ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ بۈگۈنكى دەۋردىكى تەرەققىياتى ۋە ي
يوللانغان ۋاقتى:08-01-2014
مەنبە: تارىم 2013-10-سان
مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 2 پارچە
يېقىنقﯽ يىللاردىن بۇيان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىز يازغۇچﯽ، شائىر
يېقىنقﯽ يىللاردىن بۇيان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىز يازغۇچﯽ، شائىرلىرىمىزنىڭ ئىزچىل ئاغرىنىش، قورساق كۆپىكىنﯽ چىقىرىۋېلىش ئوبيېكتﯽ بولۇپ كەلدﯼ. ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنﯽ: »ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا يېتىشەلمىدﯼ. ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات مەسىلىلىرىگە تېز ئىنكاس قايتۇرۇشتەك ھاياتىي كۈچىدىن ئايرىلىپ قالدﯼ« دەپ ۋايسىساق، ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىزنﯽ: »بېشىنﯽ ئىچىگە تىقىۋالدﯼ، رېئال ئەدەبىيات مەسىلىلىرىگە ياندىشىشتىن ئۆزىنﯽ تارتىپ كەلدﯼ« دەپ قاقشىدۇق. ئەمما ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىزنىڭمۇ قوللاش، رىغبەتلەندۈرۈشكە، ئۆزئارا چۈشىنىشكە موھتاج ئىكەنلىكىنﯽ ھەر ۋاقىت نەزەردىن ساقىت قىلىپ كەلدۇق. بۇنىڭ بىلەن ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە بىر خىل سالقىن مەنزىرە شەكىللەندﯼ. ئەدەبىياتىمىزدىكﯽ يەكۈنلەشكە، خۇلاسە چىقىرىشقا تېگىشلىك نۇرغۇنېي ڭﯽ ھادىسىلەر ئۆز پېتﯽ تاشلاپ قويۇلدﯼ. بۇنىڭ بىلەن ئەدەبىياتىمىزنىڭ سۈيىدە ئېقىپ، ئوتىدا كۆيۈپ كەلگەنلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ ئالدىنقﯽ ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىكﯽ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمۈلگەن، جۇشقۇن ھالىتىنﯽ ئىختىيارسىز كۆپ ئەسلەيدىغان بولۇپ قېلىشتﯽ.
ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئاغرىنىش نۇقتىسﯽ بولۇپ كەلگەن ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە ھەقىقەتەن نەتىجىلەر قولغا كەلمىدىمۇ؟ مېنىڭچە ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزنىڭ رېئاللىقىغا يېقىندىن ياندىشالمىغانلىقىغا قاراپلا، ھەممىنﯽ قارا - قويۇق ئىنكار قىلىش تازا ئىلمىيلىك بولمىسا كېرەك. »سالچىلار« رومانىنﯽ چۆرىدەپ قانات يايغان بەس - مۇنازىرىلەردىن، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ ھېلىھەم ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىدىن ئايرىلىپ قالمىغىنىنﯽ كۆرۈپ يېتىش مۇمكىن. ئوبزورچﯽ مۇھەممەد پولات ئەپەندﯼ ئېيتقاندەك: »بىزدە ھەقىقىي، ئىلمىي ئەدەبىي تەنقىد چىن مەنىسﯽ بىلەن پەقەت 1970 - يىللارنىڭ ئىككىنچﯽ يېرىمىدىن باشلاپ شەكىللىنىپ، راۋاجلىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان« بولسىمۇ، لېكىن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ھەر قايسﯽ مەتبۇئاتلاردا ئەدەبىي تەنقىدچىلىككە دائىر 3000 پارچىدىن كۆپرەك ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنىشﯽ ۋە پارچىدىن70 كۆپرەك ئەدەبىي ئوبزورلار توپلىمىنىڭ نەشر قىلىنىشﯽ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىغا ھەقىقىي تۈردە ئىسپات بولالايدۇ. ئۇنداقتا ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر قايسىلار؟
ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر
بىرىنچﯽ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز تەدرىجىي ئىلمىي ئەدەبىياتشۇناسلىق ساھەسﯽ بولۇپ شەكىللىنىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل مەيدانىنﯽ شەكىللەندۈردﯼ. ئالدىنقﯽ ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا ئەمدىلا سۈت ئۇيقۇدىن ئويغىنىشقا باشلىغان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز، كۆرۈنمەس رامكىلارنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ، ئۆزﯼ بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتﯽ بولمىغان مەجبۇرىيەتلەرنﯽ ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇرلاندﯼ. بۇنىڭ بىلەن ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز ئەسەرنىڭ سايىسﯽ بولۇشتەك قىسمەتلەرگە گىرىپتار بولغانىدﯼ. بارلىقىنﯽ مۇشۇ ساھەگە بېغىشلىغان بىر تۈركۈم قابىل تەتقىقاتچىلار قوشۇنىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز تەدرىجىي مۇستەقىل مەيدانىنﯽ شەكىللەندۈرۈپ، ئەسەرنىڭ سايىسﯽ بولۇشتەك تىراگېدىيەدىن قۇتۇلۇشقا قاراپ يۈزلەندﯼ.
ئىككىنچﯽ، ئەدەبىي تەنقىد ماقالىلىرىنىڭ سۈپەت - ساپاسﯽ ئۆستﯽ. ئەدەبىي تەنقىد ئالدﯼ بىلەن سىستېمىلاشقان نەزەرىيەسﯽ بولغان بىر ئىلىم. بىر ئەدىبنىڭ ئەسىرىنﯽ مۇھاكىمە قىلىۋاتقان ئەدەبىي تەنقىدچىدە، شۇ ئەدىبنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا تەڭلىشەلەيدىغان ياكﯽ ئۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرالايدىغان ئىلمىي ساپا بولۇشﯽ كېرەك. يېقىنقﯽ بىر مەزگىلگىچە بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز ئەسەر مەزمۇنىنﯽ ئۆلۈك ھالدا تەكرارلاشتىن، ئەسەرنىڭ ئىجتىمائىي، بەدىئىي رېئاللىقىنﯽ تۇرمۇشقا ئاددىي تەتبىقلاشتىن، پېرسوناژلارغا »ئىجابىي«، »سەلبىي« تامغا بېسىشتىن نېرىغا ئۆتەلمىگەنىدﯼ. كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان بايانسىمان تەسىراتلارنىڭ ئورنىنﯽ، چوڭقۇر بەدىئىي مۇھاكىمىلەر يۈرگۈزۈلگەن، ئەدىبنىڭ شۇ ئەسەرنﯽ يېزىۋاتقان چاغدىكﯽ كەيپىياتىنﯽ ۋە ئەسەرنىڭ بەدىئىي يۈكسەكلىكىنﯽ ئىلمىي يوسۇندا كۆرسىتىپ بېرەلىگەن ماقالىلەرنىڭ ئىگىلىشﯽ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ يۈكسىلىۋاتقانلىقىنىڭ، سۈپەت - ساپاسىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىنىڭ روشەن دەلىلﯽ.
ئۈچىنچﯽ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز تار رامكىلاردىن تەدرىجىي قۇتۇلۇپ چىقىپ، تەنقىدچىلىك ئۇسۇلىنﯽ رەڭدارلاشتۇردﯼ. ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە ئەدەبىياتشۇناسلىق بويىچە مۇنتىزىم تەربىيەلەنگەن، نەزەر دائىرىسﯽ كەڭ بىر تۈركۈم ئەدەبىي تەنقىدچىلەر يېتىشىپ چىقتﯽ. بۇنىڭ بىلەن ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىز ھەممىلا ئەسەرنﯽ ئىجتىمائىي - تارىخىي تەنقىد ئۇسۇلﯽ ۋە ئەخلاق تەنقىد ئۇسۇلﯽ بىلەن باھالاشتەك تار رامكىلاردىن قۇتۇلۇپ، مەدەنىيەت تەنقىدچىلىكﯽ، كىتابخان ئىنكاس تەنقىدچىلىكﯽ، بايانچىلىق تەنقىدچىلىكﯽ، ئېستېتىكىلىق تەنقىدچىلىكىگە ئوخشاش تەنقىدچىلىك ئۇسۇللىرىنىمۇ دادىللىق بىلەن قوللىنىپ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ئۇسۇللىرىنﯽ رەڭدارلاشتۇردﯼ.
تۆتىنچىدىن، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ مۇھاكىمە ئوبيېكتﯽ كۆپ خىللاشتﯽ، يەنﯽ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان »پارتىزان شەكلﯽ«دىكﯽ مىكرو تەنقىدچىلىكمۇ، شۇنداقلا ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھەرقايسﯽ دەۋرلەردىكﯽ مۇۋەپپەقىيەت ۋە يېتەرسىزلىكﯽ ھەرقايسﯽ ژانىرلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالﯽ سىستېمىلىق ۋە ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىنغان ماكرو تەنقىدچىلىكمۇ تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىنىڭ كېيىنكﯽ تەرەققىياتىغا كەڭرﯼ يول ئاچتﯽ.
بەشىنچىدىن، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە مۇستەقىل تەنقىد قارىشﯽ ۋە تەنقىدچىلىك ئۇسلۇبىغا ئىگە تەنقىدچىلەر قوشۇنﯽ بارلىققا كەلدﯼ. ئەدەبىي تەنقىدچىلىك قوشۇنىنىڭ سۈپەت - ساپاسىدا زور يۈكسىلىش بولدﯼ. ئازات سۇلتان ۋە كېرىمجان ئابدۇرېھىملار ئىنستىتۇت تەنقىدچىلىكﯽ بىلەن شۇغۇللىنىپ، تەتقىقات تۈسﯽ قويۇق، ئىجادىيلىققا ۋە مۇھاكىمە كۈچىگە باي تەتقىقات ماقالىلىرﯼ بىلەن ئومۇمىي ئېتىراپقا ئېرىشكەن بولسا، مۇھەممەد پولات ئەدەبىيات رېئاللىقىغا يېقىندىن يانداشقان، ئوبرازلىق، پاساھەتلىك تەنقىد تىلﯽ بىلەن بىردەك ئالقىشقا ئېرىشتﯽ. ئابدۇللا مەتقۇربان، مەتتۇرسۇن ئېلﯽ ئېستېتىكىلىق تەنقىدچىلىك ئۇسۇلﯽ بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىد قارىشىنﯽ يېڭىلاشقا ئورۇنۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ روھىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتﯽ. يالقۇن روزﯼ ئەدەبىي تەنقىدچىلىك پىرىنسىپىنىڭ ئەڭ زىل ھالقىلىرىدا مۇستەقىل تەنقىدىي يۆنىلىشتە قەلەم تەۋرىتىپ، دادىللىقىنﯽ ئىپادىلەپ كەلدﯼ.
ئالتىنچىدىن، ئەدەبىيات تارىخىمىزغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن ئەدىبلىرىمىزنىڭ ھاياتﯽ ۋە ئىجادىيىتﯽ ھەققىدە مەخسۇسلاشقان تەتقىقات كىتابلىرﯼ نەشر قىلىندﯼ.
ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتﯽ ۋە گۈللىنىشﯽ ئۈچۈن مۇناسىپ تۆھپىلەرنﯽ قوشقان ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئىجادىيىتﯽ ھەققىدە مەخسۇسلاشقان تەتقىقات ئەسەرلىرىنىڭ بارلىققا كەلمەسلىكﯽ بۈگۈنكﯽ دەۋردىكﯽ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقلىرىدىن بىرﯼ بولۇپ كەلگەنىدﯼ. ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىزدىن قاۋسىلقان قامىجان، كېرىمجان ئابدۇرېھىم، ھەبىبۇللا ئابدۇسالام، ئەكبەر قادىر، ئەكرەم ئابدۇمىجىت قاتارلىقلار ئەھمەد زىيائﯽ، تېيىپجان ئېلىيېف، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇكېرىم خوجايۇف، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن، بوغدا ئابدۇللا، مۇھەممەدجان راشىدىن، زوردۇن سابىر، مۇھەممەد ئىمىن قاتارلىق يازغۇچﯽ - شائىرلىرىمىزنىڭ بىر پۈتۈن ئىجادىيىتىگە، ھاياتىغا بېغىشلانغان مەخسۇس تەتقىقات كىتابلىرىنﯽ نەشردىن چىقىرىپ، بۇ جەھەتتىكﯽ بوشلۇقلارنﯽ تولدۇرۇشقا مۇناسىپ ھەسسىلەرنﯽ قوشتﯽ. بۇ بوشلۇقلارنىڭ ئاز - تولا بولسىمۇ تولدۇرۇلۇشﯽ، بۈگۈنكﯽ دەۋر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ يەنە بىر كاتتا مۇۋەپپەقىيىتﯽ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يەتتىنچىدىن، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز ئۆزﯼ ھەققىدىمۇ ئىزدىنىپ، كىشىنﯽ خۇشال قىلارلىق نەتىجىلەرنﯽ قولغا كەلتۈردﯼ.
بۈگۈنكﯽ دەۋر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرﯼ __ ئەدەبىيات رېئاللىقىمىز ھەققىدە ئىزدىنىش بىلەن بىللە، ئۆزﯼ ھەققىدىمۇ ئىزدىنىپ، قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنﯽ ۋە ساقلانغان مەسىلىلىرىنﯽ يەكۈنلەپ چىقىش، شۇ ئارقىلىق ئۆز نەزەرىيەۋﯼ سىستېمىسىنﯽ قۇرۇپ چىقىشتۇر. بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز بۇ جەھەتتىمۇ ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنﯽ قولغا كەلتۈردﯼ.
بىر تۈركۈم ئەدەبىي تەنقىدچىلەر، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ تارىخﯽ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ تەبىرﯼ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ۋە ساقلانغان مەسىلىلەر، نۆۋەتتىكﯽ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەر، جانلاندۇرۇش تەدبىرلىرىنﯽ ئىلمىي نۇقتىدىن دادىل شەرھلەپ، ئەدەبىي تەنقىد ئىشلىرىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشﯽ ئۈچۈن يول ئاچتﯽ.
گەرچە نۆۋەتتىكﯽ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە يۇقىرىقىدەك بىر قاتار نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ تارىخﯽ بىر قەدەر قىسقا، ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىزنىڭ سانﯽ ئاز ۋە ساپاسىدا پەرقلەر بولغاچقا، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ كۆپ ئارقىسىدا تۇرۇپ كەلدﯼ ھەمدە بىر قىسىم يېتەرسىزلىكلەرمۇ ساقلاندﯼ، مېنىڭچە نۆۋەتتىكﯽ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە ساقلانغان مەسىلىلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.
ساقلانغان مەسىلىلەر
بىرىنچىدىن، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزگە مۇناسىپ ھەسسىلەرنﯽ قوشقان بىر قىسىم پېشقەدەم ئەدەبىي تەنقىدچىلەرنىڭ ياشىنىپ قېلىشﯽ، بىر قىسىملارنىڭ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ساھەدىن ئاستا چېكىنىشﯽ سەۋەبىدىن، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك قوشۇنىمىزدا تەدرىجىي ئۈزۈكچىلىك كۆرۈلدﯼ. ئۈزۈكچىلىكنىڭ كۆرۈلۈشﯽ، ئەدەبىي تەنقىد ماقالىلىرىنىڭ ئازىيىشىغا سەۋەب بولدﯼ.
ئىككىنچىدىن، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك پائالىيىتىنﯽ پەقەت ئەدەبىي تەنقىدچىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشﯽ دەپ خاتا قاراشنىڭ نەتىجىسىدە، باشقىلار بۇ ساھەگە قول تىقمايدىغان ھالەت باش كۆتۈردﯼ. گەرچە قۇربﯽ يەتسىمۇ كۆپ قىسىم ئەدىبلىرىمىزدىكﯽ ئورتاق بىر كېسەللىك، ئىجادىيىتىنﯽ نەزەرىيە جەھەتتىن يەكۈنلەشكە تازا دېگەندەك ئەھمىيەت بەرمەسلىك، ئەدەبىياتىمىزدا يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ھادىسىلەر ۋە ئەدەبىيات تەرەققىياتﯽ ھەققىدە ئويلىغانلىرىنﯽ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشقا سەل قاراشتىن ئىبارەتتۇر. شۇنداقلا زامانداش ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىيىتﯽ ئۈستىدە توختىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىكتۇر. ئەمەلىيەتتە ئەدەبىي تەنقىدچىلىك پائالىيىتﯽ ئەدەبىياتىمىزنىڭ كەلگۈسﯽ تەرەققىياتىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۆزىدە مۇئەييەن تەنقىدچىلىك ئەخلاقﯽ، ماھارىتﯽ ۋە يېزىقچىلىق ئىقتىدارﯼ ھازىرلىغان ھەرقانداق كىشﯽ شۇغۇللانسا بولۇۋېرىدىغان كەسىپتۇر.
ئۈچىنچىدىن، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەسىرﯼ تۈپەيلىدىن نەشرىيات ئورۇنلىرﯼ ئەدەبىي تەنقىد كىتابلىرىغا سۇس مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ھەممەيلەن نەزەرىنﯽ رومانچىلىققا تىكىپ ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ساھەسىگە قىزىقمايدىغان ھالەت باش كۆتۈردﯼ. ئەدەبىي تەنقىد كىتابلىرﯼ بازىرﯼ چاپ - چاپ بولۇۋاتقان رومانچىلىقتەك دەماللىققا ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالماسلىقﯽ ئېنىق. مۇشۇ سەۋەبتىن نەشرىيات ئورۇنلىرﯼ ئەدەبىي تەنقىد كىتابلىرىغا تېگىشلىك ئېتىبار بېرەلمەيۋاتىدۇ.
تۆتىنچىدىن، بىر قىسىم ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىزنىڭ ئۆزىدە ساقلانغان ئەجەللىك مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزگە بىر تەرەپلىمە مۇئامىلە قىلىش كېلىپ چىقتﯽ. يەنﯽ نۆۋەتتىكﯽ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتە تەنقىدكە شەخسىي غەرەزنﯽ ئارىلاشتۇرۇش، ئىلمىيلىكتىن چەتنەش، كونكرېت ئەسەر ئۈستىدە ئەمەس، ئادەم ئۈستىدە تەنقىد ئېلىپ بېرىش... قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئوقۇرمەنلەردە ئەدەبىي تەنقىد ئىستىلىگە گۇمانىي قاراشتا بولۇش بىر قەدەر ئېغىر. بەزﯼ يازغۇچىلارنىڭ تەنقىدچىلەرگە ئېتىبارسىز قارىشﯽ، سوغۇق مۇئامىلە قىلىشﯽ، ھەتتا ئىشەنمەسلىكﯽ، پەرۋا قىلماسلىقﯽ تەنقىدچىلەرگە ئوبيېكتىپ جەھەتتىن بېسىم پەيدا قىلىپمۇ قويدﯼ. بۇنىڭ بىلەن ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز يېڭﯽ قوللاشلارغا، ئىز باسارلارغا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، سۈكۈنات قاينىمىغا پېتىپ قېلىۋاتىدۇ.
بەشىنچىدىن، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە ھەمكارلىق روھﯽ تازا دېگەندەك تۇرغۇزۇلمىغان. سەمىمىيەت، ئۆزئارا ئىشىنىش، باراۋەر ئىش تەقسىماتﯽ ئۈستىگە تۇرغۇزۇلغان ھەمكارلىق روھﯽ كەسىپلەر تەرەققىياتىنﯽ ئىلگىرﯼ سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچتۇر. نۆۋەتتىكﯽ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە ھەمكارلىق روھىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالماسلىقﯽ سەۋەبىدىن، ھەممە تەنقىدچىلەر نەزەرىنﯽ بىرلا ژانېرغا ياكﯽ بىر نەچچە ئاپتورنىڭ ئەسىرىگە تىكىۋېلىپ، باشقا ساھەلەر بوش قالىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقتﯽ. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ساھەسﯽ چۆلدەرەپ قالغاندەك تۇيغۇ بەردﯼ. ئەدىبلىرىمىز ئىختىيارسىز ھالدا: 300» دىن ئارتۇق رومان نەشر قىلىندﯼ. ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىز نېمىشقا ئۇخلاپ ياتىدۇ؟«، »مېنﯽ نېمىشقا تەنقىد قىلمايسىلەر؟« دەپ چۇقان سېلىشقا مەجبۇر بولدﯼ.
ئالتىنچىدىن، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە قۇتۇپقا بۆلۇنۈش ھادىسىسﯽ بىر قەدەر ئېغىر. يېڭىدىن يېتىشىپ چىققان بىر تۈركۈم ئەدەبىي تەنقىدچىلەر، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىپ ھەسسىلەرنﯽ قوشقان پېشقەدەم تەنقىدچىلەرنﯽ ئىنكار قىلىدىغان، پېشقەدەملەر ياش ئەدەبىي تەنقىدچىلەرگە گۇمانىي قارايدىغان قىيىداش پىسخىكىسىنىڭ تەسىرىدە ھەممە تەرەپ رېئال ئەدەبىيات مەسىلىلىرىگە ياندىشىشتىن ئۆزىنﯽ قاچۇرۇپ، بېشىنﯽ ئىچىگە تىقىۋالىدىغان ھالەت شەكىللەندﯼ.
يەتتىنچىدىن، بىر قىسىم ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىزدىكﯽ ئىزدىنىشكە سەل قاراش، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك سەۋەبىدىن، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز ئۆز نوپۇزىنﯽ تازا دېگەندەك تۇرغۇزالمايۋاتىدۇ.
دۇنيا يېڭىلىنىۋاتىدۇ، كىشىلىك دۇنياسﯽ كۈندىن - كۈنگە رەڭگارەڭلىشىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئەدەبىياتىمىزمۇ مۇناسىپ يۈكلەرنﯽ ئۈستىگە ئېلىپ، قۇرۇلمىسىدىن تارتىپ تىل ئىشلىتىش ئادىتىگىچە يېڭىلىنىۋاتىدۇ. ئەدەبىياتىمىزدا ئىنساننﯽ مەركەز قىلىش، ئىنساننىڭ رېئال تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش سادالىرﯼ كۈچىيىۋاتىدۇ. ئەمما بىر قىسىم تەنقىدچىلىرىمىز كونا، قاتمال ئەدەبىيات قاراشلىرىدىن قۇتۇلالماي، ئەدەبىي ئىجادىيەتتە بارلىققا كەلگەن يېڭىلىقلارنﯽ قاتمال ئەدەبىيات چۈشەنچىلىرﯼ بىلەن باھالاپ، كونا ئاياغ بىلەن يېڭﯽ يولدا مېڭىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ نوپۇزﯼ ئۈزلۈكسىز خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكﯽ تۈپكﯽ سەۋەبلەر
بىرىنچىدىن، خېلﯽ كۆپ ساندىكﯽ ئەدىبلىرىمىزدە ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىنﯽ ئىلگىرﯼ سۈرىدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكىگە بولغان كۆز قاراش تېخﯽ تولۇق تۇرغۇزۇلمىغان. بىر قىسىم ئەدىبلىرىمىز ئەدەبىي تەنقىد بولمىسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتىنﯽ تامامەن يۈرۈشتۈرۈپ كېتىدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنىدۇ.
مەلۇمكﯽ بىز تەكىتلەۋاتقان ئەدەبىيات ئەدەبىيات تارىخﯽ، ئەدەبىي تەنقىد، ئەدەبىيات نەزەرىيەسىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ مۇستەھكەم بىرلىكىدىن تەركىب تاپقان. بۇ ئۈچ تەرەپنىڭ قايسﯽ بىرﯼ بىر مىللەت ئەدەبىياتىدا كەم بولىدىكەن، بۇ خىل ئەدەبىياتنﯽ بەدىئىي مۇكەممەللىككە ۋە بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە ئەدەبىيات، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ. 19 - ئەسىر رۇس ئەدەبىياتىنىڭ پارلاق نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنﯽ بىلىنىسكﯽ، چېرنىشىۋىسكﯽ، دوبرولىبوفلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قايرىغىلﯽ بولمايدۇ.
ئىككىنچﯽ، ئەدىبلىرىمىزدە ئەدەبىي تەنقىدكە بولغان چۈشىنىشنىڭ كەمچىل بولۇشﯽ، ئۇلاردا نەزەرىيەگە ئېتىبار بەرمەسلىكنﯽ كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىزدىكﯽ بىر قىسىم ئەدىبلەر يەنىلا نەزەرىيەنﯽ كېرەك قىلماسلىق تەرەپدارلىرىدۇر. بۇنىڭ بىلەن ئەدەبىي تەنقىدچىلەر بىلەن شائىرلار يازغۇچﯽ ئوتتۇرىسىدىكﯽ ئارىلىق بارغانسېرﯼ يىراقلاپ، ھەر كىم ئۆزىنىڭ دەردىگە يىغلايدىغان، بىر - بىرىنىڭ ھالىغا يەتمەيدىغان، بىر - بىرىگە ئېتىبار بەرمەيدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. مەسىلىلەرنىڭ مەسىلە پېتىچە ئۇزاققىچە داۋام قىلىشﯽ، ئەدەبىيات ساھەسىدە ئەدەبىي تەنقىدچىلەردىن ئاغرىنىدىغان، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان خاھىشنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان.
ئۈچىنچﯽ، بىر قىسىم ئەدىبلىرىمىزدە يەنىلا ماختاشقا مايىل بولۇشتەك پىسخىكىنىڭ ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇشﯽ سەۋەبىدىن، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز يەنىلا ئۆز ئورنىنﯽ تېپىپ بولالمايۋاتىدۇ. ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتە مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەنلا شۇغۇللانسىڭىزمۇ ياكﯽ نۇقسانلارنﯽ ئىلمىي يوسۇندا كۆرسىتىپ بېرىدىغان »باغرﯼ تاش« تەنقىدچىلىك بىلەن شۇغۇللانسىڭىزمۇ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىز كىيىدىغان قالپاق ئاللىقاچان تەييارلىنىپ تۇرغان بولىدۇ. بىر ئەدىبنىڭ ئەسىرىدىكﯽ نۇقسانلار ئىلمىي يوسۇندا كۆرسىتىپ بېرىلگەن ماقالىلەرگە، دوست تارتىشىش، ئاقلاش تىپىدىكﯽ ماقالىلەر يېغىپ كەتكەننىڭ ئۈستىگە، شۇ ئەدىبنىڭ ئۆزىمۇ يەڭ شىمايلاپ ئوتتۇرىغا چۈشىدىغان ئىشلارمۇ گاھىدا كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
تۆتىنچﯽ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىزنىڭ باشقىلارغا يامان بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەش پىسخىكىسﯽ. ئەدەبىي تەنقىد بىر ئىلمىي پائالىيەت بولۇش سۈپىتﯽ بىلەن تەنقىدچىدىن ئەڭ ئالدﯼ بىلەن نوپۇزغا ئەمەس، ئەسەرگە لىللا مەيداندا تۇرۇپ باھا بېرىشنﯽ تەلەپ قىلىدۇ. بىر ئەدىبنىڭ ئىجادىيىتىنﯽ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئەدەبىي تەنقىدچﯽ، ئۇنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرﯼ ھەققىدىمۇ دادىللىق بىلەن پىكىر قىلالىشﯽ كېرەك. خۇددﯼ بىلىنىسكىدىكﯽ بىرىنچﯽ قېتىم گۇگۇلنﯽ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يەنە بىرىنچﯽ قېتىم گۇگۇلنﯽ شەرمەندە قىلالىغاندەك دادىللىق، بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىزدىمۇ جەزمەن ئۆز ئىپادىسىنﯽ تېپىشﯽ كېرەك ئىدﯼ.
بەشىنچﯽ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىككە بولغان قوللاشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقﯽ، بۇنىڭدا ھەرقايسﯽ ژۇرناللارنىڭ ئەدەبىي تەنقىد ماقالىلىرىگە تازا دېگەندەك قىزغىن مۇئامىلە قىلالماسلىقﯽ يەنىلا گەۋدىلىك مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ مەلۇم ئەدىبنىڭ ئىجادىيىتىدىكﯽ نۇقسانلار كۆرسىتىپ بېرىلگەن ماقالىلەرگە »تارىم« ژۇرنىلىدىن باشقا ژۇرناللار ئاساسەن دۇمبىسىنﯽ تەتۈر قىلىۋېلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يەردە يەنىلا رول ئويناۋاتقىنﯽ ھەرقايسﯽ ژۇرنالدىكىلەرنىڭ ئەدىبلەرگە ياخشىچاق بولۇشتىن ئىبارەت ناچار پىسخىكىدۇر. بۇ ياخشىچاقلىق مەلۇم دەرىجىدە ئەدەبىيات قوشۇنىنىڭ ئىناقلىقىنﯽ ئىلگىرﯼ سۈرۈش رولىنﯽ ئوينىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاستا - ئاستا ئەدىبلىرىمىزنﯽ بىخۇدلاشتۇرۇپ، ئۆز - ئۆزىدىن قانائەتلىشىشكە ئېلىپ بارىدۇ. نەتىجىدە ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەتتىن چېكىنىشكە تۈپكﯽ سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەتىسىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغانلار جەزمەن »تارىم« ژۇرنىلىدىكىلەرنىڭ جاسارىتىنﯽ ئۆزىگە ئۈلگە قىلسا تامامەن ئەرزىيدۇ. يەنە بىرسﯽ ئەدەبىي تەنقىد ماقالىلىرىگە ھەرقايسﯽ يەرلىك ژۇرناللارنىڭ رايون قامالىنﯽ يۈرگۈزۈشﯽ گەۋدىلىك، مەخسۇس ئەدەبىي تەنقىدكە بېغىشلانغان ژۇرنالنىڭ بولماسلىقىمۇ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ گۈللىنەلمەسلىكىدىكﯽ تۈپكﯽ سەۋەبلەرنىڭ بىرسﯽ. ھازىر رايونىمىزدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكﯽ ئىچكﯽ نومۇر بىلەن نەشر قىلىنىدىغان »شىنجاڭ يازغۇچىلىرﯼ« دېگەن ژۇرنالدا مەخسۇس ئوبزورلار ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ بىر ياخشﯽ باشلىنىش، ئەمما بۇ ژۇرنال ئادەتتە قەرەلسىز نەشر قىلىنغانلىق سەۋەبىدىن بەزﯼ ماقالىلەر باشقا ژۇرناللاردىمۇ ۋە بۇ ژۇرنالدىمۇ تەڭلا ئېلان قىلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىزنىڭ تولىمۇ تار بولغان مەتبۇئات بايلىقﯽ ئىسراپ بولۇۋاتىدۇ.
نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ نوقۇل ئىقتىسادىي قىممەتنﯽ قوغلىشىشﯽ سەۋەبىدىن، ئەدەبىي تەنقىدچىلىككە ئائىت كىتابلار بويۇن قىسىپ تۇرۇپ قېلىش قىسمىتىدىن ھېلىھەم قۇتۇلغىنﯽ يوق. ئەدەبىي تەنقىد ماقالىلىرﯼ تۈرلۈك مۇكاپاتلارنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ قېلىۋاتىدۇ.
ئالتىنچﯽ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىككە مۇھەببەت كەمچىل. ئالەمنﯽ، ئادەمنﯽ ياشناتقانمۇ مۇھەببەتتۇر. ئىنساندا بىر ئىشقا مۇھەببەت بولغاندا، شۇ ئىشنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، بەلگىلىك نەتىجىنﯽ قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. ئەدەبىي تەنقىدچىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، مۇھەببەت تېخىمۇ مۇھىم. چۈنكﯽ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ جاپاسﯽ ھالاۋىتىدىن، ئەدەبىي تەنقىدچىنىڭ ئېرىشكىنىدىن تەقدىم ئەتكىنﯽ كۆپرەك. بىر ئەدەبىي تەنقىدچﯽ، بىر ئەدىبنىڭ ئىجادىيىتﯽ ھەققىدە مۇكەممەل توختىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ پۈتۈن ئىجادىيىتىگە مۇراجىئەت قىلىشﯽ كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن چىدامچانلىقتىن باشقا، ئەڭ مۇھىمﯽ ئۆزﯼ شۇغۇللىنىۋاتقان ئەدەبىي تەنقىدچىلىك كەسپىگە چوڭقۇر مۇھەببەت بولۇشﯽ كېرەك. ئاز - تولا بەدىئىي دىتقا ۋە بىردەملىك قىزغىنلىققا تايىنىپلا بۇ ساھەگە كىرگىلﯽ بولمايدۇ. 30 نەچچە يىللىق ئەدەبىي تەنقىد كوچىسىنىڭ بېشىغا قاراپ باقساق، خېلﯽ بىر قىسىملارنىڭ سۈر ھەيۋە بىلەن يامان ئەمەس سىياقتا كىرىپ كەلگەنلىكىنﯽ بايقايمىز. ئەدەبىي تەنقىد ساھەسىدە بىر مەزگىل چاڭ - توزان ئۆرلەتكەنلەرنىڭ ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىدىكﯽ سەۋەب، بۇ ساھەگە بولغان مۇھەببەت تۇيغۇسىنىڭ كەمچىللىكﯽ بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دېيىشكە بولىدۇ.
ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنﯽ گۈللەندۈرۈش تەدبىرلىرﯼ
نۆۋەتتكﯽ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنﯽ گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، پەقەت ئەدەبىي تەنقىدچىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ تىرىشچانلىقىغا تايىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقايسﯽ تەرەپلەر ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشﯽ كېرەك:
بىرىنچﯽ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزگە نىسبەتەن توغرا قاراش تىكلىنىشﯽ كېرەك. ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنﯽ بولسىمۇ، بولمىسىمۇ بولىۋېرىدىغان پەن سۈپىتىدە ئەمەس، مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ۋىجدان ئىشﯽ، دېگەن قاراش ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلىنىشﯽ كېرەك.
ئىككىنچﯽ، ئاشۇ خىل قاراشنﯽ تىكلەش ئۈچۈن ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىنﯽ كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىشﯽ تولىمۇ زۆرۈر، يەنﯽ ئىزدىنىش ۋە قۇربان بېرىش روھىغا باي، يېڭىچە ئەدەبىيات قاراشلىرﯼ، تەنقىدچىلىك - تەتقىقات ئۇسۇللىرﯼ بىلەن قوراللانغان، تەنقىدچىلىككە شەخسىيەتسىز مۇئامىلە قىلالايدىغان، ئەدەبىيات مەسىلىلىرىگە ئىلمىي، سەمىمىي ياندىشالايدىغان مۇنەۋۋەر بىر تۈركۈم ئەدەبىي تەنقىدچىلەر قوشۇنىنﯽ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ نوپۇزىنﯽ تىكلەش كېرەك.
ئۈچىنچﯽ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشىنﯽ چىڭ تۇتۇپ سىستېمىلىق، قەدەم - باسقۇچلۇق ھالدا قانات يايدۇرۇش لازىم. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىل ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ ئاپتورلارنىڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقىغا ئائىت بەش پارچە كىتابىنﯽ نەشر قىلىشﯽ، نەزەرىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۇل قۇرۇلۇشقا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنىڭ، بۆلىدىغانلىقىنىڭ روشەن دەلىلﯽ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مېنىڭچە بۇنىڭدىن كېيىن ئەدەبىي تەنقىدچىلىككە بولغان قوللاش ۋە مەدەتلەر كۈچەيسە كۈچىيىدۇكﯽ، ھەرگىزمۇ ئاجىزلاشمايدۇ. مۇمكىن بولسا بۇنىڭدىن كېيىنكﯽ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتە ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرىنىڭ ئەدەبىيات قاراشلىرﯼ ۋە ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىنﯽ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا يېڭﯽ نەزەرىيە ئاساسلىرىنﯽ قېزىپ چىقىش كېرەك، يەنە بىرﯼ چەت ئەللەرنىڭ يېڭﯽ تەنقىدچىلىك ئۇسۇللىرىنﯽ سىستېمىلىق تونۇشتۇرۇش، ئىجادىي ئاساستا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تەتبىقلاشنﯽ تەنقىدچىلىكىمىزدىكﯽ مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىغا قويۇلۇشﯽ كېرەك.
تۆتىنچﯽ، نەشرىيات ئورۇنلىرﯼ ئەدەبىي تەنقىد توپلاملىرىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىشنﯽ ئويلىشىپ بېقىشﯽ كېرەك.
ئەدەبىيات نەزەرىيەسﯽ تەرەققىي قىلمىغان ئەدەبىيات بىر مەزگىل جانلانغاندەك، گۈللەنگەندەك تەسىر بەرسىمۇ، لېكىن ئاخىرىغىچە ساغلام راۋاجلىنالىشﯽ ناتايىن. بۇ خۇددﯼ ئادەمنىڭ ياش ۋاقتىدا ئەمچىگە ھاجىتﯽ چۈشمىگەن بىلەن، ياشانغانسېرﯼ دوختۇرخانىنﯽ ئەگىپ كېتەلمىگەندەك بىر ئىش. نەشرىيات ئورۇنلىرﯼ نوقۇل كۆز ئالدىدىكﯽ پايدا - مەنپەئەتنىلا كۆزلىمەي، نەزەرىنﯽ سەل يىراققا تىككىنﯽ ئەۋزەل. شۇڭا نەشرىيات ئورۇنلىرﯼ چەت ئەللەرنىڭ ئەدەبىيات نەزەرىيەسىگە دائىر ئەڭ نوپۇزلۇق كىتابلىرىنﯽ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشتۇرۇشنﯽ كۈنتەرتىپكە قويسا، ئۇنىڭدىن باشقا خەنزۇ ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات نەزەرىيەسىگە ئائىت كىتابلىرىنىمۇ، تەقرىزلىرىنىمۇ تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇپ بېقىشنﯽ ئويلىشىپ باقسا ياخشﯽ بولاتتﯽ.
ئۇيغۇر تەنقىدچىلىرىنىڭ ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان كىتابلىرىنىمۇ نەشر قىلىشنﯽ مۇھىم كۈنتەرتىپكە قويسا ياخشﯽ بولاتتﯽ.
بەشىنچﯽ، ھەرقايسﯽ ژۇرنال تەھرىر بۆلۈملىرﯼ ئۆزىنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولىنﯽ ھەقىقىي جارﯼ قىلدۇرۇشﯽ كېرەك.
ھەرقايسﯽ ژۇرناللار ئوتتۇرىسىدىكﯽ ھەمكارلىقنﯽ، چۈشىنىشنﯽ ئىلگىرﯼ سۈرۈش ئارقىلىق، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنﯽ قوللاشنﯽ ژۇرناللارنىڭ ئورتاق شوئارىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. »تارىم« ژۇرنىلﯽ رايونىمىزدىكﯽ ئەڭ نوپۇزلۇق، ئانا ژۇرنال بولۇش سۈپىتﯽ بىلەن ئەدەبىي تەنقىد ماقالىلىرىگە دادىللىق بىلەن ئىزچىل قوللاش پوزىتسىيەسىنﯽ تۇتۇۋاتىدۇ. ئەدەبىياتىمىزدا بارلىققا كەلگەن يېڭﯽ ھادىسىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان تەنقىد ماقالىلىرىگە باغرىنﯽ كەڭ ئېچىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دەۋرىمىزدىكﯽ ئوخشاش بولمىغان تەنقىدىي پىكىرلەرگە بەلگىلىك سورۇن ھازىرلاپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ يەردە ئەڭ ئاساسلىق رول ئويناۋاتقىنﯽ »تارىم« ژۇرنىلﯽ نەشرىياتىدىكىلەرنىڭ ئىجادىيەت دېموكراتىيەسىنىڭ روھىي ماھىيىتىنﯽ ھەقىقىي مەنىدە چۈشەنگەنلىكﯽ بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ھەرقايسﯽ ژۇرناللارمۇ »تارىم« ژۇرنىلىنىڭ مۇشۇ روھىدىن ئۆگىنىپ، رايون قامالىنﯽ بۇزۇپ تاشلاشقا دادىل جۈرئەت قىلىش ئارقىلىق، ئۆز ئاپتورلىرىنىڭ ئەسەرلىرىلا مۇھاكىمە قىلىنغان ئەسەرلەرگە يېشىل چىراغ يېقىپ بەرمەستىن باشقا ۋىلايەت ئاپتورلىرىنىڭ ئەسەرلىرﯼ ئۈستىدە توختالغان ئەسەرلەرگىمۇ باغرىنﯽ كەڭ ئېچىۋېتىش كېرەك. يەنە بىرسﯽ ھەرقايسﯽ ژۇرناللار ئۆز سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان نادىر ئەسەرلەر ئۈستىدە تەنقىدچىلىككە تەشكىللەشمۇ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنﯽ ئىلگىرﯼ سۈرۈشتىكﯽ ئۈنۈملۈك يوللارنىڭ بىرﯼ.
مەن سىچۈەن ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتﯽ تەرىپىدىن ئايدا ئىككﯽ سان نەشر قىلىنىدىغان، مەخسۇس شېئىرىيەت تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان »يۇلتۇز« ناملىق ژۇرنالنﯽ كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقىغا قايىل بولماي تۇرالمىدىم. ئۇلار ھەر بىر سان ژۇرنالدا بىردىن ئاپتورنىڭ نەچچە پارچە ئەسىرىنﯽ بېرىش بىلەن بىللە، شۇ ئاپتورنىڭ ئەسىرىگە ئۇيۇشتۇرۇلغان تەنقىد ماقالىلىرىنىمۇ تەڭ بېرىپتۇ. بىزدىكﯽ ژۇرناللارمۇ ھەر بىر سان ژۇرنالدا بىردىن ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرىگە مۇشۇنداق قىلىشنﯽ ئويلىشىپ باقسا، بۇنىڭ ئۈنۈمﯽ باشقىچە بولامدىكىن، دەپ ئويلايمەن. بۇنداق قىلىش ئېنىقكﯽ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردىن زوقلىنىش سەۋىيەسىنﯽ يۇقىرﯼ كۆتۈرۈش ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنﯽ چۈشىنىش ئىقتىدارىنﯽ ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىنﯽ يېتەكلەش ئۈچۈن بىزدىكﯽ بىر قىسىم ژۇرناللار ئاز بولمىغان تىرىشچانلىقلارنﯽ كۆرسەتتﯽ ۋە داۋاملىق كۆرسەتكۈسﯽ بار. لېكىن ئىزچىللىقنىڭ كەم بولۇشﯽ، بۇ تىرىشچانلىقنىڭ ئۈنۈمىنﯽ كۆرۈشكە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان ئاساسىي ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
قىسقىسﯽ، ئۇيغۇر بۈگۈنكﯽ دەۋر تەنقىدچىلىكىدە ئۇتۇقمۇ بار، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جىددىي ھەل قىلمىسا بولمايدىغان نۇقسانلارمۇ بار. ئەدىبلەر بىلەن ئەدەبىي تەنقىدچىلەر، ھەرقايسﯽ نەشرىيات ئورۇنلىرﯼ، ژۇرناللار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئورتاق ھەمكارلىشىدىغانلا بولسا، ئىشىنىمىزكﯽ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكﯽ تەرەققىيات يۈزلىنىشﯽ تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ.
|
ھالقىلىق سۆزلەر :
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------