• 2013-04-28

    تاتارلار

    تاتارلار

    تاتارنى چىن يازمىلىرىغا ئاساسەن تاڭ دەۋرلىرىگە ئاپىرىپ ، موڭغۇللار بىلەن ئىرقىنى  باغلاپ  چۈشەندۈرگۈچىلەر  مەۋجۇت. شۇ سەۋەبلەر ئۇزۇن يىللاردىن بېرى چىن يازمىلىرى ۋە روس تارىخشۇناسلىرىنى يازمىلىرىنى ئاساس قىلىش بىلەن  قەلەم  يۈزىدىلا  تارىخى ئۆزگىرىپ  كەتكەن  مىللەت  دەل  تاتارلاردۇر .
    دۇنيادا 200 مىليوندىن  ئارتۇق تۈرك  نوپۇسى 10 مىليونغا يەتمەيدىغان بىر  مىللەتنىڭ ئىرقىدا بۇلۇش بۇ ئىلىم- پەننىڭ ئۆزىگىمۇ قىلىنغان بىر  ھاقارەت .

    تاتار تۈركنىڭ ئەڭ قەدىمقىسى، يەنى نوھ - يافەس - ئەلەمچە - دىباقەۋى - كۈيۈكخان - ئەلەمچە - تاتار!
    تاتار نوھ ئەلەيھىسسەلامنىڭ 6-ئەۋلادى!
    ئەلەمچىنىڭ تاتار  ۋە موڭغۇل دەپ ئىككى ئوغلى بار .
    رىئال ھالدىكى تارىخ بويچىمۇ تىمۇرچىن بولسۇن ياكى چىڭگىز دىگەن سۆز بولسۇن  بۇلار تۈركچە گەپلەردۇر .
    موڭغۇل تىلى  بىلەن  تۈرك تىلى كۆپ يېقىنلىققا ئىگە  بولمىسىمۇ ،ئەمما  موڭغۇل تىلىدا تۈركچە ئېلىمىنىت ئىنتايىن كۆپ .
    بۈگۈنكى كۈندە  موڭغۇل تىل  سېستىمىسىغا بۇريات ۋە  چۇۋاش  تىلى كىرىدۇ .

    13- يۈز  يىللاردىن  باشلاپ موڭغۇل  ۋە  تاتار  دىگەن  بۇ نام بىراقلا  مەيدانغا چىقىپ تارىخشۇناسلارنىڭ بىردە موڭغۇل بىردە  تاتار  دەپ  تەسۋىرلەشلىرى  ئاستىدا  بىر مەزگىل  سۆرىلىپ  يۈرگەن .
      بۇلغار  دىگەن  نام 469- يىلى  تارىخنامىلەردە  ئۇچىرىغان . تاتار دىگەن  نام بولسا  چىغناق تارغاق يېزىقىدىكى  تارىخى خاتىرلەردە 552 - يىلى  ئۇچىرىغان .
    بۈگۈنكى كۈندىكى تاتارلار ئىدىل بۇلغارلىرى  بىلەن  قۇمان  قىپچاقلىرىنىڭ  ئارلاشمىسى  دەپ  قارىلىدۇ .
    شۇ سەۋەبلەر  تاتارىستاندا  بىز  تاتارمۇ  ياكى  بۇلغار  دىگەن تالاش  تارتىش  مەۋجۇت.



    تاتالارنىڭ تارقىلىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ ، ياۋروپادا24 دۆلەتكە تاقارلغان بولۇپ ، بۈگۈنكى كۈندە ئېنىقى قانچىلىك تاتار بارلىقىمۇ نامەلۇم ،
    ياۋروپادا فىنلاندىيە ، پولشا ،لىتۋا ، لاتۋىيە ، ئىستونىيە ، بىلروسىيە ، ئۇكرائىنا ، مولداۋا، رومىنىيە ، بۇلغارىيە ، ۋىنگىرىيە ، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تاقالغان .  
    ئاسىيادا ، تۈركىيە ، قازاقىستان ، ئەزەربەيجان ،گىرۇزىيە ، ئۆزبېكىستان ، تۈركىمەنىستان ، قىرغىزىستان ،تاجىكىستان ، ئاففانىستان ، پاكىستان ،ھىندىستان ،  ئىسرائىلىيە ، جوڭگو -شىنجاڭ قاتارلىق جايلارغا تارقالغان .
    ئۇنىڭدىن سىرت ئامىرىكا ، كانادا ، ئاۋىستىرالىيە ، بىرازىلىيە ، ئارگىنتىنا ، يېڭى زىنلاندىيە ، ئەنگىلىيە ، گېرمانىيە ، جەنۇبىي ئافىرىقا ، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ تارقالغان .
    تاتارلار تارقالغان جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقى  بىلەن تارىخ ، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرىدە قىسمەن پەرقلەر مەۋجۇت .
    ئەنە ئاشۇ پەرقلەر تۈپەيلى  مىللەتشۇناس ، تىلشۇناس ، سىياسىيشۇناس ...شۇناسلار تەرىپىدىن  قەلەم  ۋە قەغەز ئارقىلىقلا ئوندىن ئارتۇق تارماقلارغا بۆلىنىۋېتىلگەن .
    بۈگۈنكى كۈندىكى تاتارلارنىڭ ئاساسلىق 7 تارمىقى بولسا  ۋولگا تاتارلىرى ، ئۇكرائىن  قىرىم تاتارلىرى ، سىبىرىيە تاتارلىرى ، نوغاي تاتارلار ، ئاستىراخان تاتارلىرى ، كۆك ئوغۇز تاتارلىرى (كاۋكاز تاتارلىرى) ، لىپكا تاتارلىرى  دىن ئىبارەت .

      
    تاتارلارمۇ  چوڭ تۈرك توپلىمىدىكىلەرگە ئوخشاشلا 922 -يىلى ئىسلام دىننى قوبۇل قىلغان بولۇپ،  بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام دىنغا ئېتقاد قىلىدىغان تاتارلار 70% نى ئىگەللەيدۇ .  پىروستىتەنىت دىنغا ئىشىنىدىغانلار 20% نى ئىگەللەيدۇ . قالدى 10 % تاتارلار بولسا مۇساۋىي دىنى ، كاتولىك دىنى، ھىندى دىنى ۋە شامان دىنغا ئىشىنىدۇ .
    تاتارلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا تاتار تىلى ئىشلىتىدىغان بولۇپ  ، تاتار تىلىنىڭ كۆپ قىسىم تارماقلىرى ئالتاي تىل سېستىمىسى تۈرك تىل ئائىلىسى چاغاتاي تىل گۇرۇپىسىغا  تەۋە .
    ئالتاي تاتار تىلى ، چۇلىم تاتار تىلى سىبىر تىل گۇرۇپىسىغا تەۋە ، كۆك ئوغۇز تاتار تىلى (كاۋكاز تاتارلىرى) ئوغۇز تىل گۇرۇپىسىغا تەۋە ، قىرىم تاتار تىلى ئۆز ئالدىغا ئايرىم مۇستەقىل .
    تاتارلارنىڭ ئىچىدە يەنە ھىندى ياۋروپا تىل سېستىمىسىغا تەۋە تىللارنى ئىشلىتىدىغان تارماقلارمۇ مەۋجۇت  بولۇپ ، كۈنىمىزدىكى تاتار تىلىنىڭ 26 تارمىقى  بار .  
    تاتار تىلىنىڭ مەركەز تىلى بولسا قازان تاتار تىلى .



    ۋولگا  تاتارلىرى
    ۋولگا  تاتارلىرى  دىگىنىمىزدە  دەرھاللا كۆز ئالدىڭىزغا  ۋولگا  دەرياسىدا  كىمە  سۆرىگۈچىلەر  كىلىشى  مۇمكىن . ئەنە ئاشۇ  قان ياشلىق قىسمەتلەردە كىمە سۆرىگۈچىلەر ۋولگا  تاتارلىرىدۇر.
    بۈگۈنكى كۈندىكى تاتارلارنىڭ كۆپىنچىسى بولسا ۋولگا تاتارلىرى بولۇپ ، ئۇلار ئاساسلىقى  ۋولگا دەريا ۋادىسى ۋە تاتارىستان ئاپتونوم رىسپۇبىلكىسى  ۋە ئەتىراپدىكى باشقىرتىستان،  پىرىم ئاپتونوم ئوبلاستى، موسكىۋا ،سانىت پېتىربۇرىگ ، يىكاتىرىنبۇرگ ، ئۇلىيانوۋ قاتارلىق رايونلاردا ياشايدۇ .  
    ۋولگا تاتارلىرى 8.5 مىليونچە ئەتىراپىدا بولۇپ ،  ئاساسلىقى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى دائىرسى ، روسىيە فىدىراتسىيەسىدە .
    تاتارىستاندا 5 مىليونلارچە ، باشقىرتىستاندا 1 مىليونلارچە ،  ۋولگا دەريا ۋادىسى ، ئۇرال رايونىدا2  مىليونلارچە ۋولگا تاتارلىرى ياشايدۇ .
    ۋولگا تاتارلىرى تىل شىۋىسى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن  نۇرغۇن  كىچىك  تارماققا ئايرىلغان .
    ئەڭ چوڭ تارمىقى قازان تاتارلىرى .  قالدى تارماقلىرى بولسا مىشار تاتارلىرى ، قاسىم تاتارلىرى ، پېرىم تاتارلىرى ، نوقرات تاتارلىرى ، قارا تاتار،   پەرەنگىن، كىرەسەن تاتارلىرى ، گىلازوۋ ، تۇلۋا تاتارلىرى ، تەپتىر ، ئۇرال تاتارلىرى، بۇلغار تاتارلىرى ،



    1. قازان تاتارلىرى   Qazan tatar
    قازان تاتارلىرى بولسا تاتارلارنىڭ ئەڭ چوڭ تارمىقى بولۇپ ، ئادەتتە بىز تاتار دەپ ئاتايمىز، تاتارىستان ئاپتونوم رىسپۇبىكىسىدا ياشايدۇ ، نوپۇسى 5 مىليونلارچە ئەتىراپتا .
    قازان تاتارلىرىنىڭ ئەجدادلىرى بولسا ئىدىل - بۇلغارلىرى ، تۈركلەرنىڭ ئوغۇز قەبىلىلىرى ۋە چىڭگىزخان دەۋرىدە غەربكە كۆچكەن تاتارلار .

    15-16- يۈزيىللاردا ئالتۇن ئوردا ئاق ئوردا ، كۆك ئوردا ، قازان خانلىقى ، ئىككى نوغاي خانلىقى ، قاسىم خانلىقى ، مىشار خانلىقى ، ئاستىراخان خانلىقى ، قىرىم خانلىقى ،سىبىرىيە خانلىقى  قاتارلىق خانلىقلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ ، ئالتۇن ئوردا بۆلۈنگەندىن كىيىنكى قازان خانلىقى  دائىرسىدە ئولتۇراقلاشقان خەلقلەر قازان تاتارلىرى بولغان .

    قازان تاتارلىرى بولسا  ئاساسەن شەھەرلەردە ياشايدۇ ، قازان شەھرىدە 500 مىڭلارچە ئەتىراپىدا بار . تاتارىستاندىكى ئاساسلىق مىللەت ھەم شۇنداقلا روسىيەدىكى ئىككىنجى چوڭ مىللەت .  تاتارىستاندا يەنە مىشار تاتارلىرى ۋە كىرىمسەن تاتارلىرى بولۇپ ئۇلار تىل ۋە تۇرمۇش ئادىتىدە قازان تاتارلىرىدىن پەرقلەنگەچكە ، تاتارىستاندىكى ئايرىم بىر ئاز سانلىق ئېتنىك ھېسابلانغان . قازان تاتارلىرى ئاز ساندىكىلەر پىروتىستەنىت دىنغا ئىشىنىدۇ ، كۆپ ساندىكى ئىسلام دىنغا ئىشىنىدۇ .  
    قازان تاتار تىلى مەركەز تاتار تىلى بولۇپ ،  قازان تاتارلىرى ئىسلام دىننى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى  ئەجدادلىرى  بىلەن بىرگە ئورخۇن يېزىقىنى ئىشلەتكەن بولۇپ،  920- يىللار ئىسلام دىنى قوبۇل قىلغاندىن  تاكى 1928- يىلغىچە ئەرەب ھەرىپى ئاساسىدىكى يېزىقنى ئىشلەتكەن ،
    1928- يىلى لاتىن ھەرىپلىك يېزىق قوللانغان ، 1939- يىلى سىتالىننىڭ ئىسلاھاتى بىلەن سىلاۋىيان كىرىل يېزىقى قوللانغان . 2001- يىلى  تاتارىستان ھۆكىمىتى تۈركچە لاتىن ھەرىپلىك  يېزىق قوللىنىشنى قارار قىلىپ ئۆزگەرتكەن ، 2005 - يىلى  سوت تەرىپىدىن  قايتىدىن  سىلاۋىيان كىرىل ھەرىپلىك يېزىق قوللىنىش بۇيرۇلغان ، تاتارىستان پارلامىنتىمۇ بۇ قارار لاھىيەنى ماقۇللىغان .  نۆۋەتتە قازاقىستان بىلەن تاتارىستان ئىككىسى 2025 - يىلغىچە تۈركچە لاتىن ھەرىپلىك يېڭى  يېزىقىغا  كۆچۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ .  
    تاتارىستان رايونىنىڭ سىرتىدىكى  قازان تاتارلىرى ئاساسلىقى  ئوتتۇرا ئاسىيا ، كاۋكاز ، ئۇرال ، سىبىرىيە رايونلىرىغا تارقالغان بولۇپ ، شۇ ياشىغان رايونىدىكى خەلقلەرنىڭ تەسىرىگە  كۆپ ئۇچىرىغان، ئاساسلىق شۇ يەرلىك رايونلارنىڭ تىلىنى قوللىنىدۇ.
    روسىيەدىكى قازان تاتارلىرى  موسكىۋا، پېتىربۇرىگ ،نوۋگورد، ئۇرال ، سىبىرىيەدىكى بىر قىسىم شەھەرلەرگە تارقالغان بولۇپ ، روس تىلى ئۇلارنىڭ  بىرىنجى تىلىغا ئايلانغان . روسىيەدە  1 مىليونغا يېقىن ، تاجىكىستاندا  2 تۈمەنلەرچە ،  قازاقىستاندا 200  مىڭلارچە ، ئۇكرائىنادا  7 تۈمەنلەرچە ، قىرغىزىستاندا 3 تۈمەنلەرچە ، ئۆزبېكىستاندا 5 تۈمەنلەرچە ، ئامىرىكىدا 2 تۈمەنلەرچە ، ياۋروپادىكى قالدى  دۆلەتلەردە 3 تۈمەنلەرچە  ، كانادادا 5 مىڭلارچە  قازان تاتارلىرى ياشايدۇ .


    2. مىشار تاتارلىرى   Mishars tatars
    مىشار تاتارلىرى بولسا ۋولگا تاتارلىرىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ ، ئۇلار تارىختىكى  ھازار خانلىقى مەزگىلىدىكى ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوڭ قانات ئېقىنى بولغان ئوكا دەريا  ۋادىسى ، نوۋگورد  رايونلىرىدىكى قۇمان - قىپچاقلىرىنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلىرى ھېسابلىدۇ .

    مىشار تاتار تىلى ۋولگا تاتار تىلىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ ، تاتار تىلىنىڭ غەرب قىسىم دىئالىكىتىغا  تەۋە ، قازان تاتار تىلى بىلەن پەرقلىنىدۇ .
    مىشار تاتارلىرى ئاز ساندىكىلىرى مۇساۋىي دىنغا ئىشىنىدۇ ، كۆپ ساندىكىسى ئىسلام دىنغا ئىشىنىدىغان بولۇپ ،ئۇلار ھازىرغىچە چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ .

    مىشار تاتارلىرى ئاساسلىق روسىيەنىڭ چېلىيابىنىسك ، تامبوۋ،  ساراتوۋ ، ئۇلىيانوۋ، پانزا، رىيازان ، سامارا ،ۋورونىژ ، نوۋگورد ، يىكاتىرىنبۇرگ  باشقىرتىستاننىڭ جەنۇبى  ۋە مولداۋىيە ، فىنلاندىيە قاتارلىق رايونلاردا  ياشايدۇ .
    تاتارىستاندىمۇ ئاز ساندا مىشار تاتارلىرى بار بولۇپ ، ئۇلار  ۋولگا دەريا بويلىرىدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇلىنىدۇ .

    3.  قاسىم تاتارلىرى   Qasím Tatars
    قاسىم تاتارلىرى ئاساسلىقى روسىيەنىڭ رىيازان ئوبلاستى قاسىم شەھرىدە  ياشايدۇ . نوپۇسى مىڭدىن ئارتۇق ، ئۇلار ۋولگا تاتارلىرىنىڭ ئەڭ كىچىك تارمىقى بولۇپ ، پىروتىستەنىت دىنغا ئىشىنىدۇ .
    قاسىم تاتارلىرى رىيازان رايونىدىكى  4 ۋولگا تاتارلىرى تارمىقى ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك تارمىقى بولۇپ ،ئۇلاردىن سىرت يەنە بۇ رايوندا  قازان تاتارلىرى ، مىشار تاتارلىرى ۋە رىيازان تاتارلىرى بار .
    قاسىم تاتارلىرى 15- يۈز يىللاردا ئالتۇن ئوردا بۆلۈنگەن مەزگىللەردە قاسىم خانلىقى دائىرسىدە ياشىغان  تاتارلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ،. ئۇلار  قاسىم ،مەنگىت ، ئارغىن ، جالايىر ،قىپچاق دىگەندەك بەش قەبىلىگە ئايرىلغان .
    ئۇلار تارىختا قاسىم خانلىقىنى قۇرغان .
    قاسىم خانلىقى  بىر كىچىك خانلىق بولۇپ،  1452- يىللاردا قازان خانلىقىنىڭ خانى ئۇلۇغ مۇھەممەدنىڭ چوڭ ئوغلى قاسىم  تۆت قەبىلىنى باشلاپ ، موسكىۋا كىنەزلىكىنىڭ ياردىمىدە ھازىرقى رىيازاندىكى قاسىم شەھرىگە كىلىپ ، قاسىم خانلىقىنى قۇرىدۇ ، 1681- يىلى  روسىيەگە قوشۇلۇپ كىتىدۇ . قاسىم خانلىقىنىڭ تارىختىكى خەلقلىرى مىشار تاتارلىرى ، روسلار ، قاسىم تاتارلىرى ، مولداۋىيانلار ، فىنىشلار ، قازان تاتارلىرى بولغان . قاسىم خانلىقى كۆپ قېتىم موسكىۋا كىنەزلىكى بىلەن بىرلىشىپ ، قازان خانلىقىغا قارشى قوشۇن چىقارغان . 1650- يىللاردا سەيىد بورھان زامانىسىغا كەلگەندە ، قاسىم تاتارلىرى دىنىنى  پىروتىستەنىت دىنىغا ئۆزگەرتكەن . بۇ خىل سىياسەت باشقا تاتارلارنىڭ  قارشىلىقىغا ئۇچىرىغان ، 1681 - يىلى خانىش فاتىمە قازا قىلغاندىن كىيىن ،قاسىم خانلىقى  رەسمىي تۈردە روسىيەگە قوشۇۋېتىلگەن .
    قاسىم تاتارلىرىنىڭ نوپۇسى ئەسلى 50  مىڭلارچە  ئەتىراپىدا بولۇپ ، ئۇلار ھازىر ئاساسەن  روسلىشىپ كەتكەن .




    4. نوقرات  تاتارلىرى  ۋە قارا تاتارلار   Noqrat Tatars)kara tatar

    نوقرات تاتارلىرى  مارىلار  ۋە تاتارلارنىڭ ئارلاشمىسى بولۇپ ، نوپۇسى 5 مىڭلارچە ئەتىراپىدا ، روسىيەنىڭ كىروۋىسكىي  ئوبلاستىدا ياشايدۇ .
    تىلىدا  مارى تىلدىكى  سۆزلۈكلەر كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ .
    قارا تاتارلارمۇ كىروۋىسكىي ئوبلاستىدا ياشايدۇ،  نوپۇسى مىڭلارچە ئەتىراپىدا بولۇپ ، قازان تاتار تىلىنى قوللىنىدۇ.

    5.  پارانگىن تاتارلىرى  parangin tatar
    پارانگىن تاتارلىرى  مارى ئاپتونوم رىسپۇبىلكىسىدا ياشايدۇ ، ئۇلار مارى  رىسپۇبىلكىسىدىكى ئەڭ چوڭ تاتار گۇرۇپىسى بولۇپ ، نوپۇسى 3 تۈمەنلەرچە  بولۇپ ، چىراي شەكىل ، تۇرمۇش ئادەتلىرى جەھەتتىن مارىلارغا كۆپ يېقىن . تىلى قازان تاتار تىلى قوللىنىدۇ ، پىروتىستەنىت دىنغا  ئىشىنىدۇ .


    6.  كىرەسەن تاتارلىرى   keresen tatar
    13-14 يۈز يىللاردا ئالتۇن ئوردا  خانلىقىدا  پىروتىستەنىت  دىنغا ئىشىنىدىغان  كىشلەر توپى بولغان، بۇلار خانلىقنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشكەن .
    16 يۈز يىللاردا  روسلارنىڭ قازان خانلىقىغا قارشى يۈرۈشلىرىدە ، قازان تاتارلىرىنىڭ دىنى مەجبۇرىي پىروتىستەنىت دىنغا ئۆگەرتىۋېتىلگەن . بۇ خىل سىياسەت  18 يۈز يىللارغىچە داۋاملاشقان بولۇپ ،  ئىلەىرىكى پىروتىستەنىت دىندىكى كىشلەر  ۋە  كىيىنكى مەجبۇرىي دىنى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن  كىشلەر كىيىنچە  بۈگۈنكى كۈندىكى كىرەسەن تاتارلىرى  بولغان ، ئۇلارنىڭ نوپۇسى 3 تۈمەنلەرچە  كىلىدۇ .
    كىرەسەن تاتارلىرى تاتارىستان ، باشقىرتىستان  ۋە ئۇدمۇرتىسكايا ئاپتونوم رىسپۇبىلكىسى ،چېلىيابىنىسكى  ئوبلاستىدا ياشايدۇ .
    ئۇلار  تارىختىكى دىنى ئېتقادى ئوخشىمايدىغانلىقى ۋە باشقا تاتارلاردىن پەرق قىلىدىغانلىقتىن ،  1980- يىلى روسىيە ھۆكىمىتى تەرىپىدىن دىنسىز ياكى باشقا دىندىكىلەر دەپ قارالغان . ھازىر كىرەسەن تاتارلىرىدا روسچە ئىسىم -فامىلە قوللىنىش  ئومۇملاشقان .


    7. پېرىم تاتارلىرى   Perm (Ostyak) Tatars
    پېرىم تاتارلىرى روسىيەنىڭ  پېرىم perm  چىگرا  رايونىدا  ياشايدۇ ، نوپۇسى  10 تۈمەندىن ئاشىدۇ . پېرىم تاتارلىرى پېرىم چىگرا رايونىغا كۆچۈرۈپ كىلىنگەن قازان تاتارلىرى بولۇپ ، كومى پېرمىيانىسكىي ئاپتونوم رايونىدىكى Ко́ми-Пермя́цкийавтоно́мныйо́круг  شۇ يەرلىك خەلقلەر بىلەن ئاسمىلاتسىيە بولۇش جەريانىدا ، باشقا تاتارلاربىلەن تۇرمۇش ۋە ئۆرپ ئادەتلىرى ، تىلدا پەرق بولغاچقا  باشقا تاتارلاردىن پەرقلىنىدىغان پېرىم تاتارلىرىنى ھاسىل قىلغان ،  تارىختا تاتارلارنىڭ بەزى يازغۇچىلىرى  ئۇلارنى  ئوستىياك پېرىم تاتارلىرى دەپ ئاتىغان . پېرىم تاتارلىرى پىروتىستەنىت دىنغا ئىشىنىدۇ .

    8. گىلازوۋ  تاتارلىرى  Glazov tatar

    گىلازوۋ تاتارلىرى ئۇدمۇرتىسكىيا ئاپتونوم رىسپۇبىلىكىسىنىڭ شىمالىدىكى  گىلازوۋ رايونىدا  ياشايدۇ .
    ئۇدمۇرتىسكىيا ئاپتونوم رىسپۇبىلكىسىنىڭ ئومۇم نوپۇسى بىر مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، 170 كە يېقىن قەبىلە ۋە ئېتنىك ياشايدۇ .
    گىلازوۋ تاتارلىرىدا شۇ يەرلىكلەرنىڭ تەسىرىدە ئاسمىلاتسىيەلىشىپ كەتكەن تاتارلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ ، تىلى تاتار تىلى بولسىمۇ ،لىكىن شۇ يەرلىك تىللار بىلەن كۆپ ئاسمىلاتسىيەلىشىپ كەتكەنلىكتىن باشقا تاتار تىللىرىدىن پەرقلىنىدۇ . ئۇلارنىڭ نوپۇسى 5 تۈمەنلەرچە كىلىدۇ .  
    پىروتىستەنىت دىنى ۋە شامان دىنغا ئىشىنىدۇ.


    9. تۇلۋا  تاتارلىرى  Tulva River basin tatars

    روسىيەنىڭ پېرىم چىگرا رايونىدا يەنە بىر قىسىم تاتارلار تىلى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرى شۇ يەرلىك خەلقلەر ، باشقىرتلار ، قازان تاتارلىرىدىن پەرقلىق بولغاچقا  ...شۇناس  ..شۇناسلار  ئۇلارنى باشقىرت ياكى  قازان تاتارلىرىغا تەۋە قىلىپ ئايرىشنى بىلمەي  شۇ ئولتۇراقلاشقان يەر جاي  تۇلۋا  دەرياسى ۋادىسى نامى بويىنچە  تۇلۋا تاتارلىرى  دەپ ئاتىغان .

    10.  تەپتىر تاتارلىرى  tepter tatars
    تەپتىر تاتارلىرى باشقىرتىستان ۋە  روسىيەنىڭ ئورىنبۇرىگ رايونىدا ياشايدۇ .  نوپۇسى 300 مىڭلارچە  بولۇپ،  ئاساسەن كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .  ئۇلارنىڭ تىلىدا قىسمەن قازاقچە ئارلاشقان بولۇپ ، تاتارلارنىڭ بەزى  يازارلىرى ئۇلارنى  شىمالغا كۆچكەن قازاق ۋە  باشقىرت ،تاتارلارنىڭ ئارلاشمىسى دەپ قارايدۇ .


    11. ئۇرال  تاتارلىرى   Ural mountain tatars
    ئۇرال تاتارلىرى تاغلىق تاتارلار بولۇپ ،  روسىيەنىڭ چىلىيابىنىسكىي ئوبلاستى ۋە ئۇرال تاغلىق رايونىدا  ياشايدۇ ، چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ . ئۇرال تاتارلىرىنىڭ تىلى نوغايلارنىڭ نوغايباقلار يەنى كازاكلارنىڭ تىلى بىلەن يېقىن بولۇپ ،  ئۇلارنىڭ نوپۇسى 2 تۈمەنلەرچە كىلىدۇ .  ئۇرال تاتارلىرى يەنى تاغلىق تاتارلار كازاكلار بىلەن ئوخشاشلار  پىروتىستەنتى دىنغا ئىشىنىدۇ .

    12.  بۇلغار تاتارلىرى  Bulgarism tatars
    بۇ تاتارلار ئۆزلىرىنى تاتار دەپ قارىمايدىغان ، بەلكى  ئەجدادلىرى ئىدىل -بۇلغارلار  دەپ  ئۆزلىرىنى بۇلغار دەپ قارايدىغانلاردىن بولۇپ ،  روسىيەنىڭ نوپۇس تەكشۈرۈشىدە بۇلغار دەپ  خاتىرگە ئېلىنغانلاردۇر . بۇلارنىڭ نوپۇسى 2 مىڭلارچە  بولۇپ ،  سوۋىت پارچىلانغاندىن كىيىن ھازىر تاتارىستاندا  بۇ خىلدىكى تاتارلارنى  تاتار دىيىش كىرەكمۇ ياكى بۇلغار دەيدىغان ئىدىئولوگىيە  قايتىدىن باش كۆتىرىپ چىقتى ، ئۇلار تاتارىستاننىڭ نامىنىمۇ بۇلغارىستانغا ئۆزگەرتىش تەرەپدارلىرىدىن .

    ئاستىراخان  تاتارلىرى   Astrakhan Tatars

    ئاستىراخان  تاتارلىرى روسىيەنىڭ ئاستىراخان ئوبلاستىدا  ياشايدىغان بولۇپ ، نوپۇسى  100 مىڭلارغا يېقىن كىلىدۇ. ئاستىراخان تاتارلىرى  15- يۈز يىللاردا ئالتۇن ئوردا بۆلۈنگەندىن كىيىنكى  ئاستىراخان خانىقىدىكى  خەلقلەرنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ ،  تارىخىتىكى ئاستىراخان خانلىقىدىكى  خەلقلەر نوغاي ۋە تاتارلار ئىدى . 2002 - يىللاردىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتە ئاستىراخان ئوبلاستىدىكى  ئاستىراخان تاتارلىرى ئۆزلىرىنى تاتار دەپ قارىغان بولۇپ ،ئاز ساندىكى كىشلەر يەنىلا ئۆزلىرىنى ئاستىراخان تاتارلىرى دەپ قارىغان .
    ھازىر   كۆپ ساندىكى ۋولگا تاتارلىرى ئاستىراخان ئوبلاستىغا كۆچۈرۈلگەن بولۇپ ، ئاستىراخاندا  4 تۈمەنلەرگە ئادەم قازان تاتار تىلى قوللىنىدۇ .
    1807- يىلاردا ئاستىراخان خانلىقىنىڭ نوپۇسى مىليونغا يەتكەن بولۇپ ، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئاستىراخان تاتارلىرى ئاستىراخاندىكى ئەڭ كىچىك بىر ئېتنىكقا ئايلانغان .



    رىيازان  تاتارلىرى   Ryazan Tatars

    رىيازان تاتارلىرى  روسىيەنىڭ رىيازان رايونىدا ياشايدىغان تاتارلار بولۇپ ، ئۇلار قازان خانلىقى  يىمىرىلگەندىن كىيىن ، رىيازانغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان  تاتارلارنىڭ ئەۋلادلىرى . باشقا تاتارلاردىن پەرقلىق بولغىنى  ئۇلار  شۇ يەرلىك سىگانلار بىلەن ئارلىشىپ كەتكەن ، تىلىدا  سىگانلارنىڭ  تىل تەسىرى  كۆپ  ۋە باشقا تاتار  تىللىرى بىلەن پەرقى چوڭ ۋە باشقا تاتارلار بىلە نئالاقە قىلىش قولايسىز ھەم شۇنداقلا  تىلى ئېنىق بولغان تېل گۇرۇپىسىغا ئايرىلمىغاچقا رىيازان تاتارلىرى دەپ ئاتالغان . نوپۇسى 5 مىڭلارچە  كىلىدۇ .


    قىرىم  تاتارلىرى  Qirim tatar

    قىرىم تاتارلىرى ئۇكرائىنانىڭ قىرىم ئاپتونۇم رىسپۇبىلكىسىدىكى تاتارلار بولۇپ ،  قىرىم تاتارلىرىنىڭ دۇنيادىكى نوپۇسى 2 مىليونلارچە  كىلىدۇ .
    15- يۈز يىللاردا ئالتۇن ئوردا بۆلۈنگەندە تاتارلار قىرىمدا قىرىم خانلىقىنى قۇرغان بولۇپ ، 1783- يىللاردا ، روسلار تەرىپىدىن  روسىيەگە قوشىۋېلىنغان .
    قىرىم خانلىقىدىكى مىليونغا يېقىن تاتار  تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن .  تۈركىيەدىكى تاتارلار قىرىم تاتارلىرىنىڭ  كىيىنكى ئەۋلادلىرى  بولۇپ ، ئۇلار ئاللىقاچان تۈركلىشىپ كەتكەن . ئۇلار  تۈركىيەنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن ، نوپۇس تەكشۈرۈشتە قىرىم تۈركلىرى  دەپ  تولدۇرغان . نۆۋەتتە  تۈركىيەدە 500 مىڭغا يېقىن قىرىم تاتارلىرى ئۆزلىرىنىڭ تاتار خاسلىقىنى ساقلاپ ياشاۋاتماقتا .
    ئۇكرائىنانىڭ قىرىمدا 350 مىڭلارچە  قىرىم تاتارلىرى ياشايدۇ . (قىرىم ئاپتونۇم رىسپۇبىلكىسىدا  2 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس بولۇپ ، 50 % روس ، 24 % ئۇكرائىن ، 16% تاتار ، 9% قىرىمچاك يەھۇدىيلار دىن ئىبارەت .  )

    ئۆزبېكىستاندا  200 مىڭغا يېقىن قىرىم تاتارلىرى بار ، ياۋروپا ۋە ئامىرىكىدا 800 مىڭغا يېقىن قىرىم تاتارلىرى بار .


      سىبىرىيە تاتارلىرى Sybyr tatar

    سىبىرىيە  تاتارلىرى  روسىيەنىڭ ئۇرال تاغلىق رايونى ، يېنسەي دەرياسى ۋادىسى  سىبىرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئورمانلىق رايونلاردا ياشايدىغان تاتارلار بولۇپ ،  سىبىرىيەنىڭ جەنۇبىدا ياشايدىغان يەرلىك خەلق ھېسابلىنىدۇ .
    2002 - يىللىق روسىيە  نوپۇس تەكشۈرىشىدە ، 400 مىڭلارچە  سىبىرىيە تاتارلىرى بارلىقى تەكشۈرۈش  ئېنىقلانغان . سىبىرىيە تاتارلىرى بولسا ئۆزىنى يەرلىك خەلق ياكى سىبىرىيە تاتارلىرى دەپ ئاتىغانلىقتىن مۇشۇ نام قويۇلۇپ قالغان .

    بارابا  تاتارلىرى  Baraba
    بارابا  تاتارلىرى روسىيەنىڭ يېڭى سىبىرىيە ئوبلاستىنىڭ  بارابىنتىسكى  يايلاقلىرى ۋە  ئېرتىش دەرياسى بىلەن  ئامۇ دەرياسى ئارىسىدىكى  يايلاق رايونلاردا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇلىنىدىغان تاتارلار بولۇپ ،  نوپۇسى 200 مىڭلارچە كىلىدۇ .
    2002- يىلى نوپۇس تەكشۈرۈشتە ئۇلار ئۆزلىرىنى سىبىرىيە تاتارلىرىدىن دەپ قارىمىغاچقا ، نوپۇسقا سىبىرىيە تاتارلىرى دەپ كىرگۈزۈلمەي  شۇ ياشىغان رايون نامى بويىنچە  بارابا  تاتارلىرى دەپ خاتىرلەنگەن .

    چۇلىم  تاتارلىرى  Chulyms

    چۇلىم تاتارلىرى روسىيەنىڭ تومىسكىي ئوبلاستى ۋە كىلاسنويارىسكىي چىگرا  رايونىدا  ياشايدىغان بولۇپ ، نوپۇسى  مىڭغا يېقىن .
    دىنى ئېتقادى پىروتىستەنىت دىنى .  چۇلىم تاتارلىرى بولسا ئەسلى 17-18 يۈز يىللاردىكى سىبىرىيە خانلىقىدىكى  چۇلىم دەريا ۋادىسىدا ياشايدىغان تۈرك خەلقلەرنىڭ ئارلاشمىسى(چۇلىم دەرياسى ئورخۇن دەرياسىنىڭ بىر تارماق ئېقىنى) ، ھازىر بولسا خاكاسلار ، روسلار ، كازاكلار ئارلىشىپ كەتكەن . 2002 يىللىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە ، بىر قىسىم كىشلەر  خاكاس  دەپ تولدۇرغان ، 700 گە ېيقىن كىشى  تاتار دەپ تولدۇرغان . شۇنىڭ  بىلەن  بۇلار چۇلىم تاتارلىرى بولغان .


    نوغاي  تاتارلىرى  noghay tatar
    نوغايلارنى ئىلگىرى تونۇشتۇرۇپ بولغان ، شۇڭا قىسقارتىۋېتىلدى .

    كۆك ئوغۇز تاتارلىرى  (كاۋكاز  تاتارلىرى)   kavkaz  tatar
    كاۋكاز تاتارلىرى  كاۋكاز  تاغلىق  رايونلىرىدا  ياشايدىغان  تاتالار  بولۇپ ،  نوپۇسى 450 مىڭلارچە كىلىدۇ ، جەنۇپ شىمال  ئىككى تارماققا بۆلۈنگەن.
    شىمال  تامىقى  روسىيەنىڭ  چېچىن - ئىنگۇش ئاپتونوم  رىسپۇبىلكىسى ، شىمالىي ئوسېتىيە ،  داغىستان  رايونلىرىدىكى  كاۋكاز  تاغلىق  رايونلىرىدا  ياشايدۇ . ئىسلام دىننىڭ سۈننى  مەزھىپىدە .
    جەنۇب تارمىقى  ئەرمىنىيە ، گىرۇزىيە ، جەنۇبى ئوسېتىيە ، ئەزەربەيجاننىڭ تاغلىق رايونىدا  ياشايدۇ ، ئاز بىر قىسىمى ئىراننىڭ  ئىچىدىكى تاغلىق رايونلاردا ياشايدۇ . ئىسلام دىننىڭ شىئە مەزھىپىدە .
    ئۆزبېكىستاندا  4 تۈمەنلەرچە  كۆك ئوغۇز تاتارلىرى بار بولۇپ ،ئۇلار 44- يىلى سىتالىن تەرىپىدىن  كاۋكاز تاغلىق رايونلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ كىلىنگەن تاتارلار .

    دوبرۇيا تاتارلىرى

    دوبرۇيا تاتارلىرى ئاساسلىقى رومىنىيە ، مولداۋا ، بۇلغارىيەگە تارقالغان بولۇپ ، نوپۇسى 6 تۈمەنلەرچە كىلىدۇ ، ئۇلار  17 - يۈزيىللاردا  قىرىم ئوسمانىيلارغا تەۋە بولغان مەزگىللەردە  رومىنىيەلىكلەر ، تۈركلەر، قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئارلاشمىسىدىن شەكىللەنگەن. 18798- يىلى روسىيە رومىنىيەنى بېسىۋالغاندىن كىيىن ، 100 مىڭغا يېقىن قىرىم تاتارلىرى تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن  ، قىرىم تاتارلىرىنىڭ كۆچۈشى  ئۇزۇن مەزگىل  داۋاملاشقان بولۇپ ، 1880- يىللاردا رومىنىيەگ قارايدىغان شىمالىي  دوبرۇيا  رايوندىكى  تاتارلار  ئومۇم نوپۇسنىڭ  20 % نى ئىگەللىگەن  ،  روسلار بېسىۋېلىپ ، تاتارلار ئۈزلۈكسىز تۈركىيەگە كۆچۈپ 1912- يىلى بۇ رايوندىكى تاتارلار نوپۇسنىڭ 5%  ئىگەللىگەن ، 2002 - يىللىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە 2% نى ئىگەللىگەن .   


    لىپكا تاتارلىرى  Lipka Tatar

    لىپكا تاتارلىرى  پولشا ،لىتۋادا ياشايدىغان تاتارلار بولۇپ، نوپۇسى 4 تۈمەنلەرچە كىلىدۇ . 14 يۈز يىللاردا  ئەڭ دەسلەپكى شامان  دىنغا ئىشىنىدىغان بىر تۈركۈم  تاتارلار  لىتۋا ، پولشالارغا كۆچۈپ كەلگەن .  15- يۈز يىللاردىن كىيىن ئالتۇن ئوردا  ۋە قازان خانلىقى يىمىرىلگەندىن كىيىن  ئىسلام دندىكى  تاتارلار  پولشا ۋە لىتۋاغا كۆچۈپ كەلگەن. 17- يۈزيىللاردىن كىيىن  ئىسلام دىندىكى تاتارلارنىڭ تەسىرىدە دەسلەپكى شامان دىندىكى  تاتارلارنىڭ كۆپ قىسىمى  ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىغان . لىپكا تاتارلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ھازىر ئىسلام دىندا بولسىمۇ لىكىن، ئۇلاردا يەنىلا شامان دىننىڭ تەسىرى بولغاچ ،  تۇرمۇش ئادەتلىرى  باشقا  مۇسۇلمان تاتارلارغا  ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ .لىپكا  تاتارلىرى پولشا تىلىدا سۆزلەيدىغان ،  ئەرەب يېزىقى قوللىنىدىغان تاتارلاردۇر .



    تاتارلارنىڭ تارقىلىش دائىرسى كەڭ بولۇپ ، تاتار تىلى ھەممىسى ئالتاي تىل سېستىمىسىدىكى تۈرك تىل بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ گۇرۇپىلارغا ئايرىلىشى ئوخشىمايدۇ .
    قازان تاتار تىلى  مەركەز تاتار تىلى بولۇپ ، قازان تاتار تىلى ، مىشار تاتار تىلى ، ئاستىراخان تاتار تىلى ، سىبىرىيە تاتار تىلى ، بارابا تاتار تىلى ، ۋە  ۋولگا تاتارىلىرىنىڭ بىر قىسىم كىچىك تارماقلىرىنىڭ تىلى ئوخشاش بىر  تىل  گۇرۇپىسىغا ئىگە ، يەنى  چاغاتاي تىل تارمىقى  قىپچاق - بۇلغار تىل گۇرۇپىسىغا تەۋە .
    نوغاي تىلى ئوخشاشلا چاغاتاي تىل تارمىقىدا بولسىمۇ ، لىكىن  قازاق ، قىرغىز ، قاراقالپاق  قاتارلىقلار بىلەن ئوخشاش  چاغاتاي تىل تارمىقى  قازاق - نوغاي گۇرۇپىسىغا تەۋە.
    كۆك ئوغۇز تاتار تىلى چاغاتاي تىل تارمىقى  قىپچاق - قۇمان  گۇرۇپىسىغا تەۋە .
    چۇلىم تاتار تىلى ۋە ئالتاي تاتار تىلى  سىبىرىيە تارمىقى  جەنۇبىي سىبىريە گۇرۇپىسىغا تەۋە .
    قىرىم تاتار تىلى  چاغاتاي تىل تارمىقى ئوغۇز گۇرۇپىسىغا تەۋە ۋە قىرىم تاتار تىلى ئايرىم بىر گۇرۇپپا دەيدىغان تىلشۇناسلارچە كۆز قاراش مەۋجۇت .
    رىيازان تاتارلىرىنىڭ تىلىدا شۇ يەرلىك سىگانلارنىڭ تىلىنىڭ تەسىرى چوڭ بولغاچقا  تىلشۇناسلار ئۇنى تىل گۇرۇپىسىغا ئايرىمىغان .


    تاتارلارنىڭ قان ياشلىق قىسمەتلىرىنى قىسقىچە يازساق ، 1917- يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى بولۇپ، 1920- يىلى ھەرقايسى  مىللەت -خەلقلەرگە ئاپتونومىيەلىك ھوقۇق ئايرىلغاندا  تاتارلارغا  ئاپتونومىيەلىك ھوقۇق بەرمىگەن . تاتارلار  سىقىپ چىقىرۋېتىلگەن .
    روسىيە تارىخىدا 500 يىللىق تارىخقا ۋە شۇنداقلا دۇنيا تارىخىدىكى ئون كۈچلۈك ھەربىي قوشۇن قاتارىغا كىرگەن روسىيە  ھەربىي گىۋاردىيەسىدىكى  كازاك ئاتلىق  قوشۇنلىرى بار بولۇپ ،بۇلار تاتار- نوغايلارنى  ئاساس قىلغان ھەم شۇندىلا كازاكلار 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا ھېتلىر تەرەپتە تۇرۇپ  روسىيەگە قارشى چىققان.
    بىز بۇرۇن تورلاردا ئۇيغۇرلارنى كۈلۈمسىرەتكەن ھېتلىر ئارمىيەسىدىكى تۈرك قوشۇنلىرىنى كۆرگەن ، ئەنە ئاشۇنداق سەۋەبلەر بىلەن 1944-5-18- كۈنى  سوۋىت قىرىمنى ئىگەللىگەن  شۇ كۈنى ، ئىگەللىگەن ھامان ئەتىگەن سائەت 8 دە سېتالىننىڭ 5859 نومۇرلۇق  مەخسۇس  بۇيرۇقى  183 مىڭ تاتار  قىرىمدىن  ئالدىن تەييارلانغان 167 پويىزغا  سولىنىپ  ئۆزبېكىستاننىڭ قۇملۇق رايونلىرىغا  سۈرگۈن  قىلىنىۋېتىلگەن . تاتارلارنىڭ نەرسە كىرەكلىرىنى يۇغۇشتۇرىۋېلىشىغا ، سىتالىننىڭ بۇيرۇقى ئاڭلىتىلىغاندىن كىيىن ئارانلا 20 مىنۇت ۋاقىت بەرگەن . 183 مىڭ تاتار 30 مىڭدىن  ئارتۇق  ھەربىي ئوفىستىرنىڭ  باشقۇرىشى  ئاستىدا ئۈچ كۈندىلا قىرىمدىن ئۆزبېكىستانغا يىتىپ كەلگەن. تاتارلار ئۆزبېكىستانغا كۆچۈرۈپ كىلىنگەندىن كىيىن ، ئىككى ئۈچ كۈندە بىر بولكا بېرىلگەن ، ھەربىر ئادەمگە 150 گىرام  بولكا  تارقىتىپ بېرىلگەن . 1944- 1948 - يىلغىچە  60 مىڭغا يېقىن تاتار ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن. 1951- يىلى كىشلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ  ئىرقىي  قىرغىنچىلىققا ئائىت ماددىسى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ ،ئەمما تاتارلار ھېچقانداق ھوقۇققا ئېرىشەلمىگەن ، پەقەت سىتالىن ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن خروشىۋ دەۋرىدە ئازراق  ئەركىنلىككە  ئېرىشكەن . پەقەت 1989- يىلغا كەلگەندىلا  يىلىتسىن ، گورباچېۋلار  سىتالىننىڭ قىلغىنىنىڭ بىر ئىرقىي يوقىتىش ئىكەنلىكىنى ، ئەينى  ۋاقىت تاتارلارغا نىسبەتەن  خاتا  سىياسەتلەرنى  قوللانغانلىقىنى  ئىتراپ  قىلغان.  





    بۇ  بۈگۈنكى  گۈزەل  شەھەر  قازان .
    قازاندا ياۋروپادىكى 3- چوڭ قازان ئۇنۋېرسىتىتى بار .


    بۇ تارىختىكى  قازان  .


    دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇرئان قازاندا .





    بۇ بولسا  مىشارلار ، مىشار  تاتارلىرى .


    بۇ  ئۇلارنىڭ  سىتالىن  تەرىپىدىن  1939- يىلى يوق قىلىنىۋېتىلىشتىن ئىلگىرىكى ، 920 يىلدىن  1928- يىلغىچە  داۋاملاشقان  قىسمەتلىك  تۇغان تىل  يېزىقى .
    ==========================



    مىشەرلەر — تاتار خالقىنىڭ ئېتنىك تۆركېمې. تۇغان تېلې — تاتار تېلېنېڭ كۆنباتىش دىالېكتى، ئۈزې دە ئىكې دىالېكتكا ئاېرىلا: س- ھەم چ- دىالېكتلارىنا. دىننەرې - ئىسلام.سۇنئىي مەزخەپ.
    راسا تۆرې:ئېۋروپېوىد، موڭولوىد
    تارالىشې:

    رۇسىيا
    پېنزا ئۆلكەسې
    موردوۋىيا
    تۈبەن نوۋگورود ئۆلكەسې
    چۇاشىيا
    سېمبېر ئۆلكەسې
    تاتارستان
    سامارا ئۆلكەسې
    سارىتاۇ ئۆلكەسې
    ۋولگوگراد ئۆلكەسې
    ىرىنبۇر ئۆلكەسې
    باشقورتستان

    تۆنياك ئۇرال ياقلاردا 1798 - 1855 ئېللاردا شۇل ئۈك ئاتالىش بېلەن باشقورت-مىشەر غەسكەرې (رۇس. باشقىرو-مېщئېرياكسكوې ۋويسكو) خەربى ئەغزالارى بۇلغاننار.

    =============

    manba;bilik tori

  • مەنبە: matbugat.ru

  • سوۋىت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە قىرىم تاتارلىرىغا يۈرگۈزۈلگەن بېسىم ۋە زوراۋانلىقلار ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى.

    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى( 2009-5-21) خەۋىرى:
    ئۇكرائىنا، سوۋىت مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى KGBنىڭ قىرىم تاتارلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئارخىپلىرىنى ئاچتى.
    ھۆججەتلەردە، يۈز مىڭلىغان قىرىم تۈركلىرىنىڭ رايوندىن قايسى شەكىلدە سۈرگۈن قىلىنغانلىقى تەپسىلى شەكىلدە بايان قىلىنىدۇ.
    ئۇكرائىنا جۇمھۇر رەئىسى ۋېكتور يۇشچەنكونىڭ يوليورۇقى بىلەن ئېچىلغان ئارخىپ ھۆججەتلىرىدە، قىرىم تاتار زىيالىلىرىنى ئۆلۈم پەنچىسىگە ئېلىپ بارغان يالغان دېلو ماتېرىياللىرىمۇ ئورۇن ئالغان.
    قىرىم تاتارلىرىنىڭ كوللېكتىپ شەكىلدە سۈرگۈن قىلىنىش كۈنى خاتىرلەنگەن 18-ماي كۈنى، جامائەتچىلىككە ئېچىۋېتىلگەن ھۆججەتلەردە، 1928-يىلى مىللەتچىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىنغان 63 نەپەر قىرىم تاتار سىياسەتچىسىنىڭ رەسىملىرى بار.
    قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشقا باھانە تېپىش ئۈچۈن تەييارلانغان يالغان ۋە ئۇيدۇرما دەلىللەر، ئەسلى مۇددىئالىرىنىڭ بىر خەلقنى تامامەن يوقىتىۋېتىش ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ بەرگۈدەك دەرىجىدە قورقۇنچلۇق.
    گېرمانىيىلىكلەر بىلەن تىل بىرىكتۈردى، دېگەن باھانە بىلەن 1944-يىلى 18-ماي كۈنى كېچىسى، قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كىرگەن سوۋىت ئەسكەرلىرى ئەر-ئايال، ياش-قېرى دېمەستىن يۈز مىڭلىغان قىرىم تۈركلىرىنى مەجبۇرى ھالدا ھايۋان سولايدىغان ۋاگونلارغا سولىدى.
    قىرىم تاتارلىرى نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىشكىمۇ ئۈلگۈرمەستىنلا ئۆلۈم سەپىرىگە ئاتلاندۇرۇلدى.
    مەقسەت سۈرگۈن قىلىش ئەمەس ئىدى؛ مەقسەت قىرىم تاتارلىرىنىڭ كوللېكتىپ ھالدا يوقىتىلىشى ئىدى.
    ۋاگونلارنىڭ ھەر بىرىگە ئولتۇرغۇدەك يەرمۇ قويماستىن 300 دىن ئارتۇق ئىنسان سولاندى. ۋاگونلارنىڭ ئىشىكلىرى 25، 30 كۈنگىچە ئاساسەن ئېچىلمىدى، ھەتتا ۋاگونلاردىكى جەسەتلەرمۇ سىرتقا چىقىرىلمىدى... ۋەھشىيلىك تولۇق مەنىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
    سېبىرىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا چۆللىرىدىكى لاگېرلاردا قانچە ئون يىل قورقۇنچلۇق زۇلۇمنى باشتىن كەچۈرگەن قىرىم تۈركلىرىنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىشقا ئورۇنغانلىرى ئەڭ ۋەھشىيانە شەكىلدە جازاغا تارتىلدى.

  • قىرىم سۈرگۈنى ئەسلەپ ئۆتۈلدى

    تاتار نوپۇسىنىڭ يىرىمىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولغان چوڭ سۈرگۈن خىلمۇ-خىل مۇراسىملار بىلەن ئەسلىنىۋاتىدۇ. بۈگۇن قىرىم سۈرگۈنىدە ۋاپات بولغان قىرىم تاتار خەلقى، سۈرگۈننىڭ 68-يىلىدا خىلمۇ-خىل مۇراسىملار بىلەن ئەسلەۋاتىدۇ.
    سىتالىننىڭ باشقۇرۇشىدىكى سەۋىت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى، قىرىم تاتار خەلقىگە، «گىرمانيەگە ياردەم قىلدى» دىگەن بەتنامنى چاپلاپ، 1944-يىلى5-ئاينىڭ 17-كۈنىنى 18-كۈنىگە باغلىغان كىچە، پۈتۈن خەلقنى ھايۋان توشۇيدىغان ۋاگونلارغا چىقىرىپ، ئىنسانلارغا تامامەن مۇۋاپىق كەلمەيدىغان شارائىتلاردا، ئۇتتۇرا ئاسىيا، سىبىرىيە ۋە ئۇرال رايونلىرىغا سۈرگۈن قىلغان. قىرىمنىڭ قىرىم تاتارلىرىدىن پۈتۈنلەي تازىلانغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دوكىلات سىتالىنغا بىرىلگەندىن كىيىن، ئازاك دىڭىزىنىڭ بويىغا جايلاشقان ئارابات دىلى دىگەن يەردىكى ئۈچ يىزىدىكى قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقى بايقالغاندا، بۇ يىزىدا ياشاۋاتقان پۇتۇن تاتارلارنى كىمىگە چىقىرىپ، كىمىنى دىڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا چۆكتۈرۈۋىتىپ، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۋەتكەن.
    بۇ ئېچىنىشلىق تىراگىدىيەدىن كىيىن قىرىم تاتار خەلقى، نوپۇسنىڭ يىرىمىنى يوقاتتى. سۈرگۈندىن كىيىن، خەلق تەخمىنەن 50 يىل مەجبۇرى سۈرگۇندە تۇتۇلغان. ئانا ۋەتىنى قىرىمغا كىتىشىنى تەلەپ قىلسا تۈرمىگە سولانغان. قىرىم تاتار خەلقىنىڭ مىللى كىملىكى پۈتۈن تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈلگەن.
    قىرىم تاتار خەلقى 1980-يىللىرىنىڭ ئاخىرى، 1990-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا بىرلىكتە قىرىمغا قايتىپ كىلەلىگەن. ئەمما بۈگۈن يەنە سۈرگۈندىن قايتىپ كىلەلمىگەن 150 مىڭ قىرىم تاتارلىرى بار. قىرىم تاتارلىرى بۈگۈن ھەقلىرىنىڭ قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشىنى، ئانا تىلىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى، ئانا تىلىدا ئوقۇشنى ۋە قىرىمغا ئۇرۇنلىشىشقا ئوخشاش مەسىىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ.

    http://www.dunyabulteni.net/?aType=haber&ArticleID=210317

    مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 1944-يىلى 18-ماي كۈنى قىرىمدىكى بارلىق قىرىم تاتارلىرىنى سۈرگۈن قىلغان. سۈرگۈن جەريانىدا قىرىم تاتار ئەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قىزىل ئارمىيە بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيە ناتسىستلار ئارمىيەسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتاتتى. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىبىرىيەگە سۈرگەن قىلىنغان قىرىم تاتارلىرىنىڭ % 46 تى يولدا ۋەياكى ئۆزلىرى يېتىپ بارغان جايلاردا ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق ۋە تۈرلۈك كېسەللەر تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلغان. قىرىم تاتارلىرى 1989-يىلغىچە سۈرگۈن قىلىنغان جايلاردا مەجبۇرى تۇتۇلغان. ئانا يۇرتىغا قايتماقچى بولغانلار تۈرمىگە تاشلانغان ۋە قايتىدىن باشقا جايلارغا سۈرگۈن قىلىنغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، قىرىم تاتارلىرى ئۆز يۇرتىغا قايتىشقا باشلىغان چاغدا، 150 مىڭ تاتار ماددىي ئىمكانسىزلىق ۋە قانۇنىي چەكلىمىلەر تۈپەيلى ئوتتۇرا ئاسىيادا قېلىپ قالغان.

    Kırım sürgünü yâdediliyor

  • تاتار مىللىتى

    تاتارلار رۇسىيە فىدىراتسىيەسىنىڭ تاتارىستان جۇمھۇرىيتىدە ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتكە چېگرىداش ھەر قايسى جۇمھۇرىيەت ئوبلاستلارغا مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.
    2007-يىلى يىل ئاخىرىدىكى سىتاتىسكىدا رۇسىيەدىكى تاتارلارنىڭ ئۇمۇمى نوپۇسى 5مىليۇن 890مىڭ بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىدە 2مىليۇن 100مىڭ بولۇپ، تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇمۇمى نوپۇسىنىڭ 53%نى، باشقىرتىستان جۇمھۇرىيىتىدە بىر مىليۇن بولۇپ باشقىرتىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇمۇمى نوپۇسىنىڭ 24% تەشكىل قىلغاندىن باشقا، يەنە تۈمەن ئوبلاستىدا 250مىڭ، سىۋىردولوۋىسكى ۋە ئوليانوۋىسكى ئوبلاستىدا 170مىڭدىن، چېليابىنىسكى ئوبلاستىدا 210مىڭ، موسكۋادا 170مىڭ، سامارا ئوبلاستىدا 130مىڭ، سانكىت پىتىربورگدا 50مىڭ، ئاستىراخان ئوبلاستىدا 100مىڭ، ئۇدمۇرت جۇمھۇرىيىتىدە 110مىڭ، ئورېنبورگدا 166مىڭ، پىرىم ئوبلاستىدا 140مىڭ، كېمېروۋ، سارىتاۋ، ئومىسكى، كىراسنويارىسكى، كىروۋ، موردوۋا جۇمھۇرىيىتى، مارىئېل جۇمھۇرىيىتى، چۇۋاش جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق جايلاردا 50مىڭدىن تارقالغان. ئۇنىڭدىن باشقا روسىيەنىڭ ۋە سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ھەممىلا جايلىرىدا دىگۈدەك تاتارلار ئولتۇراقلاشقان.
    تاتارلار يەنە رۇسىيەدىن سىرتقى دۆلەتلەردىن ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى (650مىڭ) ، يەنە تاجىكىستان (100مىڭ)، قىرغىزىستان (40 مىڭ)، قازاقىستان (260 مىڭ)، تۈركمەنىستان (30 مىڭ) ۋە تۈركىيە(130مىڭ)، سەئۇدى ئەرەبىستان(51مىڭ)، ئامېرىكا(29مىڭ)، ئاۋستىرالىيە(31)، گېرمانىيە(18مىڭ)، كانادا(3700) قاتارلىق ئەللەر ۋە رايونلارغىمۇ تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 8مىليۇنغا يېقىنلىشىدۇ ئاشىدۇ.
    تاتارلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ موڭغۇل، ھىندى-پامىر تىپى ۋە كاۋكاز ئىرقىنىڭ ئارىلاشمىسىغا كىرىدۇ. ئالتاي تىللىرى سىستېمسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسى بۇلغار تىللىرى ئائىلىسى(گاھىدا شىمالى تىللار ئائىلىسى دىيىلىدۇ)گە تەۋە تاتار تىلىنىڭ قازان، ئاستىراخان، سىبىرىيە قاتارلىق كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ؛ ئەسلىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار ئىدى، سوۋېت ئىستىلاسىدىن كېيىن سىلاۋيان يېزىقىنىمۇ قوللىنىپ كەلگەن.
    تاتارلار بارلىق تۈركى مىللەتلەرگە ئوخشاشلا تارىختا شامان، زەردۇشىت، بۇددا، مانىزم قاتارلىق قەدىمكى دىنلارغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن. 10-ئەسىردە مۇسۇلمان بولغان، ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. لېكىن سانى 30مىڭ ئۆپچۆرىسىدە بولغان كەرشىنۋاي تاتارلىرى 16-18-ئەسىرلەردە رۇسلارنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا پىروۋىسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇرۇلغان بولۇپ بۈگۈنگىچە پىروۋىسلاۋ بولۇپ كەلمەكتە.
    تاتارلار ناھايىتى بالدۇرلا شەھەرلەشكەن بولۇپ، ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودىغا ماھىر مىللەت. تاتارلار ئاساسەن شەھەرلەشكەن بولۇپ دېھقان-چارۋىچىلار يوقنىڭ ئورنىدا.
    تاتارلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي مىللەت تۈركلەرنىڭ بىرقىسمى بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىردە شەرقى ياۋروپادىكى تۇنجى پادىشاھلىق ھىساپلانغان ئىفتالىتلار(ئاق ھۇن) خانلىقى ھازىر تاتارلار ياشىغان ئىدىل(ۋولگا) ۋادىلىرىغىچە كېڭەيگەن. كېيىن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ھۇن ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ياۋروپا يۈرۈشلىرىگە قاتناشقان. مىلادى 10- ئەسىردە ئاستىراخاندىكى بۇلغار(ھازىرقى تاتار) خانى ئەرەپ خەلىپىلىكىنىڭ ئەلچىسىنى قوبۇل قىلىپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن، 13-ئەسىردە تاتارلار ئولتۇراقلاشقان رايون چىڭگىزخان قوشۇنلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان. 14-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا چاغاتاينىڭ تۈركلەشكەن ئەۋلادلىرىدىن بولغان باتۇخان ئوتتۇرا ئاسىيادىن تەخمىنەن 400مىڭ ئەتراپىدا تۈركى خەلقنى ئەسكەر قىلىپ كەڭ روسىيە تۈزلەڭلىكىنى بويسۇندۇرغا ، قوشۇندىكى سانى 5مىڭغا يەتمەيدىغان موڭغۇللار تۈركلىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىن بارغانلار ئەسلىدىكى تۈركى خەلق بۇلغارلار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بۈگۈنكى تاتارلار شەكىللەنگەن. گۈللەنگەن ئالتۇن ئوردا پادىشاھلىقى شەرقتە سىبىرىيەدىن تارتىپ غەرپتە موسكۋا چېگرىسىغىچە، جەنۇپتا ئاستىراخاندىن شىمالدا مۇز ئوكيانغىچە بولغان كەڭ زىمىننى بويسۇندۇرۇپ مەدەنىيەتلىك دۆلەت قۇرغان. 15-ئەسىردە ئالتۇن ئوردا خانلىقى پارچىلىنىپ قازان خانلىقى، ئاستىراخان خانلىقى، قىرىم خانلىقى، سىبىرىيە خانلىقى قاتارلىق ئۇششاق بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1565-يىلى رۇسلار قازان خانلىقىنى ئىشغال قىلىپ دەھشەتلىك ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغا ۋە قازان تاتارلىرىنىڭ 70% بۇ قىرغىنچىلىقتا قىرىپ تۈگىتىلىپ قالغان ئاز ساندىكىلىرىنىڭمۇ نۇرغۇنلىرى باشقا جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغان.
    دۇنيادا تاتارلاردەك ئېغىر مىللى زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئىككىنچى مىللەتنى تاپماق تەس. ئۇلار تۆت ئەسىر مىللى كىملىكىنى قوغداش يولىدا ئۈن-تىنسىز كۈرەش قىلىپ، سانسىز قىرغىنچىلىق، مەجبۇرى ئاسسىمىلاتسىيە، دىن ئۆزگەرتىش، ئۆز يۇرتىدىن تۈركۈملەپ سۈرگۈن قىلىنىشتەك تەقدىرلەرگە يۈزلىنىپمۇ ئۆزىنىڭ تىل ۋە مەدەنىيتىىنى ناھايىتى ياخشى ساقلاپ كېلىش بىلەن بىرگە، ئىسمايىل غاسپىرالى، مۇسا جارۇللا، رىزائىدىن پەخرىدىن، ئابدۇللا توقاي قاتارلىق ئالىملار ۋە سانسىز بىجانىدىل تۆھپىكارلار ئارقىلىق ئەتراپتىكى تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئويغىنىشىغا تۈرتكە بولغان.
    1917-يىلى سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلۇپ، تاتارلار تاتارىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ مىللى كىملىكى قىسمەن كاپالەتكە ئىگە بولغان. 1924-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى «تاتارىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغان ۋە رۇسىيە فىدىراتسىيەسىنىڭ تەركىۋى سۈپىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان؛
    1990-يىلى تاتارسىتان سوۋېتى (جۇمھۇرىيەت پارلامېنتى) «ئىگىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى»نى ماقۇللىغان. 1991-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. ئەمما بىر يېرىم يىلدىن كېيىن قايتىدىن رۇسىيە بىلەن شەرتنامە تۈزۈشۈپ موسكۋا بىلەن تەڭ ھوقۇقلۇق فىدىراتسىيە كېلىشىمىگە قول قويغان.
    نۆۋەتتە تاتارلار رۇسىيەدە رۇسلاردىن قالسا ئىككىنچى چوڭ مىللەت، تاتار تىلى روسىيە فىدىراتسىيەسى تەۋەسىدە رۇس تىلىدىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ تىل بولۇپ، تاتار تىلىدا باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتلار دەرسى ئۆتۈلىدۇ. تاتار تىلىدا گېزىت ژورنال، كىتاپلار نەشىر قىلىنىشتىن سىرت فىلىملەر ئىشلىنىۋاتىدۇ...

  • قىرىمدا تاتار تىلى ئېغىر خەۋپكە دۇچ كەلمەكتە



    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(19.02.2013) خەۋىرى:
    ئوكرائىناغا قاراشلىق قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە ئانا تىل مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.
    قىرىمدا تاتار تىللىق مەكتەپلەرنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن تاتار تىلى يوق بولۇش بوسۇغىسىغا كېلىپ قالدى.
    قىرىملىق ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاران 16%ى ئانا تىلىدا تەلىم-تەربىيە ئالالايدۇ.
    قىرىمدا ئۆسمۈرلەرنىڭ ئانا تىلدا تەلىم-تەربىيە ئېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلالماي كېلىۋاتقان ئوكرائىناغا مەكتەپلىرىنى زامانىۋى ھالەتكە ئۆزگەرتەلىگەن تۈركىيە ياردەم قىلىدىغان بولدى.
    مائارىپچى قىرىم تاتار ئوقۇتقۇچىلار ئۇيۇشمىسى، ئانا تىلدا تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدا كونكرېت قەدەم تاشلاش ئۈچۈن 21-فېۋرالدا خەلقئارا ئاناتىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن قىرىمدا لېكسىيىلەر ئۇيۇشتۇرىدۇ.
    قىرىم تاتار ئوقۇتقۇچىلىرى ئانا تىلدا تەلىم-تەربىيە ئېلىشنىڭ تۈرك دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
    ★★★★★
    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(19.02.2013) خەۋىرى

  • پۈتۈن دۇنيا تاتارلىرى قۇرۇلتىيى تاتارىستاننى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا قىلىپ كىرگۈزۈش ھەققىدە ھەرىكەت قوزغاشنى ئوتتۇرىغا قويغان. رۇسىيىنىڭ «رېگنۇم» ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىدىيە قازاندا چاقىرىلغان 5 - قېتىملىق ئاممىۋى جەمئىيەتلەر قۇرۇلتىيىدا مەيدانغا چىققان.

    پۈتۈن دۇنيا تاتارلىرى قۇرۇلتىيى ھازىر قازاقىستان ۋە ئۇكرائىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تارماقلىرىنى ئاچقان بولۇپ، قۇرۇلتاينىڭ مەقسىتىنىڭ مىللەتنىڭ مىللىي كىملىكى، دىنى ۋە مەدەنىيىتى قاتارلىقلىرىنى قوغداش ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن.
    13 نەپەر ئىجرائىيە كومىتېت ئەزاسى ۋە 28 نەپەر مەركىزىي كومىتېت ئەزاسىدىن تەركىپ تاپقان پۈتۈن دۇنيا تاتارلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئاتاقلىق تاتار زىيالىيسى رىنات زاكىروفتۇر.
    مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت غا كىرىش مەسىلىسى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولۇپ، بىراق، پۈتۈن دۇنيا تاتارلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ ھۆكۈمەتكە مۇنداق تەكلىپ بېرىش ھەتتا ھەرىكەت قوزغاش ئىمكانىيىتى بار ئىكەن.
    تاتارىستان سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ بىر جۇمھۇرىيىتى سۈپىتىدە ئالىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولماقتا. بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەربىي ۋە دىپلوماتىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى ئالىي ھوقۇقلىرى بولمىغاندىن باشقا، ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گىمنى، پرېزىدېنت ئاپپاراتى، پارلامېنتى قاتارلىق دۆلەتچىلىك سىستېمىلىرى مەۋجۇت.

    ئەسلى مەنبەسى : kangsay tori 

  • كىتاب ئىسمى: تاتار ئېلىپبەسى
    سىلاۋىيان (كىرىل)، ئەرەب، لاتىن
    tatar/татар/تاتار
    تۈزگۈچى: بىلمىدۇق
    ھۆججەت شەكلى: PDF
    ئىزاھات: تاتار تىلى تۈركىي تىللارنىڭ بىرى بولۇپ، رۇسىيە فېدىراتسىيەسى تەۋەسىدىكى تاتارىستان، باشقىرتىستان، قىرىم ۋە سىبىرىيە قاتارلىق جايلاردا ئىشلىتىلىدۇ. نۆۋەتتە تاتارلار ئەرەب يېزىقى، سىلاۋىيان يېزىقى ۋە لاتىن يېزىقىنى دائىرىلىك ھالدا تەڭ ئىشلىتىدۇ.

    چۈشۈرۈش 下载

    http://filer.blogbus.com/4929284/resource_4929284_13397403908.pdf

    بىزنى تاتار ئېلىپبەسى بىلەن تەمىنلىگەن birhon تورىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.

  • تور يىلى تور ئېيىنىڭ تور كۈنى سائەت 23 تىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، باۋىرجان (توردىكى لەقىمى «…») تور گورۇھىدا ، ئۆزىدىن چوڭ ھەدىلىرىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان ھەرىكىتى، تور ساقچى تاتار-فىلورە تەرىپىدىن بايقىلىپ ۋاقتىدا تۇتۇلغان.
    يۇقىرىدىكى ھەقىقي ئەھۋاللار باۋىرجاننىڭ ئۆز ئىقرارى ۋە بايانى، گۇۋاھچى تاتار -كاشىفە قاتارلىقلار ئسپاتلايدۇ.
    «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تور گورۇھى بىخەتەرلىك قانۇنى» نىڭ 200-تارمىقىغا ئاساسەن، باۋىرجانغا تور پۇلى 2000 يۈەن، 30 كۈن ۋاقىتلىق قاماققا ئېلىش ۋە 200 پارچە ئۆزىنى تەكشۈرۈشنامە يېزىش جازاسى بېرىشىنى قارار قىلدۇق.
    تور گۇرۇھىنىڭ گۇرۇھ رەھبىرى تاتار، بۇ دېلوغا قارىتا ئەستايدىللىق بىلەن قاتتىق ئويلىنىپ، باۋىرىجاننىڭ خاتالىقىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، خاتالىقنى تۇنۇش، بىلىش، ئۆزگەرتىش روھىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ، باۋىرجاننىڭ ئەدەپسزلىك قىلىش قىلمىشىغا كەڭچىلىك قىلشنى قارار قىلدى ۋە ئۇنىڭغا تىخىمۇ ئەستايدىللىق بىلەن 500 پارچە ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇش تەكشۈرۈشنامىسىنى يېزىش جازاسىنى بېرىشنى بۇيرىدى. ھەم تور ساقچىسى تاتار -فىلورەگە قاراپ تۇرۇپ، جىددىي تۈردە: تېزدىن ئىجرا قىلىنسۇن، ئەگەر ئەستايدىللىق بىلەن تەكشۈرۈشنامە يازمايدىكەن، ئاقىۋىتىگە ئۆزى ئىگە بولىدۇ دەپ پەرمان چۈشۈردى.
    مۇشۇ ۋاقىتتا، بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن باۋىرجان، ئاران تەستە بىر تامچە كۆز يېشى قىلىپ ، رەھبەر تاتارنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ: «مەن، مەن قاتتىق خوشال بولدۇم، سىلەرگە رەھمەت» دېدى.
    يېقىندا ئاڭلىساق، باۋىرجان 250 پارچە يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئاستا-ئاستا يازغۇچىغا ئايلىنشقا باشلىغان، ئۆزىدىكى بۇ ئۆزگىرىشنى ۋاقتىدا بايقىغان باۋىرجان : «مەن ھازىر يازغۇچى بولاي دېدىم، يەنە نېمشقا تەكشۈرۈشنامە يېزىپ، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىمەن؟. ئەمدى مەن ئۆزەمنىڭ [باۋىرىجاننىڭ تاتار تور گورۇھىدىكى سەرسانلىق ئىش-ئىزلىرى] نى يېزىشنى باشلاي » دېگۈدەك.

  • سىبىر خانلىقى


             سىبىر خانلىقى بولسا  16-ئەسىردە ئاسىيا قىتئەسىدىكى سىبىريەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا  قۇرۇلغان تۈركىي-موڭغۇل خانلىق بولۇپ ،1490-يىلى دەسلەپتە كەرەيلەر تەرپىدىن قۇرۇلۇپ،كېيىن خانلىقىنىڭ تەختى  شەيبان(چىڭگىزخاننىڭ نەۋرسى،باتۇنىڭ ئىنىسى،جۇچىنىڭ بەشىنچى ئوغلى) جەمەتنىڭ ئەۋلادلىرى تەرپىدىن تارتېۋېلىنغان .ئاھالىسى ئاساسلىقى  تاتار،نېنېت،مانسى،قانتى قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان.سىبىر خانلىقىنىڭ ئورنى تەخمىنەن ئوب دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى بىلەن توبول دەرياسىنىڭ ئارلىقىغا توغرا كېلىدۇ.سىبىر خانلىقى 1490-يىلدىن1582-يىلغىچەجەمىئىي   92يىل مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان.سىبىر خانلىقىنىڭ ئاھالىسى ئەسلىدە شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ كېيىن ئىسلام دىنىغا كىرگەن،ئاساسلىق تىلى سىبىريە تاتار تىلى بولغان،ئاستەنىسى چىڭگىتۇرا(ھازىرقى تيۇمېن).

  •