• سىبىر خانلىقى


             سىبىر خانلىقى بولسا  16-ئەسىردە ئاسىيا قىتئەسىدىكى سىبىريەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا  قۇرۇلغان تۈركىي-موڭغۇل خانلىق بولۇپ ،1490-يىلى دەسلەپتە كەرەيلەر تەرپىدىن قۇرۇلۇپ،كېيىن خانلىقىنىڭ تەختى  شەيبان(چىڭگىزخاننىڭ نەۋرسى،باتۇنىڭ ئىنىسى،جۇچىنىڭ بەشىنچى ئوغلى) جەمەتنىڭ ئەۋلادلىرى تەرپىدىن تارتېۋېلىنغان .ئاھالىسى ئاساسلىقى  تاتار،نېنېت،مانسى،قانتى قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان.سىبىر خانلىقىنىڭ ئورنى تەخمىنەن ئوب دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى بىلەن توبول دەرياسىنىڭ ئارلىقىغا توغرا كېلىدۇ.سىبىر خانلىقى 1490-يىلدىن1582-يىلغىچەجەمىئىي   92يىل مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان.سىبىر خانلىقىنىڭ ئاھالىسى ئەسلىدە شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ كېيىن ئىسلام دىنىغا كىرگەن،ئاساسلىق تىلى سىبىريە تاتار تىلى بولغان،ئاستەنىسى چىڭگىتۇرا(ھازىرقى تيۇمېن).

  • ئەسخەت ئىسھاقوۋ

  • سابان توي

    مەنبە: تاتارلار تورى

  • 马力克·哈斯木·恰尼希夫 (1952)

  • «ھادى تاقتاش» ھەققىدە قىسقىچە بايان

      تالانتلىق شائىر،دىرامماتورگ،يازغۇچى ھادى تاقتاش(1931-1901)يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئەدىبلەرنىڭ بىرى.ئەنۋەر ناسىرى،لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ زامانداشلىرىنىڭ ئەسلىمىل...

  • تاتارشائىرى غابدۇللا توقاي

     

    ئەسكەرتىش:مەزكۇر شائىرنىڭ ئەسلى ئىسمى غابدۇللا توقاي ،بەزى ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا خاتا ھالدا ئابدۇللا توقاي دەپ ئېلىنغان ،بۇنداق ئاتاش توغرا ئەمەس ،تورداشلارنىڭ شائىرنىڭ توغرا ئىسمى غابدۇللا توقاي دەپ ئېلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. كەڭ زىيارەتچىلىرىمىزنىڭ ۋاقىپ بولىشىنى سورايمىز!

    19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ياشىغان مەشھۇر تاتار شائىرى غابدۇللا توقاي (غابدۇللا مۇھەممەت غېرىب ئوغلى توقايوف )روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىغىچە بولغان تاتار پوئېزىيىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەكىلى. شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن شائىردۇر. ھازىر 60-80 ياش ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئىچىدە توقاي شېئىرلىرىنى يادقا بىلمەيدىغانلار يوق دېيەرلىك.

    غابدۇللا توقاي 1886-يىلى 14-ئاپرېل ھازىرقى تاتارىستاننىڭ ئەتنە رايۇنىدىكى قۇشلاۋېچ ئاۋۇلىدا تۇغۇلغان. ئۇ ئورالسىكى شەھرىدە نەشىر قىلىنغان "پىكىر گېزىتى"نىڭ باسماخانىسىدا ھەرپ تىزغۇچى،كوررېكتور،ئەدەبىي خادىم بولۇپ ئىشلىگەن. 1905-يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويۇپ،ئۆز زامانىسىدىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىجدىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنى تاتار ئەدەبىياتىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ،ھەقىقەتەنمۇ خەلقپەرۋەرلىك روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان ئالىي سۈپەتلىك ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان.

       غابدۇللا توقاي ئۆزىنىڭ پوبلىستىك ماقالىلىرىدا ئەمگەكچى خەلقنى ئاقارتىش،تاتار ئەدەبىياتى،تىلى قاتارلىقلار ھەققىدە يازغان بولسا،ساتىرا ژانىرىدا ئادالەتسىزلىك،بۇزۇقچىلىق،چېرىكلىك ھادىسىلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن پاش قىلغان.ئۇنىڭ شېئىر-داستانلىرى يەنە تاتار ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقسىزلىقى،ياش ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش،بالىلارغا كۆيۈنىش،مەدەنىيەتلىك ئەمگەكچىلەرنى يېتىشتۈرۈش جەھەتلەردە چوڭقۇر پىكىرلىك ئىدىيىلەر بىلەن يوغۇرۇلغان.شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ مەشھۇر رۇس كلاسسىكلىرىدىن پوشكىن،لېرمونتوف،نىكراسوفلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ قالدۇرغان.
      غابدۇللا توقاي 1913-يىلى 2-ئاپرېل 27 يېشىدا ئۆپكە كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان.

       ئىگىلىنىشىچە،غابدۇللا توقاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەنگە ئالغان شائىر بولۇپ،قازان شەھرىدە ئۇنىڭغا ئىككى ئورۇندا مۇزېي تەسىس قىلىنغان.ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 4 توملۇق ۋە 5 توملۇق قىلىپ نەشىر قىلىنغان.

    "بۇلاق" ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 2-سانىدىن(بۇ ساندا يەنە غابدۇللا توقاي ئەسەرلىرىدىن نەمۇنىلەر بېرىلگەن)ئېلىندى.  

      
    مۇھەببەت


     غابدۇللا توقاي



    يەر كۆكەرمەس، گۈل ئېچىلماس سۇ تامچىسى بولمىسا،
    شائىر شېئىرنى نەدىن ئالسۇن ئىلھامچىسى بولمىسا.
    ئېيتىڭلارچۇ قايسى شائىر بىر گۈزەلنى سۆيمىدى؟
    بايرونىڭمۇ؟ لىرمونتوفمۇ؟ پۇشكىننىڭمۇ؟ قايسىسى؟


    يۈرەك ئۆزى بىر پارچە گۆش ئەگەر ئىشقى بولمىسا،
    مۇھەببەتنىڭ دەردى ئۇنى پارە-پارە قىلمىسا.
    بۇ شېئىرنىڭ ھېسلىرىنى ئالدىم گۆھەر، ئۈنچىدىن،
    ئېيتساڭلارچۇ ھۆسنى قانداق كام ئەمەسقۇ غۇنچىدىن.



    تاتارلارنىڭ شائىرلىرى كېيىن قالغاي ھەممىسى،
    ئالغا بارسۇن شىلتىپ تۇرسۇن چىن مۇھەببەت قامچىسى.
    ئۆلتۈرسىمۇ بۇ دۇنياغا بىر كۈن خوجا بولمايمەن،
    ئاشىقلىقنىڭ، مۇھەببەتنىڭ پەقەت مەڭگۈ قۇلىمەن.



    يوشۇرۇن كۆيۈش، مەخپىي ئازاب شۇنچە تاتلىق لەززىتى،
    بارمىكىن تاڭ، بۇنى بىلەر مەندىن ئۆزگە بىر كىشى.
    كىشلەر بار مۇھەببەتنىڭ ئوتى بىلەن يانغۇچى،
    قايدا پەرھاد بىلەن مەجنۇن مەن ئۇلارنىڭ تاڭچىسى.

      ﻛﯩﺘﺎﺏ

    ( غابدۇللا ﺗﻮﻗﺎﻱ )


    ﻛﯚﯕﻠﯘﻡ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﯩﭽﯩﻢ ﭘﯘﺷﺴﺎ ،
    ﺋﯚﺯ - ﺋﯚﺯﯗﻣﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺱ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺭﻭﮬﯩﻢ ﭼﯘﺷﺴﻪ .
    ﺟﺎﭘﺎ ﭼﻪﻛﺴﻪﻡ ، ﮬﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪﻡ ، ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ،
    ﮬﯧﭻ ﺑﯩﺮ ﻟﻪﺯﺯﻩﺕ ﺗﺎﭘﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﯘ ﺟﯧﻨﯩﻤﻐﺎ .
    ﺗﯘﮔﯩﻤﻪﺱ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻳﻐﯘ - ﺋﻪﻟﻪﻡ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺳﺎ ،
    ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﻮﻳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺸﯩﻢ ﻗﺎﺗﺴﺎ .
    ﺳﺎﺭﻏﯩﻴﯩﻤﻪﻥ ﻛﯚﻳﯘﭖ ﺟﯧﻨﯩﻢ ﻣﯘﯕﻐﺎ ﭘﺎﺗﺴﺎ ،
    ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺳﺎ .
    ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﻪﻥ ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﯧﻠﯩﭗ ،
    ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﮔﯘ ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﯩﻠﯩﭗ ،
    ﺟﯧﻨﯩﻢ ، ﻗﯧﻨﯩﻢ ﻟﻪﺯﺯﻩﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺭ ﺷﯘ ﭼﺎﻍ
    ﻛﯚﯕﻠﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺭﺩﻟﯩﺮﯨﻤﻤﯘ ﺩﻩﺭﻣﺎﻥ ﺗﯧﭙﯩﭗ .
    ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﯗﻡ ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯﯗﻡ -
    ﻳﻮﻝ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯩﺮﯨﻢ .
    ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ،
    ﭘﺎﻗﯩﺮﺍﻳﺪﯗ ﻧﯘﺭﻏﺎ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﻛﯚﯕﻠﯘﻡ ، ﻛﯚﺯﯗﻡ .
    ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ ، ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﻪﻥ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ،
    ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻤﻐﺎ .
    ﺋﺎﺷﺎﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻢ ﺋﯚﺯ - ﺋﯚﺯﯗﻣﮕﻪ ،
    ﺋﯘﻣﯘﺩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ ﻛﯧﻠﻪﭼﻪﻛﻜﻪ.

       بولمىسا

        (غابدۇللا توقاي)

    ﻛﯩﻢ ﻳﯧﺘﻪﺭ ﻗﻪﺩﺭﯨﯖﮕﻪ ﺟﺎﻧﺎﻥ ﻗﻪﻟﺒﻰ ﭼﯘﻝ - ﭼﯘﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ،
    ﻧﺎﺯ ﺋﯧﺘﻪﺭ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯜﻝ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ .

    ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﯖﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻞ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩﺩﯗﺭ ،
    ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚﺯﮔﯜﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺴﻪﻥ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻮﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ .

    ﺑﻪﺭﻣﯩﺪﻯ ﻟﻪﻳﻠﻰ ﻛﻪﺑﻰ ﻣﻪﻫﺒﯘﺑﯩﮕﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﺎﻫﺎ ،
    ﺋﺎﻧﭽﯩﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﯘ ﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﻪﺟﻨﯘﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ .

    ﺗﻪﯓ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﺳﻤﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﻪﻧﺪﻩﻙ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﺷﺎﻫﯩﻐﺎ ،
    ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻫﯧﺴﻘﺎ ﺑﺎﻱ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ.
     
     
    مەنبە: تاتارلار تورى 

     

     
  • تاتاريېزىقى

    تاتاريازىۋې

    2003 ئېلنېڭ 10 دېكابىر  كۆننې تاتار ئىجتىماگېي بېرلەشمەلەرې، ئىنتېرنېتتا ئۈز سايتلارې بۇلگان گاممەۋى مەگلۈمات چارالارې جىتەكچېلەرېننەن، فەننى، ئىجادى زېيالېلاردان تورگان ئىنىسىاتىۋ تۆركېم ئىنتېرنېتتا تاتار تېلې ئالفاۋىتېن — “Inalif”نې كۇللانۇ بۇېنچا تەجرىبەنې باشلاۇ تۇرېنداگې بېركېتمەگە كۈل كۇيدې.

    كۇللانۇچېلار فىكېرېنچە، تاتار ئالفاۋىتېنېڭ زاكون تارافېننان راسلاڭان كىرىللىسا ھەم لاتىن گرافىكالارېنداگې ۋېرسىياسې بۆتېندۆن يا كومپ يۇتېر چېلتەرې ئىنتېرنېتتا شەخسى خاتلار يازېشۇدا دا، رەسمىي يازېشۇدا دا كۇللانېلمېي دىيارلېك، شۇلاي ئۇك ئۇل مەگلۈمات تۇپلاۇ ھەم تاپشېرۇدا (كايبېر ئېلېكترون گاممەۋى مەگلۈمات چارالارې ھەم رەسمىي سايتلاردان تېش) سىيرەك كۇللانېلا. بۇ دىاكرىتىك بىلگېلەرنېڭ ستاندارت كلاۋىاتۇرادا بۇلماۋې بىلەن ئاڭلاتېلا. شۇل ئۇك ۋاكېتتا، ئىنتېرنېتتا ئارالاشۇ ئۆچېن تاتار تېلېن فايدالانۇگا كاراتا زۇر كېزېكسېنۇ كۈزەتېلە. فەننەر ئاكادېمىياسېنە كومپ يۇتېردا كۇللانۇ ئۆچېن تاتار ئالفاۋىتېن كامىللەشتېرۈ بۇېنچا تۆرلې تەكدىمنەر كىلە. بارلېك تەكدىمنەرنېڭ ئاسېلې ستاندارت كلاۋىاتۇرادا كۈرسەتېلگەن بىلگېلەرنې ھەم ئالارنېڭ كومبىناسىيالەرېن كۇللانۇگا كايتېپ كالا.

    لاتىنىسانېڭ ئىنىسىاتىۋ تۆركېم تەكدىم ئىتكەن ياڭا ۋېرسىياسې - “Inalif” ستاندارت كلاۋىاتۇرا بىلگېلەرېن گېنە كۇللانا ھەم تاتارىستان رېسپۇبلىكاسې زاكونې تارافېننان راسلاڭان ئالفاۋىتكا ماكسىمال  ياكېن كىلە.

     

    مەنبە: تاتارلار تورى

  • غابدۇللا توقاينىڭ 125 ئېللىغىې

     

    مەنبە: تاتارلار تورى

  • تاتار سابان توي







    تاتارلارنىڭ توي - تۆكۈن ، ئۆلۈم - يىتىم ئىشلىرى ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ ،تاتارلاردا يىگىت - قىزنىڭ توي مەرىكىسى ئادەتتە قىز تەرەپتە ئۆتكۈزۈلۈپ بەكمۇ قىزغىن كە...
  • شەخرى قازان (رەسىمنەر)

     



    قازانداغى ئىڭ ئۇلكىن ئىقتىساد ،تىخنىيكا ،مەدانىيات،ئۇرتالىغى.ياقىندا راسسسىيا ئانىڭ 1000يىللىغ تۇغان كۇنىنى ئۈتكىردى.








    ...
  • مىللەت نامى ۋە مەنبەسى



    «تاتار» دېگەن بۇ نام ئەڭ دەسلەپتە «كۆل تېكىن ئابىدىسى»دىكى تۈركچە يادنامىدە تىلغا ئېلىنغان. تاڭ سۇلالىسى يازما ھۆججەتلىرىدە 达旦 دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى  يازما ھۆج...

  • تاتارلارنىڭ قىسقىچە شەجەرىسى



    يافەس ئەلەيھىسسالام مەنزىلى فانىيدىن سەرايى جاۋدانغە مەيل قىلدى. ئەرشەد ئەۋلادى تۈرك ئىدى. قايىم مەقامى يافەس بولدى. يافەس ئوغلان ئاتادىلار. يافەس ئوغلان ئاۋۋال پادىشاھى دىيارى مەشرىق ئېرۇر. بەش ئ...

  • فىنلاندىيەدىكى تاتارلار



    ھازىر فىنلاندىيەدە ياشاۋاتقان تاتارلارنىڭ سانى 800 ئەتراپىدا بولۇپ، فىنلاندىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن  رەسمىي ئىتىراپ قىلىنغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. فىنلاندىيەدىكى تاتارلار 1870-يىلدىن 19...
  •  

    تاتارمىللىتى توغرىسىدا


    تاتارلار روسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن باشقا جۇمھۇرىيەتلەردە ياشىغۇچى ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، بىر قىسمى روسىيە فېدېراتىۋ جۇمھۇرىيىتىگە قاراشلىق تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى ( تەخ...