نەسرلەر
زەپەر ئابدۇلھەي شەرقىي
بۇرۇلۇش
كۆزلەر چۈشمىگەن خىلۋەتلەرگە نەزەر سال .ئىزتىراپلىق ھېس-تۇيغۇلىرىڭنى قوزغىغان ،قەلبىڭدە ئەبەدىيلىك داغلار نى قالدۇرغان سۈرەتلەرنى تۇتىيا ،گۈزەلللىك دەپ چۈشەندىڭمۇ ...؟ئۇلۇغلانغان گۈلدەستىلەرنىڭ ھەممىسى خىيالدىن تىزىلغان .كۆزلىرىڭنى يۇمساڭلا كۆڭۈل ئېكرانىڭدا رەڭگا-رەڭ كۆرىنىشلەر ئايان بولىدۇ .ھايات كۆلچىكىنىڭ قىرغىقىدائولتۇرۇپ مۇنداقلا تاشلاپ قويغان كىچىككىنە بىر تال تاشنىڭ كۆل يۈزىدە قانداق تەۋرىنىشلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۆرمىگەنمىدىڭ؟ قورام تاشلار ئۆز ئورنىدا قېلىۋەرسۇن .بۇ يولدا بۇرۇنقىلارمۇ ماڭغان ،پەقەت بۇ تاشلار ھەققىدە خاتىرىلەرلا قالدۇرۇلغان .يوللاردا تاشلىنىپ قالغان كونا ئېرىقلار ۋە ئويمان-چوڭقۇرلارنى تۈزلەيمەن دەپ ھېلىمۇ ياشلىقىڭنىڭ گۈلدەك دەملىرى ۋاقىتسىز توزۇپ تۈگىدى ...
ئەمدىلىكتە سەنمۇ ئەنە شۇ قورام تاشلاردىن ئەگىپ ،ئېرىقلاردىن سەكرەپ-تاقلاپ يولۇڭغا راۋان بولىۋەر .سۆيگۈ ۋىسالىغا مېھرىڭ ،جەلپكار لاتاپتىڭ ،قىيا بېقىشلىرىڭ بىلەن مۇيەسسەر بول.ئاقۇش تۇمانلار لەيلەپ تۇرغان دەريا –كۆللەرگە نەزەر سال .قەلبىڭنىڭ ئاپئاق بەتلىرىدە سۈزۈك خياللىرىڭ، ۋىسال نىگارىنىڭ جىلۋىدار تەبەسسۇمى جۇلالىنىپ تۇرسۇن .سۆيگۈ ھەققىدە سۆزلە ،يېقىملىق ناخشىلارنى ئېيت .
ئېغىر تىنىقلار
مەن تىنغان تىنىقلىرىمدىن ساڭا بىشارەت بەرگىنىمدە ئۇندىكى سۈرەتلەردىن تەشۋىش ۋە ئەندىشىگە چۈشتۈڭمۇ ياكى ئۇ سېنىڭ ۋۇجۇدىڭدا ئەڭ قايناق ۋە گۈزەل ھېسلارنى ئويغىتىشنىڭ ئورنىغا ئىچىڭنى سىقىپ خىياللىرىڭنى مالىمان قىلغان بولسا ،مەن بۇ تىنىقلىرىمىدىن بىراقلا قول ئۈزۈپ تۇيغۇ سەپەرلىرىمنى ئۆزگە بىر مەنزىلگە توغرىلاي ...
سەن ئۇنى خالىمىغان ئىكەنسەن مېنىڭ ھايات ۋە قىسمەتنىڭ چاتقاللىقلىرىدا تەرمەچ تېرىپ يۈرۈشۈمنىڭ نە ھاجىتى ..؟!
بۇتىنىقلار ھەرگىزمۇ غەرەزلىك توقۇپ چىقىرىلغان توقۇلما ۋە كۆپتۈرمىلەر بولماستىن بەلكى تۇرمۇشنىڭ قىرتاق قىسمەتلىرى ماڭا ئاتا قىلغان تەسىراتلىرى ئىدى .بۈگۈنكى كۈندە مەن ئەنە شۇ ئېغىر تىنىقلىرىمىدىن تامامەن مۇستەسنا ئازادمەن .مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ،ئۇ مېنىڭ ئارقامدا قالغان كونا ئىزلىرىمدۇر ..
ئېغىر تىنىقلار زامان ۋە كەچمىشلەرگە گۇۋاھ بولغان بىر ئىنساننىڭ ساپ ۋە پاك قەلبىدىن تۆكۈلگەن باياننامىلەردۇر ...
ئىككى يولۇم
ئىككى يولۇم بار داۋامم قىلىپ كېلىۋاتقان ،،ھەر ئىككىسى قەلبىمدە ئاپرىدە بولغان ،مېھرىم سۈيىدە سۇغىرىلغان ،ئەقىدە ئۇنىدا يۇغىرىلغان .بىرىدە شادىمان ۋە ئەزگۈ ھېسلىرىم ،گۈزەل خاترىلىرىم جۇلالانسا ،يەنە بىرىدە تىرەن تەلقىنلىرىم ،ئىزتىراپ ۋە ۋە ھىجرانىلرىم ئۆز ئىپادسىنى تاپىدۇ .
ئىككى يولۇم بار ،ئەتم بىناسىغا مۇستەھكەم ھۇل سېلىۋاتقان ،ھىكمەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىۋاتقان ..ئۆتۈشۈپ تۇرار بىر بىرى بىلەن ..
ئىككى يولۇم گويا ئىكى يورغا ئات ،ئۆزىگە قامچا تەككۈزمەي ،تېزگىن سېرىپ ئويناقلاپ كېتىۋاتقان .ئىككى يولۇم كۆزلىرىمنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ ،قەدەمىلرىمنى تېزلەتكۈچى ،روھىمنى تەكاممۇللاشتۇرگۇچى .ئىككى يولۇم بار قەلبىمدىن چىقىپ زىمىنغا سوزۇلۇپ كەتكەن .
تەۋەرۈك
ئۇدۇم بولۇپ قالغان يوللاردا سەپەر قىلىۋەرگەندە ھېس-تۇيغۇلىرىڭ سىقىلىشقا باشلايدۇ .شۇ چاغدا سەن داغدام ۋە ئەركىن يوللارنى خالاپ قالىسەن .ھېسسىيات كەڭلىككە ۋە ئەركىنلىككە ئىنتىلگۈچى خىياللار سىقىلىشتىن خالاس بولۇپ ،بوشلۇق تامان پەرۋاز قىلغاندا ،تەسەۋۇرنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ .‹‹ تەپەككۇرۇڭ يول بويلاپ چېچىلىدۇ››( ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن).تەكرارلىق ۋە بىر خىللىق تۇرغۇنلۇقنىڭ بىشارىتىدۇر .دالىلاردىكى تىمتاسلىق ۋە ئازادىلىكتىن روھىڭدىكى سىقىلىشلارغا تەسەللى ۋە مەلھەم تاپالايسەن .ئۇنتۇلغان قەدىمىي قەلئەلەر بۈگۈننىڭ كۆزىدە خارابىلىك ھىساپلانسا ،ئەتە ئۈچۈن تەۋەرۈكتۇر .
ئۆزۈمگە خىتاپ
مۈگدەك باسقان كۆزلىرىمنى زورىغا ئېچىپ ،تەپەككۇرنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىشقا تەمشىلىمەن .كۆزۈمگە سىغمىغان سۈرەت ۋە كۆرىنىشلەر بىلەن قۇلىقىم ئاڭلاشنى خالىمىغان پاراڭلارغا خاتىرەمدىن ئورۇن بېرىشنى مۇناسىپ كۆرمىدىم .
.‹‹سەھنىلەر گۈزەللىك مۇنبىرى ›› دىگەن ئۈزۈندىلەر ھەرقاچان قۇلىقىم تۈۋىدە جاراڭلاپ ،ھاياتنى ئۆزگە بىر رەۋىششتە سۈرەتلەشنىڭ يوللىرىنى ئىزلىمەكتىمەن ....تۇرۇپلا ئۆزۈمگە شۇنداق خىتاپ قىلغۇم كېلىدۇ :
قالسا قېلىۋەرسۇن ئۆلۈمتۈك ھېسلار ،قاچانغىچە قىلاتتىم ھاپاش !
يامغۇر
بىنەمدىكى گۈزەللىك ئەسلدە يامغۇر بىلەنلا ئۆز جۇلاسىنى نامايەن قىلاتتى .مىڭ ئەپسۇس مانا ئافرىل كىرگەندىن بۇيان يامغۇرنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرگىلى بولمىدى . قۇرغاقچىلىقنىڭ قارا قوللىرى ھەممە يەرگە سوزۇلىۋىدى ،يوللاردىن توپا –چاڭ ئۆرلەپ تاغ-دالىلاردىكى گىياھلار سارغىيىپ ۋاقىتسىز قۇرىماقتا ئىدى .نە بولدىكىن تەبىئەت سېخى ئالقانلىرىنى يىغىۋالغان ئىدى .بىچارە دىھقان يامغۇر تىلەپ كۆككە سېغىنماقتا.مانا ماي ئېيى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرسىمۇ ،تېخىچە بىر ئىلىكمۇ ئۆسمىگەن زىرائەتلەرگە قاراپ ئاھ ئۇرماقتا ..
ئەي شىپالىق يامغۇر ،دېھقاننى نائۈمىد قويما ...!
كۆك چوققا
كۆك چوققا تەڭرىياغ تىزمىلىرىدىكى ئادەتىكى چوققىلاردىن بىرى .چۈنكى تاغ بولغان ئىكەن ئۇنىڭدا جەزمەن چوققا بولىدۇ .چوققىنىڭ ئۈستىدە دائىملا توپ بۇلۇتلار ئەگىپ يۈرىدۇ .ھاۋا تۇتۇلغاندا بولسا قارا بۇلۇتلار تاغ بىلەن قوشۇلۇپ ھەيۋەتلىك ۋە تېخمۇ سۈرلۈك بولۇپ كېتىدۇ .
ھاۋائوچۇق كۈنلىرى ئاق بۇلۇتلار ئۆزگىچە سىن ئاتا قىلىدۇ .سىنچىلاپ قارىسىڭىز ،چوققىنىڭ ئەتراپى كۈچلۈك كۈن نۇرىدا كۈيۈپ ئاقىرىپ كەتكەن .ئامما يېشىل قارىغايلار يەنىلا تۆت پەسىلدە قەد كېرىپ تۇرغىنى تورغان .يەنىمۇ سىنچىلاپ قارىسىڭىز تاغ ئۈستۈدىكى يولنى كۆرىسىز .بۇ يول چوققنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ ئۇ تەرەپتىكى تاغلارغا تۇتىشىپ كەتكەن .سىزنى جەلپ قىلىدىغىنى يەنىلا شۇ كۆك تىرەپ تۇرغان چوققا .ئۇنىڭدىن بەكمۇ ئەزگۈ ھېس –تۇيغۇلارغا چۆمۈلىسىز .گۈزەل مىسرالار خيالىڭىزدىن كېچىدۇ .ئۆزىڭىزمۇ ئەشۇ تاغ ۋە چوققا بەخش ئەتكەن تۇيغۇلارغا جۆر بولۇپ ئۇلار بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كېتىسىز .
تاغ بۈيۈكلۈك ۋە غەيۇرلۇقنىڭ تىمسالى كۆك چوققا ئەنە شۇ بۈيۈكلۈكنىڭ غۇلىماس ئابىدىسدۇر .
راۋانلىق ۋە نەتىجە
مېڭىپ تۇرغان يوللار، چىقىپ كۆرگەن تاغلار ،سەيلە قىلىپ تۇرغان چىمەنزارلار، سۆيۈپ كەلگەن نىگار ئىلگىرى ساڭا قانداق گۈزەللىك ۋە ھوزۇر ئاتا قىلغان بولسا ئەتە ۋە ئۆگۈنمۇ قەدىر-قىممەت ۋە لاتاپەت بېغىشلىيالايدۇ .چۈنكى يول يوللارغا تۇتاشقان تاغ –تاغلارغا تۇتاشقان .گۈلزاردا بولسا ھەر-خل گۈللەر باھاردىن كۈزگىچە بەرق ئۇرۇپ ئېچىلىپ تۇرىدۇ .
رەڭگا-رەڭ سۈرەتلەر بىلەن تولغان ھاياتتا يەنە يېڭى يول ،يېڭى تاغ، يېڭى چىمەنلەر .ئىزلەپ بىھۇدە زورۇقما .ئەڭ مۇھىمى سەن ئۇزاقتىن بۇيان مېڭىپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئەنەشۇ يوللارنىڭ ئويمان -چوڭقۇر ،خەتەر ۋە دا ۋانلىرى ساڭا بەش قولدەك ئايان .تاغلارنىڭ قىيا ۋە جىرالىرى ،ئۆڭكۈر ۋە بۇلاقلىرى ،گۈل ۋە قىياقلىرى ساڭا يادا بولۇپ كەتكەن .گۈلزاردىكى رەڭدار گۈللەرنىڭ رەڭ ۋە پۇراقلىرى يەنىلا سېنى مەپتۇن قىلىىپ تۇرىدۇ .دىمەك سىر ۋە ئېپىنى ئالغان يوللار قىلغۇسى سەپەرلىرىڭنى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇققا ئىگە قىلىدۇ .يول-يوللارنى تۇغىدۇ .تاغ تاغلارنى . سەپەرلىرىڭ راۋان بولسا مەنزىلىڭ قىسقىرايدۇ .يوللار ئاسانلاشسا خياللار ئۆز رېتىغا چۈشىدۇ .نەتىجە ،ئەنە شۇ راۋانلىقنىڭ ئاخىرقى مىۋىسى .
ئاپتاپ ئىستىكى
چېكى يوق مۇزدەك خياللار گويا بىر قاراڭغۇ ئۆڭكۈر .تۇيغۇلىرىمغا قۇياش نۇرىدىن ھارارەت ئىزلەيمەن .ئۆزۈم گويا ئۇنتۇلغان قەدىمىي خارابىلەر تېگىدە ياتقان قەدىمىي ئاسارە-ئەتىقىگە ئايلانماقتىمەن ...ئۇزاقتا قالغان چۈشلىرىم مېنىڭ ئوماق ۋە مەسۈم سەبىيلىكىممۇ ياكى ئەتىكى مويسىپىت چاغلىرىمنىڭ بىشارىتىمۇ ؟ۋۇجۇدۇم مۇزلىغانسېرى روھىمدىكى ئوتلۇق ھېسلىرىم ،ئوي-خىياللىرىم غايىپ بولۇشقا يۈزلەنمەكتە ..خاتىرىلىرىمگە قاراپ قاتمال تۇيغۇلارغا گىرىپتار بولدۇمىكىن دەپ سۇئال قويىمەن ئۆزۈمگە .سەپەرلەردە ئەزگۈ ھېسلارغا چۆمۈلگىنىم بىلەن ئۆيگە كىرسەملا ھەممە گۈزەل خياللىرىم ئاللىقاياقلارغا توزۇپ كېتىدۇ-دە،كۈيۈشۈپ ئاغرىپ تۇرغان پۇتلىرىمنى ئەملەشكە ئۆتىمەن....
ئاپتاپ تېنىمگە داۋا قىلىدۇ .لېكىن سالقىن ئۆي تېنىمدىكى ھارارەتنى يۈتۈپ كېتىدۇ .رىماتىزىم،مۈرە ئۇمۇرتقا ياللۇغى،كۆمۈرچەك ئۈسۈپ چىقىش ھېلىمۇ تالاي گۈزەل ھېسلىرىم ئوتلۇق ئىلھاملىرىمنىڭ بېشىغا چىقتى .ئاپتاپقا تەلپۈنىمەن، تېنىم ئىللسۇن دەپ ،ئاپتاپنى تىلەيمەن تۇيغۇلىرىم تىرىلسۇن دەپ .ئەنە شۇ دەقىقىدە كۆزلىرىمدىن ئۇچىدۇ تۇرپان !
ئويغانغان كېچىلەر
ئۇيقۇلارنى تەرك ئەتكەن كېچىلەر مېنىڭ ئارىفلىققا تىۋىنغان ،پىچىرلاشلىرىمغا كۆڭۈل بەرگەن تىمتاس قىبلىگاھىمدۇر .ھايات بوستانلىقلىرىدىن ئۇچۇپ كەلگەن رەڭدار كېپىنەكلەر يۇمران قاناتلىرىنى لەپىلدىتىپ ئوماققىنە ھالىتى بىلەن باش ۋە قوللىرىمغا يېنىككىنە قونىدۇ .
ئېھ يازنىڭ سالقىن ۋە ھاياتبەىش تىمتاس تۈنلىرى ،خىياللىرىمنى پاكلاپ قلبىمگە ھەسەلدەك تۇيغۇلارنى بېغىشلاپ تۇرغان گۈزەل دەقىقىلىرىڭ ئەتە ۋە ئۆگۈننىڭ تەشۋىش ۋە شۈبھىلىرىنى ئاللىقاچان روھىمدىن سۈرۈپ –توقاي قىلغان ئىدى .سايدا شارقىراپ ئېقىپ تۇرغان سۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ،تاغ كەينىدىن ئۆرلەپ چىقىۋاتقان ھىلال ئاي،گۈزەللىككە بولغان شەيدالىقمىنى ئويغاتماقتا .كىم سېنىڭ قوينۇڭدا گۈزەل كۆرىنىشلەر يوق دەپ دەپ ئېيتالايدۇ .؟..ياز گۈزەللىكى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان سالقىن كېچىلەردە ئۇيقۇغا غەرق بولۇش زىمىن ۋە كائىناتتىن ھىكمەت ۋە بۈيۈكلۈك ئىزلەپ يۈرگەن قەلب ئۈچۈن نومۇس ۋە ھاقارەت ئەمەسمۇ ...؟
ئاقۇش نىئون چىراقتا سۈتتەك يورۇپ تۇرغان تىمتاس خانە ،پىچىرلاپ تۇرغان يۈرەك ،ئويغانغان كېچىلەر ....
ئۇنتۇلغان سەھرا
مەن سېنىڭ باغرىڭغا مۇھەببەتلىك قەلبىم ۋە يۈكسەك ئەقىدىلىرىم بىلەن قەدەم باسقان ئىدىم .تۇپراقلىرىڭغا يېشىللىق ،يوللىرىڭغا راۋانلىق ،سڭلىرىڭغا بەرىكەت ،ئېتىزلىرىڭغا ھوسۇل ئېلىپ كىلەرمەن ئىدىم .
ئۇيقۇلۇقتا ۋە تەمە شاراپلىرىدا ئاللىققاچان مەستۇ-مۇستەغرەفبولغانلىقىڭ ماڭا سىر ئەمەس ئىدى .ئەپسۇس ،مەن چاقىرغان دۆڭلەرنى ئىگىز كۆردۈڭ .مەن ساڭا ئاللىقاچان تاڭ ئېتىپ بولغانىلىقدىن ئۇچۇر بەرگەن ،ئۇنى ھەربىر ئۆيلىرىڭگە قەدەم باسقىنىمدا قۇلاقلىرىمغا قۇۇيپ چىققان ئىدىم .
ئۆزۈڭگە باغلىق ھەقىقەتلەرنى ئاللىكملەرگە دۆڭگەپ قۇتۇلماقچى بولىسەن .قانلىرىڭدا كونا دۇنيانىڭ مىكروپلىرى ھېلىھەم مىدىرلاپ تۇرىدۇ .ئەسلا يوقتۇر ،ۋۇجۇدىڭدا بېغىشلاش دىگەن ئەقىدە ،بەرلا دەيسەن ھەركىم كەلسە ئالدىڭغا .سەھرا ئۆزۈڭنىڭ ،يۇرت ئۆزۈڭنىڭ ،ۋەتەن ئۆزۈڭنىڭ ئىدى .
تېخى قاراڭغۇلۇقنىڭ پەردىسى يېيىلماي تۇرۇپ ،ئۆچۈپ بولار تۈندە چىرىقىڭ ،نىمانچە ئامراقسەن ئەشۇ ئۇيقۇغا،بولمىساسەھەرچىلىكىڭمۇ چاغلىق..
يا ئۆيىڭدە بىر تال كىتاپ يوق .
گاھ تاغلىرىڭغا باقىمەن ،گاھى باغلىرىڭغا ،ۋاقچە سېلىنغان سوقا ،سىيالكىلىرىڭغا قاراپ پەرەز قىىلپ بولدۇم كۈزلىرىڭنىڭ سۇلغۇنلۇقىنى ،چۈشلىرىڭمۇ يوق ئارمانلىرىڭمۇ ...؟قاچانغىچە ياشايسەنكىن‹‹ ئۈژۈم پىش ئاغزىمغا چۈش ›› دەپ .
خىتاپ قىلدىم مەن ساڭا ئاخىر :
تاشلىۋەتسەڭ ئۆزۈڭنى نادان ،
ئۇنتۇلىسەن دۇنيادىن تامام .
چاقناش
خىلۋەتتىكى تىمتاس خانىلەر چېچىلغان خىياللارنىڭ جەم بولۇپ ساما سالىدىغان سورۇنىدۇر ،ئۆز بەرقىنى ئىزلەپ يۈرگەن گۈزەللىكلەر ئۆزى تەلپۈنگەن بوستانلىقلارغا مۇيەسسەر بولغاندىلا ئاندىن ۋىسال غۇنچىلىرىگە لەۋ ياقالايدۇ .
تالغان كۆز ،ھالسىرىغان يۈرەك ،ھارغىن تەنلەر ،روھ پەرۋازلىرى ئالدىدا ھىچقانچە ئەمەس.تەن بىمارلىقىدىن روھ بىمارلىقى ھەممىدىن يامان .كۆڭۈل راھەتنى كۆز ئۇيقۇنى ئىستەيدۇ .ئەقىل ئەجىر گۈلخانلىرىنى ياندۇرۇپ تۇرمىسا،خامۇشلۇق ۋە غەپلەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ .مىننەت زاۋاللىققا يۈزلىنىشنىڭ بىشارىتى ..
يوللىرىڭغا ئۆزلۈك نۇقتىسىدىن چىقىپ نەزەر سالساڭ ،ئۆزۈڭنىڭ مەركەز ،باشقىلارنىڭ قوشۇمچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايسەن .تەرلىرىڭ جۇلالانغاندا تۈنلەردە يانغان قەلب چىراقلىرىڭنىڭ ھەقىقەتەنمۇ يۇلتۇز بولۇپ پارلىغانلىقىنى ئىپتىخار ئىلكىدە يادىڭغا ئالىسەن .
2012-يىل ئىيۇل .نىلقا
نىلقا ناھىيىلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى تۈر ئىشخانىسىدىن :
زەپەر ئابدۇلھەي شەرقىي
伊梨 洲尼勒克县水利局项目办公室:
再帕尔 阿布都拉还
手机号吗:18997840172
办公室:(0999)-4625153
身份正号:652428196408160015
|


