ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك تارىخىغا قوشقان

يوللانغان ۋاقتى:24-01-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابدۇرېشىت ئېلى   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
مەملىكىتىمىزنىڭ ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئۇنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى مول. بۇ خىل قىممەتلىك خىزمەتنى ئېلى

  ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك تارىخىغا قوشقان تۆھپىسىدىن بىر نەچچە مىسال

غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر

مەملىكىتىمىزنىڭ ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئۇنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى مول. بۇ خىل قىممەتلىك خىزمەتنى ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە ئىشلەپ چىققان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىمىز ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك ساھەسىدە ئىشلىگەن ئىشلىرىنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. ئۇ ۋەتىنىمىزنىڭ سەلتەنەتلىك ئەدەبىيات خەزىنىسىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
جۇڭگو تەرجىمىچىلىك تارىخى ۋە بەزى يەككە ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى ھەققىدە ئېلىمىز ئاپتورلىرى ئىزدىنىشلەردە بولۇپ، مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئەمما، بەزىلەردە پەقەت خەنزۇ تىلىدىكى تەرجىمىنىلا ئېتىبارغا ئالىدىغان بىر تەرەپلىمە كۆزقاراش ساقلىنىپ كەلمەكتە.
مەن ئەمەلىي سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئەينى چاغلاردا ئېلىمىزدە باشقا تىللاردا تەرجىمىسى ئىشلەنمىگەن، ئەمما ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بىر قىسىم ئەسەرلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكنىڭ جۇڭگو تەرجىمىچىلىك تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.
1. «ئىزوپ مەسەللىرى»نىڭ تەرجىمە قىلىنىشى
«ئىزوپ مەسەللىرى» يۇنان خەلقىنىڭ قىممەتلىك ئەدەبىيات يادىكارلىقى، ئۇ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 6 – ئەسىرلەردە قۇللۇقتىن ئازادلىققا ئېرىشكەن ئىزوپ تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىشقا باشلىغان.
«ئىزوپ مەسەللىرى» دۇنياغا كەلگەندىن باشلاپلا دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىغا تارقىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
بىز ئېلىمىزنىڭ يىراق تارىخىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، «ئىزوپ مەسەللىرى»نىڭ قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىلا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى بىلەلەيمىز.
1902 -، 1903 – يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق پروسىيە تۇرپان ئارخېئولوگىيە ئەترىتى تەرىپىدىن قوچۇ شەھەر خارابىسىدىن «ئىزوپ مەسەللىرى»نىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمە پارچىلىرى تېپىلغان.
دېمەك، «ئىزوپ مەسەللىرى»نىڭ 1625 – يىلى خەنزۇ تىلىغا قىلىنغان تەرجىمىسى تولۇق تەرجىمە بولماي، بېلگىيەلىك بىر كىشى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان 22 پارچە مەسەلدىن ئىبارەت تولۇقسىز نۇسخىسىدۇر.
ئەمەلىي پاكىتلارغا قاراپ شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، «ئىزوپ مەسەللىرى»نى ئەڭ بۇرۇن جۇڭگو تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ، ئېلىمىز كىتابخانلىرىغا تونۇشتۇرغۇچىلار ئۇيغۇرلار بولغان.
2. پارس تىلىدا يېزىلغان بىر قىسىم ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشى
بىز ئېلىمىز جۇڭگونىڭ بىر پۈتۈن تارىخىغا ئەتراپلىق نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلار خېلى بۇرۇنلا پارس تىلىدا يېزىلغان بىرمۇنچە نادىر ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، كىتابخانلارغا تونۇشتۇرغان.
پارس تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى «گۈلىستان» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
14 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ساراي شەھىرىدە ياشىغان، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىنى مىسىردا ئۆتكۈزگەن ئالىم ۋە ئەدىب سەيفى ساراي 1391 – يىلى «گۈلىستان»نى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان. سەيفى ساراي باشقا مەملىكەتتە ياشىغان ۋە بۇ تەرجىمىنى چەت ئەلدە تاماملىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تەرجىمىدە شۇ زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر ۋە باشقا خەلقلەر تەرىپىدىن ئەدەبىي تىل سۈپىتىدە قوللىنىلىۋاتقان چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى قوللانغانلىقى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت چەمبىرىكىنى بېيىتىشتا رولى چوڭ ئىكەنلىكىگە كۆز يۇمىدىغانلار بولمىسا كېرەك.
سەيفى ساراينىڭ «گۈلىستان» دۇنياغا كېلىپ، 100 يىلدىن كېيىن، ئۇنى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىشى، دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ تەرجىمە تارىخىدىمۇ كاتتا خىزمەت ھېسابلىنىدۇ.
بىز بۇ ئەسەرنىڭ دۇنيادىكى بىرمۇنچە چوڭ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
«گۈلىستان»نىڭ 1634 – يىلى فىرانسۇز تىلى، 1651 – يىلى لاتىن تىلى، 1654 – يىلى نېمىس تىلى، 1806 – يىلى ئىنگلىز تىلى، 1873 – يىلى ئىالىيان تىلى ۋە تۈركىيە تۈرك تىلى، 1876 – يىلى پولەك تىلى، 1882 – يىلى رۇس تىلىدىكى تەرجىمە نۇسخىسى دۇنياغا كەلگەن. كېيىنچە بەزى تەرجىمە نۇسخىلار تەكرار بېسىلغان. دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىرغىچە بۇ كىتابنىڭ گوللاند، رومان، چېخ، ياپون، ھىندى، ئوردۇ، پۇشىت قاتارلىق مىللەتلەر تىللىرىدىكى تەرجىمە نۇسخىلىرى بارلىقى مەلۇم.
دېمەك، دۇنيادىكى بىرمۇنچە چوڭ تىللارغا سېلىشتۇرغاندا، «گۈلىستان» چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا خېلى قەدىمكى دەۋردە تەرجىمە قىلىنغان.
خۇراسان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ھىراتتا ياشىغان ئۇيغۇر شائىرى ئەبەيدۇللا لۇتفى (1366 — 1465) ئۆز دەۋرىنىڭ ئاتاقلىق تارىخچىسى شەرىپىدىن ئەلى يەزرىنىڭ «زەپەرنامە» دېگەن ئەسىرىنى پارسچىدىن 1425 – يىلى ئۇيغۇر تىلىغا مەسنەۋى شەكلىدە تەرجىمە قىلىپ تاماملىغان. مەنبەلەردە بۇ كىتابنىڭ 10 مىڭ مىسرادىن ئارتۇق ئىكەنلىكى سۆزلىنىدۇ.
«شاھنامە»نىڭ تەرجىمە قىلىنىشى
«شاھنامە» — تاجىك – پارس شائىرى ئوبۇلقاسىم فىردەۋىسى (934 — 1025)نىڭ تارىخىي ئېپوسى. ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇش دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە تارىخى، جۈملىدىن مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم ھادىسىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
بىز ئۇيغۇر تەرجىمە ئەدەبىياتىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، «شاھنامە»نىڭ ناھايىتى بۇرۇنلا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى بىلەلەيمىز.
«شاھنامە» قارا خانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىلا قەشقەر ئۇيغۇرلىرىغا تەسىر قىلغان، كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنى يېزىشتىن بۇرۇن «شاھنامە»نى پىششىق ئوقۇپ چىققان، دەپ قارىشىدۇ.
ئېنىق پاكىتلارنى كۆرسەتسەك مۇنداق: «شاھنامە» 18 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەينى دەۋردىكى ئالتە شەھەر خانلىقىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر خانى خوجا جاھان ئەرشى (1685 — 1756)نىڭ تەشەببۇسى بىلەن پارس نەزمى مەنىدىن ئۇيغۇر تىلىغا نەسرىي شەكىلدە تەرجىمە قىلىش باشلانغان. بۇ ئىش تالانتلىق ئەدىب ۋە تەرجىمان شاھ مۇھەممەد ئىمىن ئاخۇن (تەخەللۇسى شاھ ھىجران) ئىبنى خوجانىزامىدىنغا تاپشۇرۇلغان. شاھ ھىجران زور شىجائەت بىلەن بۇ ئىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ئەينى دەۋردىكى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى تۈپەيلىدىن بۇ خىزمەتنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان. موللاخامۇشاخۇن يەركەندنىڭ ئەسلەتمە بېرىشىچە ئاخۇن موللاشاھ ھىجران يەركەن شەھىرىدە «شاھنامە»نىڭ كۆپ قىسمىنى تەرجىمە قىلىپ بولغان ۋە بۇ «تۈركىي شاھنامە» ئەتراپقا تونۇلۇپ، شۆھرەت قازىنىۋاتقان بىر چاغدا بىرمۇنچە باشباشتاق كىشىلەر تاغ ئىچىگە يىغىلىپ، بىرىنى ئۆزىگە سەردار قىلىپ، پايتەخت يەكەنگە بېسىپ كىرگەن. شۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلگەن. شاھ ھىجرانمۇ ئاشۇ ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ تەرجىمىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىپ زايە بولغان. يەنە بىر قىسمى پارچە – پارچە ھالەتتە خەلق ئىچىگە تارقىلىپ كەتكەن.




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار