-
2010-12-10
بۇ يۈرەكلەر لەختە-لەختە قېنى ئاتا-ئانىمىز ؟!
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/87990544.html
مەن بۇ شېئىرىمنى جەمئىيىتىمىزدىكى بىردەملىك ھېسسىياتىنى باسالماي، سەبىي قەلبلەرنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى شۇنداقلا بەختىگە ئولتۇرغان ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارغا بېغىشلايمەن!بۇ يۈرەكلەر لەختە-لەختە قېنى ئاتا-ئانىمىز ؟!
ئاتا-ئانا پۇشتىدىن تۆرەلدۇق بىز ھەممىمىز،
خوشال ئىدۇق ئىناق ئىدى ئاتا-ئانا ئۆيىمىز،
بىردەملىك ئاچچىق بىلەن سۇندى بىزنىڭ قەلبىمىز،
بۇ يۈرەكلەر لەختە-لەختە قېنى ئاتا-ئانىمىز؟!
ئۈشبۇ ئالەم كەڭ قوينىدا پەشۋا ئاتتۇق مۇشلاشتۇق،
جان ساقلاشقا ئامالسىز ھەم يانچۇقنىمۇ كولاشتۇق،
جەمئىيەتتە ئاقچى كۆكچى چوڭ ئۈنۋانغا ئېرىشتۇق،
بۇ يۈرەكلەر لەختە-لەختە قېنى ئاتا-ئانىمىز؟!
ئاھ! بۇ تەنلەر بەك قىينالدى قۇرۇپ كەتتى كۆز ياشلار،
گاھ كوچىدا سەرسان بولۇپ كۆكەردى بۇ قاپاقلار،
ھەي نادان ئاتا-ئانىلار بىزلەرنىمۇ ئويلاڭلار،
بۇ يۈرەكلەر لەختە-لەختە قېنى ئاتا-ئانىمىز؟!
ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان مەكتەپتىنمۇ مەھرۇم بىز،
ئىسسىق تاماق تەييار تۇرغان ئائىلىدىن مەھرۇم بىز،
توڭلىغاندا دالدا ئۈچۈن چاپاندىنمۇ مەھرۇم بىز،
بۇ يۈرەكلەر لەختە-لەختە قېنى ئاتا-ئانىمىز؟!تاتار ئوغلى يازمىلىرىئەسكەرتىش: تېمىلىرىمنى يۆتكىسىڭىز ئەسلى مەنبە ياكى قەلەم ئىگىسىنى ئەسكەرتىڭ!
收藏到:Del.icio.us