈرەكلەر لەختە-لەختە قېنى ئاتا-ئانىمىز؟!
     
     
    ئاھ! بۇ تەنلەر بەك قىينالدى قۇرۇپ كەتتى كۆز ياشلار،   
    گاھ كوچىدا سەرسان بولۇپ كۆكەردى بۇ قاپاقلار،  
    ھەي نادان ئاتا-ئانىلار بىزلەرنىمۇ ئويلاڭلار،   
    بۇ يۈرەكلەر لەختە-لەختە قېنى ئاتا-ئانىمىز؟!
     
      
    ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان مەكتەپتىنمۇ مەھرۇم بىز،
    ئىسسىق تاماق تەييار تۇرغان ئائىلىدىن مەھرۇم بىز،
    توڭلىغاندا دالدا ئۈچۈن چاپاندىنمۇ مەھرۇم بىز،
    بۇ يۈرەكلەر لەختە-لەختە قېنى ئاتا-ئانىمىز؟!
     

      

    تاتار ئوغلى يازمىلىرى
     

    ئەسكەرتىش: تېمىلىرىمنى يۆتكىسىڭىز ئەسلى مەنبە ياكى قەلەم ئىگىسىنى ئەسكەرتىڭ!