-
2010-07-06
تاتارشائىرى غابدۇللا توقاي - [تاتار تارىخى]
تاتارشائىرى غابدۇللا توقاي
ئەسكەرتىش:مەزكۇر شائىرنىڭ ئەسلى ئىسمى غابدۇللا توقاي ،بەزى ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا خاتا ھالدا ئابدۇللا توقاي دەپ ئېلىنغان ،بۇنداق ئاتاش توغرا ئەمەس ،تورداشلارنىڭ شائىرنىڭ توغرا ئىسمى غابدۇللا توقاي دەپ ئېلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. كەڭ زىيارەتچىلىرىمىزنىڭ ۋاقىپ بولىشىنى سورايمىز!
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ياشىغان مەشھۇر تاتار شائىرى غابدۇللا توقاي (غابدۇللا مۇھەممەت غېرىب ئوغلى توقايوف )روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىغىچە بولغان تاتار پوئېزىيىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەكىلى. شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن شائىردۇر. ھازىر 60-80 ياش ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئىچىدە توقاي شېئىرلىرىنى يادقا بىلمەيدىغانلار يوق دېيەرلىك.
غابدۇللا توقاي 1886-يىلى 14-ئاپرېل ھازىرقى تاتارىستاننىڭ ئەتنە رايۇنىدىكى قۇشلاۋېچ ئاۋۇلىدا تۇغۇلغان. ئۇ ئورالسىكى شەھرىدە نەشىر قىلىنغان "پىكىر گېزىتى"نىڭ باسماخانىسىدا ھەرپ تىزغۇچى،كوررېكتور،ئەدەبىي خادىم بولۇپ ئىشلىگەن. 1905-يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويۇپ،ئۆز زامانىسىدىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىجدىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنى تاتار ئەدەبىياتىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ،ھەقىقەتەنمۇ خەلقپەرۋەرلىك روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان ئالىي سۈپەتلىك ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان.غابدۇللا توقاي ئۆزىنىڭ پوبلىستىك ماقالىلىرىدا ئەمگەكچى خەلقنى ئاقارتىش،تاتار ئەدەبىياتى،تىلى قاتارلىقلار ھەققىدە يازغان بولسا،ساتىرا ژانىرىدا ئادالەتسىزلىك،بۇزۇقچىلىق،چېرىكلىك ھادىسىلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن پاش قىلغان.ئۇنىڭ شېئىر-داستانلىرى يەنە تاتار ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقسىزلىقى،ياش ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش،بالىلارغا كۆيۈنىش،مەدەنىيەتلىك ئەمگەكچىلەرنى يېتىشتۈرۈش جەھەتلەردە چوڭقۇر پىكىرلىك ئىدىيىلەر بىلەن يوغۇرۇلغان.شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ مەشھۇر رۇس كلاسسىكلىرىدىن پوشكىن،لېرمونتوف،نىكراسوفلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ قالدۇرغان.
غابدۇللا توقاي 1913-يىلى 2-ئاپرېل 27 يېشىدا ئۆپكە كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان.
ئىگىلىنىشىچە،غابدۇللا توقاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەنگە ئالغان شائىر بولۇپ،قازان شەھرىدە ئۇنىڭغا ئىككى ئورۇندا مۇزېي تەسىس قىلىنغان.ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 4 توملۇق ۋە 5 توملۇق قىلىپ نەشىر قىلىنغان.
"بۇلاق" ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 2-سانىدىن(بۇ ساندا يەنە غابدۇللا توقاي ئەسەرلىرىدىن نەمۇنىلەر بېرىلگەن)ئېلىندى.
مۇھەببەتغابدۇللا توقاي
يەر كۆكەرمەس، گۈل ئېچىلماس سۇ تامچىسى بولمىسا،
شائىر شېئىرنى نەدىن ئالسۇن ئىلھامچىسى بولمىسا.
ئېيتىڭلارچۇ قايسى شائىر بىر گۈزەلنى سۆيمىدى؟
بايرونىڭمۇ؟ لىرمونتوفمۇ؟ پۇشكىننىڭمۇ؟ قايسىسى؟
يۈرەك ئۆزى بىر پارچە گۆش ئەگەر ئىشقى بولمىسا،
مۇھەببەتنىڭ دەردى ئۇنى پارە-پارە قىلمىسا.
بۇ شېئىرنىڭ ھېسلىرىنى ئالدىم گۆھەر، ئۈنچىدىن،
ئېيتساڭلارچۇ ھۆسنى قانداق كام ئەمەسقۇ غۇنچىدىن.
تاتارلارنىڭ شائىرلىرى كېيىن قالغاي ھەممىسى،
ئالغا بارسۇن شىلتىپ تۇرسۇن چىن مۇھەببەت قامچىسى.
ئۆلتۈرسىمۇ بۇ دۇنياغا بىر كۈن خوجا بولمايمەن،
ئاشىقلىقنىڭ، مۇھەببەتنىڭ پەقەت مەڭگۈ قۇلىمەن.
يوشۇرۇن كۆيۈش، مەخپىي ئازاب شۇنچە تاتلىق لەززىتى،
بارمىكىن تاڭ، بۇنى بىلەر مەندىن ئۆزگە بىر كىشى.
كىشلەر بار مۇھەببەتنىڭ ئوتى بىلەن يانغۇچى،
قايدا پەرھاد بىلەن مەجنۇن مەن ئۇلارنىڭ تاڭچىسى.
ﻛﯩﺘﺎﺏ
( غابدۇللا ﺗﻮﻗﺎﻱ )
ﻛﯚﯕﻠﯘﻡ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﯩﭽﯩﻢ ﭘﯘﺷﺴﺎ ،
ﺋﯚﺯ - ﺋﯚﺯﯗﻣﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺱ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺭﻭﮬﯩﻢ ﭼﯘﺷﺴﻪ .
ﺟﺎﭘﺎ ﭼﻪﻛﺴﻪﻡ ، ﮬﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪﻡ ، ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ،
ﮬﯧﭻ ﺑﯩﺮ ﻟﻪﺯﺯﻩﺕ ﺗﺎﭘﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﯘ ﺟﯧﻨﯩﻤﻐﺎ .
ﺗﯘﮔﯩﻤﻪﺱ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻳﻐﯘ - ﺋﻪﻟﻪﻡ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺳﺎ ،
ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﻮﻳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺸﯩﻢ ﻗﺎﺗﺴﺎ .
ﺳﺎﺭﻏﯩﻴﯩﻤﻪﻥ ﻛﯚﻳﯘﭖ ﺟﯧﻨﯩﻢ ﻣﯘﯕﻐﺎ ﭘﺎﺗﺴﺎ ،
ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺳﺎ .
ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﻪﻥ ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﯧﻠﯩﭗ ،
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﮔﯘ ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﯩﻠﯩﭗ ،
ﺟﯧﻨﯩﻢ ، ﻗﯧﻨﯩﻢ ﻟﻪﺯﺯﻩﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺭ ﺷﯘ ﭼﺎﻍ
ﻛﯚﯕﻠﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺭﺩﻟﯩﺮﯨﻤﻤﯘ ﺩﻩﺭﻣﺎﻥ ﺗﯧﭙﯩﭗ .
ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﯗﻡ ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯﯗﻡ -
ﻳﻮﻝ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯩﺮﯨﻢ .
ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ،
ﭘﺎﻗﯩﺮﺍﻳﺪﯗ ﻧﯘﺭﻏﺎ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﻛﯚﯕﻠﯘﻡ ، ﻛﯚﺯﯗﻡ .
ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ ، ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﻪﻥ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ،
ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻤﻐﺎ .
ﺋﺎﺷﺎﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻢ ﺋﯚﺯ - ﺋﯚﺯﯗﻣﮕﻪ ،
ﺋﯘﻣﯘﺩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ ﻛﯧﻠﻪﭼﻪﻛﻜﻪ.
بولمىسا
(غابدۇللا توقاي)
ﻛﯩﻢ ﻳﯧﺘﻪﺭ ﻗﻪﺩﺭﯨﯖﮕﻪ ﺟﺎﻧﺎﻥ ﻗﻪﻟﺒﻰ ﭼﯘﻝ - ﭼﯘﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ،
ﻧﺎﺯ ﺋﯧﺘﻪﺭ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯜﻝ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ .
ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﯖﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻞ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩﺩﯗﺭ ،
ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚﺯﮔﯜﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺴﻪﻥ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻮﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ .
ﺑﻪﺭﻣﯩﺪﻯ ﻟﻪﻳﻠﻰ ﻛﻪﺑﻰ ﻣﻪﻫﺒﯘﺑﯩﮕﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﺎﻫﺎ ،
ﺋﺎﻧﭽﯩﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﯘ ﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﻪﺟﻨﯘﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ .
ﺗﻪﯓ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﺳﻤﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﻪﻧﺪﻩﻙ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﺷﺎﻫﯩﻐﺎ ،
ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻫﯧﺴﻘﺎ ﺑﺎﻱ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ.مەنبە: تاتارلار تورى -
2010-07-05
قازان شەھەرىنى كومپيۇتېردا كۆرۈش
قازان شەھەرىنى كومپيۇتېردا كۆرۈش
،سىز بۇ توربەت ئارقىلىق ئۆزىڭىز كۆرمەكچى بولغان قازان شەھىرىنىڭ بارلىق ساياھەت ،مەنزىرە شۇنداقلا تارىخى ئۇرۇنلىرىنى قازانغا بارماي تۇرۇپلا كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيسىز.ئىشلىتىش ئۇسۇلى خەرىتىدە چەمبەر ئىچىگە ئېلىنغان ئىنگىلىزچە م ھەرپىنى باسسىڭىز دىربۇن ھالىتىگە ئۆزگىرىدۇ،ھەمدە يۇقۇرقى كۆزنەكتە رەسىم چىققانداندىن سىرىت يۆنىلىش كۇنۇپكىلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق كۆرمەكچى بولغان ئۇرۇنلارنى تەپسىلى كۆرەلەيسىز.
مەنزىل http://maps.yandex.ru/-/CFVlr5A&kzn=2
بىرىنچى ساياھەت ئورنىنى بىكىتىمىز تەڭشەپ قويغان مائۇس كۇنۇپكىسىنى ئوڭ -سولغا يۆتكىسىڭىزلا بولدى
باشقا ئورۇنلارنى كۆرۈش قەدەم باسقۇچى تۆۋەندىكىدەك
مەنبە: تاتارلار تورى
-
2010-07-05
سابان تۇې
سابان تۇې
يۈك، جەمەگات ، تېلەسەگېز نى ئەيتېگېز، ئېلېككېگې سابان تۇيلارې بەيرەمرەك ئىدې. ئالار كۆتېبرەك ئالېنا ئىدې. خەزېرگېلەر ئۈتەلېرگە، ئۈتكەرېلېرگە تىېشلې «مېروپرىياتىې»گە ئەيلەنېپ بارا شىكېللې. سابان تۇې ئاۋېل، رايون جىرېندە كايچان ئۈتكەرېلېرگە تىېشلېگېن ئۇكاز بىلەن بىلگېلەۈ دە مىڭا ئوشاپ بېتمى. خالېك بىت ئانې گومېر گومېرگە ئۇكازسېز-نىسېز ئۈتكەرېپ كىلگەن. ئانېڭ ئۈز ۋاكېت ئارالېگې بار. ئانې ئاۋېللاردا دا، رايوندا دا بىك ياخشې بېلەلەر.
يالگېشسام، گافۇ ئۈتېنەم، شەھەر جىرېندە خەزېر سابان تۇې مەيدانېنا خالېك چىرات ئۇزدېرېپ جىبەرېرگە جېئېلا سېمان. دۇڭگېز ئىتېننەن كېزدېرېلگان شاشلېك تۆتېنې ئېچېندە دۆبېر-شاتېر ئاقېرگان ئاڭلاېشسېز مۇزېكادان ئاڭگېراېپ ئەرلې-بىرلې يۆرېگەن بۇلا دا مىڭگېرەېپ ئۆېنە كايتېپ ئېگېلا. ئە بىت سابان تۇې جىردە كۆنې-تۆنې ئېشلەپ ئارېگان خالېكنېڭ بېر تاپكېر كۈككە، كوياشكا كۈتەرېلېپ كاراۋې ھەم ئۇيناپ-كۆلېپ، ئېل بۇې ساگېنېپ سۆيلەرلېك بەيرەمې ئىدې.سۇگېشتان سوڭگې ئاۋېر زاماندا دا سابان تۇې ئۈزېنېڭ خالېكچانلېگې بىلەن چېن بەيرەم بۇلېپ ئۈتە ئىدې. بېز، بالا-چاگا، ئانې ئۈزېبېزچە كۆتە ئىدېك. شەرىفجامال ئاپا تېگېپ بەرگەن بېر سەدەپلې بۆز كۈلمەك ھەم بالاگې تېزدەن تۈبەن، لېكىن تۇبېككا جىتمەگەن كارا ساتىن ېشتانلې مالايلار، بۆرمە ئىتەكلې، چەچەكلې سىتسې كۈلمەكلې كېزلار جېئېلا ئىدېك سابان تۇې مەيدانېنا. بېز دە ئۆلېېلار يانېندا ئۈسېپ كىتكەندەي بۇلا ئىدېك. كېسەدە كېزېل سۇ (مورس) ئالېپ ئېچەرگە جىتەرلېك ئاكچا دا بار. يۆرىسېڭ سابان تۇې مەيدانېن ئۇراپ، كېزلار يانېننان ئۇزېپ بارېشلېي بېلەكلەرېننەن چېمېتېپ ئۈتەسېڭ، ئازېنېپ كېتىپ، ئاياك بارماكلارې بىلەن كېزلار ئىتەگېن كۈتەرگەلەپ تە ئالاسېڭ. شۇڭا جاۋاب ئىتېپ، «كىت ئەلې، كەجە تەرې» ياكى «شاپاي ئاۋېز» دىگەننې ئىشېتەسېڭ. ئاۋۇ كىلمى، چۆنكى سابان تۇې.
ئۇېننارنېڭ بۆتېنېسېنە كاتناشاسېڭ. بۈلەككە بېرەر كارانداش ياكى سېبېزگې ئېلەكتېرسەڭ، بۆتېن دۆن يا مالېنا ئىيا بۇلگانداي ماكتاناسېڭ.
ئېلېك-ئېلېكتەن سابان تۇېنېڭ كۈركې – كۈرەش. مال ئۆچېن تۈگېل، دان ئۆچېن كۆرەشۈ سابان تۇيلارېنېڭ ئىڭ زاتلې بىزەگې ئىدې. كېم گاېپلې ئىكەنېن بېلمىم، خاراب ئىتتېلەر شۇل ماتۇرلېكتان بېزنې. مىنې سۇېتكېچ ياكى ماشىنا ئالگان بەتېرلار ھېچ كېزېكسېندېرمېي. مال ئۆچېن كۆرەشە تورگان يارېشلار دا كىرەكتېر، ئەمما سابان تۇېندا، تەكەدەن گايرې، سۆلگې-تاستېمال ئىشې ئىستەلېك-بۈلەكلەر گېنە بۇلېرگا تىېشتېر. سابان تۇې مال جېيا تورگان بەيرەم تۈگېل. مالگا خىرېس بەتېرلار كۆرەشمەسېن. يۆرسېننەر سۈگېنېپ سابان تۇې بەيرەمې تىرەسېندە. كۆچلەرې بىلەن ھەم كۈنېگۈ زاللارېندا ئۆيرەڭەن ئەمەللەرې بىلەن ماسايماسېننار. بورېن-بورېننان دان ئۆچېن كۆرەشكەننەر بىت ئەلې. خەزېر دە تابېلېر ئېگېتلەر. بېزنېڭ رايون سابان تۇېندا نىچەمە ئېل بەتېر كالگان گەپترى ئابېينې ئەلې دە ساگېنېپ ئىسكە ئالام. تېكە ئۆچېن گېنە كۆرەشكەن ئەۈخەتېبېز دە بېزنېڭ گورۇرلېگېبېز بۇلدې.
كېسكاسې، خالېك بەيرەمې بۇلۇدان ئاېرېلېپ بارگان سابان تۇېبېزنېڭ چېن ئاسېلېن كىرې كايتارېرگا ئىدې. شۇنېسېن دا كاباتلېيم (بېرنىچە تاپكېر يازگان ئىدېم ئىندې) – سابان تۇېن ئىنتېرناسىونال بەيرەم دىپ ئاتېي باشلادېلار. يۈك، سابان تۇې ئۇل تاتار بەيرەمې گېنە، باشكا بېركېمنېكې دە تۈگېل. بۈتەننەر ئاندا كادېرلې كۇناك كېنا.
تۇفان مىڭنۇللىن
سەخنەمەنبە: تاتارلار تورى
-
2010-07-05
تاتاريېزىقى - [تاتار تارىخى]
تاتاريېزىقى
تاتاريازىۋې
2003 ئېلنېڭ 10 دېكابىر كۆننې تاتار ئىجتىماگېي بېرلەشمەلەرې، ئىنتېرنېتتا ئۈز سايتلارې بۇلگان گاممەۋى مەگلۈمات چارالارې جىتەكچېلەرېننەن، فەننى، ئىجادى زېيالېلاردان تورگان ئىنىسىاتىۋ تۆركېم ئىنتېرنېتتا تاتار تېلې ئالفاۋىتېن — “Inalif”نې كۇللانۇ بۇېنچا تەجرىبەنې باشلاۇ تۇرېنداگې بېركېتمەگە كۈل كۇيدې.
كۇللانۇچېلار فىكېرېنچە، تاتار ئالفاۋىتېنېڭ زاكون تارافېننان راسلاڭان كىرىللىسا ھەم لاتىن گرافىكالارېنداگې ۋېرسىياسې بۆتېندۆن يا كومپ يۇتېر چېلتەرې ئىنتېرنېتتا شەخسى خاتلار يازېشۇدا دا، رەسمىي يازېشۇدا دا كۇللانېلمېي دىيارلېك، شۇلاي ئۇك ئۇل مەگلۈمات تۇپلاۇ ھەم تاپشېرۇدا (كايبېر ئېلېكترون گاممەۋى مەگلۈمات چارالارې ھەم رەسمىي سايتلاردان تېش) سىيرەك كۇللانېلا. بۇ دىاكرىتىك بىلگېلەرنېڭ ستاندارت كلاۋىاتۇرادا بۇلماۋې بىلەن ئاڭلاتېلا. شۇل ئۇك ۋاكېتتا، ئىنتېرنېتتا ئارالاشۇ ئۆچېن تاتار تېلېن فايدالانۇگا كاراتا زۇر كېزېكسېنۇ كۈزەتېلە. فەننەر ئاكادېمىياسېنە كومپ يۇتېردا كۇللانۇ ئۆچېن تاتار ئالفاۋىتېن كامىللەشتېرۈ بۇېنچا تۆرلې تەكدىمنەر كىلە. بارلېك تەكدىمنەرنېڭ ئاسېلې ستاندارت كلاۋىاتۇرادا كۈرسەتېلگەن بىلگېلەرنې ھەم ئالارنېڭ كومبىناسىيالەرېن كۇللانۇگا كايتېپ كالا.
لاتىنىسانېڭ ئىنىسىاتىۋ تۆركېم تەكدىم ئىتكەن ياڭا ۋېرسىياسې - “Inalif” ستاندارت كلاۋىاتۇرا بىلگېلەرېن گېنە كۇللانا ھەم تاتارىستان رېسپۇبلىكاسې زاكونې تارافېننان راسلاڭان ئالفاۋىتكا ماكسىمال ياكېن كىلە.
مەنبە: تاتارلار تورى
-
2010-07-04
غابدۇللا توقاينىڭ 125 ئېللىغىې - [تاتار تارىخى]
غابدۇللا توقاينىڭ 125 ئېللىغىې
مەنبە: تاتارلار تورى
-
2010-07-04
مىڭنېخانوۋ رۆستەم نۇرگالى ئۇلې
مىڭنېخانوۋ رۆستەم نۇرگالى ئۇلې
تاتارستان ئەلباشى
مىڭنېخانوۋ رۆستەم نۇرگالى ئۇلې
1957 ئېلنېڭ 1 مارتېندا تاتارىستان ئاسسرنېڭ بالېك بىستەسې رايونې ياڭا ئارېش ئاۋېلېندا تۇگان.
بېلېمې:
1978 ئېلدا كازان ئاۋېل خۇجالېگې ئىنستىتۇتېن ھەم بۆتېنسويۇز سوۋېت سەۈدەسې ئىنستىتۇتېن تاماملېي، ئىنژېنېر-مېخانىك كۋالىفىكاسىياسې ئالا.
1986 ئېلدا چىتتەن تورېپ بېلېم ئالۇ سوۋېت سەۈدەسې ئىنستىتۇتېن (مەسكەۈ شەھەرې) تەماملېي، «تاۋار بېلېمې ھەم ئازېك-تۆلېك توۋارلارې بىلەن سەۈدە ئىتۈنې ئوېشتېرۇ» بېلگېچلېگې، «يۇگارې كۋالىفىكاسىيالې تاۋار بېلگېچې» كۋالىفىكاسىياسې ئالا.خېزمەت ئېشچەنلېگې:
1978 ئېلدان 1980 ئېلگا كادەر- سابا رايونې "سېل خوزتېخنىكا" بېرلەشمەسېندە ئىنژېنېر-دىاگنوستىك بۇلېپ ئېشلى.
1980 ئېلدان 1990 ئېلگا كادەر - سابا ئورمان خۇجالېگېندا ئۆلكەن ئىنژېنېر-ئېنېرگېتىك، باش ئېنېرگېتىك، سابا رايون كۇللانۇچېلار جەمگېياتې رەىسې ئۇرېنباسارې، ئارچا رايون كۇللانۇچېلار جەمگېياتې ئىدارەسې رەىسې بۇلېپ ئېشلى.
1990 ئېلدا خالېك دېپۇتاتلارېنېڭ ئارچا رايون سوۋېتې باشكارما كومىتېتې رەىسې ئىتېپ سايلانا.
1992 ئېلدان 1993 ئېلگا كادەر ئارچا رايونې خاكىمىياتې باشلېگېنېڭ بېرېنچې ئۇرېنباسارې بۇلېپ ئېشلى.
1993-1996 ئېللاردا بىېكتاۇ رايونې خاكىمىياتې باشلېگې، خالېك دېپۇتاتلارېنېڭ بىېكتاۇ رايون سوۋېتې رەىسې.
1996-1998 ئېللاردا - تاتارىستان رېسپۇبلىكاسې فىنانس مىنىسترې.
1998 ئېلدان - تاتارىستان رېسپۇبلىكاسې پرېم ئېر-مىنىسترې.
2010 ئېلنېڭ 25 مارتتا رۆستەم مىڭنىخانوۋ تاتارىستان رېسپۇبلىكاسې پرېزىدېنتې ۋازېيفاسېنا كېرېشتې.
2010 ئېلنېڭ 16 ئىيۇن ئېننەن روسسىيا فېدېراسىياسې دەۈلەت سوۋېتې پرېزىدىۇمې ئەگزاسې.فەننى دەرەجەسې، ئىسېمې:
ئىكتىساد فەننەرې دوكتورې (2003 ئېل).دەۈلەت بۈلەكلەرې:
دۇسلېك ئوردېنې (رف پرېزىدېنتېنېڭ 2002 ئېلنېڭ 22 ئىيۇلېندەگې 756 نومېرلې ئۇكازې)؛
IV دەرەجە «ۋاتان كارشېنداگې كازانېشلارې ئۆچېن» ئوردېنې (2007 ئېل)؛
«تاتارىستان رېسپۇبلىكاسې كارشېنداگې كازانېشلارې ئۆچېن» ئوردېنې (تاتارىستان رېسپۇبلىكاسې پرېزىدېنتېنېڭ 2007 ئېلنېڭ 1 مارتېنداگې پۇ-120 نومېرلې ئۇكازې)؛
«سانكت-پېتېربۇرگنېڭ 300 ئېللېگې ئىستەلېگېنە» مېدالې (2003 ئېل)؛
«كازاننېڭ 1000 ئېللېگې ئىستەلېگېنە» مېدالې (2005 ئېل)؛«3 مىللىارد توننا تاتارىستان نېفتېن چېگارۇ ئۇڭاېننان» مېدالې (2007 ئېل)؛
روسسىيا فېدېراسىياسې پرېزىدېنتې رەخمەتې (2008 ئېل)؛
روسسىيا فېدېراسىياسې خوكۈمەتېنېڭ فەن ھەم تېخنىكا ئۆلكەسېندەگې پرېمىياسې لاۇرېاتې (2009 ئېل).
ئۆيلەڭەن. ئىكې ئۇلې بار.
ئاۋتوموبىل سپورتې بىلەن شۆگېل لەنە. ئاتكازاڭان سپورت ماستېرې
مەنبە: تاتارلار تورى
-
2010-07-04
تاتار قىزىنىڭ باسقان ئىزلىرى
تاتار قىزىنىڭ باسقان ئىزلىرى
تاتار قىزىنىڭ باسقان ئىزلىرى
ئابدۇكېرىم ھاشىم ( ئوچېرىك )
بۇ ۋەقە 1944–يىلى پارتىلىغان ئۈچ ۋىلايەت مەزگىلىدە باشلانغان بولۇپ، ئارىدىن دەرەخلەر 43 قېتىم يۇپۇرماق چىقاردى. 43 قېتىم يۇپورماق تاشلىدى. يىللار – يىللارغا ئۇلىشىپ كەتكەنگە ئوخشاش بىز سۆزلەيدىغان تاتار قىزنىڭ باسقان ئىزلىرى ھازىرغا قەدەر داۋام قىلماقتا.
1945– يىلى 7– ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى غەربىي بوسپىتالدىكى دوختۇر ھەمشىرلەر جىڭ ئالدىنقى ئۇرۇش مەيدانىدىن ئىلىپ كىلىنگەن يارىدارلارنى جىددى قۇتقۇزۋاتاتتى. دەل شۇ ۋاقىتتا توختىماي يىغىۋاتقان يامغۇر سۈيى ئۈستى –بىشىنى چىلىق –چىلىق ھۆل قىلىۋەتكەن ئوتتورا ياشلىق بىر ئايال دۇختۇرلارنىڭ قىشىغا كىرىپ كەلدى. جىددى ئىشلەۋاتقان دوختۇر ھەمشىرلەر ئۇنى كۆرۈپ ھەيرانلىقىنى يۇشۇرالمىدى.
ئىسمىنا ئالماشغىنىڭىزغا تېخى 3 سائەت بولماستىن ، يەنە نىمىشقا كەلدىڭىز دەپ سورىدى ئۇنىڭدىن ئىسمىنا ئۆتەۋاتقان بىر ھەمشىرە ، جىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىن يارىدارلاردىن يۆتكەپ كىلىنگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئولتۇرالماي قالدىم. بۇ يەردە ياتقانلارنىڭ ھەممسى ئىغىر يارىدار بولۇپ، بەزلىرى ھوشىسىز ياتاتتى. بۇ ئايال ئۇلاردىن كۆزىنى ئىلىپ يەنە بىر ياققا چىقتى. بۇ ياتاقتا يەڭگىلەرەك يارىلانغان جەڭچىلەر ياتقان ئىدى. يارىدارلارنىڭ ئىچىدىكى 23–24 ياشلار چامىسىدىكى گەۋدىلىك بىر يىگىت باشقا يارىدارلارغا جىڭ ئالدىنقى سىپىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بىرۋاتاتتى.
شۇنداق قىلىپ دەپ،– بىر ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ سۆزىنى داۋام قىلدى. ىۇ – ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شىتابى 11 جەڭجىگە دۈشمەن ئارقا سېپىدىن « تىل » تۇتۇپ كىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى.ئارىمىزدا بۇغداي ئۆڭ ، دۈگىلەك يۈز، قارا كۆز كەلگەن 35 ياشلاردىكى بىر تاتار قىزىمۇ بار تېخى.پاھ ! ئۇ قىزنىڭ قەيسەرلىكىنى دىمەيسىلەر ، يۈرىكى قاپتەك بار. بىز جىڭ بازىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ۋەزىپە ئۆتۈۋاتقاندا ، دۈشمەننىڭ قاتتىق مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قالدۇق. ھېلىقى تاتار قىزى يەر شارائىتنى ئوبدان بىلگەچكە ، بىزنى باشلاپ ئالدىدا ماڭدى.تىرىك قولغا چۈشۈرۈشكە كۆزى يەتمىگەن دۈشمەن ئەسكەرلىرى بىزگە قارىتىپ قاتتىق ئوت ىاچتى. بىزمۇ جان تىكىپ ئىلىشتۇق. ئارىمىزدىن بەش نەپەر جەڭجى قۇربان بولدى. قالغان بەشىمزمۇ ئېغىر – يىنىك يارىلاندۇق. مەن ھەممىدىن ئىغىر يارىلانغان ئىدىم. قولۇم ۋە ئوڭ يامپىشىمغا ئوق تەككەنلىكتىن قان كۆپ چىقىپ كېتىپ ماڭالماي قالدىم. ئارىمىزدا بىرلا رەيھانە ساق ئىدى. مۇھاسىرنى بىسىپ چىققان يىرىپ چىققان بولساقمۇ، يەنە بىر سوتكا سۇسىز چۆللەردە يۈرۈپ ئىنتايىن قىينالدۇق. باشقىلارنىڭ ھەممىسى ماغدۇرسىز بولغانلىقتىن مەن يەنىلا ئاشۇ قىزنىڭ يەلكىسىدە كىتىۋاتاتتىم. ئۆزەمنى قويۇپ تۇراي، بىچارە قىز ھەممىمىزگە تەڭ يۈگۈرۈپ تۈگىشىپ كەتتى. ئىچىدىغان سۈيىنى باشقىلىرىغا ئۆتۈنۈپ بەردى. بىز بەشىنچى سوتكىغا ئۆتكەندە، يەنە دۈشمەننىڭ مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قالدۇق. بۇ چاغلاردا مېنىڭ ئەھۋالىم بەكمۇ ناچار بولۇپ، ئۆزەمنى بىلىپ ،بىر بىلمەي كىتىۋااتاتتىم ،مەندىن باشقا جەڭچىلەر دۈشمەن بىلەن ئېتىشاتتى ،قىز بىر تەرەپتىن مىنى ھاپاش قىلىپ ،بىر تەرەپتىن دۈشمەنگە قارىتىپ ئوق ئۈزەتتى .نىمە بولدى بىلمەيمەن قالغانلارنىڭ ھېچقايسىنى كۆرمىدىم .ھېلىقى قىز بىلەن ئىككىمىز 6–7دۈشمەن ئەسكىرىنىڭ قورشاۋىدا قالدۇق ،مەن ئۇ قىزغا ماڭا قارىماي كېتىۋېرشنى نەچچە قېتىم ئېيتقان بۇلساممۇ ،ئۇ ئۈندىمىدى ، مەن ھوشىمدىن كېتىپ قالغان ئوخشايمەن ،مۇشۇ دوختۇرخانىغا كىرىپلا ئېسمگە كەلدىم ،بىزنىڭ دۈيدىكى جەڭچىلەر نەدە .ھىلىقى قىز ھاياتمۇ بىرىنى بىلمەيمەن ،ئەمما ۋەھشى دۈشمەنلەر ساق قويمىغان بولۇشى مۇمكىن ....
يارىدار ھېكايىسىنى ئاخىرلاشتۇرماي ........................
——ھە ؟–باياتىن ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ تۇرغان ھېلىقى ئايال قىزنىڭ ئىسمنى ئاڭلاش بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماستىن ۋارقىرىۋەتتى –دە دەلدەڭشىگەن پېتىچە ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ ،يەردە ئولتۇرۇپ قالدى ،بۇنى كۆرگەن ئىككى ھەمشىرە دەرھال ئۇنى يۈلىدى –دە ئەنسىزلىك بىلەن ۋارقىراپ كېتىشتى .
–زەينەپ ئاپپاي ؟نېمە بولدىڭىز؟كۆزىڭىزنى ئېچىڭە........
زەينەپ ئاپپاي دەپ ئاتالغان بۇ ئايال كۆزىنى يېرىم ئېچىپ ،ھەمشىرىلەرگە ئاستا پىچىرلىدى :
ھېچنىمە بولمىدى ،قىزىم رېيھان .....–ئۇ گىپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمىدى ،سېستىرالار شۈندىلا ئىشنڭ سەۋەبىنى چۈشەندى ،بايىقى يارىدار ھېكايە قىلىپ بەرگەن تاتار قىزى رېيھان ئابىدىۋا دەل مۇشۇ زەينەپ ئاپپاينىڭ جىڭ ئالدىنقى سېپىدە جەڭ قىلىۋاتقان قىزى ئىدى ......
گوسىپتالنىڭ ئىچىنى بىردەمنىڭ ئىچىدە بىر خىل ئەنسىزلىك قاپلىدى ،ھەممىنىڭ ئاغزىدا ‹‹زەينەپ ئاپپايىنىڭ قىزى رەيھان ئابىدىۋا جىڭ ئالدىنقى سېپىدە دۈشمەن قولىغا تىرىك چۆشۈپ كېتىپتۇ ››دىگەن ۋەھىملىك خەۋەر ئېقىپ يۈرەتتى ،كۆزلىرىدە ماتەم ياشلىرى ئەگىپ يۈرەتتى .
بۇ خەۋەرنى مىللىي ئارمىيە باش شىتابى ئاڭلاپ رەيھاننىڭ تىرىك ياكى قۇربان بولۇپ كەتكەنلىكى توغرىسدا دەرھال خەۋەر يەتكۈزۈشنى جىڭ ئالدىنقى سېپى قوماندانلىق شىتابىغا ئۇقتوردى .
پىدائىي قىزچاق رەيھان ئابىدىۋا
1944–يىلى 11–ىاينىڭ 11–كۈنى ئىلى پارتىزانلىرى غۇلجا شەھىرىدىن پىدائىي قوبۇل قىلغاندا رەفىق گابىت( ئىلى گىزىتىنىڭ مۇھەررىرى ئىدى) ئايالى زەينەپ ئاپپايغا ئۆزىىنڭ خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى ئۈچۈن پىدائىي بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى .دادىسنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان رېيھان ئۆتكۈر كۆزلىرىنى تىكىپ تۇرۇپ :
–ئەتى––– سىزنىڭ ئورنىڭىزغا مەن پىدائىي بولاي :–دېدى
رەفىق گابىت قىزىنىڭ باتۇرلۇقىدىن بەكمۇ ھاياجانلىنىپ ،قولىدىن يېتەكلىگەن پېتىچە پارتىزانلار شېتابىغا ئېلىپ كەلدى
–ئوغۇل پەرزەنتىم دېدى ئۇ تىزىملىغۇچى خادىمغا ،ئەمما ھەر قانداق جەڭگە يارايدۇ.
شۇ ۋاقىتلاردا ھەر قايسى پارتىزانلار ئەترىتىگە مۇشۇنداق شەپقەت –ھەمشىرىلەر بەكمۇ لازىم ئىدى .تىزىملىغۇچى ئالدىدا تىكىلىپ تۇرغان بۇ قىزنىڭ بەكمۇ كىچىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ قوبۇل قىلمىدى ،رەيھانمۇ چىڭ تۇردى .
— ئاتتا ئولتۇرالامسەن ؟–دەپ سورىدى تىزىملىغۇچى رېيھاننىڭ بەكمۇ ئىرادىلىكلىكىنى كۆرۈپ.
– ئاتقا مەن سىزدىن مەھكەمرەك !–رېيھاننىڭ چاقماقتەك بۇ جاۋابىدىن ھەممە قايىل بولدى .رېيھان ئارالتۆپە پارتىزانلار دۈينىڭ ئاتلىق ئەسكەرلەر پەيگە شەپقەت –ھەمشىرە بولۇپ تەيىنلەندى ۋە شۇ كۈنىلا لىيەڭشاڭ ئالدىنقى سىپىگە قاراپ ئاتلاندى ،ىۇ مىلتىق ئېتىش ،گرانات تاشلاش ،تىببى قۇتقۇزۇش قاتارلىق ماھارەتلەرنى تىرىشىپ ئۈگەندى. ئاز ئۆتمەي قانلىق جەڭ باشلاندى، جەڭ داۋامىدا ئۇرۇش ياردارلىرى بىر قەدەر كۆپ بولدى. كىچىككىنە رەيھان مۆلدۈردەك تۆكۈلىۋاتقان دۆشمەن ئوقلىرى ئىچىدە بەزىدە يۈگرۈپ، بەزىدە ئۆملەپ ياردالارنى قۇتقازدى. يۆتكىيەلمەي قالسا، يەر بىغىرلاپ سۆرىدى. ئاتاكىغا ئۆتكەن مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىدىن 5 نەپىرى دۆشمەن ئىستىكامىغا يىقىن قالغان جايدا كەينى – كەينىدىن يىقىلدى. بۇلارنى بىرمۇ – بىر كۈزىتىپ تۇرغان رەيھان ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ دۆشمەن قولىغا تىرىك چۈشۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرىگەن كوماندىرى رۇخسەت قىلماي تۇرۋالدى. ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرى رەيھاننىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى، رەيھان كوماندىرنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ، ۋىژىلداپ ئۇچىۋاتقان ئوقلار ئارىسىدا ياردالارنىڭ قىشىغا يىتىپ باردى. دۆشمەن پىلىموتى رەيھانغا قارىتىپ ئەسەبىيلەرچە ئوق ياغدۇردى. رەيھان گاھ يۇملاپ ، گاھ ئۆملەپ يۇرۇپ 5 نەپەر ياردارنى بىخەتەر بىر ئورۇنغا يۆتكىۋالدى ۋە ياردارلارنىڭ يارىسىنى تىڭىشقا باشلىدى. دەل شۇ چاغدا بىر گىرانات ئۇلارنىڭ قىشىغا كېلىپ چۈشۈپ يىقىمسىز ئاۋاز بىلەن پىقىردى. رەيھان بىلەن 6 نەپەر جەڭچىنىڭ ھاياتى خەۋىپ ئىچىدە قالدى. رەيھان يۈگرۈپ قوپۇپ گىراناتنى قولغا ئالدى دە – دۆشمەن تەرەپكە كۈچ بىلەن ئىتىۋەتتى. گىرانات چۈشكەن يەردىن گۇمبۇرلىگەن ئاۋاز بىلەن دۆشمەنلەرنىڭ نالى پەريادى ئاڭلاندى. 5 نەپەر جەڭچىنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۋېلىنىدى. رەيھاننىڭ خەلق ئۈچۈن تەلپۈنگەن يۈرۈكىدە پەقەت ( جەڭ مەيدانىدىلا ياردار بولغان جەڭچىلەرنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزسام ) دېگەن بىرلا ئارزۇ – ئىستەك يالقۇنجايتى. شۇڭا ئۇ مۇشۇ ئارزۇسى بويىچە نۇرغۇن ياردارلارنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزدى. ئۇلارنىڭ تېز ساقىيىپ قايتىدىن فرونىتقا ئاتلىنىشى ئۈچۈن تىگىشلىك تۆھپىسنى قوشتى. شۇ چاغدىكى بىر گىزىتتە ( ئاق تون كىيگەن كىچىك ھەمشىرە رەيھان ئابىدۋا ) دېگەن ماۋزۇدا رەيھان ئابىدىۋانىڭ ئىش – ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغانتى. شۇنىڭدىن كىيىن دۆشمەن لىيەڭشاڭ ۋە ھەرەمباغلارنى تاشلاپ ئايردورومغا توپلاندى، رەيھان ئابىدىۋا تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۆشمەننىڭ ھەرەمباغ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۈرۋەتكەن چاتما مىناسىنى تازىلاشقا قاتناشتى. ئۇ ھەر قەدەمدە ئەجەل ھىدى كېلىپ تۇرغان ئەڭ خەتەرلىك جايلاردىمۇ قىلچە قورقماستىن ، ساپيورلار بىلەن بىللە قىسىملىرىمىز ئۈچۈن يول ئاچتى. 1945– يىلى 1– ئايدا رەيھان ئابىدىۋا تۇرغان يىڭ ئىككى ئاچىدا دۆشمەن يولىنى توساش ۋەزىپىسنى تاپشۇرۋالدى. بىر قانچە كۈن ئۆتمەستىن غۇلجىدىن قاچقان دۆشمەنلەرگە زەربە بېرىش جىڭى باشلىنىپ كەتتى. دۆشمەن قاتتىق تىركەشكەچكە بىزنىڭ جەڭچىلىرىمىز ئىچىدە ياردارلار كۆپ بولدى، قىش ۋە ئايدالا بولغاچقا ، بۇ يەردە ياردالارنى داۋالاش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، شۇڭا ئۇلارنى قارىياغاچ بازىرىغا ئاپىرىپ داۋالاش توغرا كەلدى. رەيھان يولدا قونالغۇ يوق بولۇشتەك شارائىتتىمۇ قىلچە زارلانمىدى، ياردالارنى چانىغا سىلىپ كىچە – كۈندۇز كەينىدىن ماڭدى، توڭلاپ كىتىۋاتسىمۇ ياردالارنى ئىسسسىق ساقلىدى، ئۆزى سوغۇق سۇ ئىچسىمۇ ياردالارغا چاي قاينىتىپ بەردى. بىر قىتىم ياردالارنى ئېلىپ كىتىۋېتىپ كىچىدە شۋېرىغاندا قالدى، ئىھتىياتسىزلىقتىن بىر ياردانىڭ ئۇچىسىغا يىپىلغان جۇۋا نەلەرگىدۇ ئۇچۇپ كەتتى. تاغ ئارىسى بولغانلىقتىن تاپقىلى بولمىدى، رەيھان ئابىدىۋا ئۇچىسىدىكى جۇگىسىنى دەرھال ياردارنىڭ ئۇچىسىغا يىپىپ قويدى ۋە كالتەك شېرىپ چاپىنىدا مۇزلاپ تىتىرەپ كەتكەن بولسىمۇ قىلچە چاندۇرمىدى. شۇنداق قىلىپ بىرمۇ ياردانى خەتەرگە ئۇچراتماي، بەلگىلەنگەن جايغا ئېلىپ كەلگۈچە يولدا دۆشمەن زەربىسىگە ئۇچرىدى،
– جېنىم سىڭلىم سىز ماڭا قارىماڭ، قورشاۋنى يىرىپ چىقىپ كىتىڭ، بىر قانچە كۈندىن بۇيان رەيھاننىڭ دۇمبىسىدە ھاپاش بولۇپ كىلىۋاتقان ياردار ھەدەپ قىستاپ كىلىۋاتقان 6–7 دۆشمەننى كۆرۈپ رەيھانغا يالۋۇردى. يوق گەپنى قىلماڭ رەيھان ياردارغا بۇيرۇق تەلەپپۇزدا شۇ گەپنى قىلىپ، باستۇرۇپ كىلىۋاتقان دۆشمەنگە كەينى – كەينىدىن 2 گىراناتنى تاشلىدى، قالغان 4 جەڭچىمۇ سىرتتىن ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، دۆشمەنگە غەزەپ بىلەن ئوق ئۇزدى. ئىككى تەرەپ قاتتىق ئىتىشۋاتقاندا ، ياردار جەڭچىنىڭ ئوق مۈرىسىگە ئوق تىگىپ كىتىپ ھوشىدىن كەتتى. 5 مىنۇتتەك داۋام قىلغان كەسكىن جەڭدىن كىيىن دۆشمەنلەر بىر قانچە ئۆلۈكىنى تاشلاپ قىچىپ كەتتى. ھوشىدىن كەتكەن مۇشۇ ياردار جەڭچىنى ھېسابقا ئالمىغاندا قالغانلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ساق ئىدى. رەيھان ئابىدىۋا ياردار جەڭچىنى ئۆزى كۆتۈرۈپ ماڭدى ، گىياھ ئۈنمەيدىغان بۇ چۆل – جەزىرىدە ئۇلارنى ھەممىدىن بەكرەك ئۇسسۇزلۇق قىينىدى. شۇنداق بولسىمۇ رەيھان چىشىنى چىشلەپ، دۆشمەن ئەھۋالىنى بەلگىلەنگەن قەرەلىدە قوماندانلىققا يەتكۈزدى، قوماندانلىق ئۇلارنىڭ خىزمىتىدىن قاتتتىق مەمنۇن بولدى ھەمدە ياردار جەڭچىلەرنى دەرھال ئىلىغا ئەۋەتىۋىتىپ، رەيھاننى بىر قانچە كۈن دەم ئېلىشقا بۇيرىدى. رەيھان دەم ئېلىشنى رەت قىلىپ ئۆزى تۇرۇشلۇق قىسىمغا بېرىپ جىڭنى ئازات قىلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ كەتتى، 40 گىرادۇسلۇق ئىسسىقتا جەڭچىلەرنى ئۇسسۇزلۇق بېرىپ قۇتقۇزسا، بىر تەرەپتىن ئۆزى ئىچىدىغان سۇنىمۇ باشقىلارغا ئۆتۈنۇپ بەردى. رەيھان تۇرغان يىڭ دۆشمەننىڭ مەلۇم بىر ئىستىھكامىنى ئىگەللىۋالغاندا دۆشمەن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ قايتارما ھوجۇمغا ئۆتتى، جەڭچىلىرىمىز ياۋۇز دۆشمەنلەرگە غەزەب بىلەن ئوت ئاچتى. دۆشمەننىڭ 2– قىتىملىق ھوجۇمى چىكىندۇرۇلۇشنىڭ ئالدىدا ئېغىر پىلىمۇت قىززىپ كىتىپ توساتتىن توختاپ قالدى، رەيھان بۇنى كۆرۈپ دەرھال يىنىدىكى بىر سۇدان سۇنى پىلموتنى سوۋۇتۇشقا بەردى. شۇنىڭ بىلەن دۆشمەننىڭ ھوجۇمى غەلبىلىك چىكىندۇرلۇپ، جەڭ غەلبىگە ئىرىشتى........
– مىللي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابى جىڭ ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، رەيھان ئابىدىۋانى ( باتۇرلۇق ) قاتارلىق مىداللار بىلەن تەقدىرلىدى. رەيھان ئابىدىۋا ئازاتلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئەنە شۇندق قان كىچىپ كۈرەش قىلىپ تاكى ماناس دەرياسى بويىغىچە بېرىپ 1946– يىلى بىتىمدىن كىيىن ھەربى دوختۇرخانا ۋە سەھىيە نازارىتىدە ئىشلىدى. 1948– يىلى غۇلجا تىببى تېخنىكۇم مەكتپىنىڭ دەۋالاش كەسپىدە بىلىم ئاشۇرۇپ 1952– يىلى ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن ئاياقلاشتۇردى. تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۇيدۈڭگە بېرىپ خەلق دوختۇرخانىسىنى قۇرۇشقا قاتناشتى، جوڭگۇ خەلق ئازاتلىق ئارمىيە 5– كورپۇس قوماندانلىق شىتابى ئۇنىڭ يۇقارقىدەك تۆھپىسىگە « غەربىي شىمالنى ئازات قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى خاتىرلەش مىدالى » بىلەن تەغدىرلىدى. رەيھان ئابىدىۋا 1953– يىلىدىن تاكى 1980– يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك ئۈمۈد مەكتىپى ، ئىلى ھەربى گوسبىتال ، 4– شى دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا داۋالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ،نۇرغۇنلىغان بىمارلارنى ئاغرىق ئازابىدىن قۇتقۇزدى. ۋە 1981– يىلى خىزمەتتىن ئايرىلىپ دەم ئېلىشقا چىقتى. ئۇ گەرچە خىزمەتتىن ئايرىلغان بولسىمۇ، جەمىىيەتكە بىر كىشلىك ھەسسە قوشۇشتىن توختاپ قالمىدى. ئۇ ھازىرمۇ مەھەللىسىدىكىلەرنىڭ ياخشى دوستى، مەسلىھەتچىسى.
بۇ ئوچىرىك ئىلى گىزىتىنىڭ 1987– يىلى 8– ئاينىڭ 6– كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان.
مەرھۇم رەيھان ئابىدىۋا 1999– يىلى 10– ئاينىڭ 2– كۈنى 70 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى مەڭگۈ ياد ئېتىلگۈسى.
مەنبە: تاتارلار تورى
-
2010-07-04
خوداينېڭ ئەمېرې شۇلدېر - [ماقالىلار]
خوداينېڭ ئەمېرې شۇلدېر
تۇگان ياگېم – سارمان تۆبەگېندە بۇلگان خەل بۇ. شۇڭا كۈرە، كايتكاچ تۆتېپ تۇكماماسېننار ئۆچېن، ئىسېمنەرنې ئۈزگەرتېپ يازام. خەېر، بېزنېڭ ئاۋېلدا سۈزنېڭ كېم خاكېندا بارگانېن بارېبېر بېلەچەكلەر، چۆنكى ئىندې ئىكې دىستە ئېلدان ئارتېك گومېر ئۇزسا دا، ئۇل مەجلېسنې خالېك ئەلې دە گاجەپسېنېپ، تاڭگا كالېپ ئىسكە ئالا.
…مەخەببەت دېگەن ئىزگې خىس خەمىت ئابېي بىلەن سەرىيا ئاپانېڭ ياش يۆرەگېن مەكتەپ ئېللارېندا ئۇك زېنجېرلېي. خات ئالېشۇدان، تەنەفېس ۋاكېتېندا بېر-بېرېڭنېڭ ئۇچېنا «زەپىسكە» سالېپ كىتۈدەن باشلانا ئۇل «مەكتەپ گېيشكې». مەكتەپنې تەماملاگاچ، ياش تەشلەرې ئەلې كلۇب باكچاسېندا سىرېن ېشېگېندا كېزلارنېڭ چەنتى بارماكلارېن گېنا تۆتېپ سۆيلەشكەندە، بولار ئىسە ئۇرام بۇيلاپ كۇلتېكلاشېپ ۋېچېرگا چېگالار. كۈرشې ناجىيا ئاپا بىلەن خايات تۈتىنېڭ: «ھاي، بىگرەكلەر دە پار كىلگەننەر. سۆبخاناللا! ئىكېسې دە يۇن لې كېشې بالاسې، ئۆلېنې – ئۆلې، كېچېنې كېچې ئېتە بېلەلەر، كۈز گېنە تىمەسېن. دۆرېس گاىلە چېگار بولاردان!» – دىپ، كاپكا تۆبېندە سۆيلەشكەن سۈزلەرې ئەلې دە ئىستە.خەمىت ئەتىسېز ئۈستې. ئەنكەسې ئېشتە چاكتا يورت-جىر ئانېڭ ئۆستېندە. موندېي جاۋاپلېلېكنېڭ نى ئىكەنېن ئاۋېل كېشېسې گېنە بىلە. ئۇڭگان-بۇلگانلېككا كىلگەندە، سەرىياگە دە تىڭنەر سىيرەك: چىبەر ھەم سېلۇلېگې ئۆستېنە – ئۇكۇ ئوتلىچنىگې، چاڭگې يارېشېندا رايون چېمپىونې، فېرمادا ئەنىسېنە بۇلېشېرگا دا ۋاكېت تابا. مال جانلېلېك ئاڭا، مۆگاېن، ئەنە شۇندا يوككاندېر. بېرزامان خەمىتنېڭ ئارمىياگە ئالېنېر چاگې جىتە. سەرىيا چىت-ياتكا كۈز سالماسكا ۋەگدە بىرېپ، ئوزاتېپ كالا. ئىسەن-ساۇ ئەيلەنېپ كايتكاچ، گومېرگە بېرگە بۇلېرگا سۈز كۇېشالار. كېز ۋەگدەسېن بوزمېي، ھەر كۆنېن، ھەر تۆنېن ساناپ، زارىنتىزار بۇلېپ كۆتە. تىك بۇ ئىكې ياش يۆرەككە تىز گېنە يانەشە لېپېردەرگە يازماگان ئىكەن ئەلې. يازگې بۆر كۆندە خەمىتتەن ئەنىسېنە خات كىلېپ تۆشە: «ئەنكەي، سلۇژاك مالايلار بىلەن سۈز بېركېتېشتېك، دېمبېل گە چېگۇگا ئۇك ئۇفا زاۋودېنا ئېشكە كىتەبېز…» ئارمىيادە ئالگان ھۆنەرې ياراپ كۇيا، زاۋودكا ئېلېكترلىك بۇلېپ ئېشكە ئۇرناشا ئېگېت. خېزمەت خاكې شەپ، يال ئىتەرگە دە مۆمكىنلېك بار! تىك بېر گېنە كۈڭېلگە ئوشاماگان ياگې بار: تۇلاي توراكتاگې بۈلمەدەشلەرې ئېچكېچېلەر، ئە ئىسېرېك لېگېرداۇنې جېنې سۆيمى خەمىتنېڭ. لېكىن، كېم ئارباسېنا ئۇتېرساڭ، شۇنېڭ جېرېن جېرلارسېڭ دىگەندەي، ئاكرېنلاپ شېشە بىلەن دۇسلاشېپ كىتۈېن ئىسكەرمى دە كالا. كۈرشې بۈلمەدە ياشەۈچې فىرايا ئىسېملې كېز بۇ خەلنې كۈرېپ-كۈزەتېپ، ئېچتەن گېنە ئېگېتنې كېزگانېپ يۆرگەن ئىكەن. ئۇل ئانې بەلادەن يولېپ كالېرگا، ئاراكې كوللېگېننان كوتكارېرگا نىياتلى. كۈڭېلېندە بۇ ئېگېتكە كاراتا جېلې خىسلەر ئۇيانماسا، ياشېرېن ئۆمېتې بۇلماسا، كېز بالا موندېي كاتلاۇلې ئېشكە ئالېنېر ئىدېمې؟ ئۇل خەمىتنې، جاې چېككان ساېن، ئۈزېنە كىچ ئۇتېرېرگا چاكېرگالېي باشلېي. سابېي چاگېننان ئۇك ئەتى-ئەنىسېز كالېپ، ياتىمنەر يورتېندا ئۈسكەڭەمې، فىرايا، ياش كېنە بولسا دا، ھەر نەرسەنې تۆپتەن ئويلاپ، ئاقېل بىلەن ئېشلەرگە كۈنېككەن، ئانېڭ يانېندا تېنېچ، رەخەت. تۇگان ئوياسېننان، ئەنكەسېننەن ئاېرېلېپ، چىت-يات جىردە كالگان ئاۋېل بالاسېنا تېرەك، كىڭەشچېگە ئەۋېرېلە كېز. شۆكېر، ئاراكې ئونېتېلا. ئۇفا ياكېن جىر تۈگېل، ئاۋېلگا ئەللە نىگە بېر گېنە كايتېلا. ئە يانەشەدەگې كوياشنېڭ جېلېسې كېچەيگەننەن-كۆچەيا بارا. تانېشۇلارېنا بېر ئېل دېگەندە، ئۆيلەنېشېرگە بۇلا بولار. خەمىت يال ئالېپ، ئەنكەسېن كۆيلەرگە، تۇي مەشەكات لەرېن جايلېي تورېرگا ئاۋېلگا يۇل توتا، بېرنىچە ئاتنادان فىراياسې دا كايتېپ جىتەرگە تىېش بۇلا. سەرىياگە بارېسېن ئاچېكتان-ئاچېك سۆيلەپ بىرېرگە كېرەك. ئۇل ئەلې ياش ، تورمېشتا تىڭېن تابار، باش بەلاسې تۈگېل.
ئاڭا ئەيتمەسەم، كاچېپ-پوسېپ ئۆيلەڭەن كېبېك كىلېپ چېگار. ئەنە شۇلارنې ئاڭلاتماكچې بۇلېپ ئوچراشا خەمىت سەرىيا بىلەن. لېكىن ئەيتېر سۈزې تېل ئۆچېندا تۆېر بۇلېپ كالا. بېرنىچە كۆن ئوچراشېپ-ئاڭلاشېپ يۆرى تورگاچ، ئۈزگەرە دە كۇيا بېزنېڭ ئېگېتېبېز. تەۈگې مەخەببەت ئۆستېن چېگا – كولخوز باكچاسېنداگې كۆزگې ئالماگاچلار ئاراسېندا مەڭگېگە بېرگە بۇلېرگا سۈز بىرېشەلەر ياش لەر. ئە فىرايا؟ خەمىت، تۇي ئۈتۈگە ئۈك ئۇفاگا يۇنەلېرگە، ئېلېككېگې كەلەشېنېڭ ئاۋېلگا يۇلېن بۈلەرگە ئۇيلاگاندېر. ئەمما ئانېڭ بۇ نىياتې دە تورمېشكا ئاشمېي كالا.
… تىمېرنې كېزۇېندا سۇگالار – تۇينې ئوزاككا سۇزمېيلار. كۇناكلارگا ئۆيدە گېنە ئۇرېن جىتمەس دىپ، تابېننې مەكتەپ سپورتزالېندا ئەزېرلىلەر. بوكاللارنې ئىرېڭە تىدېردېم دېگەندە گېنە… تۇي ئۆزېلە. «سپېكتاكل »نېڭ تاگېن بېر تۆپ كاھارمانې – فىرايا كىلېپ كېرە (سوڭېننان ئاڭلاشېلا: جاي تابېپ يال ئالگان دا، بىلگېلەڭەننەن ئالداراك كايتكان).
– خەمى-ئىت، بەرگەن ۋەگدەڭ شۇشېمې؟ مىن موندا ئىرېم يانېنا كايتتېم، ئىپتەش كېزلارېمنې تۇېبېزگا چاكېردېم. خەزېر ئالارگا نى كۈزېم بىلەن كۈرېنىم، بۇ خۇرلېككا نىچېك تۈزىم؟! – دىپ ئاچېرگالانا كېز. كۇناكلار باشتاراك مونې شايارتۇ گېنادېر دىپ كابۇل ئېتەلەر. تۇيلاردا ئۇېن-كۆلكې ياساپ يۆرۈچې چايا كېزلار بۇلگالېي بىت. تىك بېرازدان خەلنېڭ ئۈتە دە چېتېرېكلې ئىكەنلېگې ئاڭلاشېلا. ئادەم ېشانماسلېك ۋاكېيگا بىت بۇ! خەمىت كۆتېلمەگەن كۇناكنېتېنېچلاندېرېرگا، نىدېر ئاڭلاتېرگا تېرېشاھ، ئەمما ئاگارېڭان ئىرېننەرې ئاراسېننان مانتېيككا ياراشلې سۈز چېكمېي. جىتمەسە ئىكېنچې ياكتا سەرىيا ئۈرسەلەنە.
– گومېرگە بېر تاپكېر كىلە تورگان بەيرەمېبېزنې نەجېسلەدېڭ، ئوياتسېز، – دى ئۇل كۈز ياش لەرې ئاشا.
– ئە سىن… سىن مىنېم ئىرېمنې تارتېپ ئالدېڭ…
بۇ خەلدەن چېگۇ يۇلېن ئۆلسەڭ دە تابېپ بولماس كېبېك. لېكىن نەك شۇل مەلدە چېپ-چېن موگجىزا بۇلا. خەمىتنېڭ ساباكتاشې ئىرېكنېڭ سۈزلەرې، تۆن كاراسېن تېلگەلەگەن ئېلتېر ياشېن كېبېك، خالېكنې ئۆنسېز-تېنسېز كالدېرا:
– سېڭلېم، – دى ئۇل، – بېزنېڭ ئاۋېلگا كىياۈ ئېزلەپ كىلېپ، دۆرېس ئېشلەگەنسېڭ. بېزدەگېدەي ئېگېتلەر رەسەيدە يۈك! كىلېش-كىلبەتېڭ – ئاللاگا شۆكېر، ئۇفا تىكلې جىردەن ئىرېنمىچە كايتكانسېڭ ئىكەن، تېرېشلېگېڭ بار، دېمەك. خولكېڭ دا شەپ – ئانېسېن كۈرسەتتېڭ. تەك چتۇ، يارېيسېڭ سىن بېزگە. مىن ئۈزېم، پرىمېر، ئۆيلەنمەگەن ئېگېت. ئەگەر كۈڭېلېڭە خۇش كىلسەم، چېك، ئەيدە، مىڭا!
نىشلەۋې بۇ، شايارتۇېمې، ئەللە چېنلاپ سۆيلەۋېمې دىگەندەي، كۇناكلار تاگېن شومرايالار. ئىرېك – ئاۋېلنېڭ بېرېنچې ئېگېتې، ئالدېڭې مېخانىزاتور، سابان تۇې بەتېرې. يۆرگەن كېشېسې يۈك يۇگېن، لېكىن ئاۋېلنېڭ ئىڭ چىبەرلەرې دە، ئالام، دېسە، بارام، دىياچەكلەر. يۈك لا، شايارتاگېنادېر. شۇندا كېزنېڭ زەگېيف كېنە پېشېلداۋې ئىشېتېلە: «ئالساڭ، چېگام…»
تۇي تۆن بۇې دەۋام ئىتتې. كايتېپ كىتەرگە ئۆلگېرگەن كۇناكلارنې ئۆيلەرېننەن چاكېرتېپ ئالدېلار. ئە تاگېن بېر ئاتنادان ئاۋېلدا ئىرېك بىلەن فىرايانېڭ تۇې گۆرلەدې، تابېن تۈرېندە كەلەشنېڭ دۇس كېزلارې ئىدې.
… ئىرېك ئابېينې كۈپتەن كۆرگەن يۈك. شۇلاي دا، كايتكاچ، سوراشتېردېم: فىرايا ئاپا بىلەن ئېلگادا – كاز، كۈلدە – ئۈردەك بۇلېپ، كۈرشې-كۈلەننەرگە ئۈرنەك بۇلېپ، ئىندې ئونېكلارېڭ سۆيا-سۆيا چۆكېردەشېپ چاللېدا ياشەپ ياتالار ئىكەن.
بۇ تۇي ئىسكە تۆشكەن ساېن، ئاۋېلداشلار ئۇيگا كالا: گومېرېندە بېرېنچې تاپكېر كۆرگەن كېشې بىلەن تورمېشېن بەيلەرگە كايلاردان ئالدې ئىكەن بەتېرلېكنې ئىرېك؟ فىراياسې دا نىچېك كۇركېپ كالمادې ئىكەن؟ – دىپ ئاپتېرېيلار. ئاننارې ئۈز سوراۇلارېنا ئۈزلەرې ئۈك جاۋاب تا بېرەلەر: “خوداينېڭ ئەمېرې شۇلاي بۇلگاندېر”…
نېسىم ئاكمال
پار ئالمامەنبە: تاتارلار تورى
-
2010-06-19
تاتارخەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى مەرىكىسى سابان توي - [ساياھەت خاتىرلىرىم]
تاتارخەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى مەرىكىسى سابان توي
غىززەتوللا ئەنۋەر
تاتارخەلقى باشقامىللەتلەرگە ئوخشاش ئۆزىگە خاس مەدەنىيەتكەئىگە،تاتارلار ياراتقان ئاشۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرى_ئەجىر-مېھنەت ئارقىلىق بايلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلغان(سابان توي)دۇر.يازما ماتىرياللاردا (سابان توي)تاتارلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشى بىلەن بىللە پەيدابولۇپ،ئۇزاق تارىخىي جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى قەيت قىلىنغان.تاتارخەلقى ئەلمىساقتىن تارتىپ ئىشچان،ئەقىل-پاراسەتلىك خەلقلەرنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن،ئۇلار ئەمگەك بىلەن ئىگىلىك تىكلەشنى،مىھنىتىگەيارىشاھالاۋەت كۆرۈشنى ھەمدەماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنى تەڭ تۇتۇپ،ھەرئىككىسىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈشنى چىقىش قىلغان ھالدائەتىيازلىق تېرىلغۇدىن كېيىن،كۈزلۈك يىغىمدىن بۇرۇنقى بوش ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ،ئاممىنى بىردەستىخانغاجەم قىلىپ،ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ھەم بۇ توينى خاتىرلىگەن ،ھەم كىشىلەرنى،بولۇپمۇ ياشلارنى جاپاغا چىداپ ئىشلەشكە ئۈندەپ،كۈزلۈك يىغىم-تېرىمدىن مول-ھوسۇل ئېلىشقا يېتەكلىگەن.سابان توينى تاتارخەلقى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ،يەنى ھەريىلى تاتارخەلقى زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا كەڭ كۆلەمدە،تارقاق ئولتۇراقلاشقان رايونلاردابىرنەچچە ئائىلە بىرلىشىپ كىچىك كۆلەمدەداغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان،مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەنئەنىۋى مەرىكە.سابان سۆزى ساپان سۆزىدىن ئېلىنغان بولۇپ،ئۇبۈك-باراقسان باغلاردا،ئورمان-توقايلىقلارداۋەچىمەنلىكتە چوڭ-كىپىك،ئەر-ئايال،قېرى-ياش ھەممە بىريەرگە يىغىلىپ،تەشكىللىك،پلانلىق،تەرتىپلىك ھالدائۆتكۈزۈلىدىغان مەرىكە،شۇنداقلاجىر-جىرلاپ،سازچىلىپ،ناخشا ئېيتىپ،دوستلۇقنىڭ،خوشللىقنىڭ،چىدامچانلىقنىڭ سىمۋوللۇقىنى نامايەن قىلىدىغان مەرىكە،بۇتوينىڭ قانداق توي ئىكەنلىكىنى تۆۋەندىكى سابان توي جىرلىرىدىن چۈشىنىۋىلىشقا بولىدۇ:سابان توي ئەمگەك توي،شادلىق ھەم بەخت تويى.ئويناپ-كۈلۈپ،جىرجىرلاپ،توي تويلايمىز كۈن بويى.دىمەك سابان توي كىشىلەرنى مەدەنىيەتلىك،ئەخلاقلىق بولۇپ،مىللەتلەربىلەن بولغان دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىقنى قوغداپ،كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن زامانغا ماسلىشىشقا،كەمبەغەل-يوقسۇللارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ،ئورتاق ئالغا بېسىشقا ئۈندەيدۇ.تاتار خەلقى ئەزەلدىن تەنىئەتنى ئاسرىغۇچى،تەبىئەتنى قوغدىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولغانلىقتىن سابان توينى تەبىئىي كۆرۈنۈشى گۈزەل بولغان دەريا-كۆل بويلىرىدا،بۈك-باراقسان ئورمانلارداۋە چىمەنزارلىقلاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ.مۇشۇمەرىكە ئارقىلىق توي ئەھلىگە بولۇپمۇياشلاربىلەن ئۆسمۈرلەرگە تەبىئەتنى سۆيۈش،تەبىئەتنى قوغداش تەربىيىسى بىرىلىپ،يىشىلزارلىقلارنى بۇزماسلىق ،مۇنبەت يەرلەرنى قوغداش تەكىتلىنىدۇ.مەرىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى1. پاكىزلىق ئاتا قىلىدۇ.سابان توينى ئۆتكۈزۈش مۇناسىۋىتى بىلەن خۇددى روزاھېيىت،قۇربان ھېيىتقا ئوخشاش ئومۇميۈزلۈك تازلىق ئېلىپ بىرىلىپ،مىھمانلارغا شادلىق ،ئازادىلىك ۋە مېھرىبانلىق بېغىشلىنىدۇ.2. ياكلىق ئاتاقىلىدۇ.بۇ توي ئارقىلىق دوستلۇق،پاك-دىيانەتلىك ،باراۋەرلىك تەكىتلىنىدۇ.ئەگەرئىلگىرى ئۆزئارابىر-بىرىدىن رەنجىشكەنلەربولسا،بۇتويدابىر-بىرىنى ئەپۇقىلىشىدۇ،دوستلىشىدۇ.شۇنداق قىلىپ،كۆڭۈلدىكى تۈگۈنلەريىشىلىپ ،دوستلار كۆڭلى ئەمىن تاپىدۇ.3. جاسارەتلىك ئاتا قىلىدۇ.ئىشلىمەي چىشلەيدىغانلاردىن،بىكارتەلەپ،ھورۇنلاردىن بولماسلىق،ھالال ئەمگىكى بىلەن ئىگىلىك تىكلەش تەكىتلىنىدۇ.جاپا–مۇشەققەتتىن قورقماي،جاسارەت بىلەن ئىگىلىك تىكلەش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.4. شادلىق بېغىشلايدۇ.تويدا ئاتاقلىق جىرچىلارنىڭ جىرلىرىنى ،سازەندىلەرنىڭ جەلپكار،جەزبىدار مۇزىكىلىرىنى تىڭشاپ،نازكەرەشمىلىك،قىزىقارلىق ئۇسسۇللارنى كۆرۈپ ھوزۇرلانسا،ئۇرۇق–تۇغقان،دوست–بۇرادەر،يارەنلەرشادلىققاچۆمۈپ،يىقىملىق توي تەنتەنىسىگەجۆربولۇپ،كەڭ–كۇشادەپىكىرئالماشتۇرىدۇ.بۇ ئارقىلىق توي ئەھلى روھى جۇشقۇن،كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ قايتىدۇ.سابان تويىنىڭ تەييارلىقىمەرىكە ئۆتكۈزۈلۈشتىن بىر ئاي بۇرۇن تۈرلۈك تەييارلىقلار جىددى باشلىنىدۇ.1. بىبى جامال رومالىنى يىغىش(بىبى جامال-چىۋەر،ئىشچان،ئەقىللىق ئايال زاتىغا قارىتىلغان).بۇ،مەرىكىنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر،ئالدى بىلەن بايان،دوخىراتكا،ئادىناراتكا،ئاكاردىئون،ماندالىن قاتارلىق چالغۇ-ئەسۋاپلارنى كۆتۈرۈشۈپ،ھەركوچىدىن بىردىن ئاقساقال باش بولۇپ،بالىلارنى،ياشلارنى،ئوتتوراياشتىكىلەرنى تەشكىللەپ،توپ-توپ بولۇپ گارمون تارتىپ،جىرجىرلاپ ،توختىغان يەردە ئۇسسۇل ئويناپ،كوچا-كوچىدىن بىبى جامال رومالىنى يىغىدۇ.بۇنىڭدىن ھەممە ئائىلىەرنىڭ خەۋىرى بولغانلىقتىن ئالدىن تەييارلىقى بولىدۇ.ئەگەر بىرەر ئائىلىدىن بىلمەي ئۆتۈپ كەتسە،ئۇئائىلە قاتتىق رەنجىيدۇ.چۈنكى بىزدىن يوللۇق ئالمىدى دەپ قارايدۇ.2. سابان توينىڭ مەرىكە كۈنىنى خەۋەرلەندۈرۈش.مەرىكە كۈنىگە ئاز قالغاندا بالىلارغا ئالاھىدە بېزەپ جابدۇنغان ئات مىنگۈزۈلۈپ،كوچا-كوچىلارغا خەۋەر قىلىشقا ماڭدۇرۇلىدۇ،بالىلارسۆيۈنچە ئالىدۇ.ئەھلى-جامائەت ئائىلىرىدىن رومال ياكى رەختلەرنى ئېلىپ چىقىپ،بالىنىڭ بېلىگە،ئاتنىڭ نوختىسى ۋە ئىگەر-توقومىغا ئايلاندۇرۇپ باغلاپ،يويغا ئاق يول تىلەيدۇ.3. مەرىكىلىك كىيىم تاللاش.مىللىي ئەنئەنىۋى پاسوندىكى كىيىمى بارلارئۇنى يۇيۇپ تازىلاش بىلەن بولسا،كىيىمى يوقلار ھەرخىل كەشتىلەنگەن كىيىملەرنى تىكتۈرىدۇ.4. كونسېرت تەييارلاش.سابان تويىدائوينىلىدىغان كونسېرتنى تەشكىللىك ،پلانلىق تەييارلاشتىن سىرت يەنە ھەرقايسى ئائىلىلەر ئائىلىۋى ناخشا-ئۇسسۇللارنى تەييارلاپ كېلىدۇ.5. تۈرلۈك تائاملارنى تەييارلاش.يويدا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئېزىز مىھمانلارنى ئاساس قىلىپ دەستىخان سېلىنىدۇ.دەستىخانغا تۈرلۈك تائاملار،مېۋە-چېۋىلەر،ئۇسسۇزلۇقلارقويۇلىدۇ.تويدا ھەرقايسى ئائىلىلەر يېمەك-ئىچمەكلىرىنى ئۆزلىرى تەييارلاپ كېلىشتىن سىرت،ئېزىز مېھمانلارغا ئاتاپ مەخسۇس تائاملارنىمۇ تەييارلاپ كىلىدۇ.(ئىسپرت تەركىبى بار سوغوق ئېچىملىكلەر بىر تۇتاش مەنئىي قىلىنىدۇ).ھەرقايسى ئائىلىلەرقوي،غاز،توخو،ئۆردەك قاتارلىقلارنى سويۇپ كېلىدۇ.شۇنىڭدەك ئۈچپۇشماق،بەلىش،كاتلىت،پەرەمىش،گۆش بەلىش،قاق بەلىش ۋە پىرەنىك،تورت،بولكاقاتارلىقلارنى پىشۇرۇپ تويغا ئەكىلىدۇ.مېھمانلارغا ئاتاپ پىشۇرۇپ ئەكەلگەن تائاملارنى مەخسۇس بىرنەچچە ئايال تىزىملايدۇ ھەم بۇ تائاملارئالاھىدەتەكلىپ قىلىنغان مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ.ئائىلە بويىچە ئۆزئارا مېھمان بولۇشقا چاقىرىپ،بىر-بىرىنى مۇبارەكلەيدۇ.6. تەنھەرىكەت پائالىيىتىگە مەشىق قىلىش،تاتار خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرىمۇئاز ئەمەس،ئۇنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقاداۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن سابان توي ۋاستە قىلىنىپ،ئەر-ئايال،ياشلار،ئوتتۇرا ياشتىكىلەر ئۆزئەھۋالىغا قاراپ مەشىق ئېلىپ بارىدۇ(مەشىق ھازىرغا قەدەرتۈرلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلماقتا).بەزى ئويۇن تۈرلىرى خەتەرلىك ،قىيىن .مەسىلەن:ئات چاپتۇرۇپ يەردىن بەرسە ئېلىش،ئات بىلەن ساسلىق ۋە توساقلاردىن ئۆتۈپ بەيگە تالىشىش،ئات ئۈستىدە چىلىشىش،20مېتىردەك ئۇزۇنلۇقتىكى يانتۇقىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان دۈگىلەك ياغاچقا يالاڭئاياغ چىقىش،ئېغىرلىق كۆتۈرۈش،تىك ئورنىتىلغان خادا ياغاچقا يامىشىپ چىقىپ،نەرسىنى ئېلىپ چۈشۈش،ئىككى مېتىر ئېگىزلىكتە ئورنىتىلغان يالاڭ تورنىك شەكىللىك يۇمۇلاق ياغاچقا ئىككى ئادەم بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى مىنىۋىلىپ،ئالتە-سەككىز كىلوگرام كەلگىدەك قۇم خالتابىلەن بىر-بىرىنى ئۇرۇپ يىقىتىش قاتارلىق ئويۇن تۈرلىرى بار.مانا بۇ پائالىيەتلەرئارقىلىق كىشىلەرنى قەيسەر،چىداملىق بولۇشقا ئۈندەپ،خەلقنى ،ئانايۇرتنى قوغداشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.تاغاركىيىپ مۇسابىقىگە چۈشۈش،تۇخۇم قويۇلغان قوشۇقنى چىشلەپ يۈگۈرۈش،سانىڭ چۆجە ئېلىشى،قىز بىلەن يىگىتنىڭ بىردىن پۇتىنى چېتىپ باغلاپ مۇسابىقىگە چۈشۈشى،كۆزنى تېڭىپ كوزا چېقىش،ئات ئۈستى ئويۇنلىرىنى كۆرسىتىش،ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشتىكىلەر ئايالىنى ھاپاش قىلىپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە چۈشۈش،ئاياللارنىڭ ئەپكەش بىلەن دەريادىن سۇ ئەكىلىش مۇسابىقىسى قاتارلىق خىلمۇ خىل ئويۇنلاربار،بۇ مۇسابىقىدە ئۇتقانلار ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىپ موكاپاتلىنىدۇ.ئومۇمەن ،سابان توي شاد-خورام كەيپىيات ئىچىدە ئۆتۈپ،يويغا قاتناشقۇچى بارلىق ئادەم شاد-خوراملىققا چۆمۈلىدۇ. -
2009-07-06
سابان توي بەيرەمىنە مەرخەمەت
سابان توي بەيرەمىنە مەرخەمەت
سابان توي ئول ئىزگى توي،
بارچە مىللەت تويلار توي.
تاتار بىلەن بىر يەشەپ،
بىزگە مىراس قالغان توي.
تارىختا گۈرلەپ ئوزغان توي ،
خەزىر بىزدە بولغان توي.
ئوزدىرا بىز... -
تاتارچە ناخشا __ مىن ياراتام سىنې (مەن يارىتىمەن سېنى)
-
2009-07-03
تاتارچە ناخشا __ تالسىماقتا تال تېبېرەننە - [سۈرەتلىك ناخشا]
تاتارچە ناخشا __ تالسىماقتا تال تېبېرەننە
-
2009-07-03
تاتارچە ناخشا __ سەخنىدە ( سەھنىدە ) - [سۈرەتلىك ناخشا]
تاتارچە ناخشا __ سەخنىدە ( سەھنىدە )
-
2009-07-03
تاتارچە ناخشا __ كۇبەلەك - [سۈرەتلىك ناخشا]
تاتارچە ناخشا __ كۇبەلەك
-
2009-07-03
تاتارچە ناخشا __ سىندە مىنېڭ (سەن مېنىڭ) - [سۈرەتلىك ناخشا]
تاتارچە ناخشا __ سىندە مىنېڭ (سەن مېنىڭ)