1780 – يىلىغا كەلگەندە ئەمىر مەئدىيار ناملىق يەنە بىر ھۆكۈمدارنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن موللاخامۇشاخۇن يەركەند شاھ ھىجراننىڭ تەرجىمىلىرىنى رەتلەش ۋە كەم قىسمىنى تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەن. موللاخامۇشاخۇن يەركەندى شاھ ھىجران ئىشلىگەن تەرجىمىنى رەتلەپ، بىر كىتاب قىلغان. ئۆزىنىڭ تەرجىمىلىرىنى يەنە بىر كىتاب قىلغان. خامۇشاخۇن ئۆز تەرجىمىسىگە كىرىشتىن بۇرۇن شاھ ھىجرانغا ۋە ئۇنىڭ تەرجىمىلىرىگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىدۇ. شاھ ھىجراننىڭ ئۆلۈمىنى ناھايىتى قايغۇلۇق ھېسسىياتى بىلەن بايان قىلىدۇ. ئاندىن ئۆزىنىڭ بۇ ئەسىرىنى «بىجەن نەۋ جۇۋان» داستانىدىن باشلاپ «ئىسكەندەرنامە»نىڭ ئاخىرىغىچە تەرجىمە قىلغانلىقىنى ئېنىق ئېيتىدۇ. خامۇشاخۇن ئۆز تەرجىمىسىنىڭ ئاخىرىغا ئېلاۋە قىلغان بىر شېئىرىدا ئىككىنچى كىتابنىڭ تەرجىمىسى ھىجرىيە 1211 – يىلى مۇھەررەم ئاينىڭ 10 – كۈنى تامام بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ ۋاقىت مىلادى 1796 — 1797 – يىللارغا توغرا كېلىدۇ. يۇقىرىدىكى ئىككى نەپەر تالانتلىق ئەدىبىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك جاپالىق ئىلمىي ئەمگەكلىرى نەتىجىسىدە «شاھنامەئى تۈركىي» ناملىق بۇ زور ھەجىملىك نەسرىي ئەسەر ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن. دېمەك، جۇڭگو كىتابخانلىرىغا «شاھنامە» تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇلغان يىل 18 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى شاھ ھىجراننىڭ تەرجىمىسى ۋە 1796 — 1797 – يىللىرى تاماملىغان موللا خامۇشاخۇن يەركەندنىڭ تەرجىمىسى ئەڭ دەسلەپكى تەرجىمە ھېسابلىنىدۇ. ھاپىز شىرازى (1300 — 1390)نىڭ ئەسەرلىرىمۇ خېلى ئىلگىرىلا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان. يەركەن خانلىقى (1514 — 1678) نىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ئۆتكەن قەشقەرلىك ئەدەبىي تەرجىمان زىلەيخا بېگىم (؟1606 — ؟) «چوڭ ئىشان ئاپاق خوجا (1626 — 1692 – يىللارغىچە ياشىغان)نىڭ ئانىسى» تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرقىمە قىلىنغان. ھازىر ئۇنىڭ ئون پارچە غەزىلى دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن. «چاھار دەرۋىش» — بۇ ھىندىستاندا ياشىغان تۈركىي شائىر ئەمىر خۇسرەۋ دىھلىۋى (1242 — 1325)نىڭ ئەسىرى بولۇپ، ئۇنى خوجا ياقۇپ يەركەندى 1800 – يىلى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان. «تارىخىي رەشىدى» — بۇ قەشقەرلىك ھەربىي ئەمەلدار ۋە تارىخشۇناس مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر (1500 — 1551)نى ڭكەشمىردە 1541 — 1546 – يىللىرى پارس تىلىدا يېزىپ چىققان ئەسىرى بولۇپ، ئۇ ئەسلى شىنجاڭ، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا بېغىشلىنىپ يېزىلغان. بۇ كىتاب كۆپ قېتىم شىنجاڭدا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. دەسلەپ، قەشقەردە ھاجى يۈسۈپ ئىبنى موللا ھوشۇر خەلپەم 1750 – يىلى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان؛ نامەلۇم بىر تەرجىمان خوتەندە 1845 – يىلى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان؛ يەنە موللا مۇھەممەد نىياز بىن ئابدۇغوپۇر ئالدىنقى ئەسىرلەردە ۋە مۇھەممەد سادىق كاشغەرى (1721 — 1849)لەر تەرىپىدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا قايتا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. «يۈسۈپ – زۇلەيخا» — بۇ تاجىك – پارس شائىرى ئابدۇراخمان جامىنىڭ داڭلىق ئەسىرى بولۇپ، ئۇ 1755 – يىلى «تەرجىمەئى يۈسۈپ – زۇلەيخا جامى» دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. «قابۇسنامە» — 11 – ئەسىردە ياشىغان شەمسۇلمائالى قابۇسنىڭ ئەسىرى بولۇپ، 1787 – يىلى مۇھەممەد سىدىق تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. «ھېكايەتى ھۆرىلىقا» — بۇ كىتاب 18 -، 19 – ئەسىردە قەشقەردە ياشىغان موللا توختىنىياز بىننى موللا مۇھەممەد تۆمۈر تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. «ئىسكەندەرنامە» — بۇ ئەزەربەيجان شائىرى نىزامى گەنجىۋىنىڭ پارس تىلىدا يازغان ئەسىرى بولۇپ، 18 -، 19 – ئەسىرلەردە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. «ئاجايىبۇل مەخلۇقات»نى 1835 – يىلى موللا مۇھەممەد ھەسەن مۇتىۋەللى ئاخۇنۇم ئاقسۇدا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان. قەشقەرلىك داڭلىق شائىر ناقىس (1840 — 1920) شەيىخ غىنايتۇللا (؟ — 1677) نىڭ «باھاردانىش» ناملىق رومانىنى تەرجىمە قىلىپ، ئۇنىڭغا «گۈلزار بىنىش» (تىكەنسىز گۈلزار) دەپ نام بەرگەن. «مۈشۈك بىلەن چاشقان» — بۇ ئۇبەيد زاكانى يازغان ئەسەر بولۇپ، 18 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى 19 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشىغان قەشقەرلىك شائىر نورۇز ئاخۇن زىيائى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان. يۇقىرىقىلاردىن باشقا «داستانى سەيفۇل مۈلۈك»، «داستان مالىك ئەجدەر»، «زەپەر نامەئى بۇزۇرۇج مېھىر»، «داستانى مېھىرمان» قاتارلىق مۇئەللىپلىرى بىزگە نامەلۇم بولغان ئەسەرلەر، نامەلۇم ئۇيغۇر تەرجىمانلىرى تەرىپىدىن 18 -، 19 – ئەسىرلەردە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئاخىرىدا قسىتۇرۇپ ئۆتىدىغان بىر مەسىلە بار. ئۇيغۇرلار بىلەن تاجىك – پارسلار قوشنا خەلقلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالاقىسى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. بۇ ئىككى خەلق قەدىمدىن بېرى مەدەنىيەت جەھەتتە قويۇق ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن. بۇ خىل ئالاقە كۆپرەك تىلدا ئىپادىلەنگەن. قارا خانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ دۆلەت تېررىتورىيەسىدە مەمۇرىي ئالاقىلەردە ئىشلىتىلىدىغان تىللار قاتارىدا تاجىك – پارس تىلىمۇ قوللىنىلغان. 10 – ئەسىرلەردە ئۆتكەن تۈركىي كىشى ئەيلاقىغا ئوخشاش بىرمۇنچە ئۇيغۇر – تۈركىي ئەدىبلەر، ئالىملار پارس تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان. پارس تىلىدا ئەسەر يېزىش ئەنئەنىسى 20 – ئەسىرگىچە داۋاملاشقان. نۇرغۇن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى پارس تىلىنى ئۆز ئانا تىلىنى بىلگەندەك پىششىق ئىگىلىگەن. 3. «كەلىلە ۋە دېمىنە»نىڭ تەرجىمىسى «كەلىلە ۋە دېمىنە»نىڭ ئەسلىي نامى «بەشنامە» (قەدىمكى ھىندى تىلىدا «پەنجە تانتارا» دېيىلگەن، ئىلگىرىكى ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەردە «پەنجە پۈتۈك» دېيىلگەن) بولۇپ، ئۇ ھىندىستان خەلقىنىڭ مەشھۇر كىلاسسىك ئەسىرى. مىلادى 750 – يىلىنىڭ ئالدى – كەينىدە ئابدۇللا ئىبىن مۇقەففا دېگەن كىشى بۇ كىتابنى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلغان ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ كىتاب «كەلىلە ۋە دېمىنە» دېگەن نام بىلەن دۇنياغا تارقىلىپ، ناھايىتى چوڭ تەسىر پەيدا قىلغان. ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا «بەشنامە»دىكى چۆچەكلەر بۇددا دىنىنىڭ كىرىشىگە ئەگىشىپ، غەربىي يۇرت ئارقىلىق يېتىپ بارغان بولۇپ، ئۇنىڭ تارقىلىشى ئاز كەم 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە. تارىم ۋادىسىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەر ئارىسىغىمۇ بۇددا دىنىنىڭ كىرىپ كېلىشى بىلەن «بەشنامە»دىكى چۆچەكلەرمۇ كىرىپ كەلگەن. قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە «بەشنامە» قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەرجىمە پارچىلىرى دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن. |