• تەرجىمان ماھىنۇر ھاجىياقۇپ ئانات

    يوللانغان ۋاقتى:05-03-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: توختى مامۇت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 2 پارچە
    تەرجىمان ماھىنۇر ھاجىياقۇپ ئانات

     

    تەرجىمان ماھىنۇر ھاجىياقۇپ ئانات
     
    تېلېۋىزىيە فىلىملىرى تەرجىمە-تەھرىرلىكى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنۈپ خەلقىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئاتاقلىق تەرجىمان ماھىنۇر ھاجىياقۇپ ئانات خانىم 1951-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1958-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە 6-ئوتتۇرا مەكتەپ (ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ) لەردە ئوقۇغان. 1970-يىلىدىن 1981-يىل 2-ئايغىچە ئەينى چاغدىكى ئىلى ۋىلايىتى تەۋەلىكىدىكى ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانىدا قايتا تەربىيە ئالغان. بۇ جەرياندا 1970-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە غۇلجا ناھىيىسىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1977-يىلىدىن باشلاپ غۇلجا ناھىيىلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدىمۇ دەرس ئۆتكەن. 1981-يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، 1984-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە، كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى تەتقىقات ئىنستىتۇتى«24 تارىخ» ماتېرىياللىرى تەرجىمە-تەھرىرلىك ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئىشتىن سىرتقى تولۇق كۇرس سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرىپ، 1986-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. 1984-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەدلىيە نازارىتىگە يۆتكىلىپ 1990-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ ئورۇندا ئىشلىگەن. 1990-يىلى ئاخىرىدا خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىگە يۆتكىلىپ، كىنو سېنارىيىسى تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، قوشۇمچە ستۇدىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇاۋىن مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىدە بولغان. 1998-يىلىنىڭ بېشىدا تەشكىل تەرىپىدىن شىنجاڭ سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇاۋىن مۇدىرىلىقىغا تەيىنلىنىپ، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قارىمىقىدىكى كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمە مەركىزىگە يۆتكىلىپ كەلگەن ۋە 2006-يىلى شۇ ئورۇندىن دەم ئېلىشقا چىققان. دەم ئېلىشقا چىققاندىن تارتىپ ھازىرغىچە تەكلىپ بىلەن شىنجاڭ رادىو-كىنو-تېلېۋىزىيە تەرجىمە مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدا تەرجىمە فىلىملىرىنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش خىزمىتىنى ئىشلەپ كەلمەكتە.
    ماھىنۇر خانىمنى تەرجىمانلىق ساھەسىدە ھەممىگە تونۇتۇپ، خەلقىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر قىلغىنى ئۇنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمە ساھەسىدىكى مېھنەتلىرىدۇر. ئۇ 1990-يىلىدىن ھازىرغىچە «بۈيۈك ھەل قىلغۇچ جەڭ»، «كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭى»، «مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى دەۋر»، «جىڭگاڭشەن»، «ئۇرۇشتىن كېيىن»، «قىزىل قۇياش»، «جياۋ يۈلۇ» قاتارلىق 500 دىن ئارتۇق كىنو فىلىمىنى ئۆزى تەرجىمە قىلغان، 1800 دىن ئارتۇق كىنو فىلىمىنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن.«ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە».«سۇ بويىدا»، «غەربكە ساياھەت»،«دوك ۋەزىر ليۇ يۇڭ»،«يۇڭجېڭ خانىدانلىقى»، «كاڭشى خانىدانلىقى»، «چيەنلۇڭ خانىدانلىقى»،«تەيپىڭ تيەنگو»،«چىڭگىزخان»،«تاڭ پادىشا ھى شۇەنزۇڭ»، «شەھەرىستاندا زاۋال»،«كاڭشىنىڭ ئەل ئىچىدىكى خۇپىيانە زىيارىتى»،«تەدبىركار جى شياۋ لەن»،«شەھەرىستاندا بەربات بولغان چۈش» قاتارلىق 1000 قىسىمدىن ئارتۇق كلاسسىك تارىخىي تېمىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ تەرجىمىسىنى ۋە تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن. 3000 قىسىمدىن ئارتۇق ھازىرقى زامان تېمىسىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرى مەملىكەت دەرىجىلىك«ئۇچقۇر ئەجدەرھا مۇكاپاتى»،«تۇلپار مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، بەزىلىرى بولسا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «ساماۋىي كۆۋرۈك مۇكاپاتى»،«تەڭرىتاغ ئەدەبىيەت مۇكاپاتى»قاتارلىقلارغا ئېر ىشىپ، مۇنەۋۋەر تەرجىمە فىلىم بولۇپ باھالانغان.





    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار