![]() ئاپتورى: غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر
مەن »شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى«نىڭ 2003-يىللىق 2-سانىدا »شېئىرىي رومان ھەققىدە ئويلىغانلىرىم« ناملىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان ئىدىم. كېيىن بەزى كەسىپداشلارنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن بۇ ماقالىدىكى ئايرىم قاراشلارنى يەنىمۇ ئىلمىيلاشتۇرۇپ »شېئىرىي رومان ھەققىدە مۇلاھىزە« ماۋزۇسى بىلەن »شىنجاڭ گېزىتى«نىڭ 2004-يىل 12-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى »گۈلشەن بېتى«دە قايتا ئېلان قىلدۇردۇم. ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى پەيدا قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە »شىنجاڭ گېزىتى«نىڭ 2004-يىل 12-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى »گۈلشەن بېتى«دە ئېلان قىلىنغان »شېئىرىي رومان ھەققىدە« ناملىق ماقالىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى »شېئىرىي رومان«دىن ئىبارەت مەزكۇر »ژانىر« توغرىسىدا ئۈنۈملۈك ھەم ئىلمىي مۇھاكىمىنىڭ يەنە بىر قېتىم رەسمىي باشلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى دېيىشكە بولىدۇ. مەلۇمكى، مۇنازىرە-مۇھاكىمە ئىلمىيلىكنى ئاشۇرىدىغان بىر خىل ئۇسۇل. دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىختىرا ۋە كەشپىياتلار مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرىلەر ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. شۇڭا، بۇنداق مۇھاكىمىلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللاش ۋە ئۇنىڭغا جور بولۇش لازىم، ئەلۋەتتە. مەن مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن شۇنداق خۇشاللاندىم ھەم بۇ توغرۇلۇق ئىزدىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋاقتىدا قەلەم تەۋرىتىشنى ئويلىدىم، بىراق خىزمەت جىددىيچىلىكى تۈپەيلىدىن كېچىكىپ تۇتۇش قېلىشقا توغرا كېلىپ قالدى. بۇ قېتىم بۇ نۇقتا توغرىلىق قولۇمغا قايتا قەلەم ئېلىپ يەنە بەزى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە ئىلگىرىكى قاراشلارنى ئازراق تەكىتلەپ مەزكۇر تېمىغا قىزىققۇچىلارنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم تارتىشنى نىيەت قىلدىم ھەمدە ئۆز پىكرىمنى كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ئورتاقلىشىپ بېقىشنى مۇۋاپىق تاپتىم. »شېئىرىي رومان ھەققىدە« ناملىق ماقالىدە ئاساسلىق مۇنداق قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلغان: »يېقىندىن بۇيان >شېئىرىي رومان دېيىشنىڭ ھاجىتى يوق، يەنىلا داستان دېيىش كېرەك< دەيدىغان قاراش ئوتتۇرىغا چىقتى. مېنىڭمۇ بۇ قاراش ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى...«
ئۇنىڭدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: »شېئىرىي رومان چەت ئەل شېئىرىيىتىدە بارلىققا كەلدى. شېئىرىي رومان بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن، شېئىرىي رومان بارلىققا كەلگەن مىللەتلەرنىڭ شېئىرىيىتىدە داستاندىن ئىبارەت بۇ شېئىرىي شەكىل بار ئىدى. شېئىرىي رومانلار شېئىرىي داستانلارنىڭ تەرەققىياتى سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىپ، خۇددى رومانلاردەك بىر دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان چوڭ شېئىرىي ئەسەرلەر بولدى. ئۇلۇغ رۇس شائىرى ئا. س. پۇشكىننىڭ شېئىرىي رومانى >يېۋگىنى ئۇنېگىن< ئەنە شۇنداق 19-ئەسىر رۇس جەمئىيىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بەردى. چەت ئەل شېئىرىي رومانلىرى داستانلارنىڭ تەرەققىياتىدىن بارلىققا كېلىپ، داستانلار ئەكس ئەتتۈرگەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىنمۇ چوڭ ۋە مۇرەككەپ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئالاھىدە شېئىرىي شەكىل بولدى. شېئىرىي شەكىللەرنىڭ تەرەققىياتىغا قارىساق، كىچىكلىكتىن چوڭلۇققا، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇيغۇر خەلق شېئىرىيىتى ۋە ئۇيغۇر يازما شېئىرىيىتىنىڭ شەكىللىرىمۇ بۇ قانۇنىيەتتىن چەتنىمىدى. مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ بىرلىكىدە مەزمۇن بىرىنچى ئورۇندا، شەكىل ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مەزمۇن شەكىلنى بەلگىلەيدۇ، شەكىل ئۆز نۆۋىتىدە مەزمۇننىڭ ياخشى ئىپادىلىنىشىگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شەكلى قانچىلىك مۇۋاپىق ۋە ياخشى بولسا، مەزمۇنمۇ شۇنچە ياخشى ئىپادىلىنىدۇ. شېئىرىي رومان بولىدىغان مەزمۇننى داستان قىلىپ قويۇش، قامەتلىك ئادەمگە كىچىك چاپان كىيگۈزۈپ قويغاندەك بىر ئىش بولىدۇ. بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بىر ئەمەس، بىر نەچچە شېئىرىي رومان بارلىققا كەلدى. دۇنيا شېئىرىيىتىدىن ياكى باشقا ژانىرلىرىدىن ئىلغار ئەدەبىي شەكىللەرنى ئېلىپ كىرىش يوللۇق ئىش بولۇپ، ئىجادىي ئېلىپ كىرىشكىمۇ، مىللىي شېئىرىيەت ئەنئەنىلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ كىرىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە شېئىرىي رومان شەكلىنى ئېىپ كىرگۈچىلەر خاتا قىلمىدى، ئەكسىچە ئۇيغۇر شېئىرىي شەكىللىرىنى بېيىتىپ ياخشى ئىش قىلدى. يېڭى بىر شەكىل دۇنياغا كەلگەن ئىكەن، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا يېڭى ئات قويۇلۇشى كېرەك. پروزا ئەسەرلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن رومان كېلىپ چىققان. شېئىرىي ئەسەرلەرنىڭ تەرەققىياتىدىن شېئىرىي رومان كېلىپ چىقسا بولۇۋېرىدۇ. يەنىلا داستان دەپ ئاتاپ، شېئىرىي رومانلارنىڭ داستانلاردىن چوڭلۇقىنى ئېتىراپ قىلماسلىق ئىلمىيلىك ئەمەس. چەت ئەل شېئىرىيىتىدە مەيدانغا كەلگەن شېئىرىي رومانلار چەت ئەل شېئىرىي شەكىللىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن بارلىققا كەلگەندەك، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان شېئىرىي رومانلىرىمۇ چەت ئەل شېئىرىي رومانلىرىنىڭ تەسىرى ۋە ئۇيغۇر شېئىرىي شەكىللىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن بارلىققا كەلدى. بۇ ماقالىنى يېزىشتىكى ئاساسىي مەقسىتىم: ئۆز شېئىرىي رومانىمنى قوغداپ قېلىش ياكى باشقىلارنى تەنقىدلەش ئەمەس، شېئىرىيەت نەزەرىيىسى نۇقتىسدا تۇرۇپ، شېئىرىي شەكىللەرنىڭ تەرەققىياتىدىن شېئىرىي روماننىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلاش، خالاس.«
بۇ يەردە دېيىلگەن قاراشنى يەنىلا پەننىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىگە سېلىپ تۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى دۇنيادا ھەرقانداق بىر خىل ئۇقۇم، چۈشەنچە، قاراش ۋە نۇقتىئىنەزەرنى پەقەت ئىلىم-پەن ئارقىلىقلا شەرھلىگىلى بولىدۇ.
شېئىرىي رومان رۇس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى بىلەن 20-ئەسىردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلغان بىر خىل ژانىر. يەنى پۇشكىن )1799-1837(نىڭ »يېۋگېنى ئونېگىن« ناملىق ئەسىرى شېئىرىي رومان دەپ ئاتالغان بولۇپ، 1917-يىلى پارتلىغان سوۋېت ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رۇس ئەدەبىياتىدىن پۇشكىننىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشىغا ئىمكانىيەت تۇغۇلغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارمۇ پۇشكىن ئەسەرلىرىدىن، جۈملىدىن ئۇنىڭ »شېئىرىي رومانى«دىن كەڭرەك خەۋەردار بولۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 1980-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىرى »شېئىرىي رومان« توغرىلىق ئىلمىي يوسۇندا ئويلىنىدىغان بولدى.
»گۈلمېرۇي« )مامۇت زايىت ئەسىرى، 2891-يىلى ئېلان قىلىنغان(، »ئىلى پەرزەنتلىرى« )مۇھەممەتجان سادىق ئەسىرى، 1984-يىلى ئېلان قىلىنغان(، »قارلىق تاغ شەجەرىسى« )ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ئەسىرى، 1988-يىل نەشرى( قاتارلىق »شېئىرىي رومان«لار نەشر قىلىنىش بىلەن بىرگە بەزى ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە دائىر كىتابلاردا »شېئىرىي رومان« ئوقۇمىغا تەبىر بېرىلىشكە باشلىدى.
ئالدى بىلەن گەپنى »شېئىرىي رومان«نىڭ تەبىرىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. خەنزۇچە نەشر قىلىنغان »ئوكيانۇس« )辞海( دا مۇنداق دېىلگەن: »شېئىرىي رومان )诗体小说( — ئېپىك شېئىرلارنىڭ بىر خىلى. ھېكايىگە ئوخشاش پېرسوناژلار خاراكتېرى ھەم ئۇنىڭ تەرەققىياتىدىكى كونكرېت تەپسىلاتلار تەسۋىرى ۋە مۇكەممەل سۇژىت قۇرۇلمىسىغا ئىگە. مەشھۇر شېئىرىي رومانلارغا بايرۇن )1788-1825ئەنگلىيە شائىرى(نىڭ >دۇن جۇئان<، پۇشكىننىڭ >يېۋگېنى ئونېگىن< قاتارلىقلار مىسال بولىدۇ« >»ئوكيانۇس، 388-بەت، شاڭخەي قامۇس نەشرىياتى 1980-يىل نەشرى.
ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتشۇناسلىق ساھەسىدە بۇ ئاتالغۇغا دەسلەپ ھاجى ئەھمەد ئەپەندى تەبىر بەرگەن بولۇپ، ئۇ 1980-ۋە 1982-يىلى ئېلان قىلغان »ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا« ناملىق كىتابىدا مۇنداق يازغان: شېئىرىي رومان — داستانچىلىق ۋە رومانچىلىقنىڭ يېڭى تەرەققىياتى سۈپىتىدە بارلىققا كەلگەن. ئۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە يېڭى تۈر بولۇپ، ۋەقەلىك جەھەتتە رومانغا ئوخشاش مەلۇم بىر دەۋرنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىللە كەڭلىك، چوڭقۇرلۇق، تىپىك خاراكتېر يارىتىش ۋە باشقا تەرەپلەردە داستانغا قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ تەپسىلىي، كومپوزىتسىيە قۇرۇلۇشى مۇرەككەپ بولىدۇ. يېزىلىش شەكلى جەھەتتە شېئىرىي يول بىلەن يېزىلىدۇ. داستاننى ۋەقەلىك، ئوبراز يارىتىش جەھەتتە ھېكايىگە سېلىشتۇرساق، شېئىرىي روماننى رومانغا سېلىشتۇرۇش مۇمكىن )ھاجى ئەھمەد: »ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا« مىللەتلەر نەشرىياتى، 1982-يىل نەشرى(.
ئۇنىڭدىن كېيىن مەھمۇد زەيدى بىلەن سەمەت دۇگايلى »ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لۇغىتى« ناملىق كىتابىدا مۇنداق يازغان: »شېئىرىي رومان ئىپىك شېئىرلارنىڭ بىر خىلى، شېئىرىيەت شەكىللىرى ئارقىلىق ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدا رومانلارغا ئوخشاش پېرسوناژلار خاراكتېرى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات جەريانى ئىنچىكىلىك بىلەن تەسۋىرلىنىدۇ. مۇكەممەل سۇژىت قۇرۇلمىسى بولىدۇ« )»ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لۇغىتى«، مىللەتلەر نەشرىياتى 1988-يىل نەشرى(.
يۇقىرىقى ساناقلىقلا بىر قانچە كىتابتىن باشقا، ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە دائىر ئەسەرلەردە »شېئىرىي رومان«غا بېرىلگەن تەبىرنى ئاساسەن ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.
يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۈچ خىل تەبىر ئارقىلىق »شېئىرىي رومان«نىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ داستان، رومان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە پەرقى توغرىلىق توختىلىپ ئۆتەيلى:
»ئوكيانۇس«تا »شېئىرىي رومان«نىڭ ئالاھىدىلىكى »ھېكايىگە ئوخشاش پېرسوناژلار خاراكتېرى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىدىكى كونكرېت تەپسىلاتلار تەسۋىرى ۋە مۇكەممەل سۇژىت قۇرۇلمىسىغا ئىگە« ئەسەر، دېيىلگەن بولسا، »ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا« ناملىق كىتابتا داستان بىلەن شېئىرىي روماننىڭ پەرقى دېيىلىپ »... كەڭلىك، چوڭقۇرلۇق، تىپىك خاراكتېر يارىتىش ۋە باشقا جەھەتلەردە داستانغا قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ تەپسىلىي، كومپوزىتسىيە قۇرۇلۇشى مۇرەككەپ بولىدۇ« دەپ كۆرسىتىلگەن. »ئوكيانۇس«تا ئېيتىلغان »شېئىرىي رومان«نىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن »ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لۇغىتى«دە ئېيتىلغان ئالاھىدىلىك ئاساسەن ئوخشاش. پەقەت »ئوكيانۇس«تا »شېئىرىي رومان«نى ھېكايىگە نىسبەتلەشتۈرگەن بولسا، »ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لۇغىتى«دە رومانغا نىسبەتلەشتۈرۈلگەن. ۋەھالەنكى، خەنزۇ تىلىدا »شېئىرىي رومان«، »شېئىرىي ھېكايە« مەنىسىدە »诗体小说« دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، خەنزۇ تىلىدا )小说( »ھېكايە« كەڭ مەنىدە بارلىق نەسرىي ئەسەرلەرنى مەسىلەن: ھېكايە، پوۋېست، رومان قاتارلىقلارنى ئىپادىلىسە، تار مەنىدە ھېكايىنىلا كۆرسىتىدىغان بىر خىل ئالاھىدىلىككە ئاساسەن )»ئوكيانۇس« 1108-بەتكە قاراڭ(، ئوكيانۇستا تىلغا ئېلىنغان »小说« )ھېكايە( بىلەن »ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لۇغىتى«دە تىلغا ئېلىنغان »رومان« ئۇقۇمىنى ئوخشاش مەنىدە دەپ چۈشىنىش مۇمكىنچىلىكى بار بولغان بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا »ئوكيانۇس« بىلەن »ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى«دىكى »شېئىرىي رومان«غا بېرىلگەن تەبىردە ئۇنىڭ شېئىرىي شەكىل بىلەن يېزىلغان ئۇزۇنراق ھەجىمدىكى نەسرىي ئەسەر ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى كۆرسىتىلمىگەن. شۇڭا بۇ ئىككى كىتابتىكى تەبىر ئادەتتىكى بىر بايان جۈملە خۇسۇسىيىتىنى ئالغان سۆزلەر يىغمىسى بولۇپ مەخسۇس بىر ئۇقۇم شەكلىدە مۇھاكىمىگە قويۇلۇش شەرتىنى ھازىرلىمىغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. »ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا« ناملىق كىتابتا ئېتىلغان تەبىردە بولسا بىر قەدەر ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئاساسەن مۇشۇ تەبىر ئارقىلىق، »شېئىرىي رومان«نىڭ ئەدەبىي ژانىرلىق ئورنىغا بىر قەدەر ئىلمىي باھا بەرگىلى بولىدۇ.
ئالدى بىلەن »شېئىرىي رومان« دېگەن مۇشۇ بىر ئاتالغۇ مەنتىقىلىككە ئىگە ئاتالغۇمۇ، ئەمەسمۇ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە توختىتىلىپ ئۆتىمەن.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ »شېئىر« ۋە »رومان« دېگەن ئىككى خاس ئاتالغۇدىن بىرىككەن تېرمىندىن ئىبارەت. »شېئىر )诗歌( ئەدەبىياتنىڭ چوڭ بىر تۈرى. ئۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى يۇقىرى دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈپ ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرى مول بولىدۇ. تىلى پىشقان ۋە ئوبرازلىق بولىدۇ، مىسرالارغا بۆلۈنىدۇ... مەزمۇن جەھەتتە لىرىك شېئىرلار ۋە ئىپىك شېئىرلارغا، ۋەزىننىڭ بار-يوقلۇقىغا قاراپ ۋەزىنلىك شېئىر ۋە ئەركىن شېئىر دەپ، قاپىيىگە قاراپ، قاپىيىلىك شېئىر ۋە قاپىيىسىز شېئىر دەپ بۆلۈنىدۇ« )»ئوكيانۇس« 83-بەت(. »رومان«غا مۇنداق تەبىر بېرىلگەن: »رومان« )长篇小说( ھېكايىنىڭ بىر خىلى. ھەجمى چوڭراق، مەزمۇنى مول، سۇژىتلىرى مۇرەككەپ، پېرسوناژلىرى كۆپ بولىدۇ. ئۇ ئادەتتە پېرسوناژلار ۋە مۇرەككەپ سۇژىتلار ئارقىلىق مۇئەييەن تارىخىي مەزگىلدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مەنزىرىسىنى ۋە زىددىيەت-توقۇنۇشلارنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. )»ئوكيانۇس« 27-بەت(. بۇنىڭدىن، شېئىرنىڭ تىلى، مەزمۇنى ۋە شەكلى جەھەتتە روماندىن كەسكىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى، ھېچ بولمىدى دېگەندە شېئىرىي بايان شەكلى قوللىنىلىدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ئىككىسى ئىككى خىل ئۇقۇمغا )تۈرگە( تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ئويلىشىپ كۆرگەندە، بۇلارنىڭ ئۆزئارا ماس ئۇقۇملۇق ئاتالغۇ ياكى توغرا تەبىرلىك چۈشەنچە ئەمەسلىكى ئايدىڭلىشىدۇ. »شېئىر« بىلەن »رومان« ئەدەبىيات ئىلمىگە مەنسۇپ ژانىرلار بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىك جەھەتتە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغان ژانىرلار بولۇپ، بىرى شېئىرىي تۈرگە، يەنە بىرى نەسرىي تۈرگە تەئەللۇق. بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئىككى خىل ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان ئىككى سۆزنى بىر-بىرىگە قوشۇپ بىر ئاتالغۇ قىلىپ بىر خىل ئۇقۇمنى ئىپادىلەش ئاتالغۇشۇناسلىق ئىلمىي ۋە لوگىكا ئىلمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئىجتىمائىي ئالاقىلەردە شەيئىلەرنى ۋە ئۇقۇملارنى توغرا ئىپادىلەش ئۈچۈن خاس ئاتالغۇلارنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنداق ئاتالغۇلار چوقۇم ئېنىق تەبىرگە ئىگە بولۇشى كېرەك. تەبىر )ئېنىقلىما( »شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ياكى ئۇقۇمنىڭ خاس مەزمۇنى ۋە دائىرىسى توغرىسىدىكى توغرا لوگىكىلىق بەلگىلىمە« )م. روزىنتال، پ، يۇدىن، >سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى<: »قىسقىچە پەلسەپە لۇغىتى«، 652-بەت، مىلەتلەر نەشرىياتى بېيجىڭ 4891-يىل نەشرى( بولۇپ، ئۇ ئاددىي شەكىل، ئىخچام جۈملىلەر ئارقىلىق ئۇقۇمنىڭ مېغىزىنى ئېچىپ بېرىدۇ. »شېئىرىي رومان« دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئادەتتە لوگىكىدىكى »ئىزاھلىغۇچى ئېنىقلىما« تۈرىگە تەۋە. بۇ دېگەنلىك — »سۆزلەرنىڭ مەنىلىرىنى ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈپ ېبرىدىغان ئېنىقلىمىدۇر« )ئا. قۇربان، ئا. ئىمىن: »لوگىكا بىلىملىرى«، 50-بەت، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 2002-يىل نەشرى(. مەسىلەن: »ئوغۇزنامە«، »شاھنامە« دېگەن سۆزلەر ياسالما ئىسىم بولۇپ، »ئوغۇز« ئادەم ئىسمىنى، »شاھ« خاقان دېگەن مەنىنى، »نامە« كىتاب، »شاھنامە« — »خاقانلار ھەققىدىكى كىتاب« دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئاتالغۇلارنىڭ ھەر قايسىسى ئىككى سۆزدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، »نامە« ئوغۇز، شاھ دېگەن سۆزلەرنى ئېنىقلاپ كەلگەن ۋە ئۆزئارا ماسلاشقان. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا مەيلى »ئوغۇزنامە«، مەيلى »شاھنامە«گە تەبىر بېرىلمەكچى بولغاندا بۇ ئاتالغۇلار توغرا ئىزاھلىغۇچى ئېنىقلىما خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ئۇقۇم مۈجىمەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. ئەمدى »شېئىرىي رومان« دېگەن ئاتالغۇغا كەلسەك، بۇ ئىزاھلىغۇچى ئېنىقلىمىغا چۈشمەيدىغان، ئۆزئارا قارىمۇ قارشى ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەردىن قوشۇلۇپ ياسالغان ئاتالغۇ بولۇپ، مۇشۇ ئاتالغۇنىڭ ئۆزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەبىر بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان ئاتالغۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بەزىلەر، بۇ »شېئىرىي شەكىل ئارقىلىق يېزىلغان رومان« شۇنداق ئاتالغانغۇ؟ دەپ قايتا سوئال قويۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، ئەدەبىيات ساھەسىدە نەسرىي شەكىل بىلەن يېزىلغان چوڭ ھەجىمىلىك ئەسەر رومان دېيىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەكسىچە، شېئىرىي شەكىل بىلەن يېزىلغان چوڭ تىپتىكى ئەسەر — داستان ياكى ئېپوس دېيىلىدۇ ئەمەسمۇ، دېگەن سوئال قويۇلسا، بۇنىڭغا ئىلمىي يوسۇندا جاۋاب تېپىلىشى ناتايىن. ئۆز قارىشىمىزنى يەنە تەكىتلىسەك، مۇبادا »شېئىرىي رومان« توغرا ئاتالغۇ دېيىلىدىغان بولسا، »ئادىمىي ھايۋان«، »ھايۋانىي ئۆسۈملۈك« دېگەن ئاتالغۇلارمۇ توغرا ئاتالغۇ بولغان بولىدۇ. چۈنكى ئادەم، ھايۋان، ئۆسۈملۈك قاتارلىقلار بىئولوگىيىلىك جەھەتتە جانلىقلار تۈرىگە تەئەللۇق بولۇپ، ھەممىسى ماددىلارنىڭ تەدرىجىي تەرەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى. ئۇ بۈگۈنكى ئوبيېكتىپ دۇنيادا ئوخشاشلا ھاياتىي كۈچى بولغان شەيئىلەردىن ئىبارەت. ۋەھالەنكى مەيلى »ئادىمىي ھايۋان« بولسۇن مەيلى »ھايۋانىي ئۆسۈملۈك« بولسۇن، بۇلار بىرەر شەيئىنى ئېنىق ھالدا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. ئادەم، ھايۋان، ئۆسۈملۈك قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم خاس ئاتالغۇلار بولۇپ، ئۇلار ئادەم، ھايۋان، ئۆسۈملۈكتىن ئىبارەت ئۈچ خىل شەيئىنىڭ ئىپادە قىلىنىشى دەپ چۈشىنىلىدۇ.
تۆۋەندە »شېئىرىي رومان«نىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ داستان ۋە رومان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا يەنىمۇ تەپسىلىي توختىلىمەن: »ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا« ناملىق كىتابتا داستان بىلەن شېئىرىي روماننىڭ پەرقى »... كەڭلىك، چوڭقۇرلۇق، تىپىك خاراكتېر يارىتىش ۋە باشقا تەرەپلەردە داستانغا قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ تەپسىلىي، كومپوزىتسىيە قۇرۇلۇشى مۇرەككەپ بولىدۇ« دەپ كۆرسىتىلگەن. »شېئىرىي رومان« بولغانىكەن، شۇنداق بولسا ياخشى بولغان بولاتتى. ئەمما مەيلى چەت ئەل ئەدەبىياتىدا، مەيلى 1980-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن بىرقانچە »شېئىرىي رومان«لار ھەجىم جەھەتتە، مەزمۇن چوڭقۇرلۇقى ۋە كومپوزىتسىيە مۇرەككەپلىكى جەھەتتە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ 13290مىسرالىق »قۇتادغۇبىلىك« داستانى، ناۋائىينىڭ 14364مىسرالىق »سەددى ئىسكەندەر«، 11560مىسرالىق »پەرھاد ۋە شېرىن« داستانلىرىدىن قانچىلىك ئۈستۈن ئورۇندا تۇرار؟ بۇنى تەپسىلىي تەھلىل قىلمىساممۇ ئەدەبىياتتىن خەۋىرى بارلار چۈشىنەلەيدۇ. بۇلار شۇنداق كاتتا ئەسەر بولۇشىغا قارىماي، نۆۋەتتە »داستان« دەپلا تونۇلۇپ كېلىندى. ۋەھالەنكى، ھېچكىم بۇلارنى ئېنىقلايدىغان »داستان« سۆزىنىڭ ئالدىغا »چوڭ«، »ئۇلۇغ«، »كاتتا«، »ئالەمشۇمۇل« دېگەن سۆزلەرنى قوشۇپ يۈرمىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىران خەلقىنىڭ بەش مىڭ يىللىق تارىخىنى بەدىئىي ئۇسۇلدا يورۇتۇپ بەرگەن 120مىڭ مىسرالىق »شاھنامە« )فىردەۋسى يازغان( داستان ياكى ئېپوس دەپلا ئاتىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ باشقىچە نام بىلەن ئاتالغانلىقى ئۇچرىتىلمىدى. بايرۇننىڭ »دۇن جۇئان«، پۇشكىننىڭ »يېۋگېنىي ئونېگىن« ئەسەرلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بار دېيىلسە، بۇ ئەسەرلەر »شاھنامە«، »قۇتادغۇبىلىك«، »سەددى ئىسكەندەر«، »پەرھاد ۋە شېرىن« داستانلىرىغا قارىغاندا تەنقىدىي رېئالىزملىق خاھىشىنىڭ كۈچلۈكلۈكى جەھەتتىلا بەلگىلىك نىسبەتتە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغانلىقىنى ھېسابتا ئالمىغاندا، ھەجىم چوڭقۇرلۇقى، مەزمۇن ۋە كومپوزىتسىيىنىڭ مۇرەككەپلىكى، تىل ۋە بەدىئىي ئىپادىلەش ماھارىتى جەھەتتە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ دېيىلسە بۇ ئادىللىق بولماي قالىدۇ. بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شائىرلىرى يازغان »گۈلمېرۇي«، »ئىلى پەرزەنتلىرى«، »قارلىق تاغ شەجەرىسى« قاتارلىقلار كەڭ ئىلىم ئەھلى تەرىپىدىن ھەقىقەتەن »شېئىرىي رومان« دەپ ئېتىراپ قىلىنىدىغان بولسا، بۇنى يەنىلا »شېئىرىي رومان« دېيىلمەيۋاتقان »شاھنامە«، »قۇتاغۇبىلىك«، »سەددى ئىسكەندەر«، »پەرھاد ۋە شېرىن« ناملىق ئەسەرلەرگە ھەجىم ۋە مەزمۇن ياكى كومپوزىتسىيە جەھەتتىن سېلىشتۇرۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. لېكىن شەخشەن مەن »گۈلمېرۇي«، »ئىلى پەرزەنتلىرى«، »قارلىق تاغ شەجەرىسى« قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلەر ئېيتقاندەك »شېئىرىي رومان« شەرتىنى زادى قانچىلىك ھازىرلىغانلىقىنى ئاڭقىرالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇبادا بۇلار »شېئىرىي رومان« دېيىلىدىغان بولسا »شاھنامە«نى داستان دېمەي، »ترىلوگىيىلىك داستان«، »قۇتادغۇبىلىك«، »سەددى ئىسكەندەر«، »پەرھاد ۋە شېرىن« داستانلىرىنى »رومانىي داستان« دېيىشكە توغرا كېلىپ قالامدۇ، قانداق، دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم.
يۇقىرىدا »شېئىرىي رومان«نىڭ رومانغا ياكى چوڭ تىپتىكى شېئىرىي ئەسەرلەر يەنى داستان تۈرىگە تەۋە بولالمايۋاتقانلىقى توغرىلىق قىسقىچە شەپە بېرىپ ئۆتتۈم. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، »شېئىرىي رومان«نىڭ ئەدەبىي ژانىرلارنىڭ قايسى تۈرىگە تەۋە بولۇشى لازىملىقىنى ئويلىنىش لازىم بولۇۋاتىدۇ. ئەدەبىياتشۇناسلىق ئىلمىدە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى چوڭ جەھەتتە نەسرىي ئەسەر )ھېكايە( ۋە شېئىرىي ئەسەر دېگەن ئىككى تۈرگە بۆلۈش ئۇسۇلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداق بولغاندا، رومان نەسرىي ئەسەرلەر تۈرىگە، شېئىر شېئىرىي ئەسەرلەر تۈرىگە ئايرىلغان، شېئىر بىلەن نەسرىي ئەسەرنى بىرلەشتۈرۈپ بىر تۈرگە ئايرىش لوگىكىلىق تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىغا ماس بولمىغان ئۇسۇل بولۇپ، بۇ خۇددى ئادەمنىڭ جىنسىيىتىگە قاراپ ئەر، ئايال دەپ تۈرگە ئايرىپ بولغاندىن كېيىن ئايرىم قىلىقلىرىنى ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىك قىلىۋېلىپ »ئايالۇئەر« ياكى »ئەرۇ ئايال« دېگەن تۈرنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولمىغاندەكلا بىر ئىش.
»دون جۇئان«، »يېۋگېنى ئونېگىن« نېمە ئۈچۈن شېئىرىي رومان دەپ ئاتالغان دېگەن مەسىلىنىمۇ قىسقىچە ئىزاھلاش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ، ئەلۋەتتە. ئىنگلىزلار بىلەن رۇسلار دۇنيادا ئەدەبىياتى ناھايىتى تەرەققىي قىلىپ دۇنياۋى سەۋىيىگە كۆتۈرۈلگەن مىللەتلەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇلاردا مەشھۇر يازغۇچىلار كۆپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئالەمشۇمۇل تەسىر قوزغىغان داڭلىق ئەسەرلەرمۇ ناھايىتى كۆپ. جۈملىدىن ئۇلاردا مەيلى شېئىرىيەت بولسۇن مەيلى ھېكايىچىلىق بولسۇن ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. ئەمما داستانلىرىنىڭ ھەجمى كىچىكرەك بولغان. »قۇتادغۇبىلىك«، »سەددى ئىسكەندەر«، »پەرھاد ۋە شېرىن«، »شاھنامە«گە ئوخشاش چوڭ ھەجىملىك داستانلارنى بۇ مىلەتلەرنىڭ ئەدەبىيات تارىخىدىن تاپقىلى بولمايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن دۇنيانىڭ يېقىنقى زامان مەدەنىيەت تارىخىدا غەرب ئەللىرىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولۇش بىلەن بىرگە، ئىلىم-پەن ساھەسىدە »غەرب مەركەزلىك خاھىشى« كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، غەربتىكى بەزى ئىلمىي خادىملار شەرق خەلقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭكىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن ياكى بىلمىگەن، ھەتتا بەزىلىرىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالغان. مانا مۇشۇنداق بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، مەيلى بايرون بولسۇن مەيلى پۇشكىن بولسۇن پەقەت ئۆز مىللىتى ئەدەبىياتىدا ھەجىم جەھەتتە چوڭراق بولغان شېئىرىي ئەسەر ياراتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى »شېئىرىي رومان« )بۇ يەردە بۇ ئاتالغۇ ئىنگلىز ۋە رۇس تىللىرىدا نېمىدەپ ئاتالغانلىقى ئېتىبارغا ئېلىنماي پەقەت ئۇيغۇر، خەنزۇ تىلىرىدىكى مەنە تەرجىمىسى بويىچە مۇھاكىمىگە قويۇلدى( دەپ ئاتىغان. يەنى ئۇلارنىڭ بۇ ئاتالغۇسىنى »شېئىرىي يول بىلەن يېزىلغان چوڭ تىپتىكى ئەسەر« دېگەن ئۇقۇمنىلا بىلدۈرگەن دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ يەردە ئۇلار شەرق مۇسۇلمان ئەللىرىدە ئۆزلىرى يازغان »شېئىرىي رومان«لاردىن ھەجىم جەھەتتە چوڭ بولغان ئەسەرلەرنىڭ بارلىقىدىن خەۋەرسىز قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، دەپ كۆڭلىمىزگە تەسەللى بېرىمىز. دېمەك، »شېئىرىي رومان« مەيلى ئاتالغۇشۇناسلىق نۇقتىسدىن بولسۇن، مەيلى ئۇقۇم جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى تەبىر )ئېنىقلىما( نۇقتىسىدىن بولسۇن ھېچقانداق بىر ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بولمىغان، تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان بىر ئەدەبىي ژانىر« بولۇپ، ھېچقانداق قوللىنىشچانلىق ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە ئەمەس ئائىت بۇ يالغۇز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىلا شۇنداق بولۇپ قالماستىن بەلكى دۇنيادىكى خېلى كۆپ مىللەتلەردە شۇنداق بولغان بولۇشى مۇمكىن. مەيلى لۇغەت، قامۇس، مەيلى ئەدەبىياتشۇناسلىق ئىلمىگە ئەسەرلەر ياكى كىتابلاردا »دۇن جۇئان« بىلەن »يېۋگېنىي ئونېگىن«دىن باشقا ئەسەرلەرگە »شېئىرىي رومان« دېگەن تەبىر بېرىلگەنلىكى توغرىلىق مەلۇماتلارنى ئاساسەن ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا، دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا بايرون بىلەن پۇشكىندىن باشقا ئەدىبلەر »شېئىرىي رومان«نى يازمىغان ياكى بۇ ساھەدە قەلەم تەۋرىتىپ ئۇتۇق قازىنالمىغان بولسا كېرەك.
»شېئىرىي رومان« دەپ تونۇلغان ئەسەرلەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىق ئىلمىدە پەقەت ۋەقەلىك شېئىر ياكى ۋەقەلىك ئۇقۇمىغىلا تەڭ بولۇپ ئۇنىڭ باشقىچە ئىزاھلىنىش ئىمكانىيىتى يوق. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە خەنزۇ ئەدەبىياتىدىمۇ شۇنداق. خەنزۇچە »ئوكيانۇس«تا »ۋەقەلىك شېئىر«غا مۇنداق تەدبىر بېرىلگەن: ۋەقەلىك شېئىر )叙事诗( شېئىرنىڭ بىر خىلى. بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان سۇژىت ۋە پېرسوناژلار ئوبرازى ھېكايە قىلىنىدۇ. ئېپۇس، قەھرىمانلىق قەسىدىلىرى، ھېكايىلىق شېئىرلار ۋە شېئىرىي درامىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ« )»ئوكيانۇس« 495-بەت(.
»ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى«دە »داستان«غا مۇنداق تەبىر بېرىلگەن: »داستان... شېئىر بىلەن يېزىلغان چوڭ تىپتىكى ئەسەر« )»ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى«، 498-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 9991-يىل نەشرى.(
شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ يەردە »ۋەقەلىك شېئىر« بىلەن »داستان« شېئىرىيەتنىڭ قىسقا، ئىخچام، ئەپچىل تۈرى بولغان »لىرىك شېئىر«نىڭ قارشى مەنىسىدىكى »ئىپىك شېئىر« ئۇقۇمىغا ئىگە بولۇپ، چوڭ تىپتىكى، چوڭراق ھەجىمدىكى شېئىرىي ئەسەرلەرگە قارىتىلغان. ۋەھالەنكى قەدىمدىن ھازىرغىچە، چەت ئەللەردىن جۇڭگوغىچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ باشقا ژانىرلىرىغا ئوخشاش بۇ يەردىكى ۋەقەلىك شېئىر، داستان )ئومۇمىي ئاتالغۇسى ئىپىك شېئىر( دېگەنلەرگە ھەجىم ئۆلچىمى بەلگىلەپ بېرىلگەن ئەمەس. شۇڭا ئەدەبىيات، جۈملىدىن شېئىرىيەتنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى چىقىش قىلغان ئەھۋالدا »دۇن جۇئان«، »يېۋگېنىي ئونېگىن« لەرنىڭ »ۋەقەلىك شېئىر« )خەنزۇچە »ئوكيانۇس« ياكى باشقا ئەدەبىياتشۇناسلىققا ئائىت كىتابلاردا داستان )长诗(غا تەبىر بېرىلمىگەن( ياكى »داستان«غا تەڭ ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن »گۈلمېرۇي«، »ئىلى پەرزەنتلىرى«، »قارلىق تاغ شەجەرىسى« قاتارلىقلارنىمۇ داستان دېيىشكە بولىدىغانلىقىنىمۇ ئويلاپ يېتىشىمىز لازىم. بەزىلەر، بۇ ئەدەبىيات ساھەسىدە يېڭىلىق ياراتقانلىق، دەپ ماداراچىلىق يولىنى تۇتماقچى بولسا بۇ ئايرىم ئەھۋال. ۋەھالەنكى، بۇنداق ئايرىم ئەھۋالمۇ يەنىلا ئىلىم-پەننىڭ قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى، ئېنىق ئۇقۇمنى ئاڭلىتالايدىغان بولۇشى، نامى بىلەن مەزمۇنى يەنى ھەجىمى بىلەن مېغىزى ماسلاشقان بولۇشى لازىم.
يۇقىرىدا »شېئىرىي رومان«نى ژانىر قىلىپ تىكلەشكە بولىدۇ دېگەن قاراشنى تەشەببۇس قىلىدىغان »شېئىرىي رومان ھەققىدە« ناملىق ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بىلەن ئۇنى ژانىر قىلىپ تىكلەشنىڭ شەرتى تولۇق ئەمەس، يەنىلا داستان دەپ ئاتالسا مۇۋاپىق بولغان بولىدۇ، دېگەن قاراشنى تەشەببۇس قىلىدىغان »شېئىرىي رومان ھەققىدە ئويلىغانلىرىم« ناملىق ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى كۆرۈپ ئۆتۈلدى. »شېئىرىي رومان ھەققىدە« ناملىق ماقالىنىڭ مېغىزلىق روھى شۇكى، شېئىرىي رومان »داستانلارنىڭ تەرەققىياتىدىن بارلىققا كېلىپ، داستانلار ئەكس ئەتتۈرگەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىنمۇ چوڭ ۋە مۇرەككەپ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئالاھىدە شېئىرىي شەكىل«، »شېئىرىي رومانلار شېئىرىي داستانلارنىڭ تەرەققىياتى سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىپ خۇددى رومانلاردەك بىر دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان چوڭ شېئىرىي ئەسەرلەر بولدى، ئۇلۇغ رۇس شائىرى ئا. س. پوشكىننىڭ شېئىرىي رومانى >يېۋگېنىي ئۇنېگىن< دەل ئەنە شۇنداق 91-ئەسىر رۇس جەمىيىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بەردى« دېيىشتىن ئىبارەت. دېمەك، بۇ يەردە »داستان« بولسا كىچىك، »شېئىرىي رومان« بولسا چوڭ ھەجىمدىكى شېئىرىي ئەسەر دېگەن ئۇقۇم مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ. مەلۇمكى، مەيلى ئەمەلىيەت، مەيلى نەزەرىيە نۇقتىسىدىن بولسۇن، »داستان« نى كىچىكرەك شېئىرىي ئەسەر دەپ ئىزاھلايدىغان چۈشەنچىنى ھېچقانداق يەردىن تاپقىلى بولمايدۇ. خۇددى ئادەم، ھايۋان، ئۆسۈملۈك، تاغ، دەريا... دېگەن ئاتالغۇلار ئاشۇ ئوبيېكتلارنىڭ كىچىكىنىمۇ، ئوتتۇرانچىسىنىمۇ، چوڭىنىمۇ ئىپادىلىگەنگە ئوخشاش. يۇقىرىدا بۇ توغرىلىق مەخسۇس توختىلىلدى. يەنە تەكىتلەش زۆرۈرىيىتى بولىدىغان بولسا، شۇنى قەيت قىلىش لازىمكى، بەزى داستانلاردا بىر دەۋرنىڭ ئەمەس، ھەتتا بىرقانچە دەۋرنىڭ، يەنە تېخى بىرقانچە مىڭ يىللىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ كارتىنىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىرى بار. شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتى مۇقەررەر بولىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە بېقىنمايدىغان بىر خىل قانۇنىيەت. داستانلارنىڭ تەرەققىياتى »شېئىرىي رومان«لارنى بارلىققا كەلتۈرگەن، دېگەن بۇ چۈشەنچىنى ئۇدۇل مۇلاھىزە قىلغاندا ئېنىقسىزلىق كۆرۈلۈپ قالمىسۇن ئۈچۈن باشقا بىر خىل ئۇسۇل بىلەن مۇھاكىمە قىلىپ كۆرەيلى: »ئادەم« دېگەن ئۇقۇمنى مىسالغا ئالغاندا، ئۇنىڭ قەدىمكى دەۋردىكى ھالىتىنى ئەمەس بەلكى ئىپتىدائىي جەمئىيەت باسقۇچىدىن كېيىنكى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۆرىدىغان بولساق، شۇ چاغدىكى ئادەملەر بىلەن بۈگۈنكى زامان ئادەملىرىنىڭ بەدەن تۈزۈلۈشى پۈتۈنلەي ئوخشاش، ھەرىكەت قىياپەتلىرى ھەم شۇنداق. بىراق بۈگۈنكى زامان ئادەملىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىجادكارلىقى زور دەرىجىدە ئۆسكەن. شۇنداق بولسىمۇ، »ئادەم«دىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمغا بېرىلىدىغان تەدبىر دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئوخشاش، يەنى ئۇ »ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنى ياسىيالايدىغان ۋە ئىشلىتەلەيدىغان مەخلۇق« بولۇپ، ئادەمنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئايرىم ئەھۋال، لېكىن، »ئادەم«دىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمغا تەدبىر بېرىش بولسا بۇ ئايرىم ئەھۋال. ۋەھالەنكى، »تەرەققىيات« بىلەن »تەبىر« چوقۇم مۇئەييەن ئۇيغۇنلۇق ئىچىدە بولۇشى كېرەك، مۇبادا شۇنداق بولمايدىكەن، خۇددى تاشنى تاياققا تاڭغاندەك ئەھۋال كۆرۈلۈپ قالىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە »ئادەم«نىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، يەنى ئىلگىرى بولمىغان پروفېسسور، دوكتور، تەتىقىقاتچى، مۇدىر ۋراچ، باش تېخنىك، مۇھەررىر، بىرىنچى دەرىجىلىك يازغۇچى... دېگەن ئاتالغۇلار ۋە ئۇقۇملار بارلىققا كەلدى. بۇنىڭلىق بىلەن »ئادەم«دىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمغا بېرىلىدىغان ماھىيەتلىك تەبىردە ئۆزگىرىش بولمىدى. يەنە ئاساسىي تەبىر ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا، »××× دوكتور«. »××× پروفېسسور«... دەپلا چۈشىنىمىز. بۇ يەردىكى دوكتور، پروفېسسور... دېگەن ئېنىقلىمىلار پەقەت ئادەمنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە قارىتىلىپ ياكى بىلىم قۇرۇلمىسى جەھەتتە مۇئەييەن سەۋىيىگە يەتكەنلىكىگە قارىتا بېرىلگەن تەرىپ )ئىلمىي ۋە كەسپىي ئۇنۋان( بولۇپ، ئۇ ئادەملەرنىڭ جىسمى جەھەتتە ئۆزگىرىش ياسىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە »پادىچى« بىلەن »دوكتور«دىن ئىبارەت بۇ »مەخلۇق«لارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە ئىلمىي دەرىجىسى پەرقلەنسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا بەدەن تۈزۈلۈشى جەھەتتە ھەم ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىك جەھەتتە ئوخشاش بولغاندەكلا بىر ئىش. شۇنىڭ بىلەن بىرگە »داستان«غا بېرىلگەن »شېئىر بىلەن يېزىلغان چوڭ تىپتىكى ئەسەر« دېگەن تەبىرگە ئاساسلىنىلغاندا، »داستان«نىڭ ئاشۇرما دەرىجىسى باشقا ئۇقۇملارنىڭ ئاشۇرما دەرىجىسىگە ئوخشاشلا، سۈپەت سۆزى بىلەن بولۇشى كېرەك. سىمۋوللۇق مەنىدە ياكى باشقىچە ئۇسۇلدا بولۇپ قالسا مۇۋاپىق ۋە ئىلمىي بولماي قالىدۇ. دېمەك، بۇ يەردىكى »چوڭ«نىڭ چېكى كۆرسىتىلمىگەنلىككە يەنە بىر قېتىم دىققەت قىلىنىشىنى ئويلىشىپ كۆرمەي بولمايدۇ.
»شېئىرىي رومانلار شېئىرىي داستانلارنىڭ تەرەققىياتى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن« ئەسەر دېگەن توغرا دەپ قاراش مۇۋاپىق بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇنداق ئەسەرنى نېمىدەپ ئاتىسا مۇۋاپىق بولغان بولىدۇ؟ بۇنىڭغا يەنىلا ئاتالغۇشۇناسلىق ئىلمى بويىچە جاۋاب بېرىش زۆرۈر. چۈنكى پەندىن چەتلەپ كېتىلگەن ھەرىكەت خۇددى سۇنىڭ ئۈستىدىكى كۆپۈككە ئوخشايدۇ. ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، ھەقىقەتەن ئەدەبىيات ساھەسىدە چوڭ، كاتتا، مۇكەممەل شېئىرىي ئەسەر يارىتىلىپ، ئۇنى ئاتاشقا توغرا كەلسە، بۇنداق ئەسەرنى »شېئىرىي رومان« دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئەمەس، بەلكى چوڭ داستان، بۈيۈك داستان، كاتتا داستان، ھەيۋەتلىك داستان، ياكى چوڭ شېئىرىي ئەسەر، بۈيۈك شېئىرىي ئەسەر، كاتتا شېئىرىي ئەسەر، ھەيۋەتلىك شېئىرىي ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ. مۇشۇنداق ئاتالغاندا ئاندىن ئۇنى پەن نۇقتىسىدا تۇرۇپ، توغرا ۋە ئىلمىي تەبىرلىگىلى بولىدۇ. مەلۇمكى، پەندە، بولۇپمۇ مەنتىق ئىلمىدە تەبىر بەرگىلى بولمىغان ئۇقۇم، چۈشەنچە ۋە قاراش مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ.
خۇلاسە قىلغاندا، »شېئىرىي رومان« دېگەن بۇ ئۇقۇم ۋە چۈشەنچە پەن نۇقتىسدىن توغرا قوللىنىلغان ئىسىم ياكى ئاتالغۇ ئەمەس. بۇنىڭ جاۋابى مۇنداق: بىرىنچى، »شېئىرىي رومان« دېگەن بۇ ئاتالغۇ دۇرۇس قوللىنىلمىغان. يەنى »شېئىر« ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ »نەزمىي ئەسەر« تۈرىگە، »رومان« بولسا »نەسرىي ئەسەر« تۈرىگە تەۋە بولۇپ، قارىمۇ قارشى بولغان ئىككى ئۇقۇمغا ۋەكىللىك قىلغۇچى ئىككى سۆزنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر خىل ئۇقۇمنى ئاڭلىتىدىغان ئىسىم ياساش ئاتالغۇشۇناسلىق ئىلمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى، ئاتالغۇشۇناسلىق ئىلمىدە تەبىر توغرا، ئېنىق، دەل بولۇش، ئۆزئارا زىت بولماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىككىنچى، مەزكۇر ئاتالغۇ ئاستىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئۇقۇم مەزمۇن ۋە شەكىلنىڭ ئورگانىك بىردەكلىكىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. مەلۇمكى، چوڭ تىپتىكى شېئىرىي ئەسەرنى »رومان« سۆزى بىلەن سۈپەتلەش ئىلمىي قاراش ئەمەس. چۈنكى، رومان سۆزى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئوي-پىكىرلىرىدە، يەنى ئەدەبىي ئەسەر ساھەسىدىن باشقا جايلاردا »چوڭ« ئۇقۇمىنى ئاڭلاتمايدۇ. ناھايەت، بۇ ئاتالغۇ ئەسلىي مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ياكى مەزكۇر قاراشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ قارىشى بويىچە بولغاندا »رومانىي شېئىر« بولۇشى كېرەك. )بۇ ئاتالغۇ ئەسلىي چاغاتاي تىلى ئۇسلۇبى بويىچە ياسالغان ئىسىم(. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ يەردىكى رومان سۆزى كۆچمە مەنىدە چوڭ، كاتتا مەنىسىنى ئاڭلىتىپ كېلىدۇ، دەپ چۈشىنىش مۇمكىنچىلىكى بار. مۇبادا »شېئىرىي رومان«دىن ئىبارەت بۇ ياسالما ئىسىم توغرا دېيىلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا چوڭ بىر نەسر يېزىلىپ قالسا ئۇنى »نەسرىي رومان« دەپ ئاتىسىمۇ بولىدۇ، دېگەن قاراشقىمۇ يول قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. باشقىچە پىكىر بولمىسا يەنە بۇنىڭدىن باشقا ئەگەشمە مەسىلىلەرمۇ داۋاملىق يوسۇندا پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. دېمەك، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئەسەر — »شېئىرىي رومان« شېئىرى ئەسەر بولغىنى ئۈچۈن، ئۇنى نەسرىي ئەسەرنىڭ ئاتالمىسى بىلەن ئاتاش مەزمۇنغا ماس بولمىغان شەكلەن ئىپادە دەپ ئېيتىش مۇمكىنچىلىكى بار.
مەن ئۇزۇن يىللىق تەكشۈرۈش، دەلىللەش ۋە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ ماقالىنى يېزىپ چىقتىم. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتشۇناسلىق ئىلمىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇش، يۇقىرى نەزەرىيىۋى سەۋىيە يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت. ئەدەبىيات نەزەرىيىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەڭ ئىلمىي خادىملارنىڭ باشقا ساھەلەر قاتارىدا بۇ نۇقتىغا نەزەر ئاغدۇرۇپ، بەزى قاراشلارغا يېقىندىن ھەمدەمدە بولۇشىنى، مۇمكىنچىلىك بولسا پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
|