ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدىكى تېما ، پىرسۇناژ ۋە پىرسۇناژلار مۇناس(2)
يوللانغان ۋاقتى:03-03-2014
مەنبە: Tarimweb.com
مۇھەررىر: ئابدۇرېشىت ئېلى
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
رايونىمىزدا شەھەر ئاز، ھەقىقىي شەھەر تېمىسىدا يېزىلغان ئەسەرلەر تېخىمۇ ئاز. ماقالىمىزدا تىلغا ئېلىنغان شەھەر
رايونىمىزدا شەھەر ئاز، ھەقىقىي شەھەر تېمىسىدا يېزىلغان ئەسەرلەر تېخىمۇ ئاز. ماقالىمىزدا تىلغا ئېلىنغان «شەھەر تېمىسىدىكى ئەسەرلەر» ئاساسەن ناھىيە بازىرى ۋە شۇنىڭغا يېقىنراق جايلاردىكى مائاشلىقلار قاتلىمىنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، چوڭ شەھەر ھەققىدە يېزىلغانلىرى ساناقلىقلا. بىز ئەدىپلىرىمىزنىڭ يېزا– قىشلاق، دېھقان– چارۋىچىلار توغرۇلۇق قەلەم تەۋرىتىشنى ئىنكار قىلمايمىز. بىراق، نۆۋەتتە جەمئىيىتىمىز شەھەر مەدەنىيىتى يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتكەن بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىگە قاراپ سىلجىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدىغىنى، يەنىلا كەڭ زىيالىيلاردىن ئىبارەت، شۇڭلاشقا بۈگۈنكى پروزىمىز يالغۇز ئەمەلدار، ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچى قاتارلىق ئاز ساندىكى كىشىلەر توپىنىلا ئەمەس، بەلكى ئەدلىيە، قانۇن، ئىقتىساد، تەنتەربىيە، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ مول جەمئىيەت ئەزالىرىنى ئۆزىنىڭ تەسۋىرلەش ئوبيېكتى قىلىشى، زىيادە مەركەزلىشىش، بىر قۇتۇپقا ئېغىش خاھىشىدىن ساقلىنىشى لازىم.
2. پېرسوناژلار مۇناسىۋىتى ۋە تېما قۇرۇلمىسى
جەدىۋەل C : 24يىللىق پروزا ئەسەرلىرىدىكى ئالدىنقى تۆت خىل پىرسۇناژلار مۇناسىۋىتىگە نەزەر
ۋاقت
تەرتىپ 1979~1986 1987~1994 1995~2002 ئوتتۇرىچە
1 ئاتا–بالا ئەر–خوتۇن ئاتا–بالا ئاتا–بالا
2 باشلىق–پۇقرا ئاتا–بالا ئەر–خوتۇن ئەر–خوتۇن
3 ئەر–خوتۇن ئاشىق–مەشۇق باشلىق–پۇقرا باشلىق–پۇقرا
4 ئاشىق–مەشۇق باشلىق–پۇقرا ئاشىق–مەشۇق ئاشىق–مەشۇق
جەمئىي %54 %49 %59 %57
جەدىۋەل D : 24يىللىق پروزىدىكى ئالدىنقى بەش تېما
1979~1986 1987~1994 1995~2002 ئوتتۇرىچە
1 سىياسى، ئىقتىسادىي ئەخلاق–پەزىلەت ئەخلاق–پەزىلەت ئەخلاق–پەزىلەت
2 ئەخلاق–پەزىلەت مۇھەببەت، نىكاھ مۇھەببەت، نىكاھ مۇھەببەت، نىكاھ
3 مۇھەببەت، نىكاھ خىزمەت ئىستىلى خىزمەت ئىستىلى خىزمەت ئىستىلى
4 پارتىيە،خىزمەت ئىستىلى تەربىيە–مائارىپ سىياسى، ئىقتىسادىي سىياسى، ئىقتىسادىي
5 ئەمگەك سىياسى،ئىقتىسادىي تەربىيە–مائارىپ تەربىيە–مائارىپ
جەمئىي %81 %83 %83 %78
بىرىنچى، يىگىرمە تۆت يىللىق پروزا ئەسەرلىرىمىزدە پېرسوناژلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاتا– بالا، ئەرخو–تۇن، باشلىق –پۇقرا، ئاشىق– مەشۇقتىن ئىبارەت مۇشۇ تۆت خىل مۇناسىۋەت شەكلى بىز بايقىغان 20 دىن ئارتۇق مۇناسىۋەت تۈرىدە %60 كە يېقىن ئورۇن ئىگىلىگەن.
ئىككىنچى، ئەخلاق–پەزىلەت، مۇھەببەت– نىكاھ تېمىسىدىكى ئەسەرلەرلا پۈتكۈل پروزىمىزنىڭ %50 تىن ئارتۇقىنى تەشكىل قىلىدۇ.
ئۈچىنچى، ئەسەرلەردىكى پېرسوناژلار مۇناسىۋىتى بىلەن تېما قۇرۇلمىسى ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن باغلىنىش مەۋجۇت. چۈنكى، جەدۋەل c دىكى تۆت خىل مۇناسىۋەت تېگى– تەكتىدىن ئېيتقاندا، قويۇق ئەخلاقىي تۈسكە ئىگە بولۇپ، پروزىمىزدىكى ئەخلاقىي– پەزىلەت، مۇھەببەت– نىكاھ، تېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
دېمەك، ئەخلاقىي– پەزىلەت ۋە مۇھەببەت– نىكاھ مەسىلىلىرى 24 يىللىق پروزا ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسىي مېلودىيىسىگە ئايلانغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىكى كۈچلۈك ئەخلاقىي سېزىم ۋە مەركەزلەشكەن تۇرمۇش قارىشىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇلار ئىزچىل ھالدا ئەخلاقىي ئاقارتىشنى ئۆزلىرىنىڭ بىرىنچى بۇرچى ھېسابلىغان ھەمدە ئەر– ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات ۋە ئائىلە مۇناسىۋىتىنى پۈتكۈل كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ يادروسى دەپ ئويلىغان )بۇ ھۆكۈم ئەڭ بولمىغاندىمۇ «تارىم» دا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر ئۈچۈن كۈچكە ئىگە. بۈگۈنكى پروزا ئەسەرلىرىمىزدە گەۋدىلەنگەن بۇ خىل روھ بىزگە ئىختىيارسىز كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا ئەڭ كۆپ ئىپادىلەنگەن پەندى– نەسىھەت، ئىشقى– مۇھەببەت تېمىلىرىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ نۇقتىدا بىز بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ بىر خىل تارىخىي ئىزچىللىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلساق، يەنە بىر تەرەپتىن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنىڭ تېما جەھەتتە تېخىچە ئۆز– ئۆزىدىن ھالقىپ چىقالمايۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.
ھازىرقى جەمئىيەت تولۇق ئېچىۋېتىلگەن بىر سېستىما بولۇش سۈپىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئىدىيە ۋە قىممەت قارىشىدا ئاسمان– زېمىن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرمەكتە. ئىلگىرىكى نۇرغۇنلىغان كونا ئەخلاق رامكىلىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتتى. بىزگە دانىشمەنلەرچە نەسىھەت ياكى پاش قىلىش تىپىدىكى ئەسەرلەرلا ئەمەس، بەلكى يەنە ھاياتلىقنىڭ ماھىيىتى، ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە تېخىمۇ تىرەن، تېخىمۇ ئەتراپلىق تەپەككۇر يۈرگۈزىدىغان ئەسەرلەر كېرەك.
|
ھالقىلىق سۆزلەر :
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------