«تارىخ – تەبەرى»نى ئەڭ دەسلەپ ئەبۇ – ئەلى مۇھەممەد بىن ئابىد ئاللاھ ئەل ئەلقەھى (ۋاپاتى 14 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ) تاجىك – پارس تىلىغا تەرجىمە قىلغان. بۇ پارسچە نۇسخىسىغا ئاساسەن «ئەسىرلەرنىڭ ئەمىرى» ئەھمەد پاشا (؟ — 1522) دەۋرىدە تۈركىيە تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلىنغان. 1524 -، 1531 – يىللىرى تۈركىيە تۈركچىسىگە قايتا تەرجىمە قىلىنغان. 1844 – يىلى نەشر قىلىنغان. 1874 – يىلى تاجىك – پارسچە نۇسخىسىغا ئاساسەن فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىشلەنگەن بولۇپ، زوتىنبىرگ تەرىپىدىن تۆت جىلىد قىلىنغان. 1879 – يىلى مەزكۇر كىتاب تۇنجى قېتىم ياۋروپادا بېسىلىپ چىققان. ئەمما تولۇق ئەمەس ئىدى. ئېلىمىزدە، خەنزۇ تىلىدىكى تەرجىمىسى تېخى تولۇق ئىشلەنمىگەن. پەقەت شەنزى ئەپەندى «تارىخ تەبەرى»دىكى ئىختالىتلارغا دائىر «تارىخىي ماتېرىياللارغا ئىزاھات» دېگەن ماۋزۇدا «تارىخ تەبەرى»دىن بەش ئابزاس تەرجىمە قىلىپ، «ئوتتۇرا ئاسىيا مەجمۇئەسى»دە ئېلان قىلدى. ئېلىمىزدە «تارىخ تەبەرى»نى ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇرلار تەرجىمە قىلىپ، ئېلىمىز كىتابخانلىرىغا تونۇشتۇرغان. قەشقەردە ياشىغان مەشھۇر ئالىم مۇھەممەد سادىق كاشغەرى (1725 — 1850) 1795 – يىللاردىن باشلاپ قەشقەرنىڭ ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلەنگەن ئىسكەندەر ۋاڭنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تەخمىنەن 1800 – يىللار ئەتراپىدا (بەزىلەر 1846 – يىلى دەپ ھېسابلاشقان) ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تۆت توملۇق «تارىخ تەبەرى»نى ئەرەب تىلىدىن (؟) ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىدۇ. كىتابنىڭ تەرجىمىسىگە قەشقەرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تەرجىمانى يۇنۇس تاجى ھېكىم بەگ بىننى ئىسكەندەر ۋاڭ سەۋەبچى بولغانلىقى ئۈچۈن تەرجىمە ئەسىرىگە ئەنە شۇ ھۆكۈمدارنىڭ نامى بىلەن «تارىخىي ئىسكەندەرىيە ۋە تاجىنامەئى شاھى» (ئىسكەندەر خانلىقى تارىخى ۋە شاھلار تاجنامىسى) دەپمۇ ئات قويىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇرۇسۇل بىننى مەۋلانا مۇھەممەد رېھىم 19 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا «تارىخ تەبەرى»نى ئىككىنچى قېتىم پارس تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، «تەرجىمەئى تارىخ تەبەرى» دەپ نام بەرگەن. بۇ كىتابنىڭ موللا ئوشۇر بىننى موللا مۇشتەرى بىننى موللا شەمسى تەرىپىدىن 1841 – يىلى كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىمۇ بار. دېمەك، «تارىخ تەبەرى»نىڭ خېلى ئىلگىرىلا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى، ئېلىمىزنىڭ تەرجىمە تارىخىدا چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ. |