-
2010-12-10
ئانا قەدرى
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/87994145.html
گۈدەكلىكتە ئانا قەدرى بىلىنمەيدىكەن،
ئانا بولسا پەرزەنتىگە چىدىماس ھەردەم.
شۇ مېھرىبان ئانىلارنىڭ ئۆتۈلسە قەدرى،
قېرىنداشلىق مېھرى ئاندىن بولاركەن ھەمدەم.
ئاق سۈت بېرىپ ئەقىل بەرگەن ئەي ئۇلۇغ ئانا،
سىمالىرىڭ ئايان ئەتتى يەنە چۈشۈمدە.
ئويغانساملا غايىپ بولدۇڭ كۆزلەرىمدە ياش،
كىرىۋەرگىن كۆرۈپ تۇراي كۈندە چۈشۈمگە.
چۈشلەرىمدە كۆرۈنىسەن پەرىشتە سىياق،
بالام دەپلا تارتقان ئىدىڭ بارچە دەردىمنى.
يېقىلغاندا ئاھ يۈرۈگۈم دەيتتىڭ چىدىماي،
ئەمدى مانا يالغۇز قېلىپ بىلدىم قەدرىڭنى.
يوقلاپ تۇرغىن تاشلىۋەتمەي ئەزىز ئاناڭنى،
ياشانغاندا غېرىپ بولۇپ قالمىسۇن تەنھا.
بىلىپ قويغىن بىزمۇ بىر كۈن بولىمىز شۇنداق،
قىيامەتنىڭ سورىقى بار ساڭا ھەم ماڭا!تاتار ئوغلى يازمىلىرىئەسكەرتىش: تېمىلىرىمنى يۆتكىسىڭىز ئەسلى مەنبە ياكى قەلەم ئىگىسىنى ئەسكەرتىڭ!
收藏到:Del.icio.us