ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك تارىخىغا قوشقان(3)

يوللانغان ۋاقتى:24-01-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابدۇرېشىت ئېلى   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
قارا خانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە قەشقەرگە ئىسلام دىنىنىڭ كىرىپ كېلىشى بىلەن ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ تەركىبىي قىسم

قارا خانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە قەشقەرگە ئىسلام دىنىنىڭ كىرىپ كېلىشى بىلەن ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن «كەلىلە ۋە دېمىنە» قارا خانىي ئۇيغۇرلىرىغا تەسىر قىلغانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن.
قەشقەرلىك داڭلىق ئۇيغۇر تەرجىمانى موللا مۇھەممەد تۆمۈر 1717 – يىلى «كەلىلە ۋە دېمىنە»نى پارس تىلىدىغان ئۇيغۇر تىلىغا تولۇقى بىلەن، سۈپەتلىك تەرجىمە قىلىپ چىققان. بۇ نۇسخا ئاساسىدا 1985 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى كىتابنى ئۇيغۇر تىلىدا قايتىدىن نەشر قىلىپ تارقاتتى.
موللا مۇھەممەد تۆمۈرنىڭ تەرجىمىسى گەرچە ئەرەبچە ياكى سانسكرىتچىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما، بىز ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق شۇنى ئېيتالايمىزكى، ئېلىمىزدە «كەلىلە ۋە دېمىنە» يەنى «بەشنامە»نى تولۇق تەرجىمە قىلىپ، جۇڭگو كىتابخانلىرىغا تونۇشتۇرغان كىشى موللا مۇھەممەت تۆمۈر ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئەمگىكى بىلەن ئېلىمىزنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە تارىخىغا چوڭ ھەسسە قوشقان.
4. ئەرەب تىلىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى
ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن باشلاپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان مىللەتلەر ئارىسىدا ئەرەب تىلى ئاساسلىق ئالاقە قورالى بولۇپ قالغان. ئەرەب تىلىدا نۇرغۇن داڭلىق ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرەبلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى قەدىمكى دەۋرلەردىلا باشلانغان. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن، ئۇلاردا ئەرەب تىلىغا نىسبەتەن بىر خىل قىزىقىش قوزغالغان. قارا خانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ، تا 20 – ئەسىرگىچە، شىنجاڭدا ئەرەب تىلى بىر خىل دىنىي ۋە ئىلمىي تىل سۈپىتىدە ئۇيغۇر تىلى بىلەن تەڭ قوللىنىلغان. ئۇيغۇر ئۆلىما – زىيالىيلىرىنىڭ كۆپچىلىكى ئەرەب تىلىنى ئۆز ئانا تىلىنى بىلگەندەك پىششىق ئىگىلىگەن. ئۇيغۇر ئاپتورلىرى ئەرەب تىلىدا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان.
ئەرەب تىلىدا يېزىلغان بىرمۇنچە ئەسەرلەر خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ تەرجىمىچىلىك ساھەسىنى بېيىتقان.
«قۇرئان»نىڭ تەرجىمە قىلىنىشى
«قۇرئان» ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى ۋە ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ نادىر ئۈلگىسى. ئۇ ئەرەب مىللىتى، ئىسلام ئەللىرىگىلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن.
«قۇرئان» بىر خىل كىلاسسىك ئەرەب تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنى چەت ئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىش نىسبەتەن قىيىن بولغان خىزمەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىپ كېلىنگەن.
«قۇرئان» ئۇيغۇر تىلىغا ناھايىتى بۇرۇنلا تەرجىمە قىلىنغان. تارىخىي پاكىتلارغا مۇراجىئەت قىلىنىدىغان بولسا، «قۇرئان» 12 – ئەسىردىن باشلاپلا ئۇيغۇر – تۈركىي تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشقا باشلىغان. ھازىر ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمە نۇسخىسىدىن ئالتە خىلى بار بولۇپ، بۇلار 12 -، 16 – ئەسىرلەر ئارىلىقىدىكى دەۋرگە مەنسۇپ.
«قۇرئان»نىڭ ئەڭ قەدىمكى نۇسخىسى قارا خانىيلار سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇ 12 -، 13 – ئەسىرلەردە ئوتتۇرا قەدىمكى ئۇيغۇر – تۈركىي تىلغا قىلىنغان تەرجىمە نۇسخىسىدىن ئىبارەت. بۇنى مۇھەممەد ئىبىن ھاجى دەۋلەتشاھ ھىجرىيە 734 – (مىلادىيە 1333 — 1334 – يىلى) يىلى ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدە كۆچۈرۈپ چىققان. ئۇ كۆركەم ئەرەب يېزىقى بىلەن يېزىلغان. بۇ ئىلىكخان ئەبۇ سەئىد (1317 — 1336) ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرگە توغرا كېلىدۇ. مەزكۇر قوليازمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تىلىنى تەكشۈرگەندە، روشەن پەرقنىڭ بارلىقى بىلىنگەن. ئۇنىڭ بىر قىسمى 14 – ئەسىردە تولۇقلىنىپ تەرجىمە قىلىنغان. دېمەك، تەرجىماننىڭ ئەسلى تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ كەم يەرلىرى ياكى يوقىلىپ كەتكەن يەرلىرىنى تولۇقلاپ تەرجىمە قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ھازىر بىر نۇسخا تۈركىيە ئىستانبولدىكى تۈرك ۋە ئىسلام ئەسەرلىرى مۇزېيىدا ساقلانماقتا.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «قۇرئان»نىڭ قەيەردە ۋە كىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىت كىشىلەرگە ناھايىتى ئايان بولغاچقا، بۇ تەرجىمە نۇسخىا، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەتلىك مەدەنىي مىراس بولۇش بىلەن برىگە، ئېلىمىزنىڭمۇ تەرجىمىچىلىك تارىخىدا تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە.
شۇنداق بولغاندا، ئېلىمىزدە «قۇرئان» ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ چىقىدۇ.
«قۇرئان»نىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى 2 – ۋە 3 – خىل تەرجىمە نۇسخىسى 12 -، 13 – ئەسىرلەرگە تەئەللۇق، قالغان ئۈچ خىل نۇسخىا 14 -، 15 -، 16 – ئەسىرگە تەئەللۇق.
«قۇرئان»نىڭ ئۇيغۇر – تۈركىي تىلىدىكى تەرجىمە نۇسخىلىرىنىڭ مۇنداق كۆپ خىل بولغانلىقى، ئۇنىڭ قەدىمكى دەۋردە تەكرار – تەكرار تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
«مىڭ بىر كېچە»نىڭ تەرجىمە قىلىنىشى
«مىڭ بىر كېچە» — ئەرەب خەلقلىرىنىڭ قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيەت دۇنياسىدىكى ئېسىل گۆھەر.
مەملىكىتىمىزدە ئۇيغۇرلار خېلى بۇرۇنلا «مىڭ بىر كېچە»نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ئېلىمىزگە ئېلىپ كىرگەن.
«مىڭ بىر كېچە»نىڭ 1980 – يىلى نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە نۇسخىسىغا تەھرىر تەرىپىدىن بېرىلگەن «نەشرىياتتىن» ناملىق سۆز بېشىدا «مىڭ بىر كېچە» كونا ئۇيغۇر تىلىغا كۆپ قېتىم تەرجىمە قىلىنغان، بۇ تەرجىمە 18 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۆتكەن ئاقسۇلۇق مۇھەممەد ئابدۇللا خاننىڭ كونا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ۋە باشقا تەرجىمىگە ئاساسەن نەشرگە تەييارلاندى، دېيىلگەن.
دېمەك، بۇنىڭدىن كۆرۈنىدۇكى، «مىڭ بىر كېچە» بىرقانچە يۈز يىل بۇرۇنلا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇيغۇر كىتابخانلىرىغا تونۇشتۇرۇلغان.
«تارىخ تەبەرى» — بۇ «تارىخ — ئەل – رۇسۇل ۋە ئەل – مۈلۈك» (پەيغەمبەرلەر ۋە پادىشاھلار تارىخى) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەنە بىر نامى «تارىخ – ئەل – ئۇمام ۋە ئەل – مۈلۈك» (مىللەتلەر ۋە پادىشاھلار تارىخى)دىن ئىبارەت.
بۇ كىتابنى پرىسسىيەنىڭ شىمالىدىكى تەبەرىستاننىڭ ئامۇل شەھەرلىك ئەل تەبەرى (839 — 923) يەنى مۇھەممەد بىن جەرىر ئەبۇ جەففار ئەل تەبەرى يېزىپ چىققان. ئۇنىڭدا ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن تارتىپ تاكى 912 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى دۇنيانىڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ تارىخىغا دائىر بايانلار سۆزلەنگەن. ئۇ ھەم تارىخ بايان قىلىنىدىغان تارىخىي ئەسەر ھەم ئەپسانە – رىۋايەت بايان قىلىنىدىغان ئەدەبىي ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
«تارىخ تەبەرى» ئەرەب تارىخشۇناسلىقى ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىق ساھەسىگە كاتتا شان – شەرەپ كەلتۈرگەن ئەسەرلەرنىڭ بىرى. ئۇ دۇنياغا كەلگەندىن باشلاپلا ئالىملارنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىغان. ئۇنىڭ ھەر خىل نۇسخىلىرى جاي – جايلارغا تارقالغان.



ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار