ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدىكى تېما ، پىرسۇناژ ۋە پىرسۇناژلار مۇناس

يوللانغان ۋاقتى:03-03-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابدۇرېشىت ئېلى   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدىكى تېما ، پىرسۇناژ ۋە پىرسۇناژلار مۇناسىۋىتىدىن شەھەر ئەدەبىياتىنىڭ مۈمكىنچىلىگىگە بىر نەزەر

 ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدىكى تېما ، پىرسۇناژ ۋە پىرسۇناژلار مۇناسىۋىتىدىن شەھەر ئەدەبىياتىنىڭ مۈمكىنچىلىگىگە بىر نەزەر


مۇھەممەد ھوشۇر

 

1979–يىلىدىن 2002–يىلىغىچە بولغان 24 يىللىق 288 سان «تارىم» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان 1434 پارچە پروزا ئەسىرى(بۇنىڭ ئىچىدە ھېكايە 1233 پارچە، پوۋېست 174 پارچە، رومان بۆلىكى 27 پارچە)گە قارىتا تېما ۋە پىرسۇناژ نۇقتىسىدىن تەھلېل ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى شەھەرنى يېزىش ئىمكانىيىتىگە قارىتا بىر تونۇش ھاسىللاشنى مەقسەت قىلىدۇق.
1979–يىلىدىن2002-يىلىغىچە بولغان «تارىم» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان 1434 پارچە پروزا ئەسىرىنى تېما ۋە پىرسۇناژ دائىرسىدە ستاتىستىكا قىلغاندا، مۇشۇ مەزگىللەردە ئەڭ كۆپ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تۇرمۇش—يېزا تۇرمۇشى، ئەڭ جىق تەسۋىرلەنگەن ئوبراز — دېھقانلار ئوبرازىدۇر. بۇنى تۆۋەندىكى ئىككى جەدۋەلدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن:
جەدىۋەل : A 24 يىللىق پروزىنىڭ تېما دائىرسى
ۋاقت
تېما 1979~1986 1987~1994 1995~2002 ئوتتۇرىچە
يېزا تېمىسى %50.1 %47.2 %49.5 %48.9
شەھەر تېمىسى %31.6 %41.9 %42.4 %38.66
سانائەت تېمىسى %12.2 %4.1 %1.8 %6
باشقىلار %6.1 %6.8 %6.3 %6.4

جەدىۋەل: B 24يىللىق پروزىىدكى ئالدىنقى بەش خىل ئوبراز
دەۋر
تەرتىپ 1980-1986يىللار 1987–1994يىللار 1995–2002يىللار
1 دېھقانلار مەمۇرىي ئەمەلدارلار دېھقانلار
2 مەمۇرىي ئەمەلدارلار دېھقانلار مەمۇرىي ئەمەلدارلار
3 ئىشچىلار خىزمەتچىلەر خىزمەتچىلەر
4 ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتقۇچىلار
5 خىزمەتچىلەر سودىگەرلەر ستۇدىنتلار
بىز بۇلاردىن يەنە مۇنداق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىمىز.
بىرىنچى، 24 يىللىق پروزا ئەسەرلىرىدە يېزا تېمىسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، مىقدار جەھەتتە ئاساسەن بىر ئىزچىللىقنى ساقلىغان. شۇنىڭغا ماس ھالدا دېھقانلار ئوبرازىمۇ ئەڭ كۆپ تەسۋىرلەنگەن.
ئىككىنچى، شەھەر تېمىسىدىكى ئەسەرلەر ئاستا– ئاستا ئېشىش ھالىتىدە تۇرغان، ئەكسىچە سانائەت رايونلىرى تېمىسىدىكى ئەسەرلەر ئازىيىپ بارغان. باشقا تېمىلار تارىخىي، ھەربىي،فانتازىيىلىك تېمىلاردا ئۆزگىرىش ئانچە زور بولمىغان.
ئۈچىنچى، دېھقانلار ئوبرازىدىن قالسا مەمۇرىي ئەمەلدارلار، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، ئوقۇتقۇچىلار 24 يىللىق پروزىمىزنىڭ دائىملىق دىققەت مەركىزى بولغان.
«تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2003–يىللىق 1– سانىدا «شەھەر ۋە ئەدەبىيات» ناملىق بىر سۆھبەت خاتىرىسى ئېلان قىلىندى. بۇ سۆھبەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاساسلىق نۇقتىئىنەزىرى: ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن يېزا تۇرمۇشىنى كۈچەپ يېزىشتىن ئىبارەت ئاساسىي مۇقامنى ئۆزگەرتىپ، شەھەر تۇرمۇشىغا، بولۇپمۇ چوڭ شەھەرلەرنىڭ تۇرمۇشىغا دائىر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ مەيدانغا كەلتۈرۈش كېرەك.
بىلىنىپ تۇرۇپتۇكى، يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنىڭ باشقا تېمىدىكى ئەسەرلەردىن جىق بولۇشى مىللىي پروزىچىلىقىمىزدىكى بىر ئومۇمىي ھادىسە. مېنىڭچە، بۇ خىل ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىدە تەركىۋىمىزدىكى دېھقانلار نوپۇسىنىڭ كۆپلۈكىدىن باشقا يەنە مۇنداق ئىككى سەۋەب بولۇشى ئېھتىمال: بىرى ئىجادكارلارنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشى. ئانچە تولۇق بولمىغان ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، »تارىم«نىڭ دائىملىق ئاپتورلىرىدىن 114 كىشىنىڭ ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ قىرىق توققۇزى دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئومۇمىي سانىنىڭ تەخمىنەن قىرىق ئۈچ پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت يېزا ئىگىلىك رايونىدا ياشاۋاتقاچقا، ئىجادىيىتىدە تەبىئىيلا بۇنداق رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىن ئۆزىنى تارتالمايدۇ. يەنە بىرى، ئىجادىيەتتىكى «قولايلىق». بۇ خىل تېمىنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبەتەن ئوڭاي. گەرچە بۇنداق دېيىش بىرئاز بىمەنىلىكتەك تۇيۇلسىمۇ، لېكىن ئەڭ بولمىغاندىمۇ بىر قىسىم يازغۇچىلىرىمىز )مەيلى ئۇلار چوڭ شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشسۇن( ئۈچۈن ئەمەلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداق. چۈنكى، شەھەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، يېزىلارنىڭ ماددىي ھەم مەنىۋى قىياپىتىدە ھامان مۇئەييەن تۇرغۇنلۇق ۋە تېيىزلىق مەۋجۇت. دېھقانلار تۇرمۇشىنىڭ ئاددىيلىقى، ئاڭ– تەپەككۇرىنىڭ چەكلىمىلىكلىكى ئەسەر تېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى، قېلىپلىشىشى، گەۋدىلىنىشىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىن ئەتكەن بولۇپ، شەھەردىكى كۆپ مەنبەلىك، ئۆزگىرىشچان، مۇرەككەپ تۇرمۇش مەنزىرىسىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇنى ئاسان ئىگىلىگىلى ھەم خۇلاسىلىگىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئىنتايىن ئاز ساندىكى يازغۇچىلىرىمىزلا يېزا تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەشتە ئۆزگىچە يول تۇتقاندىن سىرت،ۆكپلىرىدە كونا مۇقام تەكرارلانماقتا.
114 ئاپتورنىڭ ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئەللىك بىر نەپىرى ئوقۇتقۇچىلىق تارىخىغا ئىگە بولۇپ، ئومۇمىي سانىنىڭ تەخمىنەن %45 تىنى ئىگىلەيدۇ. ئوقۇتقۇچىلار جەمئىيىتىمىزدىكى ئەڭ زور كەسپىي قوشۇن. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىمىزدە ئىگىلىگەن نىسبىتىدىن كۆپ ئەجەبلىنىش ھاجەتسىز. لېكىن، مەمۇرىي ئەمەلدارلارنىڭ پروزىمىزدا دېھقانلاردىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ ئوبراز بولۇشى بىزنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ. بەلكىم بۇ پەقەت ۋە پەقەت بىزنىڭلا ئەدەبىياتىمىزدىكى بىر خاسلىقتۇر. ئۇنىڭ بەلگىلىك تارىخىي، ئىجتىمائىي سەۋەبلىرىدىن باشقا يەنە مۇئەييەن مەدەنىيەت ۋە پسىخىك ئاساسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھادىسىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
لېمۇن ۋىليامىس «زامانىۋىلىققا ئىنتىلىش» دېگەن كىتابىدا: «ھازىرقى غەرب يازغۇچىلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىدا پەقەت شەھەرلا بار، شەھەرنىڭ سىرتىدىكىسى ياۋايىلىق ۋە نادانلىق؛ شەھەر قانچىلىك گۈزەل ياكى رەزىل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر ئۇ بولمىسا دۇنيامۇ مەۋجۇتلۇقىدىن قالىدۇ» دېگەنىكەن. ئۇنىڭ بۇ قارىشى بىزگە نىسبەتەن چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بىراق، ياۋروپا ئەدەبىياتىنىڭ 19– ئەسىردىن بېرى ئىزچىل پارىژ، ۋىنا، لوندون، بېرلىن، پراگا قاتارلىق چوڭ شەھەرلەر تۇرمۇشىنى مەنبە قىلغانلىقىدەك پاكىتنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك. ئەگەر مۇشۇ بىرقانچە شەھەر بولمىغىنىدا ھەقىقىي مەنىدىكى غەرب ئەدەبىيات سەنئىتىمۇ يوق بولىدۇ.
يازغۇچى چيۇ خۇادوڭ يېقىندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن:«مېنىڭچە، لۇشۈندىن مويەنگىچە يۈز يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىكى خەنزۇ ئەدەبىياتىدا، بۇ بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر يازغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىقى يېزا ۋە يېزا ئىگىلىك جەمئىيىتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. لېكىن، كەلگۈسىدىكى خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ ئېشىش نۇقتىسى — شەك شۈبھىسىزكى، شەھەر ئەدەبىياتىدۇر. كېيىنكى جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى ۋە سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغانلار مۇقەررەركى ئىجادىيىتىدە شەھەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ بۈگۈنكى جۇڭگولۇقلارنىڭ روھىي قىياپىتىنى سىزىپ چىقالىغان يازغۇچىلاردۇر.»




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار